ئارىمىزدا، «ئىنسانىيەت جەمئىيىتىدىكى 100 مەشھۇر كىشى» دېگەن كىتابنى ئوقۇمىغانلار ئاز بولسا كېرەك. غەرب تۇپرىقىدا ئۆسكەن، يەنە تېخى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلمايدىغان ئاشۇ بىر ئالىم چېغىدا، ئىلمىي ئىزدىنىش روھىنىڭ تۈرتكىسىدە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامنىڭ ئەقلى، ئەخلاقى ۋە ئىنسانىيەتكە كۆرسەتكەن تەسىرىنى بىر قەدەر لىللالىق بىلەن مۇئەييەنلەشتۈرگەن. گەرچە بىر غەيرى مۇسۇلمان بولۇش سۈپىتى بىلەن، باھالاش جەريانىدا دەرىجىگە كىرگۈزگەن پەيغەمبەرلەرنىڭ بارلىق ئۇتۇقلىرىنى ئاللانىڭ ياردىمىدىن ئايرىپ قارىغانلىقىدەك خاتالىقنى سادىر قىلغان بولسىمۇ، لىكىن پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھەممە تەرەپلەردە نەمۇنە بولۇشقا مۇناسىپ كىلىدىغان، ئىنسانىيەتنىڭ سەر خىلى ئىكەنلىكىدەك ھەقىقەتكە كۆز يۇممىغان.
ئويلاپ قالدىم، ئەگەر ئىنسانىيەت جەمئىيىتىدە ياشاپ ئۆتكەن يەككە شەخسنى ئەمەس، بەلكى بىر پۈتۈن مىللەتنى باھالىغان بىرەر ئەسەر ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈلسە، بىز مۇسۇلمان مىللەتلىرى قانچىنجى ئورۇنغا چۈشۈپ قالارمىز؟
دەرۋەقە، مۇسۇلمانلار جامەسى قارا قىسمەتلەرگە يۇلۇققان كۈندىن تارتىپ، بىر بۆلۈك سەگەك كىشىلەر ئارقىدا قېلىشنىڭ سەۋەبلىرىنى ئىزدەشتىن توختىغان ئەمەس. بىراق، گەرچە ئاشۇ دانىشمەنلەر مۇسۇلمانلارنى «ئوراتسىيە» قىلىپ، بەزىبىر «كېسەللىكلەر»نى تاپتىم دەپ ئويلىغان ھەم ئۇنىڭغا لايىقىدا داۋالاشنى قىلغان بولسىمۇ، «ئارقىدا قېلىش»تىن ئىبارەت كېسەللىكتىن تېخىچە قۇتۇلالمىغىنىمىز راست. يەنە شۇ ئاچچىق قىسمەت، شورلۇق تەقدىر بىزنىڭ ئۈلپىتىمىز بولۇپ كەلدى! نادانلىق، نامراتلىق، خورلۇق ۋە مەھكۇملۇق دەدرىدە نەچچە ئەۋلاد مۇسۇلمان ئۈممىتى ياشلار تۆكتى، قانلار تۆكتى، قايتىدىن ئويلىدى، قايتىدىن باشلىدى…بەزىدە سۇئال ۋە تەدبىرلەر يېڭىلانغان بولسىمۇ، ئەمما نەتىجە يەنىلا يېڭىلانمىدى!
ئاچچىقراق ئېيىتقاندا:
ئاللانىڭ غەزىپىگە يولۇققان يەھۇدىيلار ياخشى كۈنگە ئۇلاشتى-يۇ، ئاللانىڭ رەھمىتى تۆكۈلىدىغان مۇسۇلمانلار يەنىلا خار-زار يۈردى!
سوغۇق رىئاللىقىمىزغا ئازاپلىق خىياللاردا باقىدىغان كىشىلەر ئۈزۈلمەي كىلىپ تۇردى. شۇلاردىن بىر بۈلۈكلىرى «بىدئەت ئىشلار دۇئالىرىمىزنى كۆككە يەتكۈزمىدى» دېگەن خۇلاسىگە كەلگەن بولسا، بىر بۈلۈكلىرى «شەك-شۈبھىلىك تائاملار روھىمىزنى چىرىتتى» دەپ ئويلىدى. يەنە بىر بۈلۈكلىرى بولسا، «ئاللانىڭ بۇيرۇقىغا لايىقىدا ئەمەل قىلمىدۇق، ئۇنىڭغا يىتەرلىك قۇلچىلىق قىلالمىغاچقا، ئاللا تەرىپىدىن تاشلىۋىتىلدۇق» دەپ خۇرسىندى!
مەسىلىنىڭ باش ئۇچىغا قارايدىغان بولساق، پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام ۋاپاتىدىن كىيىنلا يۈز بەرگەن جىدەل-ماجرا ۋە پىتنە-پاسات كىشىنى تولىمۇ بىئارام قىلىدۇ. پەيغەمبەرنىڭ تەلىمىنى ئۆز قۇلىقى بىلەن ئاڭلىغان ساھابىلارنىڭ بەزى مەزھەپچىلىك، ھوقۇق تالىشىش كۈرەشلىرىگە ئارلىشىپ قېلىشى، ئۆزلىرى تەيىنلىگەن، ئاللا يولىدا ماڭغان ئەبۇ بەكرىدىن كىيىنكى ئۈچ خەلىپىنىڭ كەينى-كەينىدىن ۋاپات بولۇشىغا ھەم شۇنىڭغا ئۇلىشىپ كەلگەن ئىچكى ئۇرۇشلارغا تاقابىل تۇرالماسلىقى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام ناھايىتى ئامراق ھەسەن، ھۈسەننى تالاپەتتىن قوغداپ قالالماسلىقى ئادەمنى گاڭگىرىتىپ قويىدۇ!
ئەجەبا، ئۇلارنىڭ دەۋرىدە بىدئەتلەر بارمىدى؟
ئۇلارمۇ بىزگە ئوخشاش شۈبھىلىك يېمەكلىك ئىستىمال قىلغانمۇ-يا؟
ياكى ئاشۇ تارىختىن بېرى نامى نۇرلىنىپ كەلگەن ساھابە ۋە تابىئىنلار ئىبادەتتە بىزدىن بەتتەر سۇسمىدى؟
قارىغاندا، بۇ يەردىكى مۇھىم مەسىلە، قانداقتۇر ئىبادەت، يىمەك-ئىچمەك ۋە تەقۋالىقتىكى مەسىلە ئەمەستەك قىلىدۇ. ئەگەر مەسىلە شۇنداق بولىدىغان بولسا، ئىسلامنىڭ ئەڭ ئۈلگىلىك، قالتىس ئېتىقادلىق كىشىلىرى ياشىغان دەۋرىدە، ئىسلام تارىخىدىكى ئەڭ ئەجەبلىنەرلىك ۋە ئازابلىنارلىق ۋەقەلەر ئوتتۇرغا چىقمىغان بولاتتى. ئويلاپ باقايلى : مۇسۇلمانلار تارىخىدا يۈز بەرگەن ئەشۇنداق سەۋەبى دەھشەت غەلىتە ۋە نەتىجىسى كىشىنى ئىنتايىن نومۇسقا قويىدىغان ۋەقەنىڭ ئوخشىشى قايسىبىر ئەلدە ياكى مىللەتتە تېپىلار؟ يەنە كىلىپ ئەشۇ ۋەقەلەر ئىسلامنىڭ ئوبرازىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان ئېسىل سۈپەتلىك كىشىلەرنىڭ دەۋرىدە يۈز بەردىغۇ!
بەلكىم، ئىلگىرى مۇسۇلمانلار ئارىسىدا ھەقىقىي مەسىلىنى تېپىپ، ئۇنى ھەل قىلىشنىڭ ئۇسۇلىنى بىلگەنلەر ھەم دېگەنلەرمۇ ياشاپ ئۆتكەندۇ. لىكىن دۆلەتتىكى مۇستەبىت تۈزۈم بىلەن شۇ خەلقتىكى مۇستەبىت ھېسىياتنىڭ چەكلىمىسى تۈپەيلى ئوتتۇرىغا چىقمىغان ياكى ساقلىنىپ قالمىغان بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى كىشىلەرنىڭ كونىلىققا كۆنۈك دىللىرى يېڭىلىقنى قۇبۇل قىلالمىغاچقا، قاچانكى بىرى كىشىلەرگە نىسبەتەن يېڭىچە بىر خىل ئىدىيەنى ئوتتۇرىغا ئېلىپ چىقىدىكەن، ئۇ ھامان چەتكە قېقىلغان، ئەيىپلەنگەن، ھەتتا ئېغىر جازالانغان.
ھازىرقى كىشىلەر ئارقىدا قېلىش ھەققىدە بەك پاساھەتلىك سۆزلەرنى قىلىدۇ، ئىلگىرىلەش ھەققىدە دەبدەبىلىك پىلانلارنى تۈزىدۇ. لىكىن مەن ئۇلارنىڭ تىرىشچانلىقى بۇرۇنقىلارنىڭ تىرىشچانلىقىدەك نەتىجىسىز بولارمۇ دەپ ئەنسىرەيمەن. چۈنكى ئۇلارنىڭ بۇ ھەقتە ئېيىتقانلىرى ئاساسەن ئەجدادلار ئاللىبۇرۇن سىناپ چوڭ نەتىجە قازىنالمىغان ئۇسۇل ۋە تەدبىرلەردۇر. پەيغەمبەر زامانىدىن كېيىن يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنىڭ خاراكتىرىدىن قارىغاندىمۇ، مۇسۇلمانلاردا ئېتىقادقا ياتىدىغان چوڭ سەھۋەنلىك كۆرۈلمىگەن. قارمۇ-قارشى قۇتۇپقا بۆلۈنۈپ، بىر-بىرى بىلەن قان تۆكۈپ ئۇرۇشقان ئاشۇ كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئۆزىنى ھەقىقەت تەرەپدارى دەپ ئويلىغان ھەم شۇنىڭغا قاتتىق ئىشەنگەن. ساھابىلەر دەۋرىدىكىدەك مۇستەھكەم ئېتىقاد ھېچبىر زاماندا بولمىغان ئىكەن، شۇ دەۋىردە يۈز بەرگەن ئىختىلاپ، بۆلۈنۈش ۋە چىكىنىشلەرنى قانداقمۇ ئېتىقادنىڭ مەسىلىسى دەپ ئېيتالايمىز؟!
ئاڭلىشىمچە، يەھۇدىيلار داۋۇت ئەلەيھىسالامنىڭ پادىشاھلىقىدىن كىيىنكى پارچىلىنىش ۋە خاراپلىشىش تارىخىنى تا ھازىرغىچە ھەيرانلىق ئىچىدە ئەسكە ئالىدىكەن. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، يەھۇدىيلار خۇدا بىلەن ئەھدە تۈزگەن- «يەھۇدىيلار خۇدانىڭ يولىدا ماڭسا، خۇدا ئۇلارغا نۇسرەتنى ۋە شەرەپنى ۋەدە قىلغان. ئەجابا، بىز يەھۇدىيلار يەنە نېمىشقا شۇنچە ئۇزۇنغا سوزۇلغان زۇلمەتلىك كەچۈرمىشنى باشتىن ئۆتكۈزىمىز؟ خۇدا نېمىشقا بىزنى تاشلاپ قويىدۇ؟ بىز قايسى ئىشتا خاتالىق سادىر قىلدۇق؟ قايسى ئىشتا خۇدانى رەنجىتتۇق؟» يەھۇدىيلار ئۆزلىرىدىن مانا مۇشۇنداق سۇئاللارنى ھەمىشە سوراپ تۇرغان بولغاچقا، ئۇلارنىڭ سۇئاللىرى ئۇلارنى ئۆزلىرى ھەققىدە چوڭقۇر ئويلىنىشقا، ئۆزلىرىدىكى سەھۋەنلىكلەرنى بايقىغان ھامان تۈزىتىشكە ئۈندىگەن ئىكەن. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئۆتكەن دانىشمەنلەر ھەم شۇ تۈردىكى سۇئاللار ئۈستىدە ئەتراپلىق ئىزدىنىپ، ھەر خىل پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىكەن. يەھۇدىيلارنىڭ تەرەققىي تاپقان بۈگۈنى ئەنە شۇنداق خىلمۇ-خىل پىكىرلەر ئارىسىدىكى ھەقىقەتكە يىقىن بولغانلىرىنىڭ ئۇلارغا ماياكلىق رولىنى ئوينىغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى تەبىئىي.
خوش، بىز مۇسۇلمانلارچۇ؟ قاچان ئۆزىمىزنى ھەقىقىي ئىتراپ قىلىمىز؟ قاچان ئۈنسىز خىياللارغا پىتىپ، كەتكۈزگەن تەرەپلىرىمىز ھەققىدە دادىل ئويلىنارمىز؟…
ئاللانىڭ نەزىرىدە «ئىنسانلارنىڭ كاتتىسى» بولۇشتەك باھاغا مۇناسىپ كەلگەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام ئىنسانىيەت جەمئىيىتى تەرىپىدىنمۇ «بىرىنجى شەخس» دەپ ئېتىراپ قىلىندى. بۇ ئېنىق بولغان ھەم بولماقتا. ئەمدىكى گەپ، ئەنە شۇ بىرىنجى نومۇرلۇق ئىنساننىڭ ئارقىسىدىن مۈگدەپ كىتىۋاتقان ئۈممەتنىڭ دەرىجىسى ئاللانىڭ ۋە ئىنسانىيەتنىڭ نەزىرىدە قانچىنجى بولۇشى مۇمكىن؟ ئۇلار بۇ دۇنيادا باشقا ئۈممەتلەر ۋە مىللەتلەر ئالدىدا ققانچىلىك ئېتىبارغا ئېلىندى؟ ئۇ دۇنياغا بارغاندا ئۆزىنىڭ يولباشچىسى ئالدىدا قانداق «شەرەپ»لەرنىڭ ساھىبى بولار؟ ئۇلار زادى ئۆزلىرىگە بېرىلگەن نۇرلۇق كىتابقا، ئەۋەتىلگەن يۈكسەك ئەلچىگە يۈز كىلەلەرمۇ؟
(ئەسكەرتىش: باشقا تور بەتلەرگە چاپلىماڭ!)
[ مېھرىگىياھتەرىپىدىن2011-07-02 13:18قايتا تەھرىرلەن ]