ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 162 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ‹‹ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى››نى زىغىرلاش...
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1103
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 2
ئومۇمىي يازما: 1560
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1560دانە
تۆھپىسى: 225
پۇلى: 2160 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 430
ياخشى باھا: 2040
توردا: 486(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-12-07
ئاخىرقى: 2013-05-30
0- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2013-04-24 13:06

‹‹ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى››نى زىغىرلاش...

‹‹ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى››نى زىغىرلاش...

قاراخان

                باتۇر مېھنەتكەش ،ئەقىل پاراسەتلىك ئۇيغۇر خەلقىنىڭ گىرە-گىرە ئوي پىكىرلىرىنى ئۆزىگە سىغدۈرۈپ كېتەلىگەن خەلق ماقال-تەمسىللىرى <<ئۇ دۇنيادا جەننەت بولسا، بۇ دۈنيادا ھېكمەت>> بار دىگۈچىلەرنىڭ دەستەك دەستۇرى ،ئىستەك ئۇچۇرى .ئۇنى تىلىمىزنىڭ قامۇسى،دىلىمىزنىڭ ۋەسىقىسى، يولىمىزنىڭ بەلگىسى دىيىشكە تامامەن ھەقلىقمىز.ئۇنىڭ قىممىتىگە ،ھىممىتىگە ئەستايىدىل باقماق ۋە ئۇنىڭغا بەقابىل ۋارىسلىق قىلماق دۈنيادىكى سەككىز چوڭ مۆجىزىنى ئاسراش ،ساقلاشتىنمۇ مۇھىم بولسا كېرەك.  مېنىڭ مەقسىدىم ماقال -تەمسىللىرىمىزنى  يېڭىلاش،ئىجات قىلىش،تولۇقلاپ بېرىش،توغۇرلاپ قويۇش، ،شاللاش،تاللاش بولمىسىمۇ،مۇشۇ خىل ئىلمى ئەمگەكنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغانلاردىن ئاشۇ خىل مەسۇلىيەتنى،سۈرۈشتۈرۈش ،نازارەت قىلىش، ئۇنىڭغا ئىگە بولۇپ بىر-ئىككى ئېغىز تەنقىد-تەكلىپ بېرىش،ياكى ئۇنىڭ ئەڭ ئۆلچەملىك ۋارىيانتىنى تېپىپ چىقىشقا ،سان -سۈپىتىنى تەكشۈرۈشكە قارىتا باش قاتۇرۇشنى كۆزلەشتىن  ئىبارەت.
                     نۆۋەتتە بىرقىسىم تىلشۇناس،ئېغىز ۋە يازما ئەدەبىيات ھەۋەسكارلىرى،تەتقىقاتچىلىرى<<ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى>>توغرسىدا،<<بۇزۇلغان ماقال-تەمسىللەر >>توغرىسىدا ئوبزور -ماقالىللىرىنى ، <<قايتا ئويلۇنۇش >> پىكىرلىرىنى ،يالغۇز ۋە بىرلىشىپ تۈزگەن ،تەرجىمە  قىلغان ماقال-تەمسىللەر توپلىمىنىى روياپقا چىقىرىپ بۇ ساھەدىكى ۋىجدانى مەسۇلىيىتىنى نامايەن قىلدى.ئەمما كاننىڭ بىخەتەرلىكى،كان مەھسۇلاتلىرىنىڭ سان-سۈپىتى مۇھىم بولغىنىدەك بىزنىڭ تىل كانىمىز ھەم ئۇنىڭدىن چىققان تېرمىن،ۋارىئيانت،ئىدىئىوم،تۇراقلىق بىرىكمە <<مەھسۇلات>>لىرىمىزنىڭ  سان،سۈپىتىمۇ ئوخشاشلا مۇھىم.يېقىندىن بېرى ھەرقايسى تور بەتلىرىدە<<دوستلار ماقال-تەمسىل ئېيتىشىپ باقامدۇق>> ياكى<<باش ھەرپ بىلەن باشلانغان ماقال-تەمسىللەر >>ياكى <<داۋاملاشتۇرىدىغان ماقال-تەمسىللەر>>شۇنداقلا ‹‹ئېففېمىزىمسىز ،سىلىقلانمىغان ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى›› دىگەندەك قىزغىنلىق بىلەن يوللانغان <<تاغدىن ئىگىز،دېڭىزدىن تېرەن،يەردىن قېلىن>>ئوي -پىكىرلىك ماقال -تەمسىللەر بىلەن يۈز كۆرۈشۈپ تۇرۇپتۇق.1980يىللاردا شائىر ،تىلشۇناس مۇھەممەت رېھىم تۈزگەن<<ئۇيغۇر خەلق ماقال تەمسىللىرى >>ۋە كېيىن تۈزۈلگەن <<قوش تىللىق>> ماقال-تەمسىللەر توپلىمى نەشىر قىلىنىش بىلەن ھازىرقى ئېزىز ۋە ئابلەت ئابدۇقادىر ئۆزبەكچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغان <<ماقال-تەمسىللەر>>گە شەرھى، شۇنداقلا  ئېزىز ئاتاۋۇللا سارتېكىن تۇزگەن <<ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى>>گە ئۇلاشتۇق.
      نەتىجىدە ئۇيغۇر خەلق ماقال تەمسىللىرى بارا-بارا تاكامۇللىشىپ <<ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى قامۇسى>>غا دائىر 30 كىتاپنىڭ بىر تەركىۋى قىسمىغا ئايلاندى ،بۇ جەھەتتە ئاتاقلىق نەسىرشۇناس ئەخمەت ئىمىن ۋە يازغۇچى ئابدۇراخمان ئەبەي قاتارلىقلار <<ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى>>نىڭ مۇكەممەل دەپ قارالغان نۇسخسىنى پىلانلاپ  <<قامۇس>>قا كىرگۈزدى، ھەم ئايرىم ئىككى قىسىملىق كىتاپچە قىلىپ نەشىر قىلدۇردى.مەزكۇر كىتاپتىكى ماقال-تەمسىللەرنى يەرلىك شىۋە،تىل قائىدە ، ئادەت- پەرھىزلىرى،ئۆرۈپ-ئادەت يوسۇنلىرى،مەدەنىيەت ئۆزگىچىلىگى ، مەنتىق -لوگىكا،شەكىل-قۇرۇلما، مەنا-ھېكمەت، پەلسەپىۋى قىممەت،قاپىيە،ۋەزىن،ھەم ماقال ،ھەم تەمسىل ھەم ماقال-تەمسىللىك بەدئى خۇسۇسىيەت، رولىنى جارى قىلدۇرغان ھالەتتە بىزگە سۈنۈلدى دىيىشكە رايىم بارمىدى.چۈنكى بۇ يەردە ‹‹تامغا گۈل چېكىشكە قىزىقىپ ،ھۇلىغا تاش قويۇشقا سەل قاراش››تەك مەسىلە بار دەپ قارىدىم.مەن بۇ خىل شەرەپلىك ئەمگەكنىڭ سەمەرىسىنى كۆرگىنىمدە ماكسىم گوركىنىڭ<<بىر مىللەتنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنىى ئۇنىڭ ماقال-تەمسىللىرىدىن بىلگىلى بولىدۇ>>دىگەن گېپىنىڭ تېگىگە يەتكەندەك بولغان بولساممۇ  بىزنىڭ ئەقىل -پارسىتىمىزنىڭ بۇ  توپلامدا ‹‹تالقان تۆكتى›› سەۋىيىسىگە يېتەلمىگەنلىكىدىن ئىچىم سىقىلدى.1958-يىللاردا دراماتورگ زۇنۇن قادىر بىلەن مۇھەممەت رېھىم ئاكىنىڭ بۇ ساھەدە بىللە ئىزدىنىشى ۋە 1979-يىللاردا بۇ خىزمەتنىڭ قايتا ئىشلىنىشى بۈگۈنكى <<قامۇس>>قا كىرگۈزۈلگەن ماقال تەمسىللىرىمىز ئۈچۈن چوڭ ئاساس بولغانلىغىمۇ بۇ توپلامنىڭ نۇقسانسىز كەم كۇتىسىز ۋۇجۇتقا كېلىشىگە ئوزۇق بولالمىغانلىغىدىن تېخىمۇ ئەپسۇسلاندىم .،چۈنكى بۇ ماقال تەمسىللەرنىڭ  ماددى -مەنىۋى شارائىتى يېتەرلىك،نەقىل،مەنبەلىرى تولۇق ئەھۋالدا  ئۇنى پىلانلاپ روياپقا چىقارغانلارنىڭ قىسمەن سەۋەنلىكلىرىنى  توپلامدا چېلىقتۇرۇپ ئۇنى تورداشلارنىڭ كۆزدىن كۆچۈرۈپ بېقىشىغا سۈنغۇم كەلدى،چۈنكى ماقال-تەمسىللەرنى توپلاش،رەتلەش،قېزىش ،ئىجات قىلىش،نەشىرگە بېرىش ،ئەستايىدىل ۋارىسلىق قىلىش پەقەت ئاشۇ بىرنەچچە نەپەر چېچى ئاقارغان ئۇستاز ياكى قابىل يېتەكچىلەرنىڭ ئورۇنداشقا تېگىشلىك  ۋەزىپىسى بولماستىن ھەر بىرىمىزنىڭ مەسئۇلىيەت  بۇرچى ئەلۋەتتە.
بۇ توپلام 1980يىللاردا قىسقا ،مېغىزلىق تىلى بىلەن بىر رومان سىققۇدەك مەزمۇننى يورۇتۇپ بېرەلىگەن ‹‹غىلاپسىز خەنجەر››نىڭ مۇئەللىپى ئابدۇراخمان ئەبەي ، ‹‹قەلب سادالىرى››،‹‹باھار تىنىقى ›› قاتارلىق نادىر نەسىرلەرنىڭ ئاپتورى ۋە داڭلىق تەرجىمان ئەخمەت ئىمىن ئاكىلارنىڭ پىلانلىشى <<ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى قامۇسى>>تەھرىر ھەيئەتلىرىنىڭ نەشىرگە تەييارلىشى بىلەن 2006-يىلى <<شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى >>تەرىپىدىن ئىككى قىسىم قىلىپ نەشىر قىلىنغان. مەن بۇ كىتاپنىڭ ئەرەپچە ‹‹مۇكەممەل لۇغەت›› دەپ قارىلىدىغان ‹‹قامۇس››قا كىرگۈزۈلۈگەنلىكىگە  ئانچە قايىل بولۇپ كەتمىدىم. يەنە بىر جەھەتتىن قامۇسقا نەقىل ۋە مەنبە بولغان ئاپتورلار ۋە ئۇلارنىڭ تېپىندا ۋەسىقىلىرىنىڭ ھۆرمەت يۈزىسىدىن كىتاپنىڭ مۇقەددىمە ياكى خاتىمە قىسمىدا تىلغا ئېلىنىپ  مىننەتدارلىق ئىپادە قىلىنمىغانلىغىنىمۇ بىر خىل سەۋەنلىككە چاقتىم.،چۈنكى بۇنداق قامۇسنىڭ نەشىر قىلىنىش پۇرسىتى بولىۋەرمەيدۇ، ئۇنى مۇستەقىل بىر باشقا ئېلىپ چىقتىم دىيىشمۇ قىيىن،بۇنداق تەستە قولغا كەلگەن پۇرسەتكە ئانچە مۇكەممەل بولمىغان  توپلامنىڭ سەپلىنىشى مېنى تېخىمۇ ئىزتىراپقا سالدى .ماڭا خۇددى بۇ كىتاپنى ئىككى ئالىم پىلانلاپ قويۇپلا ئۆزلىرى قول سالماي باشقىلارغا ھاۋالە قىلىپلا  قولىنىڭ ئۇچىدىلا ئىشنى تۈگەتكەندەك بىلىندى .تۆۋەندە مەن ئىككى قىسىمدىكى بىر قىسىم <<تاپ>>قا چۈشمەي قالغان ياكى ئەسلى ئېلان قىلىنغان ماقال-تەمسىللەرنىڭ ۋەزنىگە يېتەلمىگەن ئاز بىر قىسىم ماقال تەمسىللەرنى كۆرسىتىپ ئۆتمەكچىمەن.

‹‹ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى››نىڭ 1-،2-قىسمىدا مەن چېلىققان پۈچەك مەسىللەر  تۆۋەندىكىچە:  
1).<<تاغ كۆركى -تاش،
ئەل كۆركى -ياش>>-           1-قىسىم ، 12-بەتكە قارالسۇن.

      بۇ يەردىكى تاغ بىلەن ئەل ئوتتۇرىسىدا ئۆزئارا باغلىنىش يوق بولۇش بىلەن بىرگە ،پىكىر ئاددى، كالتە ھالەتتە دىيىلگەندەك تۇيغۇدا بولدۇم،مېنىڭچە  تاغ بىلەن ئەر (يەككە شەخس) ئوتتۇرىسىدا بەلگىلىك باغلىنىش بار ،مەسىلەن <<ئۆزۈڭنى تاغ چاغلىساڭ ،ئۆزگىنى شىر چاغلا >>دىگەندەك. شۇڭا بۇ ماقال-تەمسىل بۇرۇن ئېلان قىلىنغان <<تاغ زىننىتى -قورام تاش ،ئادەم زىننىتى ئۈستىۋاش>>
1984-يىلى ئالىم قادىر قاتارلىقلار تۈزگەن ‹‹ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە خەلق ماقال تەمسىللىرى››نىڭ 173-بەتتىكى  ۋارىئيانتنى ساقلاپ قالسا ئۈنۈمى  پەرقلىق  بولاتتى.

چۈنكى، ماقال- تەمسىلدىكى ‹‹تاغ كۆركى -تاش››دىگەن بۆلەك ‹‹پۇچەك›› بۆلەك،چۈنكى ‹‹تاغدا تاش يوق دىگەنگە ئىشەنمە››دىگەن تەمسىل بويىچە قارىساق تاغدا پۈتۈنلەي تاش بار،ئۇنداقتا ئۇنىڭ ھەممىسى تاغ كۆركى بولمايدۇ،پەقەت ئۇنىڭ ئىچىدىكى ‹‹ئۇيۇل››تاش ياكى ‹‹قورام›› تاش ئۇنىڭغا زىننەت بېغىشلاپ تۇرىدۇ....تاغ بىلەن ئەلنىڭ باغلىنىشىغا كەلسەك ئەل ‹‹سەل››گە ياكى ‹‹دېڭىز››غا سىمۋول قىلىنسا ئۇنىڭ ھادىس ماھايەت ئورتاقلىقى بولىدۇ ،تاغنى يونۇسا ،چاپسا جىم تۇرىدۇ،سەلنى سەل چاغلىسا ياكى دېڭىزنى بوش چاغلىسا ئۇنىڭ دولقۇنى ئۆركەش ياسايدۇ ،بۇ ئەلگە ئوخشاپ كېتىدۇ، بىز ئەرنى ياكى باتۇرنى تاغقا ئوخشاتساق ئۇنى چاپسا،ئۇنى كۇكۇم تالقان قىلىۋەتسە تىز پۈكمەيدۇ، مانا بۇ ئىچكى باغلىنىش ، بىز ئادەتتە ‹‹بوغدا ئەل››‹‹مۇزتاغ ئەل›› دىمەيمىز بەلكى ‹‹بوغدا ئاتا››‹‹مۇزتاغ ئاتا›› دەيمىزغۇ؟  ئوغۇل تۇغۇلسا ‹‹ئالتۇن باش تاغ يۈرەك›› بولسۇن دەيمىزغۇ ؟‹‹بۈيۈك ئادەم تاغقا ئوخشاش››مۇ دىيىلىدۇ....شۇڭا يۇقۇرقى ماقال تەمسىلنىڭ ئېنىقلىغۇچىسى چۈشۈپ قالغان بولغاچقا يۇقۇرقىدەك زىددىيەتلىك مەسىلە تۇغۇلغان ئۇنى ھېچ بولمىغاندا ‹‹تاغ كۆركى -قورام تاش،ئەل كۆركى قىران ياش ›› دەپ ئالسا بولاتتى،بىر مىللەتتىكى ياشلارنىڭ ھەممىسى ‹‹ئەل كۆركى ››بولالمايدۇ ،چۈنكى ئۇنىڭ ئىچىدە يارامسىز،بېلى بوش، ھەتتا بېشىغا  ئايدىن بىر تۇخۇمنى تاشلىۋەتسە چېقىلمايدىغان ياشلارمۇ بار،ئۇلارمۇ ئەل كۆركىمۇ؟ ئەل كۆركى دىگەن قىران مەزمۇت،جەڭگىۋار،ئاۋانگىرات،ھاياتى كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان ،پىداكارلاردۇر..... ئادەم زىننىتىگە كەلسەك بىزدە ‹‹ئادەمدە خىسلەت ئوندۇر ،بىرى ئۆزىدە توققۇزى توندۇر ››دىگەن ماقال بار، يەنە ‹‹ئاتا كەمچىلىكى يوق ،لاتا كەمچىلىكى بار››دىگەندەك گەپلەرمۇ بار،ئەينى ۋاقىتتا نەسىردىن ئەپەندى باينىڭ ئوردىسىغا ئەبگا كىيىملەر بىلەن كىرەلمەي،يېڭى تون ،يېڭى ئۇستىۋاش بىلەن كىرىپ كېتىدۇ،شۇڭا بۇ تەمسىلنىڭ ئادەمگە قاراپ ئەمەس كىيىمىگە قاراپ چاي قۇيىدىغانلارنى  قامچىلاش رولىمۇ بار...
2).<<جايى يوقنىڭ جېنى يوق >>  1-قىسىم 13-بەت


-‹‹جايى يوقنىڭ جېنى يوق››قا كەلسەك ،قاراشقا راستىنلا‹‹ج››بىلەن باشلانغان سۆز ئويۇنىدەك چىققان ،ئەمما ئاڭلاشقا ‹‹ئۆيى يوقنىڭ جېنى يوق ››دىگەن  ماقالنىڭ سەل ھېس تۇيغۇ تۈسى قويۇق،نىمە ئۇچۈن ؟ چۈنكى ‹‹جاي›› ‹‹ئۆي›› ئەمەس بەلكى تۇرالغۇ،‹‹؟‹‹ئۆي›› بولسا قونالغۇ.قايسىنىڭ مېھرى ئىسسىق،يېقىملىق ئاڭلىنىشىغا باقايلى، قۇشلارغا نىسبەتەن دەرەخنىڭ پۇتىقى تۇرالغۇ ‹‹جاي››  كى ،‹‹قونالغۇ›› ‹‹ئۇۋا ››‹‹چاڭگا››ئەمەس.شۇڭا جايلىقى بارنىڭ ئەمەس يازدا سالقىن،قىشتا ئىسسىق ئۆيى بارنىڭ جېنى بار،بۇنى ئۆيى بارلارغا نىسبەتەن ئۆيى يوقلار بەكرەك ھېس قىلالايدۇ،شۇنداقلا ماقال-تەمسىلنىڭ ئېيتىلىشقا،ھېس قىلىشقا،پىسخىك سېزىمىمىزغا ئەڭ يېقىن ،ئەڭ مۇۋاپىق تۈرىنى قوبۇل قىلىشقا ئېرىشەلەيدۇ.
.ئەندى ‹‹ئىككى كۆزىنىڭ خۇنى يوق›› دىگەن بۆلەك  يۇقۇرقى بۆلەك بىلەن ‹‹قوشگىزەك ›› ھالدتكە كەلتۈرۈلسە  مەنە ،قىممەت جەھەتتىن تولۇق ماس كېلىشتەك ئۈنۈمدارلىققا يەتكىلى بولاتتى.مەلۇمكى  ‹‹جېنى››يوق ئادەمنىڭ ئەڭ ئاۋۋال ئىككى كۆزىدە خۇن ،نۇر قالمايدۇ ،ئادەتتە قورساق ئېچىپ كەتسىمۇ ئىككى كۆزنىڭ خۇنى قالمايدۇ ،بۇنى شۇڭلاشقا ‹‹قامۇس››قا قوشۇپ  كىرگۈزۈش كېرەك ئىدى،چۈنكى ‹‹قامۇس››دىگەن نىمە ؟ قامۇس دىگەن مۇكەممەل لۇغەت دىگەن گەپ(ئەرەپچە) يۇقۇرقى ئىككى قىسىم كىتاپ مەزكۇر ‹‹قامۇس››قا كىرگۈزۈلۈشكە مۇناسىپ مۇكەممەل دەستۇر  ئەمەس ،ئۇنىڭ سەۋىيىسى مۇھەممەت رېھىم ئاكا ۋە ئەزىز ئاتاۋۇللا سارتېكىن تۈزگەن ‹‹ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى››نىڭ سەۋىيىسىگىمۇ يېتەلمىگەن....يەنە مەسىلەن:
     <<بىر قاغىنىڭ كېلىشى بىلەن قىش بولماس>>1-قىسىم 90-بەت
‹‹ئوتتۇز كۈن روزىنىڭ بىر كۈن ھېيتى بار ،›› 1-قىسىم 110-بەت

بۇ ماقالنىڭ تەڭ بۆلۈگى چۈشۈپ قالغان،سۆزمۇ ئۇزىراپ كەتكەن  ،بۇخىلدىكى ماقال-تەمسىللەرنى بىر يەرگە جەملەش،پارلاشتۇرۇش،چەمبەرچاس بىر  گەۋدە قىلىشقا مۈمكىن بولسىمۇ ،ئۇنىڭغىمۇ سەل قارالغان مەن ماقال-تەمسىلنىڭ
ئىككى مىسرالىق مەسنىۋى شەكىلدە تۈزۈلۈشىنى بەكرەك تەشەببۇس قىلىمەن،بۇ باشقا شەكىللىرىنى چەتكە قاققىنىم ئەمەس،چۈنكى مەسنىۋى شەكىل ئۇ تىل ۋە تەپەككۇرىمىزنىڭ يۇقۇرى سەۋىيىسىنى ئەينەن كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ،،ئەرەپلەر ۋە خەنزۇلارنىڭ شۇنداق،بىزدىكى بۇ خىل شەكىلگە قاراپ باقايلى ‹‹داننىڭ توقلۇقى تۇپراققا باغلىق،گۈلنىڭ جامالى ياپراققا باغلىق››.يۇقۇرقى ‹‹ئوتتۇز كۈن روزىنىڭ بىر كۈن ھېيتى بار ››دىگەنگە ‹‹ھەر ئىشتىن قول ئۈزمەكنىڭ مەلۇم پەيتى بار››دىگەن بۆلەكنى يانداشتۇرۇپ قارىساق،قارىماققا بەتنى زايا قىلسىمۇ ،باشقا جەھەتتە زىيىنى ئاز بولغاندىن سىرت ،ئۇنىڭ بىرىنى ئۇنتۇپ قالغۇچىغا يەنە بىرىنى ئەستە ساقلىۋېلىش پۇرسىتى ئېلىپ كېلىدۇ. يەنە مەسىلەن ‹‹ئەسكى تامنىڭ ھۇلى بار،ھەممە ئىشنىڭ يولى بار››دىگەندەك ،  .،ئۇنىڭ ئەسلىدىكى تولۇق نۇسخىسى مۇنداق:
<<ئۆيى يوقنىڭ جېنى يوق ،
ئىككى كۆزىنىڭ خۇنى يوق>>....
<<بىر قاغا كەلمەك بىلەن ،قىش بولماس،
بىر قارلىغاچ كەلمەك بىلەن باھار بولماس >>
ياكى<< بىر گۈل ئېچىلماق بىلەن باھار بولماس>>..
..............................................................
ھەر ئىشتىن قول ئۈزمەكنىڭ مەلۇم پەيتى بار››....

3).<<بايغا بولسا كۈندە بايرام كۈندە توي،1-قىسىم29-بەت
        كەمبەغەلگە كۈندە ئەلەم ،كۈندە ئوي>>
دىگەن ماقال -تەمسىلدىكى <<باي>><<كەمبەغەل>>سۆزى ئاچ قاپىيە شەكلىگە كېلەتتى ،بۇنىڭغىمۇ ئەقلى كۈچ سەرپ قىلىشقا سەل قارالغان.
مەسىلەن:
<<غېنىلەرگە كۈندە مەشرەپ ،كۈندە توي،
<<غېرىپلەرگە كۈندە قايغۇ ،كۈندە ئوي>>
دىيىلسە ئەستە تۇتۇش ۋە ئېغىزدا ئىپادىلەشكە يېقىن بولاتتى...

4>.<<دۈشمەن نىمە دىمەيدۇ ،
چۈشكە نىمە كىرمەيدۇ>> 1-قىسىم 39-بەت
بۇ ماقال -تەمسىل <<دۈشمەن نىمە دىمەيدۇ،
ئىت نىمە يىمەيدۇ>>
دەپ  ئېلىنسا دۈشمەنگە بولغان مۇھەببەت-نەپرەت تۇيغۇسىدا رۇشەن داۋالغۇش بولاتتى.

5>.<<ئۆلۈك يولۋاستىن تىرىك چاشقان يامان >> 1-قىسىم 54-بەت
     بۇ تەمسىل <<ئۆلۈك ئاسلان (مۈشۈك)دىن تىرىك چاشقان يامان >>
دىيىلسە تېخىمۇ رىئال ۋە كۆڭۈلگە يېقىن بولاتتى .چۈنكى بىز مۈشۈك بىلەن چاشقاننى كۈندە دىگۈدەك كۆرۈپ تۇرىمىز ،يولۋاسنى باغچىلاردا(تېلىۋىزوردا) كۆرۈپ قالمىساق ئادەتتە كۆرمەيمىز.يەنە مەسىلەن <<زامان تۈزەلمىسە ،يامان تۈزەلمەس >> دىگەن ماقال  <<جاھان تۈزەلمىسە ،يامان تۈزەلمەس>>دەپ ئۆزگەرتىپ ئېلىنىپ گەپكە ئوخشاپ قالغان.

6>. ئەڭ ئەپسۇسلىنىدىغان تىل ئاۋارىچىلىقىغا بەزى ماقال-تەمسىللەر <<قۇربان>>لىق بەرگەن،مەسىلەن:
<<سارنىڭ مەقسىدى چۆجە يىمەكتە ئەمەس،چۇكۇلداتماقتا>>،
‹‹سېرىق كۆرۈنگەننىڭ ھەممىسى ئالتۇن ئەمەس›› ،
‹‹ ياغاچنى تاشقا تاڭغىلى بولماس››
قاراپ باقايلى بۇ يەردە تىلغا زور دەرىجىدە جاپا سېلىنغان 1-قىسىم 69-بەت
ئۇنىڭ ئەسلى قىسقا ،ئىخچام ،يېقىشلىق ۋارىئانتى مۇنداق ئىدى:
<<سار چۆجىنىڭ چۇكۇلدىغىنىغا خوش>> ،
‹‹پاقىرىغاننىڭ ھەممىسى ئالتۇن ئەمەس››  .....
‹‹تاشنى تاياققا تاڭغىلى بولماس ››
دىسەك ئۇقۇم دائىرىسى تارىيىپ پىكىر ئەركىن ئىپادە تاپاتتى ئەمەسمۇ؟

7>.بەزى ماقال-تەمسىللەر،ئالمىشىپ قالغان ، بۇزۇلغان ،قىسمەن ئۆزگەرتىلگەن .مەسىلەن <<دۆلەت قۇشى قونسا چىۋىن بېشىغا،سۈمرۇغ كېلەر  ئېگىلىپ قېشىغا>> يەنە‹‹ئاۋۋال ئۆزۈڭگە باق ،ئاندىن ناغراڭنى قاق ››،‹‹خورىكى بارنىڭ مۇنىكى بار››،‹‹كەڭ تون توزۇماس››، 2-قىسىم 341-بەتتىمۇ بار ،1-قىسىم 77-بەت ،117-بەت، 2-قىسىم 124-بەت .بۇنىڭ يەڭگىل ھەم مۇناسىپ ۋارئانتى:
<<ئامەت قۇشى قونسا چىۋىن بېشىغا،
سۇمرۇغ كېلەر كۈندە ئۇنىڭ قېشىغا>>....
‹‹ئاۋۋال ئۆزۈڭگە باق،
ئاندىن غاڭزاڭنى قاق››،
‹‹كەڭ تون يىرتىلماس››،
‹‹خۇدۇكى بارنىڭ مۇنىكى بار›› دىيىش كېرەك .
ئەگەر بۇنى خورىكى بارنىڭ دىسەك ئۇ ھالدا بىر قىسىم خورىكى بار ئەرلەرنىڭ ‹‹مۇنۇكى›› بار بولامدۇ؟ ، بۇ يەردە ناغرىنى ‹‹قاق››دىمەيمىز ‹‹چال›› دەيمىز ،بەلكىم بۇ ئىملا جەھەتتىكى كىچىككىنە خاتالىق بولسىمۇ مەزمۇنغا چوڭ تەسىر ئېلىپ كەلگەن.
8>.<<ئەتمەك تەس،بۇزماق ئاسان>> مانا بۇ ماقال-تەمسىل ئۆزىنىڭ شېئىرى(قوشاق) شەكلىدىن يىتىم قالدۇرۇلغان ،بۇ ماقال بىزگە كالتە قوشۇقتەك تۇيىلىدۇ.1-قىسىم 89-بەت
ئۇنىڭ ئەسلىسى:
<<بۇزماق ئاسان،تۈزمەك تەس،
كۈلمەك ئاسان،ئۆلمەك تەس>>.

9> بەزى ماقال-تەمسىللەر قۇرۇق گەپتەكلا بايان قىلىنىپ بىر پۈتۈن توپلامغا نۇقسان،كاشال  يەتكۈزۈشكىمۇ  تاس قالغان مەسىلەن:
<<تاش كىچىك بولسىمۇ،مىڭ ياڭاقنى چاقار>> ‹‹ئاشىق بولماق ئاسان،ئايرىلماق تەس››.2-قىسىم 161-بەت..بۇنى كىممۇ ماقال-تەمسىل ئورنىدا ئىشلىتىشى مۈمكىن ؟
ئەسلى <<بىر مىشكاپ ياڭاقنى ياڭاقچىلىك تاش چاقار>> ،‹‹ئاشىقلىق ئاسان ،جۇدالىق تەس ›،دىسە خوپ بولاتتى ...

10› ماقال-تەمسىللەرنىڭ تەكرارلىنىپ قېلىش ھادىسسى بىر ئەمەس بىرنەچچە قېتىم كۈرۈلۈشمۇ ئۇنىڭ ئەستايىدىل قاراپ چىقىلمىغانلىغىنىى ياكى ئۇنىڭ ‹‹قامۇس››تەركىۋىگە كىرگۈزۈش  شەرتىگە تولۇق ئۇيغۇن كەلمەيدىغانلىغىنى ئىسپاتلايدۇ.مەسىلەن
‹‹ئاپتاپنىڭ چىقىشىغا باق ،
سۇنىڭ ئېقىشىغا باق››....    74-بەت
‹‹راھمان بەرسە شەيتان قىزغىنىپتۇ›› 286-بەت
‹‹ئادەمنىڭ ھەققىنى يەر قايتۇرار››
يەنە 2-قىسىم 262-بەت ۋە 2-قىسىم 305بەتتە، 2-قىسىم2-بەت ۋە 2-قىسىم 286-بەت 2-قىسىم 288-بەتتە ھەتتا ئۈچ يەردە  تەكرار يېزىلىپ قالغان .بۇ ئاپتورلارنىڭ سەۋەنلىكىمۇ  ياكى تەھررىرلەرنىڭ بىخەستەلىكىمۇ ؟
11› داۋاملاشتۇرۇشقا ،ئىجات قىلىشقا، تولۇقلاپ قويۇشقا ياكى ماسلاشتۇرۇشقا تېگىشلىك ماقال-تەمسىللەر ئازراق ئىش قوشۇپ قويۇشتىن مەھرۇم قالغان .مەسىلەن‹‹قارىغۇنىڭ چاپاق ئادىشى بار›› ‹‹ھەسەل ئالغان قاچىنىڭ يۇقى بار››،‹‹ئالدىغا بار،كەينىگە يوق،
ئاتلىققا بار پىيادىگە يوق›› (بۇ تەمسىل زاغرا تىلدىكى ئاددى چۈشەنچە بولۇش بىلەن بىرگە باشقىلارنى كەمسىتىش پۇرىقىمۇ باردەك بىلىنىدۇ،شۇڭا ئۇنىڭ ئورنىغا ‹‹ئالدىغا بار،كەينىگە يوق. چاققانغا بار ،گالۋاڭغا يوق ››دىگەن ۋارىيانت سەپلەنسە ئىدىيىۋى قىممىتى گەۋدىلىك بولاتتى.)‹‹قارىغۇنىڭ جىرتاق ئاشنىسى بار››
   ،‹‹ئايغىر تارتسا،بايتال تارتماس›› ،‹‹ئىككى ياخشى ئوتتۇرىسىدا قىل ئۈزۈلمەس››،‹‹ئەقىل بىلەن ئەدەپ بىر تۇغقان››209‹‹قوغۇن ئىچىدىن سېسىيدۇ››353-بەت،-بەت،1-قىسىم165-بەت، 1-قىسىم 136-بەت.213-بەت.
دىگەنگە ‹‹ياغاق ئاتنىڭ مايماق ئىگىرى بار››،‹‹ياغ ئالغان قاپاقنىڭ دۇغى بار ››،‹‹چاققانغا بار ،گالۋاڭغا يوق››،‹‹ئىچ ئات تارتسا،يانداق تارتماپتۇ››،‹‹تۆمۈر زەنجىرنى ئۈزەر ئىككى بىلمەس››،‹‹تازىلىق بىلەن تەقۋالىق بىر تۇغقان››،‹‹بېلىق بېشىدىن سېسىيدۇ››دەپ قوشۇپ قويۇلسا ماقال-تەمسىلنىڭ  ئەقىل-ساۋاق ۋە بىلىم بېرىش  مۇمكىنچىلىكى تېخىمۇ ئاشاتتى....
12›. خوش ياقمىغان ياكى ئېرەن قىلمىغان، بىپەرۋا ھالەتتە يېزىلىپ قالغان ماقال-تەمسىللەرگە تېخىمۇ سۈكۈت قىلىش قىيىن.مەسىلەن:
‹‹بىلىم-ئاچچىق يىلتىزدىن ئۆسكەن مىۋە››.
‹‹بىلىملىك ئويلاپ سۆزلەر ،بىلىمسىز قايناپ سۆزلەر››151 ،
‹‹ قۇم يىغىلىپ تاش بولماس،بىلىمسىز كىشى باش بولماس››،
‹‹كېسەلنىڭ سانجىقى يامان،ئىتنىڭ قانجۇقى يامان››،
‹‹دوزاخقا ئۈگەنگەن جەننەتكە كۆنەلمەس››،
<<دېھقانچىلىق-چىلىق-چىلىق،
بەزىدە قۇرغاقچىلىق>> 2-قىسىم  294-بەت

2-قىسىم 175-بەت
206-بەت-بەت،145-بەت ،مانا بۇلار بىر قوپال ئېيتىلغان گەپ ياكى خەۋەر جۇملىنىڭ ياۋىسىغا ئوخشاپ قالغان؟ بۇنىڭغا نىمە دىگۈلۈك؟
بىز ئەسلى نۇسخىسىغا (ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە ماقال -تەمسىل) ھەم مۇھەممەت رېھىم ئاكا تۈزگەن ‹‹ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى››گە قاراپ باقايلى
‹‹بىلىم-ئاچچىق يىلتىزدىن يېتىلگەن تاتلىق مىۋە ››،
‹‹ئەقىللىق تېپىپ سۆزلەر،نادان كۆپۈپ سۆزلەر››،
‹‹قۇم يىغىلىپ تاش بولماس،قۇل يىغىلىپ باش بولماس ››،
‹‹كېسەلنىڭ يامىنى سانجىق، ئىتنىڭ يامىنى قانجۇق ››
‹‹دوزاخقا كۆنگەن كۆڭۈل بېھىشكە كۆنەلمەپتۇ››
<<دېھقانچىلىق-چىلىق-چىلىق ،بولمىسا غېرىپچىلىق >>  دەپ ئېلىنىشى  كېرەككۇ؟ چۈنكى بىلىمسىز كىشى باش بولىدىغان ‹‹ياقا ئېتەك،ئېتەك ياقا ››بولۇپ قالدىغان   زامان كۆز ئالدىمىزدا  چېلىقىپ تۇرسا بۇنداق خاتا گەپنى قىلىپ ئۇلارنى ئاقلىماقچىمۇ بىز؟بۇنداق سۆزلەپ نىمە كەپتۇ  تىلىمىزغا؟ فرانىس بېكونمۇ<<مىللەتنىڭ ئۇلۇغلۇغى،ئەقلى،روھىيىتى ماقاللاردىن بىلىنىدۇ>>دىگەن . بۇ توپلامنى مۇشۇ ھېكمەتنىڭ سالمىقى بويىچە  دەڭسەپ كۆرۈشكە مېنىڭ ياكى توپلامنىڭ سالاھىيىتى توشىدىغان -توشمايدىغانلىغىنى  ئويلۇنۇپ قالدىم.بەلكىم مېنىڭمۇ بەزى ماقال-تەمسىللەرنى ھەزىم قىلىشتا ئاجىز كەلگەن ياكى سەزگۈرلۈكۈم ئېشىپ كەتكەن  تەرەپلىرىم باردۇر ،لېكىن

قامۇسلانغان بۇ ئىككى قىسىم  توپلام شائىر تىلشۇناس مۇھەممەت رېھىم ئاكا ۋە ئەزىز ئاتاۋۇللا سارتېكىن تۈزگەن ‹‹ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى››نىڭ سۈپەت سەۋىيىسىگە زادىلا يېتەلمەپتۇ.
      گەرچە بۇ توپلامغا  مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام (بۆشۈكتىن چۈشۈپ تۆشۈككە كىرگۈچە ئۈگەن2-قىسىم 208-بەت جەننەت ئانىلارنىڭ ئايىغى ئاستىدا،جەننەت قىلىچنىڭ سايىسىدا....يىتىمنىڭ كۆڭلى خۇدانىڭ جايى...ئۆزىنى تونۇغان پەرۋەردىگارىنى تونۇيدۇ.. )نىڭ ؛ئەۋلادمۇ -ئەۋلاد داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر خەلق ماقال -تەمسىللىرىنىڭ ؛‹‹ئىدىقۇت خانلىقى دەۋرىدىكى ماقال-تەمسىللەر›› نىڭ ؛‹‹دىۋان لۇغەت تۈرك››تىكى ماقال -تەمسىللەرنىڭ تەركىپ-خۇرۇچلىرى كىرگۈزۈلگەن ،شۈنداقلا مەھمۇد قەشقىرى،يۈسۈپ خاس ھاجىپ،ئەلىشىر ناۋايى
،لۇتپۇللا مۇتەللىپ،بوغدا ئابدۇللا ،ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ،تېيىپجان ئېلىيوپ قاتارلىق شائىر ئەدىپلەرنىڭمۇ بىرقىسىم شېئىرى مىسرالىرى ،پىكىرلىرى ،ئۈزۈندە-ھېكمەتلىرى كىرگۈزۈلگەن بولسىمۇ يۇقۇرقىدەك پۈچەك ،بىماس ئامىللارغا يول قويۇلۇپ بىزنىڭ شەخسەن مېنىڭ  ئانا تىلغا بولغان  ئىشتىياقىمنى سوۋۇتۇپ قويدى .
بۇلاردىن باشقا چۈشۈپ قالغان ماقال تەمسىللەر ،ئۆزبەك ،قازاق ،ئەزەربەيجان،رۇس،خەنزۇ خەلق ماقال-تەمسىللىرىگە ئوخشۇشۇپ قالغان ماقال تەمسىللەرمۇ ئۇچرايدۇ.مەسىلەن: قىرغىز خەلقىنىڭ ‹‹ئاغزىدىن غۇلىغان تۇرماس،ئايىغىدىن غۇللغان دەس تۇرار››دىگەن ماقال-تەمسىلى 2-قىسىم 4-بەتتە ‹‹پۇتىدىن يىقىلغان قوپار،ئاغزىدىن يىقىلغان قوپالماس››دەپ ،‹‹يەر ئادەمنىڭ ھەققىنى يىمەيدۇ›› دىگەن قىرغىزچە ماقال-تەمسىل  ‹‹مارجان سۆزلەر›› ئابدۇۋېلى خەلپەت تەرجىمىسى163-بەتتىكى 2-قىسىم توپلامدا‹‹ئادەمنىڭ ھەققىنى يەر قايتۇرار››دەپ ،    ناھىيىتى قوپال ،‹‹غورىگۈل››،جەزىبىسىز ھالەتتە سۈيىئىستىمال قىلىۋېلىنغان.
  ‹‹مۇز داۋان ئىگىز بولسىمۇ ئاسماندىن پەس››دىگەننى ‹‹ئات ئىگەردىن پەس ئەمەس›› دەپ،‹‹كىشىنىڭ ‹‹ھە-ھۇ››سىدىن ئۆزۈڭنىڭ بىر غەيرىتى ئەلا دىگەن گەپنى ‹‹كىشىدىن مەدەت تىلىگىچە ،ئۆزۈڭ بىر غەيرەت قىل ››دەپ كەسكىن ئېيتىشقا،‹‹ساختىپەزدىن قوغۇن ئالساڭ،ئۇرۇقى ساق چىقماس››دىگەندىن كۆرە‹‹ساختىپەزدىن تۇخۇم ئالساڭ ئىچىدىن سېرىقى چىقماس››دىسەك ئەتراپىمىزد تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە تۇخۇم ساتىدىغانلارنىڭ سىماىسى دەرھال كۆز ئالدىمىزغا زاھىر بولىدۇ.‹‹قول بەرگەنگە يول بەر›› دىگەننى ‹‹يول قويغانغا قول قوي ››دىسىمۇ‹‹يىقىلساڭ زوردىن يىقىل ››2-قىسىم96-بەتتىكىنى ‹‹يىقىلساڭ تۆگىدىن يىقىل ››  ياكى ‹‹يىقىلساڭ ناردىن يىقىل ››دەپ ئالساق بىرئاز كونكىرىت بولىدۇ..... ‹‹ئىنەك قاپاق سۈزمىسە،بۇقا ئارغامچا ئۇزمەس››2-قىسىم193-بەت ئەمەس‹‹ئىنەك قاپاق سۈزمىسە بۇقا مۆرىمەس››دەپ ئالسا بولاتتى بۇنداق چالىلىق ۋە نا ئۇستۇلۇق كۆرۈلگەن ماقال-تەمسىللەر زىغىرلاپ كەلسە بىرەر يۈزچە چىقىپ قېلىشى مۈمكىن. بۇ ئىككى قىسىم كىتاپنىڭ مەسئۇل مۇھەررىرى ئەخمەت ئىمىن ئاكا ئانا تىلدا ‹‹قىلىچنى قىنىدىن ،يىلاننى ئىنىدىن ››چىقىرالايدىغان كارامەت تىل ئۇستىسى،تىل پەرۋىشكارى ئابدۇراھمان ئەبەي ئاكىمۇ ئەدەبىيات-سەنئەت ساھەسىدىكى يولباشچىمىز، شۈنداقلا زوردۇن سابىرنىڭ ‹‹ئانا يۇرت››تەك يىگانە ترلوگىيەسىنى يورۇقلۇققا چىقىرىشقا باش بولغان ئىپتىخارىمىز  ئىدى ،ئۇلارنىڭ بۇ ئەمگىگى ۋە ئۇنىڭ ئەبەدىلىك قامۇسقا كىرگۈزىلىشى ‹‹ئاقنى قارا،يۈرەكنى يارا ››قىلىش بىلەن بىرگە ،ماڭا ‹‹سۆزدە كەتكۇزگەننىڭ ئەمەلىيەتتە يۈزىنى كەتكۈزگەن ››بىلەن باراۋەر بولىشىدەك ئاچچىق رىئاللىققا سۈكۈت قىلىشىمنىڭ مەن تاللاشقا تېگىشلىك يول ئەمەسلىكىدىن بىشارەت بەردى.

پايدىلانمىلار؛
1.ئابدۇرۇسۇل ئۆمەرنىڭ ‹‹ئەدىپ ۋە پەزىلەت›› ....
2.مۇھەممەت رېھىمنىڭ (1982-يىلى)‹‹ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى››....
3.ئالىم قادىر قاتارلىقلار تۈزگەن(1984-يىلى) ئۇيغۇرچە -خەنزۇچە ‹‹ئۇيغۇر خەلق ماقال -تەمسىللەر توپلىمى..
4.توردا ئۇچراتقان بىرقىسىم يازمىلار....
5.ئېزىز ئاتاۋۇللا سارتېكىننىڭ ‹‹ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى››ناملىق كىتاۋى....
6.ئابدۇۋېلى خەلپەت تەرجىمە قىلغان ‹‹مارجان سۆزلەر››ناملىق ماقال-تەمسىللەر توپلىمى...
تامام
2012-يىلى 27-كۆنەك

ئىپپەت -ئانىلىقنىڭ چېچەك پەسلى .
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1162
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1198
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1198دانە
تۆھپىسى: 126
پۇلى: 1505 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 252
ياخشى باھا: 1455
توردا: 238(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-12-30
ئاخىرقى: 2013-05-30
1- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2013-04-27 17:11

ئەستايىدىل ئوقۇپ چېككۇدەك ياخشى تېما ئىكەن ، خېتى سەل كىچىك بولۇپ قاپتىكەن ئەينەك قاداپ ئاران ئوقۇدۇم، بېلىۋېلشىقا تېگىشىلىك ئىشلار كۆپ ئىكەن، كۆپ ئەجىر قىپسىز رەخمەت .
ھېسياتنىڭ قۇلى،مەغلۇبنىڭ ئۇلى!
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 546
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 2552
ئۇنۋان:ھۆرمەتلىك ھازىرغىچە2552دانە
تۆھپىسى: 157
پۇلى: 2979 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 315
ياخشى باھا: 2898
توردا: 480(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-05-19
ئاخىرقى: 2013-05-30
2- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2013-05-10 10:00

زىغىرلىسا زىغىردىمۇ زەخمەت بار.
                                             - ئاتىلار سۆزى