ئاغىنەمنىڭ ئايالى يەڭگىپ قىرىق سۈيىنى قۇيىدىغان ۋاقتىدا نەق ئۆيىگە كىرىپ قالسام بولىدۇ،قارىسام بىر مۇنچە كىچىك بالا چۇقىرىشىپ باڭ باڭ تاڭ يەپ سۇنكۇڭ باجې بولۇپ قوغلاشماق ئويناۋاتقان ئىكەن .
داستىخان راسلاغلىق ئىكەن ،مەنمۇ كەلدىم ..
چاي پاي ئىچكەچ ئاغىنەم بىلەن بىردەملىك پاراڭغا چۈشتۇق.
ھەي ،26ياشتىن ئېشىپتۇق،بىر چاغلاردا بىزمۇ ئەنە ئاۋۇ بالىلاردەك بالا ئىدۇق ،مانا ئەمدى ئالدىمىز بالىلىق بولۇپ ئارقىمىز قىزلارنى قوغلاپ دېگەندەك تويغا جابدۇنۇپ ئولتۇرۇپتۇق،بىر چاغلاردا مۇشۇ ئاغىنەم ۋە باشقا بالىلار بىلەن كۈندە كۆرۈشمىسەكمۇ ئىككى كۈندە دېگۈدەك كۆرۈشۈپ ئاجايىپ يېقىن ئۆتەتتۇق،ھازىرغۇ مۇناسىۋىتىمىز يىرىك ئەمەس ،شۇ بىر كەملەردە "ئۈچ دوسىت"دېگەن ئەسەرلەردىكى ئېسىل دىئالوگلارنى ئوقۇپ ئۆزىمىزنى كامىل،ھېكمەت ،مۇراتلارغا ئوخشىتىپ مەڭگۈ ئىناق ئۆتۈشكە ،تېخى بالىلىرىمىزنى ئۆز ئارا چېتىشقا،كۈندە يوقلىشىپ كۆرۈشۈپ يۈرۈشكە ۋەدىلەر قىلىپ ئويناپ كېتەتتۇق ، قاراپ باقسام مانا توي قىلغاندىن بۇيان بۇ بالىلار بىلەن ئايدا بىر يامان بولمىسا قۇربان ،روزى ھېيىتلاردا بىر كۆرۈشمىسەك ،كۈندە كەچتە ھاراق ئىچىشىدىغان،مەس بولىۋىلىپ قارىينىڭ ئىمانىدىن ،شائىرنىڭ زۇۋانىدىن ،باينىڭ مۈلىكىدىن ئىۋەن تاپىدىغان ،ھېچكىمنى ياراتماي ھاراق غەيۋىتى قىلىپ قايناپ قاقشاپ كېتىدىغان ۋاقىتلىرىمىز بىر يەرلەردە قاپتۇ ،شۇنىڭغا قاراپ ئويلاپ قالدىم ،كىشى بىر ئىش ئۈچۈن تولىمۇ ۋاي دات دەپ ئۆزىنى ئالدۇرۇپ قويمىسىمۇ بولغۇدەك ،ھەر نەرسىگە كۆنىدىكەنمىزغۇ ئاخىر ؟
بىر چاغلاردا ئانىلىرىمىز بىزلەرنىڭ قىرىق سۈيىمىزنى قۇيغان،مانا ئەمدى بالىلىرىمىزنىڭ قىرىق سۈيىنى قۇيماقچى بولىۋاتىمىز ،
ئاغىنەمنىڭ ئايالىمۇ قۇيىدىغان سۇلارنى تەييار قىلىپ تىلەك تېلەش باشلاندى ..
چوڭلار بىر قۇر تىلەك تىلەپ ئالىم بولسۇن ،تەتقىقاتچى بولسۇن ،ئوقۇتقۇچى بولسۇن ...دەپ تېلەكلەر تېلەشتى ..
(توۋا ،ھېچكىم دېھقان بولسۇن دەپ تىلەك تىلەپ قويمايدىكەن ،ھەتتا شۇ دېھقان ئاكاممۇ بالىسىغا تىلەك تىلىگەندە داداڭنى دورىغىن دېمەس )
ئاڭغىچە ئاغىنەمنىڭ ئايالى قوشۇقنى بالىلارغا بەردى ،بۇ بالىلار ئاغىنەمنىڭ ئاكا ھەدىلىرىنىڭ ،يېقىن تۇغقانلىرىنىڭ باللىرى ئىدى ..
بىرىنچىسى قوشۇقنى ئېلىپ بولۇپ كۈلۈۋىتىپ :
بوشى بولسۇن دېدى .
بالىلار چۇرقىراشتى ..
يەنە بىرسى قوشۇقنى ئالدى دە ئالىم بولسۇن دېدى .
يەنە بىرسى تەمتىرىگىنىچە جىياۋشۇ بولسۇن دېدى ..
ئارقىسىدىن بىرسى لاۋشى بولسۇن ،لاۋشى دېگەن ...دېدى ..
يەنە بىر كىچىكىرەكى قوپۇپ ئوۋتىمەن بولسۇن دېگەن ھاياجاندىن تېلىقىپ قالدى ....
ئاداش ،ئۆيۈڭدە ئىجارە ئولتۇرغان بالىلارنىمۇ چاقىرىپسەندە دېدىم ئاغىنەمگە چاقچاق قىلىپ ،
ئۇ ئازىراق قىزاردى ۋە نەچارە دېگەندەك مۈرىسىنى كۆتۈرۈپ قويدى دە قوشوقنى ماڭا بەردى ..
تۈگىمەس ئوي پىكىرلار،جاۋاپسىز سوئاللارغا بېلىق كۆزى لىق تولغان كاللامغا مۇنۇ ناجىنىس تىلغا كۆنۈۋاتقان شاكىچىكلەرگە بىر نەچچە ئېغىز تەربىيە قىلاي دېدىميۇ قايسىدۇ بىربەلەن شئېرنىڭ "ئەمدى گەپ تىرىكلەر ئۈستىدە قالدى "دېگەن مىسرانى ئېسىمگە ئېلىپ ،چوڭ كىچىك ،ئەر-ئايال ،ئۇيغۇرۇ-مۇسۇلمان ھەننىۋاسىغا ئاڭلىتىپ:
بالاڭ ئۇيغۇر بولسۇن ،
بالاڭ ئۇيغۇر بولسۇن ،
بالاڭ ئۇيغۇر بولسۇن . دەپ قوشۇقنى ئۈچ قېتىم سۇغا تىقتىم ....
شۇ چاغنىڭ ئۆزىدە يۈرىگم ئاغقاندەك بولۇپ كۆزۈمگە لىق ياش ئولاشتى .دە يەنە تۇرۇشنى ئەپسىز بىلىپ تېلىفونغا قارىغاندەك بولۇپ چىقىشقا تەرەددۇت قىلدىم ....ئىبارە خۇدايا ،ھېلىمۇ قىرىق سۈيىمىز قۇيۇلغاندا پوپ بولسۇن يەنە بىر نېمە بولسۇن دەپ تىلەك تىلەنمەيدىكەن .....
ئاتا ئانا بولغۇچى ،بالاڭنى ئۇيغۇر قىلىپ تەربىيلىگىن ..قەبرەڭدە ۋاي دادام-ئانام دەپ يىغلاشقا شۇلار كېرەك !
مۆرىمىكى لازىمغۇ ،
كالا بولسا كالىمىز .
ئۇيغۇر تۇغقىن ئانىلار ،
ئۇيغۇر بولسۇن بالىمىز ،
2009-يىلى 23-ماي ،شەھرى بورتالا دا يېزىلىپ بېقىلدى .