نەچچە كۈندىن بۇيان ئەندىشە ئىچىدە ئۆتتۈم.ئاخىرى چارەكلىك ئىمتىھان نەتىجىلىرىمۇ چىقتى،يەنىلا شۇ ماتىماتىكا نەتىجەم...ھەي، مۇشۇ ماتىماتىكا دېگەننى كىممۇ تاپقان بولغىيتى.ماتىماتىكىدىن ئۆتەلمەپتىمەن،مۇ شۇ پەندە لاياقەتلىك بولغان بولسام ھەممە پەندىن ئۆتكەنلەر قاتارىغا كىرگەن بولاتتىم.58 نومۇر... پەقەت ئىككى نومۇرلا كەملەپتۇ مۇئەللىمگە يېلنىپ-يالۋۇرۇپ ھەم بىرمۇنچە ۋەدىلەرنى بېرىپ مىڭ تەسلىكتەئىككى نومۇرنى ‹‹.ھەل قىلدىم››ئۆيگە خوشال قايىتىپ كېلىپ،كۈندىلىك ئادىتىم بويىچە تېلىۋىزور كۆرۈشكە باشلىدىم.تېلىۋوزوردا خەۋەر قويىلىۋاتقان ئىكەن،خەۋەر كۆرۈشكە قىزىقمىساممۇ،ئۇنىڭدىن كېيىن قويۇلىدىغان قىززىق كىنونى ساقلاشقا مەجبۇر بولۇپ،ئېكرانغا قاراپ ئولتۇردۇم.
بىر خەۋەر ئاياغلىشىپ يېڭى بىر خەۋەر بېرىلدى.ئېكراندا ئامېرىكا نېگىرلىرىنىڭ نامايىش قىلىۋاتقان كۆرۈنۈشى كۆرسىتىلدى.‹‹ئۇلار نېمىگە نامايىش قىلىۋاتقاندۇ؟شۇنى ئويلاپ تۇرۇشۇمغا ،دېكتورنىڭ بايانى باشلاندى.ئەسلىدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى نېگىر ئوقۇغۇچىلارغا ئېتىۋار بېرىش يۈزىسىدىن ئۇلارنىڭ ئالىي مەكتەپكە كىرىش ئىمتىھان نەتىجىسىگە نومۇر قوشۇپ بېرىشنى بەلگىلەپتىكەن.لېكىن نېگىر ئوقۇغۇچىلار؛‹‹بىزمۇ ئاق تەنلىكلەرگە ئوخشاش ئادەم،بىزگە ئېتىۋار بېرىشىنىڭ ھاجىتى يوق›› دەپ ناماىيىش قىپتۇ.
بۇ خەۋەرنى كۆرۈپ بولۇپ،ئىختىيارسىز چوڭقۇر ئويغا پاتتىم.ئامېرىكا ھۆكۈمۈتى نېگىر ئوقۇغۇچىلارغا ئېتىۋار بېرىپ،ئىمتىھاندا نومۇر قوشۇپ بەرمەكچى بولغاندائۇلار بۇنىڭغا ئېتىراز بۈلدۈرۈپ نامايىش قىپتۇ.زادى نېمە ئۈچۈن،بۇ قانداق روھ-ھە،؟!ئۇلارنى ئۆزۈم بىلەن سېلىشتۇرغانسېرى،ئۆزۈمنى ئەيىپلەش ھەم بىر خىل ھاياجانلىنىش ھېسيات ۋۇجۇدۇمنى قاپلىۋالدى.كۆز ئالدىم ۋاللىدە يورىغاندەك بولدى.
ئەتىسى ئەتتىگەندە مەكتەپكە بېرىپلا مۇئەللىمنىڭ ئىشخانىسىغا كىرىپ ،مۇئەللىمگە نومۇرۇمنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ قويۇشنى ئۆتۈندۈم.مۇئەللىم ئەجەبلەنگەن ھالدا سەۋەبىنى سورىدى.مەن تېلىۋىزوردا كۆرگەن خەۋەرنى ۋە كېچىچە ئويلىغانلىرىمنى سۆزلەپ بەردىم.
-يارايسەن،ئوغۇل بالا دېگەن شۇنداق بولىشى كېرەك!-دېدى مۇئەللىم باش بارمىقىنى چىقىرىپ ئۈنلۈك ئاۋازدا،_بولدى،ھېلىقى ئىككى نومۇر مۇشۇ ئىشىڭ ئۈچۈن بېرىلگەن مۇكاپاتىم بولسۇن.
مەن بۇ ئىككى نومۇرنى قوبۇل قىلالمايدىغانلىقىمنى ئېيىتتىم.
-مۇنداق بولسۇن،بۇ ئىككى نومۇرنى مەن ھازىر ساڭا ئارىيەت بېرىپ تۇرغان بولاي،مەۋسۈملۈك ئىمتىھاندا قايتۇرۇپ بەرگىن،قانداق؟
مۇئەللىمنىڭ بۇ سۆزىگە ماقۇل بولدۇم ۋە ئىشخانىدىن خوشال چىقىپ كەتتىم.
شۇنىڭدىن ئېتىۋارەن ھەر قېتىم ئىمتىھانغا تەيارلىق قىلغاندا،ھېلىقى خەۋەردىكى كۆرۈنۈش كۆز ئالدىمغا كېلىدىغان،قۇلاق تۈۋۈمدە مۇئەللىمنىڭ ‹‹بۇ ئىككى نومۇرنى ساڭا ئارىيەت بېرىپ تۇرغان بولاي،مەۋسۇملۇق ئىمتىھاندا ماڭا قايتۇرۇپ بەرگىن›› دېگەن سۆزى جاراڭلايدىغان بولدى.