ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1182 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: [بوزقىر]پادىشاھنىڭ دۈمبىسى ۋە قاسساپنىڭ پىچىقى
بوزقىر
دەرىجە: يېڭى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى

  تىزىم نۇمۇرى: 70

  جىنسى: يوشۇرۇن
ئۇنۋان:يېڭى ?????????1????
ئۆسۈش: 1%
  نادىر تىما: 1

  يوللانما: 1
  تۆھپىسى: 11
  پۇلى: 43 ياۋرۇ
  شۆھرىتى: 12
  ياخشى باھا: 18
 مۇنبەردىكى ۋاقتى: 0سائەت
  ھالىتى:
  تىزىم:2011-03-01
  كىرىشى: 2011-04-12
0- قەۋەت  |يوللانغان ۋاقت: 2011-03-01 16:05

[بوزقىر]پادىشاھنىڭ دۈمبىسى ۋە قاسساپنىڭ پىچىقى

ئەسكەرتىش: بۇ يازما ئۈمىديار تەرىپىدىن ئىلگىرلىتىلدى(2011-05-27)
                     پادىشاھنىڭ دۈمبىسى ۋە قاسساپنىڭ پىچىقى

                                            بوزقىر

ئىلگىرى شىنجاڭ«ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتى»دە «پادشاھنىڭ دۈمبىسى ۋە ساقچىنىڭ مۇشتۇمى» سەرلەۋىلىك بىر ماقالە ئېلان قىلىپ،ئۇچسىدىكى ساقچى فورمىسىنى بىر خىل مەسئۇليەتنىڭ بەلگىسى ،دەپ قاراشنىڭ ئورنىغا ئۇنى بىر خىل ئىمتىياز دەپ بىلىپ،خەلق ئۇقۇتقۇچسىنى دۇمبالىغان ۋە خەلق ساقچىسىنى سۆكۈپ،جەمئىيەتتە بەلگىلىك تەسىر قوزغىغانىدىم.
   ئەمدىلىكتە قاراپ باقسام،خەلق ساقچىسىنىڭ خەلق ئۇقۇتقۇچىسىنى دۇمبالشىنىڭ بىر «قاسساپ»كۈپكۈندۈزدە بىر خەلق مۇئەللىمەسىنى پىچاق تىقىپ ئۆلتۈرۋىتىشى ئالىدىدا ھىچنىمىگە ئەرزىمەيدىغان ئىش ئىكەنلىكىنى، ئىشنىڭ تېخمۇ چاتاقلىقىنى ھىس قىلدىم.

  بۇ ئىش تارىختىكى ئۇيغۇر خاقانىنىڭ ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭ تۆرگە ئۈتۈشى ئۈچۈن دۈمبىسىنى شۇتا قىلىپ تۇتۇپ بىرشىدەك ئاليجاناپ،ئىلىم سۈيەر خىسلىتىنى يەنە بىر قېتىم ئىسمىگە سالدى.
   ئوتتۇر ئىقلىم تارىخى ۋەسقىلىرىدىن «راھىب كالانلار تەزكىرىسى. كۇماراجىۋانىڭ تەرجىمالى» دا مەھشۇر ئۇيغۇر بۇددا مۇتەپپەكۈرى، تەرجىمشۇناس  كۇماراجىۋانىڭ كاپكا (كەشمىر)دىكى ئۇقۇشنى تاماملاپ،ئۆز يۇرتى كۇسەن (كۇچا) غا قايتىش سەپىرىدە يول بۇيدىكى نۇرغۇن دۆلەت، بەگىلىكلەرنىڭ ئالى مەرتىۋە،يۇقىرى ئىش ھەققى بىرىش بەدىلىگە ئۆزىنى تۇتۇپ قالماقچى بولغانلىقىنى رەت قىلىپ،دۆلىتىگە قايىتىپ تارىختىكى ئۇيغۇر زىيالىلىرىنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى نامايەن قىلسا،كۇسەن خانى ئاقارىي پاكنىڭ نەچچە كۈنلۈك يەرگىچە ئالدىغا بېرىپ كۇماراجىۋانى كۈتۈۋېلىپ،تارخىتكى ئۇيغۇر خانلىرىنىڭ ئىلىم ئەھلىنى قالتىس ئىززەتلەيدىغان ئىلىم سۈيەر پەزىلىتىنى نامايەن قىلغانلىقى قەيىت قىلغاندى.

يەنە شۇ ۋەسىقىدە كۇسەن خانى ئاقارىي پاكنىڭ كۇسەندىكى چۆل ساڭرامى(بۈگۈنكى كۇچار ناھىيە بازىرىنىڭ شىمالىغا 16كىلومىتىر كىلدىغان چۆل تاغ ئىتكىدىكى سۇ بېشى خارابىسى)دا ئالتۇن پۇتلۇق،شىر شەكللىك بىر ئۇرۇندۇق ياستىپ،ئۇنى رۇم كىمخابلىرى بىلەن بىزەپ،ئۆزى ۋە قوشنا ئەللەردىن كەلگەن ئەمەلدار تۆرىلەرنىڭ ئاشۇ ئۇرۇندۇقنىڭ ئالدىدا دۈم يېتىپ تۇرۇپ، كۇماراجىۋانى ئۆزلىرىنىڭ دۈمبىسىنى دەسسەپ تۇرۇپ،ئۇرۇندۇققا چىقىپ،بۇددا نۇملىرىنى مۇتالىئە قىلىشقا تەكلىپ قىلغانلىقى ھەم ئۇلارنىڭ ئۆز دۈمبىلىرىنى كۇماراجىۋانىڭ دەسسىگەنلىكىدىن ئالەمچە پەخىرلىنىش ھىس قىلغانلىقى قەيىت قىلىنغان.
   ئاشۇ تارىخى ئۇچۇردىن بىز ئەينى دەۋىردىكى ئۇيغۇرلار زىمىنىدا يۇقىرىسى پادىشاھلاردىن تارتىپ، تۈۋىنى ئاۋام پۇقرالارغىچە خەلققە ئىلىم تارقىتىدىغان پىر-ئۇستازلارنى قەۋەت ھۆرمەت قىلدىغانلىقىدەك بىر ياخشى مەنىۋى كەيپىياتىنى قىياس قىلالايمىز.ئەجداتلىرىمىزدا ئاشۇنداق ئىلىمنى،ئىلىم ئەھلىلىرىنى ھۆرمەتلەيدىغان مەنىۋى مۇكەممەلىك بولغانلىقى ئۈچۈن،شۇ دەۋىرىدىكى مەدەنيىتمىز قالتىس روناق تېپىپ جاھانشۇمۇل مۇۋەپىقيەتلەر قولغا كەلتۈرلۈپ، يۇرتىمىز دۇنياغا مەدەنىيەت تارقتىدىغان ئىلىم مەركىزى بولغانىدى. ھازىرغىچە دىيارىمىزدا ساقلىنىپ كىلۋاتقان مىڭ ئۆيلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇددا مەدنىيەت يادىكارلىقلىرىمىز نەچچە ئەسىرلىك تارىخنىڭ بۇران-چاپقۇنلىرىنى بېشىدىن كەچۈرگەنلىكىگە قارىماي ئۆزىدە ئاز كەم ئىككى مىڭ يىل ئىلگىركى ئىنسانىيەتنىڭ قەدىمكى مەدەنىيەت جەۋھەرلىرىنى مۇجەسەملىگەنلىكى بىلەن ھېلھەم ئۆز قىمىتىنى نامايەن قىلىپ كەلمەكتە.20-ئەسرنىڭ باشلىرىغا كەلگەندە سىۋېن ھېدىن،سىتەيىن، پىېللىئوت، ئوتانىي كوزىي  قاتارلىق غەرىپ ۋە شەرىق ئىكىسپىدىتسىيىچىلىر- ىنىڭ شۇنچە ئۇزۇن مۇساپىنى بېسىپ يۇرتىمىزغا كىلىپ، جېنىنى ئالقىنغا ئېلىپ قۇيۇپ،پايانسىز قۇملۇقلىرىمىزدا تىمىسقىلاپ يۈرشىمۇ دەل ئەشۇ ئەجداتلىرىمىز ياراتقان قەدىمىي مەدەنىيەت جەۋھەرلىرىنىڭ ئۇلارنى ئۆزلىرىگە ماگنتتەك تارتىشىدىن بولغان. ئۇلار ئاچىقىپ كەتكەن جاۋاھىراتلىرىمىز ھېلھەم مەدەنىيەتلىك غەرىپ ئەللىرىنىڭ ئوتقاشتەك گىلەملىرى بىلەن بىزەلگەن كۆرگەزمە زاللىرىنىڭ كۆركەم ئەينەك جاھازىلىرى ئىچىدە،قۇراللىق ساقچىلارنىڭ قاتتىق مۇھاپىزەت قىلىشى بىلەن كۆزىنىڭ قارچۇقىدەك ئەتۋارلىنىپ ساقلانماقتا.
بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئاشۇ قەدىمقى مەدەنىيەت مىراسلىرىمىزنى كۆرىمىز،دەپ دۇنيانىڭ جاي-جايلىرىدىن تۇتاملاپ پۇل خەجلەپ ،ئاتايتەن قىتئە ئاتلاپ،  يۇرتىمىزغا كىلدىغانلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيۋاتىدۇ.
  تارىخقا نەزەر سالساق قايىسى ئەل ياكى قايىسى مىللەتىن بولسۇن ئىلىمنى،ئىلىم-ئەھلىلىرىنى ھۆرمەتلەش كەيپىياتى ئەۋىج ئالغان بولسا شۇ ئەل،شۇ مىللەت مەدەنىيەتتە روناق تېپىپ يۈكسىلەلىگەن.ئەكىسچە بولغاندا شۇئەل،شۇ مىللەت زاۋاللىقا يۈزلىنىپ خارابلاشقان.
  مىللىتىمىزنىڭ بۇددىزم دەۋرىدە شۇنچە زور مەدەنىيەت ئۇتۇقلىرىغا ئىرشكەنلىگى پادىشاھ-تۆرىلەرنىڭ قۇرقىماي تۇرۇپ،ئىلىم ئەھلىلىرىگە شۇتا ئورنىدا دۈمبىسىنى تۇتۇپ بىېرەلىگەنلىكىدەك ئىلىم سۈيەر كەيپياتى ئەۋج ئالغان قۇيۇق مەدەنىيەت مۇھىتىدىن ئايىرىپ  قارىغىلى بولمايدۇ ،ئەلۋەتتە.
        مىللىتىمىز ياشلىرى ئارىسىدىن مىڭ بىر جاپالار بىلەن چەت ئەللەرگە چىقىپ ئوقۇپ ، جاپاغا چىداپ ئىلىم تەھسىل قىلىپ ، زور ئۇتۇقلارغا ئېرىشىپ،   ئاشۇ ئەللەرنىڭ يۇقىرى ئىش ھەققى بېرىش بەدىلىگە ئۆزلىرىنى تۇتۇپ قېلىش ھەققىدىكى تەكلىپلىرىنى چىرايلىقچە رەت قىلىپ ، كوماراجىۋادەك ۋەتەن –مىللەتنى ھەممىدىن ئەلا بىلىپ ، ئۆز يۇرتىغا قايتىپ كەلگەن زىيالىلىرىمىز يوق ئەمەس . بىزدە كەم بۇلىۋاتقىنى كۇسەن خانى ئاقارىي پاكنىڭكىدەك «دۈمبە روھى ».
      ئارىدىن ئىككى مىڭ يىلغا يېقىن ۋاقىت ئۆتكەن ، ئىنسانىيەت جەمئىيىتى غايەت زور تەرەققىياتلارغا ئېرىشكەن ، ئىلىمنىڭ ، ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭ قەدىر-قىممىتى بارغانسىرى ئۆتۈلۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ئەسلىدىكى مەدەىنىيەت ياراتقۇچىلىق ئورنىمىزدىن مەھرۇم قېلىپ ، مەدەنيەت  ئىستىمال قىلغۇچىلىق ئورنىغا چۈشۈپ قالغانلىقىمىز بىزدە دەل ئاشۇنداق «دۈمبە روھى »نىڭ ئەۋلادمۇ ئەۋلاد سۇسلاپ بارغانلىقىنىڭ  مەھسۇلىدۇر. ھالا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ئاشۇ خىل ئىسىل روھنىڭ پۈتۈنلەي تەتۈرسىگە يېنىپ ، «قاتىل»لىققا تەرەققى قىلىشى كىشىنى چۆچۈتمەي قالمايدۇ .       
   «ئاقسۇ گېزىتى»نىڭ 2000-يىلى ئۆكتەبىردىكى سانىغا ىەلىق ئوقۇتقۇچىسى ئابدىسالام ئۆمەرنىڭ «ئادەمنى چۆچىتىدىغان ۋەھشى قاتىللىق »سەرلەۋھىلىك بىر ماقالىسى بېسىلدى .
  ماقالىدە مۇنداق دىيىلدۇ :«ئۆزىنىڭ 25 يىللىق خىزمەت ھاياتىدا تىرىشىپ ئىشلەپ ، سانسىزلىغان سەبىيلەرنىڭ قەلبىگە بىلىم ئۇرۇقىنى چېچىپ ،جاپالىق رايۇنلارنىڭ مىللىي مائارىپىنى يۈكسەلدۈرۈش يولىدا بىر ئۆمۈر سەپنىڭ ئالدىدا مېڭىپ ، بۇ ساھەدە ئاجايىپ تۆھپىلەرنى  قوشۇپ ، ئەل قەلبىدە بىر كىشلىك ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغان  تۆھپىكار ئوقۇتقۇچى زۆھرەم ئادىمى مەلئۇننىڭ قولىدا ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ۋەھشى ئۇسۇللار بىلەن ئۆلتۈرۈلدى ».
    ماقالىدە يېزىلىشچە ، ئونسۇ ناھيىسىنىڭ چاغراق يېزا 5-كەنىت 1-مەھەللىسىدىكى 25ياشلىق دېھقان موللا رۇزى 2000-يىلى ئاپىرىلنىڭ مەلۇم بىر دۈشەنبە كۈنى ئۈلپەتداشلىرى بىلەن بىر قاۋاقخانىدا ھاراق ئىچىپ ، چۈشتىن كېيىن سائەت تۆت ئەتىراپىدا خۇددى قان يالىغان لالما ئىتتەك كۆزلىرىنى قىزارتىپ كوچا ئايلانغان .كوچىدىكى خانىم قىزلارغا ئوغرى مۈشۈكتەك كۆز قىسىپ ، ئوڭ تەتۈر دەسسەپ كوچا چىڭداپ،چۈشتىن كېيىن سائەت ئالتىدە تەمىنلەش كوپىراتىپىنىڭ ئالدىدىكى چوڭ يولنى بويلاپ ماڭغان .دەل شۇ ۋاقىتتا بىر كۈنلۈك خىزمىتىنى تۈگىتىپ،ھارغىنلىق ئىچىدە قەدىمىنى ئاران ئېلىپ،ئۈيىگە كىتۋاتقان زۆھرەمنى كۈرۈپ ئۇنىڭ ئالدىنى تۇسۇپ تېتىقسىز سۆزلەرنى قىلغان.شەرم-ھايالىق،موللا رۇزىغا نىسپەتەن ئانا يوللۇق زۆھرەم ئۆزىنى زورىغا بېسۋېلىپ ئۆز يۇلغا مېڭىۋەرگەن.
سۆرەپ،ئاغزىنى قۇلى بىلەن ئېتىۋېلىپ كىيىملىرىنى يىرتىۋەتكەن.30سانتىمىتىرلىق پىچاقنى غىلاپتىن سۇغۇرۇپ زۆھرەمنىڭ تىلىنى كىسىپ،كۆكرەك قىسمىنىڭ بەش يىرىگە پىچاق سالغان.ئىككى كۆكسىنى كىسىپ يولغا تاشلۋېتىپ،نىمجان ھالەتتىكى زۆھرەمگە ھايۋانلارچە باسقۇنچىلىق قىلغان،ئارقىدىنلا جىنسىي ئەزاسىنى پارە-پارە قىلىپ كىسىپ،جەسەتنى پارچىلاپ ئورمانلىققا تاشلىۋەتكەن.

يەنە شىنجاڭ «ئىشلار ۋاقىت گېزىتى»نىڭ 2000-يىلى 11-ئۆكتەبىر ساننىڭ 3-بېتىگە بېسىلغان «قاتناش ساقچىلىرىنىڭ ھۇقۇقى شۇنچە چوڭمۇ؟»سەرلەۋھىلىك ماقالىدە بەش نەپەر قاتناش ساقچىسىنىڭ بىر ئۇقۇتقۇچىنى بىلەن تاسمىسى بىلەن قاتتىق ئۇرغانلىقى ھەم 200يۈەن جەرىمانە قۇيۇپ،ماشنا ساقلاش ئۈيىگە قاق 23سائەت سۇلاپ قويغانلىقىدەك ناھەقچلىك يېزىلغان.
   بۇنداق مىساللار جەمئىيتمىزدە يەنە مۇۋجۇد ئەمەس،دىيەلمەيمىز. بۇنداق پاجىئەلەرنى ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭ تۆرگە ئۈتىشى ئۈچۈن ئۆز دۈمبىسىنى شوتا ئورنىدا تۇتۇپ بەرگەنلىكىدەك ئىلىم-سۈيەر روھى بىلەن سېلشتۇرغاندا ئاسمان-زىمىن پەرىق قىلمامدۇ؟ئىلىم ئەھلىلىرى، ئىلىم-مەرىپەت ئىتبارسىز قارالغان جەمئىيەتتە كىشلەر نادانلىقنىڭ ئاسارتىدىن قۇتۇلالمايدۇ.نادانلىق ئەۋج ئالغان جەمئىيەتتە جىنايەت، خىيانەت، ئىناقسىزلىق،  ھۇرۇنلۇق، بىشەملىك، تۇز-كورلۇقتەك ئىنسان ھۇجۇدىدىكى جىمى ئىپلاسلىقلار ئۆز كۈچىنى كۆرستىدۇ.
  خۇددى ئۆزبىك مۇتەپەككۇرى ئىبرايىم ھەققۇلۇق ئېيتقاندەك:«نادانلىق خەلقنىڭ كۈلپىتى،نادانلىق ئالاھىدە بىر خىل ياۋۇزلۇق،نادان ئادەم ئەقىل جاللىتى،ناداننىڭ يۇلى ئەگىرى»دۇر.
   بىر مىللەت،بىرەر قۇۋىمنىڭ ئىلىم ئەھلى ۋە ئىلىم-مەرپەتكە تۇتقان پۇزتسىيىسىنىڭ قانداقلىقىغا قاراپ شۇ مىللەت،شۇ قۇۋىمنىڭۇ تەقدىرى،مەنىۋى ئېكلوگىيسىگە توغرا دىئاگنۇر قويغىلى بۇلىدۇ. ھازىرقى زامان رىقابىتىدە قەد قەد كۆتۈرگەن نۇرغۇن مىللەتلەرگە قارايدىغان بولساق ،ئۇلاردا ئىلىم –مەرىپەتكە ۋە ئەنە شۇ ئىلىم –مەرىپەتنى ئۆگەتكۈچى ئۇقۇتقۇچى –ئۇستازلارغا بولغان ھۆرمەت تۇيغۇسىنىڭ ئاجايىپ كۈچلۈكلىگىنى  كۆرۈۋالالايمىز .
   يەھۇدىلارنىڭ  دۇنيادا ئاجايىپ ۋەھشى خورلىنىشلارنى باشتىن كەچۈرۈپمۇ ئۆز مەۋجۇدلىقىنى يۇقۇتۇپ قويماي ،ھازىرقى زامان رىقابىتىدە قەدكۆتۈرۈپ ، دۇنياۋى مۆجىزە يارىتالىشىنى  ئۇلاردائەۋلادمۇ ئەۋلاد داۋام قىلىپ كەلگەن ئۇستازلارنى ، ئىلىم ئەھلىلىرىنى ھۆرمەتلەش جەھەتتىكى ئەنئەنىۋى ئائىلە تەربىيىسىدىن  ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ . مۇبادا سىز ھەر قانداق بىر يەھۇدىدىن :«ئاتاڭ بىلەن ئۇستازىڭ تەڭ تۈرمىگە كىرىپ قالغان بولسا ، سەن ئاۋۋال كىمنى قۇتقۇزىسەن ؟»دەپ سورىسىڭىز ، ئۇ قىلچە ئىككىلەنمەيلا :«ئۇستازىمنى» دەپ جاۋاپ بېرىدۇ ھەم شۇنداق قىلىدۇ .
   ئامىرىكا چوڭ قۇرۇقلۇقنىڭ بايقالغانلىقىغا 500يىلمۇ بولمىدى . ۋەھالەنكى ،ئۇلارنىڭ ئۇنۋىرسال دۆلەت كۈچى  «بىز مۇنچە مىڭ يىللىق مەدىنيەت تارىخىغا ئىگە قەدىمى دۆلەت »دەپ ماختىنىپ يۈرىدىغان ھەر قانداق بىر دۆلەتنىڭكىدىنمۇ قۇدىرەتلىك ئۇرۇنغا ئۆتتى . بۇنى ئۇلارنىڭ ئىلىم ئەھلىلىرىنى  ئالتۇن  - كۈمۈش ،مال دۇنيادىنمۇ ئەزىز بىلگەنلىگىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ . دېمىسىمۇ ، 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلدە باشقا دۆلەتلەر مال- دۇنيا ، زىمىن ھەلەكچىلىكىدە يۈرگەندە ئامىرىكا ئۆزىگە ئىلىم ئەھلىلىرىنى توپلاش بىلەن بولدى .ئۇلار قانداقتۇر ئىلىم ئەھلىلىرىگە ئاش-نان ،تۇرالغۇ بەرگەنلىگىنى كۆڭۈل بۆلگەنلىك ،دەپ قارىمىدى . ئەڭ مۇھىمى ئىلىم ئەھلىلىرىگە پىكىر قىلىش ئەركىنلىكىنى بەردى . بىرەر ئىلىم ئەھلىگە نىسبەتەن مۇشۇنىڭ ئۆزىلا چوڭ ھۇقوق ھىسابلىنىدۇ ، ئەلۋەتتە. چۈنكى پىكىر قىلىش ئەركىنلىكى بولمىغان دۆلەتتە ئىجادىيەت ئەركىنلىكى بولمايدۇ . ئىجادىيەت ئەركىنلىكى بولمىغان دۆلەتتە تەرەققىيات ئەركىنلىكىمۇ بولمايدۇ .
   پايانسىز يېزا-قىشلاقلىرىمىزدىكى كۆزلىرىدىن مۇڭ، ئۇزايىدىن توپا-چاڭ ئۆرلەپ تۇرىدىغان بالىلىرىمىزنىڭ ئاغىزىغا ئىلىم سالغۇچى مۇئەللىم –مۇئەللىمەلىرىمىزنى زىيالىلار قاتلىمىمىزنىڭ سىرىتىدا قالدۇرساق بولمايدۇ . ئۇلار ئېلىپنىڭ سۇنىقىنىمۇ بىلمەيدىغان دېھقان –چارۋىچىلىرىمىزغا نىسبەتەن ئېيتقاندا،يەنىلا زىيالىي سانىلىدۇ.بالىلىرىمىزغا جانغا ئەسقاتدىغان ھەققى ئىلىم –ھۈنەر ئۈگتەلمگەنلىك يالغۇز ئۇلارنىڭ سەۋەنلىكى ئەمەس.شۇڭا،ھەر-بىر ئۇيغۇر پۇقراسىنىڭ مۇئەللىم-مۇئەللىمەلەرنى ھۆرمەتلەش،ئاسراش مەجبۇرىتى بار.چۈنكى ئۇ،ئىلىم ئۈگەتكۈچ ئۇستازدۇر.
    ئۇيغۇر خاقانىى ئاقارىي پاكىنىڭ «دۈمبە روھى»دىن مەلۇمكى،مىللتىمىز ئىلىم ئۈگەتكۈچى مۇئەللىم- ئۇستازلارنى ھۆرمەتلەشتىمۇ ئۇزۇن تارىخى ئاساسقا ئىگە.بىزدە ئىلىم ئەھلىنى، ئۇستازلارنى ھۆرمەتلەشكە دائىر نۇرغۇن ئىسىل ئەقىليە سۆزلەر بار.ۋاھالەنكى،بىز مەدەنيەتنى دەپ مەدەنىيەتنى دەپسەندە قىلدىغان ،ئۆز زىياللىرىغا ھەر خىل سەت-بولمغۇر لەقەملىرىنى قۇيۇپ خارلايدىغان،سەللا قېنى قىزىپ كەتسىلا كىلاسىك كىتاپلىرىنى كۆيدۈرۈپ، تارىختا ئۆتكەن پىر-ئۇستازلىرىنى بۇلۇشىغا كۆرەشكە تارتىدىغان ئېتقادسىز خەقنىڭ شورىدىن ئاشۇ ئىسىل ئەنئەنلىرىمىزدىن بارغانىسرى يىراقلاپ كەتتۇق.«يامانغا يۇلۇقساڭ يارىسى،قازانغا يۇلۇقساڭ قارسى يۇقار»دىگەن سۆز شۇنىڭدىن كەلگەن بولسا كىرەك،ئەتمالىم.
ئېتقاتىسزلىق ھەممدىن يامان، ئۇ نادانلىقنىڭ مەنبەسدۇر. «نادان- ئىشەك،بەلىكى ئىشەكتىنمۇ بەتتەردۇر. ئىشككە نىمىنى يۈكلىسەڭ كۈتۈرىدۇ، قەيەرگەر ھەيدسەڭ شۇ يەرگە ماڭىدۇ،ئۇنىڭدا ئەقىل- پاراسەت دەۋاسى يوق،بەرمسەڭ ئاچ،بەرسەڭ توق»دىگەنىدى ئۇلۇغ ئەللامە بوۋىمىز ھەزىرىتى نىزامدىن ئەلشىر نەۋائى.
شۇڭا،ئېتقادسىزلاردىكى ئىېتقاتسىزلىقنى يۇقتۇرۋالمايلى، نادانلىق يۇلىمىزدىن  قايتايلى، تارىختىكى«دۈمبە روھى» مىزنى تېپۋالايلى.
ئاپتۇرنىڭ « مىڭئۆيلەر ،سىلەرگە يۈز كىلەلمەيمىز» دىگەن كىتابىدىن ئېلىندى.

-سىز كۆرۋاتقان تىما [بوزقىر]پادىشاھنىڭ دۈمبىسى ۋە قاسساپنىڭ پىچىقى,دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز بىر تۆھپە قوشۇلۇپ ،دەرىجىڭىز تېز ئۆسىدۇ
تېما ئادىرسى:
بۇ يازمىنىڭ باھالىنىش ئەھۋالى:
  • پۇلى:+20(ئۈمىديار)
  • مۇزاتبەگ
    كۆلۈپ ياشىسام دەيمەن.
    دەرىجە: يېڭى ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى

      تىزىم نۇمۇرى: 72

      جىنسى: يىگىت
    ئۇنۋان:رەسمىي ?????????34????
    ئۆسۈش: 34%
      نادىر تىما: 0

      يوللانما: 34
      تۆھپىسى: 0
      پۇلى: 34 ياۋرۇ
      شۆھرىتى: 0
      ياخشى باھا: 34
     مۇنبەردىكى ۋاقتى: 5سائەت
      ھالىتى:
      تىزىم:2011-03-01
      كىرىشى: 2011-05-15
    1- قەۋەت  |يوللانغان ۋاقت: 2011-03-02 12:43

    ھازىرىقى جەمئىيەتتىمۇ بىلىم ئەھلىلىرنى كومراجىۋانى ھۆرمەتلىگەندەك ھۆرمەتلىسەك، نۇرغۇن قاخشاشلاردىن قۇتۇلۇپ قالاتتۇق.

    ئاتتىللا
    دەرىجە: يېڭى ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى

      تىزىم نۇمۇرى: 17

      جىنسى: يىگىت
    ئۇنۋان:رەسمىي ?????????37????
    ئۆسۈش: 37%
      نادىر تىما: 0

      يوللانما: 37
      تۆھپىسى: 1
      پۇلى: 39 ياۋرۇ
      شۆھرىتى: 2
      ياخشى باھا: 39
     مۇنبەردىكى ۋاقتى: 2سائەت
      ھالىتى:
      تىزىم:2011-02-17
      كىرىشى: 2011-05-24
    2- قەۋەت  |يوللانغان ۋاقت: 2011-04-12 16:17

    بوز قىر ئەپەندىمنىڭ بوزقىر مۇنبىرگە قەدەم تەشىرىپ قىلغانلىقىغا رەھمەت.

    بۆلگۈچ خارەكتىردىكى ئەسەرلىرىڭىزنىڭ بوز قىر مۇنبىرىدە جەۋلان قىلغۇسى!

    ۋەتەن...
    yaxnar
    دەرىجە: ئالىي ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى

      تىزىم نۇمۇرى: 328

      جىنسى: يوشۇرۇن
    ئۇنۋان:رەسمىي ?????????94????
    ئۆسۈش: 94%
      نادىر تىما: 0

      يوللانما: 94
      تۆھپىسى: 0
      پۇلى: 94 ياۋرۇ
      شۆھرىتى: 0
      ياخشى باھا: 94
     مۇنبەردىكى ۋاقتى: 4سائەت
      ھالىتى:
      تىزىم:2011-04-07
      كىرىشى: 2011-08-27
    3- قەۋەت  |يوللانغان ۋاقت: 2011-04-12 20:14

    ئۆمەرجان ھەسەن بوزقىركام كىرىپتىما ؟ قەنە سىز مەن بار دەپ قۇيىڭە...

    قاۋۇل
    دەرىجە: ئالىي ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى

      تىزىم نۇمۇرى: 331

      جىنسى: يىگىت
    ئۇنۋان:رەسمىي ?????????64????
    ئۆسۈش: 64%
      نادىر تىما: 0

      يوللانما: 64
      تۆھپىسى: 3
      پۇلى: 71 ياۋرۇ
      شۆھرىتى: 6
      ياخشى باھا: 71
     مۇنبەردىكى ۋاقتى: 3سائەت
      ھالىتى:
      تىزىم:2011-04-08
      كىرىشى: 2011-06-16
    4- قەۋەت  |يوللانغان ۋاقت: 2011-04-12 20:27

    مەن بۇ كىشىنىڭ ئەسەرلىرىنى بەكمۇ سۈيۈپ ئوقۇيمەن دېسە.

    kamal
    دەرىجە: يېڭى ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى

      تىزىم نۇمۇرى: 604

      جىنسى: يوشۇرۇن
    ئۇنۋان:يېڭى ?????????6????
    ئۆسۈش: 6%
      نادىر تىما: 0

      يوللانما: 6
      تۆھپىسى: 0
      پۇلى: 6 ياۋرۇ
      شۆھرىتى: 0
      ياخشى باھا: 6
     مۇنبەردىكى ۋاقتى: 2سائەت
      ھالىتى:
      تىزىم:2011-05-26
      كىرىشى: 2011-06-08
    5- قەۋەت  |يوللانغان ۋاقت: 2011-05-27 14:02

    بوزقىرئەپەندىنىڭ يازمىسى مېنى چوڭقۇر ئويغا سالدى....مۇشۇنداق ئەسەرلەرنىڭ كۆپىرەك يولىنىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن.

    مەدىنە
    ئەسلىڭنى ئۇنۇتما
    دەرىجە: ئالىي ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى

      تىزىم نۇمۇرى: 195

      جىنسى: يوشۇرۇن
    ئۇنۋان:دائىملىق ?????????143????
    ئۆسۈش: 47.67%
      نادىر تىما: 1

      يوللانما: 143
      تۆھپىسى: 18
      پۇلى: 209 ياۋرۇ
      شۆھرىتى: 26
      ياخشى باھا: 174
     مۇنبەردىكى ۋاقتى: 41سائەت
      ھالىتى:
      تىزىم:2011-03-14
      كىرىشى: 2011-09-07
    6- قەۋەت  |يوللانغان ۋاقت: 2011-05-27 15:48

    ئەسەرنىڭ بىشىنى ئوقۇپ،نۇرغۇن ئوي پىكىرگە كەلگەن ئىدىم،ئەمما ئوتتۇرىسىغا كىلىپ ئويلىغانلىرىمنىڭ ھەممىسنىڭ شەرھىلەنگەنلىكىنى كۆردۈم،تولىمۇ سۆيۈندۈم،قىلغىدەك پىكىرىمنىڭ قالمىغانلىقىنى ھىس قىلىۋىدىم،ئايىغىغا كىلىپ ھەممىسنىڭ تولىمۇ ئىسىل سۆزلەر بىلەن يىغنچاقلانغانلىقىنى كۆرۈپ قەلەم ئىگىسىگە تولىمۇ چوڭقۇر ھۆرمىتىم ئاشتى.تولىمۇ سۆيۈندۈم،ئالدى بىلەن سىزگە چىن قەلبىمدىكى ھۆرمىتىمنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرلىكتە ئۇستازنى ھۆرمەتلەش توغۇرسىدىكى بەزى بايانلارغا خەلىقىمىزنىڭ شۇنداقلا جەمئىيەتتىكى بىر قىسىم كىشلىرىمىزدىن ئاڭلىۋالغان بىر پىكىرنى دەپ قويغۇم كىلىۋاتىدۇ.ئەسلىمۇ ھۆرمەتكە قاتتىق سازاۋەر بولوشقا تىگىشلىك كىشى ئۇستاز بولىشى، ئۇ كىشنىڭ ھۆرمىتى ھەرگىز سالاپىتى ۋە ياكى مال مۈلىكى بىلەن ئەمەس، ئىلىمى بىلەن ھۆرمەتكە سازاۋەر بولىشى مىڭ ھەقلىق ئىدى.ئەپسۇسلىنىدىغنىم شۇ ھۆرمەت ئىگلىرىنىڭ ئۆز سۈپىتىنى ئۆز ئىش ئەمەللىرى بىلەنلا يۇيىۋىتىپ،«موللام ھەممىنى بىلدۇ،بىرىپ كۆلگە سىيدۇ»دىگەندەك قىلىپ ئۆز ئابرويىنى چۈشۈرۋىتىپ بىرىشى ھەممە ئەقىل ئىگىسى بولىمىش مۇنبەرداش ھەم تورداشلارغا ھازىر بەك ئىنىق بوپ قالغان ئەھۋال بولىشى مىنى بەكلا، بەكلا ئۈمۈتسىزلەندۈرىدۇ،ئەمما ئۇستازىمىز مەيلى قانداق ئادەم بولىشىدىن قەتتىينەزەر كەلگۈسى ئەۋلادى بولىمىش بىزلەرمۇشۇ «دۈمبە روھى»نى ئۆزىمىزدە نامايەن قىلساقلا،چۇقۇم ئاللاھمۇ بۇنىڭدىن رازى بولىدۇ،ھەم ئۇستازلىرمىزمۇ بىزلەردىن رازى بولىدۇ.تىما ئىگىسىگە كۆپ تەشەككۇر. مۇشۇنداق بۆلگۈچ خارەكتىردىكى تىمىلىرڭىزدىن داۋاملىق بەھىر ئىلىپ تۇرۇشنى ئىستەيمەن.