ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1901 قېتىم كۆرۈلدى
«12»Pages: 1/2     Go
تېما: قىز بالىمۇ ئوخشاشلا ئۇلۇغ (ۋاپادارىم912)
ۋاپادارىم912
جىم تۇرما يۈرەك
دەرىجە: باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى

  تىزىم نۇمۇرى: 36

  جىنسى: يىگىت
ئۇنۋان:دائىملىق ?????????179????
ئۆسۈش: 59.67%
  نادىر تىما: 9

  يوللانما: 179
  تۆھپىسى: 135
  پۇلى: 725 ياۋرۇ
  شۆھرىتى: 181
  ياخشى باھا: 409
 مۇنبەردىكى ۋاقتى: 39سائەت
  ھالىتى:
  تىزىم:2011-02-20
  كىرىشى: 2011-09-11
0- قەۋەت  |يوللانغان ۋاقت: 2011-07-02 01:36

قىز بالىمۇ ئوخشاشلا ئۇلۇغ (ۋاپادارىم912)

تېلېفون قىپتۇ بۇرادەرلىرىم ،
يىغىلىدۇق دەپ كەچلىك بازارغا ،
تەربىيىلىك سورۇنىمىزدىن ،
كېلىپ قالدى "ئىلھام " يازارغا .
 
تورداشلىرىم قېنى مەرھەمەت ،
باراتجاننىڭ ھېكايىسىگە  .
قېنى سىزمۇ باھا بېرەرسىز ،
ئوقۇپ بولۇپ -  ئىدىيىسىگە  .
 
رەپىقىسى  بارات دوستۇمنىڭ
بوشىنىپتۇ ئىككى كۈن ئاۋۋال  .
قىز بوۋاقنى كۆرۈپ دوستىمىز ،
سۈرۈپتىمىش ئېگىز-پەس خىيال .
 
نېمىشقىمۇ ئۇلۇغ خۇدايىم ؟
قىلمىغانسىز بالامنى ئوغۇل .
باشلىرىمغا ئېلىپ كۆتۈرۈپ ،
مىندۈرەتتىم ئەمەسمۇ دۇلدۇل .
 
-قىز بالا ئۇ  خەقنىڭ ئادىمى ،
بوپ كەتسىمۇ ئاسمانغا تۈۋرۈك .
ئوغۇل دېگەن ئەلگە يار بولۇپ ،
ياسىمامدۇ  دەرياغا كۆۋرۈك .
 
خوتۇنىمدىن شۇڭا خاپىمەن ،
-دەپ تۆكتى ئۇ بىزگە  "دەردىنى" .
بۇرادەرلەر گەپنى  باشلىدۇق ،
تىڭشاپ بولۇپ ئۇنىڭ "ئەرزىنى."
 
-ئەزىز قىلدى ئىنساننى ئاللاھ ،
قىز بالىمۇ ئوخشاشلا ئۇلۇغ.
روزى موللا* "ئۇيغۇرنى "ساتتى  ،
رىزۋانگۈللەر كۆتۈردىغۇ تۇغ !
 
مەيلى ئوغۇل مەيلى قىز بولسۇن ،
ھەر ئىككىسى بىر بۈيۈك نىئمەت .
بىلگىن دوستۇم ئانا بوپ قىزلار  -
-مىللەت ئۈچۈن تۇغىدۇ ئەزىمەت !
 
ئەقىدىمىز ،پەرۋىشىمىزدىن ،
يېتىلگۈسى  ئىنسانغا لايىق ،
پەرزەنىتلەر بولسۇن،ئىلاھىم -
-مىللىتى ۋە دىنىگە سادىق !

كاللىسىدىن ئۆتۈپ دوستۇمنىڭ ،
مېڭىپ كەتتى دوختۇرخانىغا .
بۇ گەپلەرنى قىلىپ قويۇڭلار ،
يەنە بولسا باراتجانلارغا ............

* روزى موللا -ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنى دۈشمەنلەرگە ساتقان كىشى .
 

2011-يىلى 6-ئاينىڭ 30-كۈنى كەچ 10 دا :
 شەھرى بورتالادا ۋاپادارىم خانىسىدە يېزىلىپ بېقىلدى .
[ ئەلتېكىنتەرىپىدىن2011-07-03 16:44قايتا تەھرىرلەندى ]

-سىز كۆرۋاتقان تىما قىز بالىمۇ ئوخشاشلا ئۇلۇغ (ۋاپادارىم912),دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز بىر تۆھپە قوشۇلۇپ ،دەرىجىڭىز تېز ئۆسىدۇ
تېما ئادىرسى:
بۇ يازمىنىڭ باھالىنىش ئەھۋالى:
  • پۇلى:+30(ئۈمىديار) ئىسىل يازما
  • چېكىنىش- ۋاز كېچىش ئەمەس !
    ئۈمىديار
    ئەرنىڭ غىمى ئەلدە....
    دەرىجە: ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

    ئەزا ئۇچۇرى

      تىزىم نۇمۇرى: 5

      جىنسى: يىگىت
    ئۇنۋان:دوستانە ?????????401????
    ئۆسۈش: 66.83%
      نادىر تىما: 2

      يوللانما: 401
      تۆھپىسى: 72
      پۇلى: 555 ياۋرۇ
      شۆھرىتى: 100
      ياخشى باھا: 536
     مۇنبەردىكى ۋاقتى: 200سائەت
      ھالىتى:
      تىزىم:2011-02-17
      كىرىشى: 2011-09-11
    1- قەۋەت  |يوللانغان ۋاقت: 2011-07-02 01:45

    قىز بالىنى پەس كۆرىدىغانلار  ئانىسىنى نىمە دەپ ئويلار...
    مەن تۇنجى بۇلۇپ ئوقۇپتىمەن

    مەنمەنچىگە نەسىھەت قىلغان ئادەمنىڭ ئۆزى نەسىھەتكە مۇھتاج.
    چۆل~ئوغلى
    مۆھتىرەم ئۇستاز
    دەرىجە: ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

    ئەزا ئۇچۇرى

      تىزىم نۇمۇرى: 539

      جىنسى: يوشۇرۇن
    ئۇنۋان:رەسمىي ?????????82????
    ئۆسۈش: 82%
      نادىر تىما: 0

      يوللانما: 82
      تۆھپىسى: 41
      پۇلى: 164 ياۋرۇ
      شۆھرىتى: 82
      ياخشى باھا: 164
     مۇنبەردىكى ۋاقتى: 41سائەت
      ھالىتى:
      تىزىم:2011-05-18
      كىرىشى: 2011-09-12
    2- قەۋەت  |يوللانغان ۋاقت: 2011-07-02 08:28

         مىللىەت باتۇر ئەزىمەتلەرگىلا ئەمەس يەنە شەرمىي ھايالىق ، ساپ ۋىژدانلىق قىزلارغىمۇ مۇھتاجدۇر .
         ئىجادىيىتىڭىزگە ئۇتۇقلار تىلەيمەن .

    ئاگرانوم
    خىيال ماڭا ھەمرادۇر.
    دەرىجە: يېڭى ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى

      تىزىم نۇمۇرى: 651

      جىنسى: يوشۇرۇن
    ئۇنۋان:رەسمىي ?????????50????
    ئۆسۈش: 50%
      نادىر تىما: 0

      يوللانما: 50
      تۆھپىسى: 10
      پۇلى: 70 ياۋرۇ
      شۆھرىتى: 23
      ياخشى باھا: 70
     مۇنبەردىكى ۋاقتى: 7سائەت
      ھالىتى:
      تىزىم:2011-06-05
      كىرىشى: 2011-07-05
    3- قەۋەت  |يوللانغان ۋاقت: 2011-07-02 09:58

    تەشەكۈرلەر بولسۇن ئېزىز تورداش. قىز بالىمۇ ئوخشاشلا ئۇلۇغ دىگەن بۇ مىسرالىرىڭىزنى كۆرۈپ ، ھاياجاندىن كۆزلىرىمگە ئىسسىق ياشلار كەلدا ھەجەپ...

    ئەلتېكىن
    ئىمزا ئىچىمنى ئاچچىق قىلدى...
    دەرىجە: ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

    ئەزا ئۇچۇرى

      تىزىم نۇمۇرى: 49

      جىنسى: يىگىت
    ئۇنۋان:ياخشى ?????????295????
    ئۆسۈش: 98.33%
      نادىر تىما: 1

      يوللانما: 295
      تۆھپىسى: 41
      پۇلى: 378 ياۋرۇ
      شۆھرىتى: 75
      ياخشى باھا: 373
     مۇنبەردىكى ۋاقتى: 97سائەت
      ھالىتى:
      تىزىم:2011-02-25
      كىرىشى: 2011-09-12
    4- قەۋەت  |يوللانغان ۋاقت: 2011-07-02 12:13

    بىرەر قېتىم ئاچ قېلىپ باقمىغانلار، ئاشلىقنىڭ قەدرىنى ھىس قىلالمايدۇ؛
    ساغلاملىقتىن ئايرىلىپ باقمىغانلار ، ساغلام يۈرۈشنىڭ قەدرىنى بىلمەيدۇ؛
    پەرزەنتلىك بولۇشتىن مەھرۇم بولمىغانلار ، پەرزەنتلىك بولۇشنىڭ قەدرىنى بىلمەيدۇ.

        دۇنيا ئوغۇل ۋە قىزلارغا ئوخشاشلا مۇھتاج، تېنى ساغلام، ئەقلى كامىل، غورۇر ۋىجدانلىق ، شەرمى-ھايالىق بولسلا، پەرزەنتىڭىز بولغىنىغا خۇش بولۇڭ !

    قوشقارنىڭ كەينىگە يانغىنى قورققىنى ئەمەس._ ئەلتېكىن
    يۇرتۇغ
    باللىرىم بارلىغىم سىلەر ئۈچۈن !
    دەرىجە: ئالىي ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى

      تىزىم نۇمۇرى: 10

      جىنسى: يوشۇرۇن
    ئۇنۋان:ياخشى ?????????208????
    ئۆسۈش: 69.33%
      نادىر تىما: 0

      يوللانما: 208
      تۆھپىسى: 35
      پۇلى: 285 ياۋرۇ
      شۆھرىتى: 74
      ياخشى باھا: 285
     مۇنبەردىكى ۋاقتى: 29سائەت
      ھالىتى:
      تىزىم:2011-02-17
      كىرىشى: 2011-09-10
    5- قەۋەت  |يوللانغان ۋاقت: 2011-07-02 13:00

    ئۇيغۇرلار  بۇرۇندىن ئاياللارنى ئۇلۇغ  بىلەتتى  ،لېكىن يىقىنىقى تارىختىن بۇيان ئاياللارنى پەس  كۆرىدىغان ئادەتنى يېتىلدۈرىۋالدى ، خۇددى ئەرەب مۇشىرىكلىرىدەك

    سەھرالىق
    پىداكار
    دەرىجە: ئالىي ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى

      تىزىم نۇمۇرى: 12

      جىنسى: يوشۇرۇن
    ئۇنۋان:دائىملىق ?????????152????
    ئۆسۈش: 50.67%
      نادىر تىما: 0

      يوللانما: 152
      تۆھپىسى: 4
      پۇلى: 162 ياۋرۇ
      شۆھرىتى: 8
      ياخشى باھا: 162
     مۇنبەردىكى ۋاقتى: 57سائەت
      ھالىتى:
      تىزىم:2011-02-17
      كىرىشى: 2011-09-07
    6- قەۋەت  |يوللانغان ۋاقت: 2011-07-02 14:44

    ئەستەخپۇرۇللا يانا ئىنكاس يېزىشقا زورلاپ قويدى بۇ شىېر.
    ھەقىقى ئەركەك : ئانىسىنى قەدىرلەيدۇ ،ئايالىنى ھۆرمەت قىلىدۇ ئاسرايدۇ،ھەمشىرلىرىنى توغرا يولغا باشلايدۇ ھەم قوغدايدۇ،قىزلىرىنى ئىمان- ئىتىقاتلىق شەرمى-ھايالىق، تىرىشىپ ئۈگۇنۇپ مىللەت ئالدىدا ئۆزبۇرچىنى ئاداقىلىدىغان ۋىجدانلىق پەرزەنىتلەنى تەربىيلەپ ئۇيغۇرغا سوغا قىلىدۇ .
    بۇنداق ئەركەكلەر اللاھنى تەسىرلەندۇرۇپ ،اللا خالىسا ئۆزى ئۈچۇن جەننەتتىن ئورۇن ھازىرلىغان بولىدۇ!

    ۋاپادارىم912
    جىم تۇرما يۈرەك
    دەرىجە: باشقۇرغۇچى

    ئەزا ئۇچۇرى

      تىزىم نۇمۇرى: 36

      جىنسى: يىگىت
    ئۇنۋان:دائىملىق ?????????179????
    ئۆسۈش: 59.67%
      نادىر تىما: 9

      يوللانما: 179
      تۆھپىسى: 135
      پۇلى: 725 ياۋرۇ
      شۆھرىتى: 181
      ياخشى باھا: 409
     مۇنبەردىكى ۋاقتى: 39سائەت
      ھالىتى:
      تىزىم:2011-02-20
      كىرىشى: 2011-09-11
    7- قەۋەت  |يوللانغان ۋاقت: 2011-07-02 17:12

    ئايالىدىن قىز تۇغدى دەپ باتناپ يۈرگەن باراتجانلارغا نەدە بولساق ،نەدە كۆرسەك مۇشۇ ئىنكاسلاردىكى  تەربىيىلەرنى قىلىپ قويايلى .

    چېكىنىش- ۋاز كېچىش ئەمەس !
    ئىمران
    دەرىجە: باشقۇرغۇچى

    ئەزا ئۇچۇرى

      تىزىم نۇمۇرى: 190

      جىنسى: يىگىت
    ئۇنۋان:ياراملىق ?????????329????
    ئۆسۈش: 54.83%
      نادىر تىما: 0

      يوللانما: 329
      تۆھپىسى: 38
      پۇلى: 1041 ياۋرۇ
      شۆھرىتى: 85
      ياخشى باھا: 411
     مۇنبەردىكى ۋاقتى: 99سائەت
      ھالىتى:
      تىزىم:2011-03-13
      كىرىشى: 2011-09-11
    8- قەۋەت  |يوللانغان ۋاقت: 2011-07-02 18:08

    بىر كۈنى باشقا بىر شەھەردىكى ساۋاقدېشىمغا تېلفۇن قىلىپ ئەھۋال سورىسام،ئۇ ئايالىنى پالان نېمىدىن بىرنى تۇغۇپتۇ ئاۋۇ پالانچى دەپ بەك سەت تىللاپ كەتتى.ھەيران قالدىم.ئۆزى خېلى ئۇقۇمۇشلۇق ئائىلىدە چوڭ بولغان،چوڭ شەھەرلەردە بىز بىلەن بىللە ئوقىغان،باشقىلارنى ئەقىلسىز دەپ كايىپ تەربىيە قىلىدىغان بالا ئىدى.ئەمدى بۇ كۈنگە كەلگەندە تېخى بىرىنجى بالىسىنى ئانىسى بىلەن قوشۇپ ئاغزىنى بۇزۇپ تىللىغىنى مېنى ھەيران قالدۇردى.
          
              بۇ يەردە ئۆزۇمنى ماختىۋالاي.
                  مېنىڭ ئىككى بالام بار.بىرى قىز، يەنە بىرىمۇ قىز. اللە بەرگەن.
                       ئايالىم يېڭى بوشانغان بىر كۈنى ماڭا :ئوغۇل تۇغىمەن دىسەم يەنە قىز بوپ قالدى.مەن چوقۇم سىزگە ئوغۇل تۇغۇپ بېرىمەن دەپ يىغلاپ كەتتى.مەن ئۇنىڭغا ئون قىز تۇغۇپ بەرسەڭمۇ مەن اللەنىڭ بەرگىنىگە رازى.تېنى ساق،ئەقلى كامىل،ئۆزىنى تونۇيدىغان مۇسۇلمان بوپ چوڭ بولسىلا ماڭا كۇپايە دەپ تەسەللى بەردىم.
                     ماختانغاچ سېلىشتۇرغۇم كەپ قالدى،تورداشلار.
    ئاخىرىدا تېما ئىگىسىگە مەدەت تىلەيمەن.ھارماڭ.

    كۆزۇڭنى ئاچ
    قەدىناس
    قەدىناس
    دەرىجە: يېڭى ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى

      تىزىم نۇمۇرى: 584

      جىنسى: يىگىت
    ئۇنۋان:رەسمىي ?????????32????
    ئۆسۈش: 32%
      نادىر تىما: 0

      يوللانما: 32
      تۆھپىسى: 5
      پۇلى: 42 ياۋرۇ
      شۆھرىتى: 10
      ياخشى باھا: 42
     مۇنبەردىكى ۋاقتى: 10سائەت
      ھالىتى:
      تىزىم:2011-05-25
      كىرىشى: 2011-08-19
    9- قەۋەت  |يوللانغان ۋاقت: 2011-07-02 23:09

    بۇ شئېرنى بەكلا جايىدا يىزىپسىز. پەرزەنتىمىز مەيلى قىز ياكى ئوغۇل بولسۇن ،ئۇ بىزگە اللانىڭ ئاتا قىلغان ھىممىتى. بىز ئۇلارنى ياخشى تەربىلەيلى ھەم ئولۇغ اللادىن ئىنساۋىنى تىلەيلى!