ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 774 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: چەتئەل شېئىرللىرىدىن تەرجىمىلەر
ئۆلۈمگە قاراپ ماڭدىم
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 731
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 69
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە69دانە
تۆھپىسى: 9
پۇلى: 217 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 18
ياخشى باھا: 87
توردا: 12(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-07-03
ئاخىرقى: 2012-02-13
0- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-07-03 17:43

چەتئەل شېئىرللىرىدىن تەرجىمىلەر

                                                            تەرجىمە شېئىرلار   


                                                     چىلتار
 
لېرمانتوف      
 
 
ئەزرائىل ئېلىپ  ئەزىز جاننى ،
ياتسىمۇ ياۋا ئوتلار ئاستىدا مۇردام ،
ئايلىنىپ لىۋىڭدىكى لەرزان كۈيگە ،
 بېرىمەن يەنىلا دىلىڭغا ئارام .
قىز _ يىگىتلەر ئەمدە بۇ بەزمىدە
روھىيمغا ئاتاپ كۆتەرمەيدۇ   جام .
ئېلىپ قويغىن چىلتارىمنى قولۇڭغا ،
ئۇنىڭسىز كۈنلىرىم قىلمايتى داۋام .
 
2
ئېسىپ قويغىن ئۇنى دېرىزە يېنىغا ،
كۈز شامىلى سۆيۈپ ئۆتسە مەڭزىگە ،
سادا بەرسىن مۇڭلۇنۇپ تازا ،
چېلىنىپ بۇرنقى كۈي_  پەدىگە .
تۇرسىمۇ بۇرۇن ئۇ جاراڭشىپ  ،
ئايلاندى ھازىر قولۇڭدا گاچىغا ،
چۈنكى ئۇنى زوقلۇنۇپ چالغان سۆيگۈنىڭ ،
كەتكەن ئىدى مەڭگۈلۈك ئۇيقىغا .
ھەمرالىرىم يىراقتىن توۋلايدۇ تىنماي
 
 
ئاننا ئاخماتوۋا
ھەمرالىرىم يىراقتىن توۋلايدۇ تىنماي ،
يارلانغان بىر تۇرنا غاقىلدار غېرىپ
ئالتۇنرەڭ كۈزنىڭ نۇرىغا چۆمۈپ ،
بىپايان دالىلار ياتار ئىزلىپ .
 
ئاڭلىدىم قاناتلار شاۋقۇنى ۋە چاقىرشلارنى ،
كارۋىتىمدا يېتىپ يالغۇز ،كىسەلچان .
ئۇ ئاۋازلار كېلىپ يىراق  كۆكلەر قېتىدىن ،
تاغ ـ دالا ، ئورمانلارغا سىڭار خىيالچان .
 
كەلدى پەيتى قاققىن پەر ـ قانات ،
چەكسىز دالا ، دەرياغا قاراپ !
ئېيتالمايسەن ئەمدى سەن ناخشا ،
ئاجىز قولۇڭ سۈرتەلمەس ھەتتا ،
سۈزۈك يېشىڭ تۇرسىمۇ چاقناپ .

تۇنىمايدۇ بۇ ئەتىرگۈلنى ھېچىكىم
 
ئېمىلىي   دېكنىسون(  1928  _1974 )
 
تۇنىمايدۇ بۇ ئەتىرگۈلنى ھىچچىكىم .
ئۇ بەلكىم خارلىقتا قالاتتى ئۇزاق ،
يولدىن ئۇنى تېرىپ ئېلىپ ،
ساڭا سوۋغا قىلىمسام شۇچاق .
پەقەت ئۇنى سېغىنا  بىر ھەسەل ھەرىسى ،
پەقەت بىر كېپىنەك ئالدىراپ
ئۇچۇپ كېلىپ شۇنچە يىراق مەنزىلدىن
تاپار ئارام  بەرگىللىرىنى قۇچاقلاپ .
پەقەت بىر  قۇش  ھەيرانلىقتا  باقار ئۇنىڭغا ،
پەقەت سەلكىن شامالار يىغلار ئاڭا ئاھ ئۇرپ ،
ساڭا ئوخشاش بۇنداق ئاجىز  ،كىچىك ئەتىرگۈل
كېتەر ئىككەن شۇنچە بالدۇر ،ئاسانلا توزۇپ .
 
 

 

Whitman
(ئامېركا )

بۇ يەردىكى ئەڭ ئاجىز ياپىراقلىرىم
 
بۇ يەردىكى ئەڭ ئاجىز ياپىراقلىرىم  ، ئېھتىمال ئۇ مېنىڭ ئەڭ قەيسەر ۋە سەۋرلىك
قىسمىم .
 قىلىپ ماكان ئۇنى  يوشۇردۇم ئىدىيەلىرمنى ، ئاشكارلىمايمەن ئۇلارنى مەن ،
ئەمما ئۇلار مېنى ئاشكارلار تىنماي  ، ھەتتا مېنىڭ بۇرۇنقى يازغان پۈتكۈل شېئىرىلىرىمدەك شۇنچە كەڭ ۋە چوڭقۇر .
 
قېرىلىققا
 
تېنىڭدىن كۆرۈپ ئالدىم ئاشۇ دېڭىزغا يېيىلىپ،  شات قويۇلغان ،
 دەريالىرىم  ئاغزىنى ئۆزەمنىڭ .
 
ھەي قىزلىق پەردىسى ، قىزلىق پەردىسى بار ئادەم
 
ھەي قىزلىق پەردىسى ، قىزلىق پەردىسى بار ئادەم
نىمىشكە مېنى قىلىسەن ئەخماق ؟
ئاھ !  نىمىشكە  بېرىسەن ماڭا شۇنچە قىسقا ھاياجان ھاياجان ؟
نىمىشكە داۋاملاشتۇرمايسەن ،نىمشكە ھازىرنىڭ ئۆزىدىلا  قويىسەن  توختاپ ؟
ھالىقىپ كەتسەڭ ئاشۇ قىسقا دەقىقتىن ئەگەر ،سەن مېنى چوقۇم قويەمسەن ئولتۇرۇپ ؟
 
خاتىرە
نەقەدەر شىرىن ھە ، ئاشۇ ئۆتۈپ كەتكەن ئىشلارنى  جىمجىت ئولتۇرۇپ  ئەسلەش ،
ئۇ گويا چۈشتىكى سەيلە ،سۈكۈتلۈك ئوي  ئىچدىكى بۇرنقى كۈلەڭگە ، ئۇنىڭ ئىچدىكى     سۆيگۈ ،شاتلىق ، شەخس ،سەپەر .


  
 
سېزىمەن بىر ئۆي ماڭا تەۋە
 
 
رايىنېر مارىئا رىلكې (ئاۋىستىرىيە)
 
سېزىمەن بىر ئۆي ماڭا تەۋە ،
ئولتۇرىمەن ئىشكىدا ئۇزاق .
قۇياش پېتىپ زاۋال كەلگەندە ،
قويۇق ئۆسكەن شاخلار كەينىدە ،
چېكەتكىلەر ئېيتىدۇ قۇشاق .
ئوخشار موغ باسقان ئۆگزىسى ،
يېشىل رەڭلىك يۇمشاق سەللىگە .
ھەل بېرلگەن زىچ راملىرىنىڭ
سۈزۈك ،يورۇق ئەينىكى ،
ئوتلۇق سامال يولللار ھامان سەرگە .
تۈن قوينىدا جىمرلىغان يۇلتۇزنى
چۈشلۈرۈمدە تۈتىمەن قول سونۇپ
ئاڭلىنىدۇ كەنىتتىن <<مەريەمگە دۇئا>>.
 نىشانسىز بىر كېپىنكەك يۈرىدۇ ئۈچۈپ ،
ئاپپاق يەسىمەن گۈلى شېغىدا .
بالا چوپان چالىدۇ ئۈشتەك ،
ئۈزلمەستىن ئۆتىدۇ ھارغىن پادا .
سېزىمەن دىل تارام ئۈنلەيدۇ تىنىچ ،
مەن ئاڭلايمەن ئۇنى ئۇيقىدا .
قەبرە   
 
بودىلېر (فىرانسىيە)
 
زېركىشلىك ئۇزۇن كېچىدە ،
مىھرىبان دىن مورتىدەك جىمغىنە ،
ئېلىپ كېلىنىپ قەدىم بىر خارابىگە ،
مەدىھلەنگەن ئۇ تېنىڭ قىلىندى دەپنە .
پاك نۇرلىردا يۇلتۇزلار ئەللەيلەپ ،
ھارغىن كۆزلەرنى ئاستا يۇمغاندا ،
ئۆمۈچۈكلەر ئالدىراش توقۇيدۇ تور ،
يىلانلارمۇ تۇخملايدۇ ئۇۋىدا .
خورلانغان بېشىڭ ئۈستىدىن ئەمدى،
يىل بويى  ئۈزلمەي تۇردۇ ياڭراپ ،
بورىلەرنىڭ ئەنسىز ھۇۋلاشلىرى
ھەم قىلار داۋام كەتسەڭمۇ ئۆلۈپ ، 
جادىگەرنىڭ خۇرسىنىشى ئېچىرقاپ .
ئىشرەتخور بوۋاينىڭ ئىگىز _ پەس سەكىرىش ،
تىمسىقىلىشى قاراقولنىڭ سۇيقەست پىلانلاپ .
ئېرلاندىيەلىكلەرنىڭ ناخشىسى
 
شېللىي (ئېرلاندىيە)
 
يۇلتۇزلار يىتىپ كۆكتىن جاھان ئۇپىقىنى ،
باسسىمۇ  قويۇق تۇمان چەكسىز  زۈلمەت ،
ھەتتا بولۇنۇپ بۈيۈك قەسىرلىرمىز چۈشسىمۇ غۇلاپ ،
مەيۇسلەنمە ئېرلان ،يوقالمىسۇن سەندىن جاسارەت .
قارىغىن ! ئەتىراپ پۈتۈنلەي ئايلىنىپ خارابىگە ،
بوۋىلاردىن  قالغان باغ _ ھويلىلار بولدى گۈمران .
غەلبە قىلىپ دۈشمەن يۇرتتا ئەركىن كېزەر ،
جەڭچىللىرىمىز چۆل _ دالىدا ياتار بېرىپ جان .
ۋەتىنمنىڭ شوخ ،جەلىپكار  تارلىرى ئۈزۈلۈپ ،
پاتتى سۈكۈتكە خوشال _ شات ناخشا ،ئۈسۇللىرى  تامام .
پەقەت ياڭراپ جەڭ ناخشىسى ،ئاڭلىنار قۇلاققا
ئۆلۈم ئارا ئېڭىراش ، قىلىچ ،نەيزە ساداسى تاپماي ئارام .
قەھىرمانلار كەتتى نەگە ؟ ئۇلار مەرتىلەرچە بولدى قۇربان ،
ئۇلار قانلىق  قىر _ دالىدا ھەرگىز بىھۇدە ياتماس ،
بەلكى روھىي ئايلىنىپ بۇران ،چېقىنغا ،
دەيدۇ جاكارلاپ: << سەپداشلار ئالايلى قىساس !>>.
سەنئەت ۋە خەلق
 
ۋېكتور ھيۇگو
 
 
سەنئەت شەرەپ ، خۇشالىق ،
جۇت_ بۇرانلىق تۈنلەردە چېچىپ ئوت _ لاۋا ،
ئىلاھىي قەسىرلەرنى كۆرسەتكەن ئېنىق .
سەنئەت ئالەمنىڭ پارلىق نۇرى ،
ئەكىس ئەتكەن كىشلەر چېھرىدە تازا .
ۋەيا بىر تاڭ ئىلاھ  مەڭزىدىن تامغان ئاستا .
سەنئەت گۈزەل بىر ناخشا
سەمىمىي ،پاك كىشلەر  قالغان ياقتۇرۇپ .
ئۇ تارايدۇ شەھەرلەردىن سەھراغا ،
يىگىت_  قىزلار ئېيتىشار  بىللە ئولتۇرپ.
ئۇ ھەر بىر روھققا تونۇش ، ئورتاق كۈي ،
قىلار داۋام قالماس مەڭگۈ ئۈزلۈپ .
سەنئەت ئىنسانىيەتنىڭ تۇيغۇ - خىيالى ،
تۆمۈر قەپەز ،ئىشكەلەرنى قىلىدۇ گۈمران .
سەنئەت مىھرى يالقۇنىدا ئەل قىلىدۇ كىشنى ،
ھەتتا سىنا  دەرياسىمۇ دولقۇنلايدۇ ئۇ تامان .
ئېزىلگەن قۇللارغا ئۇ بېرىدۇ ھۆرلۈك ،
ئەركىن خەلىقنى قىلار ئۇلۇغ ،قەھىرمان .
ئۇرۇش - جەڭدە يېڭىلمىس خەلىق ،
سۈكۈت ئارا ناخشىلىرىڭ ياڭرىسۇن قەۋەت !
بېقىپ كۆككە ئۈمىت بىلەن تىنماي ئېيت !
يامىرىسۇن شات سادايىڭ يىراققا ھەيۋەت !
ناخشلىرىڭ جاھانىڭ ئارمىنى بىلسەڭ ،
ھەي ئۇلۇغ ،مىھرىبان دوستانە مىللەت .
قەدىرلىك  خەلىق يۈزلۈنۇپ يورۇ ق تاڭ ، قۇياشقا ،
ناخشا ئېيتڭىلار بۇندا كەزسىمۇ تۈن _زاۋال !
ئىش_  ئەمگەكتىن تېپىپ شاتلىق ،ئۇنتۇپ قايغۇنى ،
كونا دەۋىر  _ زاماننى قىلىڭلار مەسغىرە ،ئۇسال !
مۇھەببەتنى كۈيلەڭلار مۇڭلۇق ناخشىدا ،
مەدىھلەڭلار ئەركنى مەردانە خۇشال !
ناخشا ئېيتقىن مۇقەددەس ئىتالىيە !
پولشادىكى خارابە گۈرۈستان
ھەم قىزىل قانغا بويالغان ناپلوس
ھەسرەتلىك فىنگىريە تالىشىۋاتقان جان !
ھەي زالىم شاھ ئەل ئېيتمقاتقا ناخشا ،
غەزەپلەنگەن شىردەك سېلىپ چوقان ...
پەرىشتە
 
پۇشكىن (رۇسىيە)
 
تۇرار غەمكىن پەرىشتە جەننەت ئىشكى ئالدىدا ،
ئالتۇن نۇرلار چاقنايدۇ ئۇنىڭ پاك جىسمىدا .
رەزىل ھەم قوغلاندى شەيتان شۇ پەيىت ،
يۈرەتتى ئۈچۈپ چوڭقۇر دوزاق قوينىدا .
 
گۈناھكار ،ئاسىي روھ تۇساتتىن ،
ئاغدۇرغىنىدا نەزىرنى پەرشتىگە ،
ئىختىيارسىز تۈنجى مەرتە باغرىنى ،
قايناق ھېسيات سالدى چوڭقۇر لەرزىگە.
ئېيتى شەيتان : كەچۈر كەلگىنىمنى  ،بىراق
كۆز  _ كۆز قىلما نۇرلىرىڭنى بىھۇدە ماڭا .
جەننىتىڭگە يوق دىلمدا ھىچ نەپرەت  ،
ھەم زېمىنغىمۇ باقماسمەن بىپەرۋا .
 
تەرجىمگە تەيارلىغۇچى :نۇرمۇھەممەد تۇرسۇن ئالىپ ئوغۇز
 

[ قىرىمتەرىپىدىن2011-07-04 02:48قايتا تەھرىرلەندى ]
ئۆلۈمگە قاراپ ماڭدىم
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 731
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 69
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە69دانە
تۆھپىسى: 9
پۇلى: 217 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 18
ياخشى باھا: 87
توردا: 12(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-07-03
ئاخىرقى: 2012-02-13
1- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-07-04 03:28

مائارىپنىڭ خاراكتېرى ھەققىدە
نۇرمۇھەممەد تۇرسۇن ئالىپ ئوغۇز

مائارىپ كىشىلەرگە ئىنسانىيەتنىڭ بىلىم تەجرىبىلىرىنى يەتكۈزۈشتىن سىرت ئۇ يەنە كىشىلەرگە ئەخلاقى_ پەزىلەت ,ئۆزىنى قەدىرلەش ,ئۆزىنى يارىتىش ,گۈزەللىكنى سۆيۈش ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك روھىنى ئۆگىتىدۇ . .مەيلى ئائىلە مائارىپى بولسۇن ياكى سىستېمىلاشقان جەمئىيەت مائارىپى بولسۇن ئۇ ئىنسان قەلبىدە يورۇقلۇقنى ئاپىرىدە قىلىدىغان بۆشۈك .
  ھەقىقى مائارىپ دەل ئىنساننىڭ خاسلىقىنى يارىتىشقا يول قۇيۇشتىن باشلىنىدۇ . بىز ئۇنى نۇقۇل ئىنسانىيەتنىڭ بىلىم تەجىربىللىرنى يەتكۈزىدىغان شۇنداقلا مەلۇم تۈزۈلمە بەلگىلىگەن قىممەت قاراشقا كىشىلەرنى مەجبۇرلايدىغان سىستېما دەپ قارىساق,ئۇ ھالدا مائارىپ بىلەن تۈرمىنىڭ ھېچ قانداق پەرقى قالمايدۇ .
  تۈرمىنىڭ خاراكتېرىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئۇمۇ مائارىپقا ئوخشاش ئادەم تەربىيىلەشنى ئالدىنقى نىشان قىلىدۇ . تۈرمە جىنايەتچىلەرنىڭ مۇددىئاسىنى ھەرخىل ۋاسىتىلەر بىلەن ئۆزگەرتىشكە تىرىشىپ ,ئۇلارنىڭ ئېڭىنى ئەينى جەمئىيەتنىڭ قىممەت قارشى ۋە ھەركەت ئۆلچىمىگە ئۇيغۇنلاشتۇرىدۇ .مائارىپ ئەركىن ئاساستا كىشىلەرنى تەربىيىلەيدۇ ,تۈرمە تەربىيىلەشنى مەجبۇرى يۈرگۈزىدۇ , بۇ مائارىپ بىلەن تۈرمىنىڭ پەرقى .بۇ ئىككىسىنىڭ ئوخشاشلىق تەرىپى ئادەم تەربىيىلەش .
بىراق ،شۇنى ئېسىمىزدە چىڭ تۇتىشىمىز كېرەككى مائارىپتا تەربىيە ئېلىۋاتقان ۋە ئېلىپ بولغانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ جەمئىيەتنىڭ قىممەت قارىشى ۋە ھەركەت ئۆلچىمىگە پۈتۈنلەي ماسلاشقان ياخشى پۇقرا بولىشى ناتايىن مەسىلەن , بىز گېزىت ۋە تېلېۋىزورلاردىن داڭلىق ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرۈپ چىققان بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ توساتتىن جىنايەت يولىغا ماڭغانلىقى ۋە باشقا قەبىي قىلمىشلارنى قىلغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى ئاڭلاپ تۇرىمىز. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرىۋالالايمىزكى مائارىپنىڭ كۈچى مەلۇم كىشىلەردە ئالاھىدە رول ئوينىسا , بىر قىسىم كىشىلەردە قىلچە رول ئوينالمايدۇ .مۇنداقچە ئېيتقاندا ئۆز مەقسىتىگە لايقلاشتۇرئالمايدۇ . شۇنىڭغا ئوخشاش تۇرمىدى تەربىيەلىنىۋاتقانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ يامان ئادەم بولىشى ناتايىن مەسىلەن, پەلەستىن ئىنقىلابىنىڭ داھىيسى مۇبارەك ئەپەندى ۋە جەنۇبىي ئافرىقا مىللىي ئىنقىلابىنىڭ رەھبىرى ماندىللا ئەپەندى.... قاتارلىق تالاي خەلق پەرۋەر كشىلەر جىنايەت سادىر قىلمىغان بولسىمۇ بىراق, ئۇزاق يىل تۈرمىدىكى تەربىيەنىڭ تەمىنى تېتىغان .ئۇلار مەلۇم جەمئىيەتنىڭ قىممەت قارىشى ۋە ھەركەت ئۆلچىمىگە نىسبەتەن جىنايەتچى بولسىمۇ لېكىن , ئۇلارنىڭ ئۆز ئېتىقادى ۋە قىممەت قارشى شۇنداقلا خەلقىنىڭ قەلبىدىكى ئورنىنى ئۆلچەم قىلساق ئۇلار گۇناھسىز بولۇپ چىقىدۇ . ئۇنىڭدىن باشقا مەدەنىيەت ئىنقىلابى مەزگىلىدىكى قىممەت قاراش ۋە ھەركەت ئۆلچەملىرىنى يۈرگۈزگۈچىلەر تەرىپىدىن ئېتىلغان ,ھەرخىل ئۇسۇلدا خارلانغان ۋە تۈرمىگە جىنايەتچى دەپ سۇلانغانلار ھازىرقى قىممەت قارىشىمىز ۋە ھەركەت ئۆلچىمىمىزدە گۇناھسىز بولۇپ چىقتى . دېمەك , مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا تۈرمىدىكى تەربىيە بىلەن مائارىپىدىكى تەربىيە بىر گۇرۇھ بىلەن باشقا بىر گۇرۇھ ،بىر شەخىس بىلەن باشقا بىر شەخىس ئوتتۇرسىدىكى قىممەت قاراشنىڭ تىركىشىشىدىن ئىبارەت . بۇنىڭدا كىم غالىپ كەلسە شۇ ئۆگەتكۈچى ,كىم مەغلۇپ بولسا شۇ ئۆگەنگۈچى رولىنى ئۆتەيدۇ .بۇ يەردە مۇتلەق ھالەت مەۋجۇت ئەمەس .چۈنكى قىممەت قاراش ۋە كۈچ ھامان ئۆزگىرىپ تۈرىدۇ . شۇنداقلا , بۇرۇنقى مائارىپ شەكلى ھازىرقى مائارىپ شەكلىگە ئوخشىمايدۇ ,كەلگۈسىدىكى مارىپ شەكلىمۇ ئېنىقكى بۈگۈنكى مائارىپ شەكلىدىن پەرقلىنىدۇ . تۈرمىمى بۇنىڭ سىرتىدا ئەمەس .
بىز مائارىپنىڭ پەيدا بولۇش مەنبەسىنى تەھلىل قىلغىنىمىزدا ئۇنىڭ تۇرمە بىلەن مەلۇم باغلىنىشقا ئىگە ئىكەنلىكىنى بايقايمىز .ئۆتمۈش دەۋرلەردە مائارىپ ھامان كۈچلۈكلەرنىڭ ئاجىزلارنى ئىدارە قىلىدىغان قورالى بولۇپ كەلدى. مائارىپنىڭ شەكلىنى كۈچلۈكلەر ئۆز مەنپەتنى چىقىش قىلىپ ئاجىزلارغا تۈزۈپ بەردى لېكىن , بۇ ھوقۇق دەۋرنىڭ تەرەققى قىلىشى بىلەن مەجبۇرلاش ۋە ئېزىش تۈسىنى يوقىتىپ ئىختىيارلىق دېگەن بىر سۆزگە جەملىدى .ئۇنىڭ مەجبۇرلاش ۋە تېڭىش خاراكتېرى پەقەت تۈرمىدىلا ساقلىنىپ قالدى .
  تۈرمە جىنايەتچىلەرنى مەجبۇرى تۈرگە ئايرىيدۇ , لېكىن مائارىپى ئەينى جەمئىيەتنىڭ تەلۋىگە ئاساسەن كىشىلەرنى تۈرگە ئايرىيدۇ .مەلۈم جەمئىيەت نوپۇزىنى ۋاكالىتەن بالىلاردا يۈرگۈزۈۋاتقان ئائىلە مائارىپىمۇ بالىلارنى تۈرگە ئايرىيدۇ , بىز ھامان ئاتا_ ئانىمىزنىڭ باھالىشى ۋە تۈرگە ئايرىشىغا ئۇچراپ تۇرىمىز . بىزنىڭ ياغاچچى ياكى تۆمۈرچى بولىشىمىزنى مائارىپ بېكىتىدۇ .ئۇ بىزگە سالاھىيەت تامغىسىنى ئۈرىدۈ , شۇنداقلا بىزنىڭ لاياقەتلىك ياكى لاياقەتسىز ئىكەنلىكىمىزنى كۆزىتىدۇ .كۆزىتىش ۋە باھالاش تۇرمىدا بىۋاستە بولسا , مائارىپتا ۋاسىتىلىك بولىدۇ . تۈرمىدە بىرەر جىنايەتچىنىڭ تۈرمىنىڭ ھەركەت ئۆلچىمىگە خىلاپلىق قىلغانلىقى بايقالسا بىۋاستە چارە كۆرىلىدۇ ۋە بىۋاستە باھالىنىدۇ ،لېكىن مائارىپتا ئۇنىڭ شەكلى كىشىلەرنىڭ قەدىر_ قىممىتىنى مەلۇم چەكتە ساقلاش ئاساسىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ . مائارىپتا تۈرگە ئايرىش ۋە باھالاش نومۇر چېكى ,ئىنتام قەغىزى , دىپلوم ,ئەلالىرىنى مۇكاپاتلاش ...قاتارلىق يۇمشاق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق جارى قىلدۇرۇلىدۇ . بۇنىڭدا تەربىيە ئالغۇچى نومۇرغا قاراپ ياكى ئەلالار قاتاردىكى تىزمىلىكە قاراپ ئۆزىنىڭ ياخشى ياكى ناچار ئىكەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرىدۇ . ئۇنىڭدىن باشقا بىزنىڭ ئەدەبىيات كىتابلىرىمىزدا تەسۋىرلەنگەن مەلۇم تۇزۇلمە قىممەت قارىشى ئۈچۈن كۆرەش قىلغان شەخسلەرنىڭ ئىش_ پائالىيىتىمۇ بىزنى ۋاسىتىلىك ھالدا ھەركەت ئۆلچىمىمىزنى ۋە قىممەت قارىشىمىزنى بەلگىلەيدۇ ھەم باھالايدۇ , شۇنداقلا شۇلاردەك بولۇشقا بىزنى ۋاسىتىلىك ئۈندەيدۇ . مانا بۇ مائارىپنىڭ ۋاستلىق مەجبۇرلاش روھىغا ئىگە ئىكەنلىكىنىڭ دەلىلىدۇر .بۇ يەردە بىزنىڭ قانداق ئادەم بولىشىمىز ئۆزىمىزگە ئەمەس بەلكى مەلۇم جەمئىيەت تەرىپىدىن تۈزۈلگەن ھەم شۇ تۈزۈلمە ۋە قىممەت قاراشنى يەتكۈزىدىغان مائارىپ ئىرادىسىگە باغلىق .بۇ خىل مائارىپنىڭ ئاڭ قاتلىمى بىزنىڭ ئېڭىمىزنى قۇرۇپ چىقىدۇ . بۇنىڭغا پۈتۈنلەي لايقلاشقانلار جەمئىيەت تەرىپىدىن ئىختىساسلىق كىشى ياكى ئالاھىدە خادىم دېگەن ھەرخىل سالاھىيەتكە ئىگە بولۇپ ئەتىۋارلىنىدۇ. بۇ باھاغا ئېرىشەلمىگەنلەر مەيلى يوقىرى مەلۇماتلىق بولۇشتىن قاتتى نەزەر ئۈزلۈكسىز تەربىيەنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر . مائارىپ ئىرادىسىنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشىش ئۈچۈن گاھىدا كۆپلىگەن ئوقۇغۇچى ۋە ئوقۇتقۇچىلار قېرىغىچە تەربىيەلىنىدۇ . بۇنىڭ پايدىسى شۇكى بىز مەلۇم سالاھىيەتكە ئىگە بولىمىز، لېكىن بۇنىڭ زىيىنى شۇكى ياشلىقىمىزنىڭ تالاي گۈزەل چاغلىرى بۇ باھاغا ئېرىشىش يولىدا غازاڭدەك قۇرۇپ كېتىدۇ .
ئۆلۈمگە قاراپ ماڭدىم
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 731
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 69
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە69دانە
تۆھپىسى: 9
پۇلى: 217 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 18
ياخشى باھا: 87
توردا: 12(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-07-03
ئاخىرقى: 2012-02-13
2- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-07-04 12:32

پەرھات ئىلياسنىڭ يېڭچە شېئىرلار ھەققىدىكى ئېستېتىك قارشلىرى .
نۇرمۇھەممەد تۇرسۇن ئالىپ ئوغۇز
‹‹ سەنئەتتە يېڭلىق يارتىش بولمايدىكەن ،ھالاكەتكە يۈزلىنىدۇ .››①
بىز ئۇزاقتىن  بېرى سەنئەت نەزىريەسى بىلەن ئەدەبىي  ئىجادىيەت پالىيىتىنىڭ بىر بىرىنى شەرت قىلىدىغانلىقىنى ھەم ئۇلارنىڭ قان بىلەن گۆشتەك ئايرىلماس بىر گەۋدە ئىكەنلىكىنى تونۇپ يىتەلمىدۇق .ھەتتا ئۇلارنى پۈتۈنلەي ئايرىپ تاشلىدۇق .شېئىرىيىتمىزدە  شېئىر يازىدىغانلار بېشىنى چۆكۈرۈپ شېئىر يازىدىغان ئەمما نەزىريەگە پەرۋا قىلمايدىغان ،ھەتتا ئۇنىڭ بىللەن قىلچە ئالاقە قىلمايدىغان ھالەت ئومۇملاشتى . نەتىجىدە،    شېئىرىيىتمىز نەزىريە نامىراتلىقىغا گىرىپتار بولۇپ  ،  ئۆزىدىكى يىتەرسىزلىكلەرنى ھەم  ئەۋزەللىكلەرنى ۋاقىتىدا بايقاش ۋە خۇلاسىلاش ئارقىلىق ، ئۆزىگە  ئىلغار نەزىريە ئاساسى تېپىپ ، تېخىمۇ تەرققىيات پۇرسىتىگە ئېرىشىشىتىن مەھرۇم بولۇپ قالدى .
ئەمىللىيەتتە نەزىريە سەنئەتكارلارنىڭ بىلىم قۇرۇلمىسىنى ، ئىجادىي مۇستەققىللىقىنى ۋە خاسلىقىنى ئىپادىلەيدىغان مۇھىم بەلگىلەرنىڭ بىرى .گەپنى تۈزلا ئېيتقاندا شائىر شېئىر يېزشتا  كامالەتكە يېتىپ قالما،نەزىريەدىمۇ كامالەتكە يەتكەن بولىشى كېرەك ،يەنى سەنئەت ئېستېتىكىسدا تويۇنغان بولىشى شەرت . چۈنكى نەزىريە شائىرلارنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت دىتىنىڭ شەكىللىنىشىنى ،تەرققىي قىلىشىنى ،ۋايىغا يىتىشىنى ئۇسۇل ، ئىدىيە ،شەكىل ۋە نىشان بىلەن تەمىن ئىتىدۇ .
بىز غەرپنىڭ شائىرلىرىنى تىلغا ئالماي، ئۆزىمىزنىڭ كىلاسسىك شائىرلىرىغا قارايدىغان بولساقمۇ ، شېئىر ئىجادىيىتى بىلەن سەنئەت ئېستېتىكى نەزىريە يولىدىكى ئىزلىنىشلەرگە ۋە تەتقىقاتلارغا تەڭ ئېتبار بېرىپ ،ئۇنى بىرلىكتە ئېلىپ بارغانلىقى ھەققىدىكى پاكىتلارنى كۆپ ئۇچۇرىتىمىز مەسىلەن ، ھەزىرتى ئەلشىر ناۋائى مەشھۇر شېئىرلارنى ئىجات قىلىش بىلەن بىللە، شېئىريەت ئېستېتىكا سەھەسىدە مۇھىم تەتقىقات قىممىتىگە ئىگە ئەسىرى ‹‹مەجىلىسۇن نەفىس ›› نى يېزىپ ، ئۇنى كېيىنكىلەرگە قالدۇرغان . بۇنۇڭدىن شۇنى كۆرىۋىلىشقا بولىدىكى ، شائىرلىقنىڭ ئۆلچىمى شېئىر يىزىش بىللەنلا چەكلەنمەيدۇ . ئۇ يەنە پىشقان ئېستېتىكا نەزىريەچىسى بولىشى كېرەك .
يېڭىچە شېئىرلىرىمىز نەزىريە ئاساسىغا ئىگە بۇلالماۋاتقان ،يەنى شېئىرىيىتىمىزدە يېڭلىق يارتىلغان بولسۇمۇ بۇ يېڭلىقنىڭ نىمە ئارقىلىق ھۇجۇتقا كەلگنلىكىنى ئېنىق بىر چۈشەنچە ئارقىلىق ئىپادىلەپ بېرەلمەۋاتقان پەيىتتە .شۇنداقلا  ئىجادىيەت ئاساسىنى ئاندا –ساندا مەتپۇئاتلاردا ئېلان قىلىنىۋاتقان قىسقا ماقالىلار ئارقىلىق دەلىلىەشكە ئۇرۇنىۋاتقان ،مۇشۇنداق نەزىريە نامىراتلىقىغا پاتقان پەيىتتە .تالاتلىق شائىرىمىز  ۋە شېئىريەت ئېستېتىكا نەزىريەچىمىز پەرھات ئىلياس ئۆزگىچە ئىېستېتىك قاراشلىرى بىلەن  ، چۆلدەرەپ قالغان شېئىريەت ئېستېتىكا ئاسمىنىمىزنى  يۇلتۇزدەك پارلاپ ،بىردىنلا يورۇتىۋەتتى .بۇ ھال ئۇيغۇر يېڭىچە شېئىرىيىتىمزنىڭ ھازىرقى مەۋجۇت رېئاللىقىغا نىسپەتەن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ۋە ئالقىشلاشقا تېگىشلىك ئىش ئەللبەتتە .
مەن تۆۋەندە يېڭىچە شېئىريىيىتىمىزنىڭ  بايراقتارى پەرھات ئىلياسنىڭ ، يېڭىچە شېئىرلار ھەققىدىكى ئېستېتىك قاراشلىرىنى ، قەلەم قۇۋىتىمنىڭ يىتىشىچە تۈرلەرگە بولۇپ ئوتتۇرغا قويۇپ كىتاپخانلار بىلەن ئورتاقلىشىمەن .
1ـ شېئىردىكى تۇتۇق تەپەككۇر قارىشى .
‹‹دۇنيا ھەر نەپەستا بىر يېڭىدىن يارىتىلىپ تۇرىدۇ››② (جالالىدىن رۇمى) يۇقارقى جۈملىدە دېيىلىۋاتقان يارىلىش روھىي ھادىسلەرگە قارىتىلغان بولۇپ، بىلىشنىڭ ۋە ئاشكارىلىنىشنىڭ تۇرغۇن نەرسە ئەمەس بەلكى ئۇنۇڭ مەڭگۈ ئاخىرلاشمايدىغانلىقى ھەم ئۇنىڭ تەرەققىي قىلىدىغانلىقى ھەتتا ئۆزگىرىدىغانلىقىغا قارىتىلغان. دېمەك تۇرغۇنلۇققا ئىگە بولمىغان  روھىيمىزدىكى زىدىيەتلىك، ئۆزگۈرۈشچان، تۇتقىلىي بولماس ھېس-تۇيغۇ ۋە مەنالارنىي، سىرلىق كەچمىشلەرنى قېلىپلاشقان تەپەككۇر ئۇسۇلىي بىلەن مەڭگۈ يېشىپ بېرەلمەيمىز ھەم ئاشكارىلاپ بولالمايمىز. بۇنىڭ ئۈچۈن تەپەككۇرنىڭ يەنى بىر شەكلى تۇتۇق تەپەككۇرغا تايىنىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ.
تۇتۇق تەپەككۇر دېگەن ئۇقۇمدىن چىقىپ تۇرۇپتۇكى، ئۇ ئۆزىگە ئېنىقسىزلىقنى، مەۋھۇملۇقنى، لوگىكاسىزلىقنى شەرت قىلغان. پەرھات ئىلياس تۇتۇق تەپەككۇرنى ؛‹‹ تۇتۇق تەپەككۇر ئالدۇنقى ئىككى خىل تەپەككۇرنىڭ خۇسۇسىيەتلىرىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئوتتۇرسىدا ئۆتكۈزگۈچلۈك چەم تەڭشىگۈچلۈك رولىنىي ئوينايدۇ. بۇ ئۈچىنىڭ مۇناسىۋىتىنى مۇنداق كۆرسۈتۈشكە بولىدۇ؛
ئابىستىراكىت تەپەككۇر- تۇتۇق تەپەككۇر- ئوبرازلىق تەپەككۇر.››③دەپ چۈشەندۈرىدۇ.
بۇ چۈشەندۈرۈشتىن تۆۋەندىكىدەك خۇلاسە چىقىرىشقا بولىدۇ، شېئىرى مەنا قاپىيە ئىچىگە مەجبۇرى چىڭداپ توشقىزىلغان ئابىستىراكىت تەپەككۇر ئەمەس شۇنداقلا ئوبرازلىق تەپەككۇرمۇ ئەمەس. ئوبرازلىق تەپەككۇرنى ئەمەس دېيىشىمىزدىكى سەۋەپ ئوبراز شېئىرى مەناغا يېتىش يولىدىكى ۋاستە ۋە ئۇسۇلدىن ئىبارەت. شېئىرى مەنا ئوبرازلىق تەپەككۇر بىلەن ئابىستىراكىت تەپەككۇر ئوتتۇرسىدىكى ماسلىق، چېقىلىش ئارقىلىق پەيدا بولغان غۇۋالىق، يەنى ئىككىسى ئوتتۇرسىدىكى بىرىكىشتىن بايقالغان ياكى يارتىلغان ماھايەت. بۇيەردە ئوبرازلىق تەپەككۇر بىلەن ئابىستىراكىت تەپەككۇر تۇتۇق تەپەككۇرنىڭ پەيدا بولۇشىدىكى ۋاستىدىن ئىبارەت. مەقسەت، بۇ ئىككىسىنىڭ ماسلىقىدىن تۇتۇق تەپەككۇر يارىتىش، بۇ ئارقىلىق شېئىرىدىكى ئىستېتېك چىقلىققا ئېرشىش.
پەرھات ئىلياس يۇقارقى قاراشلىرى بىلەن باشقىلاردىن ئىلگىرلىگەن ھالدا شېئىردىكى ھەقىقى مەنانىڭ تۇتۇق تەپەككۇر پائالىيىتى ئارقىلىق پەيدا بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن بىللە شېئىرىنىڭ ئۆزىنىڭمۇ تۇتۇق تەپەككۇر ئاساسىدا شەكىللەنگەن تۇتۇق تىل، تۇتۇق مەنانى يارلىش بۆشىكى قىلىدىغانلىقىنى بىزگە دەلىللەپ بېرىدۇ. بىز ئۇنىڭ تۇتۇق تەپەككۇر قارىشىنىي نەزەريە دوقمۇشىدىلا توختۇتۇپ قويماي ئۇنى ئىجادىيەت ئەمەلىيىتى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرگەنلىكىنىي ئۇنىڭ تۆۋەندىكى شېئىرى ئارقىلىقمۇ بىلىۋالالايمىز.
‹‹ قارىچۇق
1
گۆر ئىچىدە
ئولتۇرىدۇ ئاق چاچلىق موماي
2
چاچقان تۆشىكى-
قەسىر روجىكى
3
ئۈمۈت بىلەن قاراپ تۇرىدۇ
يىراق كۆكتە
كۈلۈپ تۈرغان قۇياشقا
4
باھار تامچىسى
تېمىپ كەتتى ئۇنىڭ كۆكسىگە
كۆز قارىچۇقى
ئۈنۈپ چىقتى قەبرە ئۈستىگە››④
يۇقارقى شېئىرىنى بىز ئادەتلەنگەن تەپەككۇر ئۇسۇلى بويىچە چۈشۈنۈشكە ئۇرۇنساق، شېئىرىدىكى بىر رومانمۇ ئۆزىگە سىغدۇرۇشقا ئاجىزلىق قىلىدىغان مەنانىڭ تېگىگە يېتىش ئۇياقتا تۇرسۇن ھەتتا ئۇنى چۈشۈنۈشتىن مەڭگۈ مەھرۇم بولۇپ قالىمىز. بۇنىڭ ئۈچۈن ‹‹ تۆمۈرنى تۆمۈرچىنىڭ، ئالتۇننى زەرگەرنىڭ سوققۇنى ياخشى›› دېگەن كونا ئەقىدىلەر بىلەن ئۆزىمىزنى چۈشەپ قويماي، شېئىرىنى پىسخىك زامان-ماكان نۇقتىسىغا قويۇپ قەلىپ لوگىكىسىنى ئاساس قىلىپ، روھى كۆزىمىز بىلەن قارىشىمىز زۆرۈر.
شېئىرنىڭ مەناسىدىن چىقىپ تۇرۇپتىكى ،شېئىردا چەكسىز ئىنتىزارلىققا تولغان كۈتۈش ، ھاياتلىققا بولغان  تەشنالىق ئاساسى  مەزمۇن قىلىنغان. ئاپتور شېئىردىكى مەنانى تۇتۇق تەپككۇر ئاساسىدا ئوتتۇرغا قويۇپ ، شېئىرنىڭ ئېستېتىك مەنا بوشلۇقىنى زور دەرجىدە كېڭەيتكەن ھەم ئۇنىڭغا ، ئۈزۈلمەي داۋام قىلىۋاتقان ھېسيات توقۇنۇشلىرىنى باشتىن –ئاخىر سېڭدۇرىۋەتكەن . شېئىردىكى ‹‹قارىچۇق ›› پۈتكۈل روھىي ئۇچۇرلارنى تارقىتىدىغان ھەم تاشقى ئۇچۇرلارنى قوبۇل قىلىپ روھقا يەتكۈزىدىغان روھنىڭ كۆزى .‹‹ ئاقچاشلىق موماي  ››شەخىس روھىيغا  (مەن ،ئۇ ...)ھەم  كۆللۈكتۇپ روھىيغا  ( بىز ،ئۇلار...) ئوخشۇتۇلغان .بۇ يەردىكى كۆپلۈك مەلۇم مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا  بىر پۈتۈن تارىخققا ئوخشۈتۈلغان .چۈنكى قېرلىق مەلۇم تارىخى كەچۈرمۈشلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن بولغاشقا ئۇنىڭدا قەدىمىلىكنىڭ ئىزنالىرى بار .چاشقان تۆشكىدىنمۇ كىچىك رۇجىكى بار ‹‹گۆر ›› موماينىڭ فىسال ئارمانلىرىنى ،ھاياتلىق ھوقوقنى ، يارلىش ئىستىكىگە توسقۇن بولاۋاتقان ۋە ئۇنى چەكلىگەن ماددى (تەن ،ئالەم ... ) روھىي (جۇدالىق ، قايغۇ  ،ئۆلۈم ، قىسلچىلىق...›› توساققا ئوخشۇتۇلغان . موماي ھەقىقى ھاياتقا بولغان ئىنتىزارلىقىنى تولىمۇ كىچىك بولغان گۆرنىڭ رۇجىكىدىن قاراش ئارقىلىق ئىپادىلەيدۇ .شېئىردىكى كۈتۈش ۋە ئىنتىزارلىق ئازابى شۇنداق يوقۇرى چەككە يەتكەنكى ، موماينىڭ يىنىش- يىنىشلاپ تار تۆشۈكتىن چەكسىز كۆككە ، يىراقتىكى كۈلۈپ تۇرغان قۇياشقا قاراشلىرى ، كۆزىمىزگە ئىختىيارسىز ياش ئالدۇرىدۇ . شېئىردىكى ‹‹ باھار تامچىسى ›› ئويغۇنۇشقا ،قۇتۇلۇشقا ،قايتا تىرىلىشكە يەنى ھاياتلىقا ئېرىشتۇرىدىغان ئەلچىگە روھقا ئوخشىتىلغان . چۈنكى باھار كېلىشى بىلەن تەبىىئەت ئويغۇنىدۇ ئەمەسمۇ ...شېئىرنىڭ ئاخىردا باھارنىڭ كېلىشى بىلەن موماي ھەقىقى ھاياتقا ، ئەركىنىلىكە ئېرىشىپ گۆردىن ئازات بولىدۇ، يەنى روھىي ئارمانلىرىغا يېتىدۇ .ئۇ ئاخىر  باھارغا سېڭىپ كېتىدۇ . بۇنىڭ بىلەن بىزنىڭ روھىيمىزدىكى ئازاپلىق ئويلار بىردىنلا تۇماندەك تاراپ ، قەلبىمىز خوشاللىق ھېسياتىغا ۋە غەلبە تەنتەنىسىگە چۆمۈدۇ . مانا بۇ ھەقىقى شېئىرلاردا بولۇشقا تېگىشلىك قۇدۇرەت . بۇ شېئىرغا بۇنچە كۆپ مەزمۇننىڭ سىڭىپ كېتىشى ،شېئىر دەل تۇتۇق تەپەككۈرنى مەنبا قىلغانلىقىدا .
پەرھات ئىلياس تۇتۇق تەپەككۇر قارىشىنى تېخىمۇ ئېنىقلىققا ئىگە قىلىش ئۈچۈن ،شېئىردىكى تۇتۇقلۇق ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ :‹‹ غۇۋالىق شېئىريەت ئېستېتىكىسدا بىر خىل گۈزەللىك ھېساپلىنىدۇ ، يەنى شېئىرنىڭ ئەسلىدىلا بار بولغان خۇسۇسىيەتلىرىنىڭ بىرى ››⑤ بۇ خىل قارشقا گۈزەللىك نوقتىسىدىن قارىغان ۋاقتىمىزدىمۇ ، ئۇنىڭ تولىمۇ يوللۇق ھەم ئاساسى بار نەزىريە ئىكەنلىكىنى شەرتسىز ھېس قىلىپ يىتىمىز . چۈنكى ، ھەرقانداق غۇۋا ، سىرلىق ،مەھۇم نەرسىلەر بىزنىڭ ئېستېتىك ئوبيېكىتىمىزغا ئايلىنىپ ، روھىيمىزدا ئۇنتۇلماس تەۋرۇنىشلەرنى پەيدا قىلىدۇ شۇنداقلا بىزنى ئۆزىگە يېتىشكە ۋە ئېرىشىشىكە ھەرزامان ماگىنىتتەك ئېنتىلدۈرۈپ تورىدۇ .
  شېئىريەت ئېستېتىكسدا غۇۋالىق گۈزەللىك بولغان ئىككەن . ئۇنداقتا گۈزەللىككنى بايقۇغۇچى ھەم ياراتقۇچى شېئىر، تۇتۇق تەپككۇر ئاساسىدا شەكىللەنگەن تۇتۇق تىل ، تۇتۇق مەنانى ئۆزىگەمۇجەسسەم قىلىپ گۈزەللىككە ئايلانغاندىلا ھەقىقى شېئىر بۇلالايدۇ . بۇنىڭغا يېتىش ئۈچۈن شائىرلىرىمىز ئەنئەنىۋىي تەپەككۇرنىڭ رامكىللىرىنى چېقىپ تاشلاپ ، يېڭىدىن – يېڭى تۇتۇق تەپەككۇر ئويلۇنۇشلىرىنى شېئىر ئاپىرىدە قىلىدىغان بۆشۈككە ئايلاندۇرىشى كېرەك .
2ـ شېئىردىكى رىتىم قارىشى .
بىز ئۇنىڭ رىتىم توغرىسىدا ئوتتۇرغا قويغان قارشلىرىغا قارايدىغان بولساق ، ئۇنىڭ دەل ئىچكى رىتىم بىلەن تاشقى رىتىمنى بىرلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى بىلىپ يېتىمىز .ئۇ بۇ توغرىسدا مۇنداق دەيدۇ :‹‹ ئىچكى رىتىمى بولمىغان ،قۇرۇق قاپىيەلەر تىزىپ قويۇلغان شېئىرلار شېئىر ھېساپلانمايدۇ .شۇنداقلا شېئىرنى قاپىيە ،تۇراق ، ۋەزىنلەردىن پۈتۈنلەي ئايرىۋىتىشكىمۇ بولمايدۇ . شۇڭلاشقا بۇ ئىككىسىنى ئورگانىك بىرلەشتۈرىشىمىز ۋە بۇنى شېئىرى ئىجادىيىتىمىزدە ئادەتكە ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك .›› ⑥
بۇ خىل ئىچكى رىتىم بىلەن تاشقى رىتىمنى بىرلەشتۈرۈش قارىشى ،ھازىرقى شېئىرىيىتىمىزنىڭ تەرققىيات يولىغا نىسپىتەن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە .چۈنكى بۇ ئىكىسىنىڭ ئورگانىك بىرلىشىشى شېئىرىيىتىمىزدە ساقىلىنۋاتقان نوقۇل قاپىيە قوغلۇشۇپ ئىچكى رىتىمغا ئىتىبار بەرمەيدىغان ئادەتكە ، شۇنداقلا نوقۇل ئىچكى رىتىمنى تەكىتلەپ ھېسياتنى ھەدىدىن ئارتۇق مەيلىگە قويۇۋىتىپ ،شېئىرنى تاشقى رىتىمدىن خالى بولغان چۇۋالچاقلىققا ئېلىپ بارىدىغان سەۋەنلىكىلەردىن توسىدۇ  ھەم شېئىرىيىتىمىزنىڭ رىتىم ھەقىدىكى چۈشەنچىللىرىنى نەزىرىيىۋى ئاساس ۋە نىشان بىلەن تەمىن ئىتىدۇ .
نۇرغۇنلىغان شېئىريەت ھەۋەسكارلىرىمىز ئىچىدە ‹‹ قاپىيەكەش... ››دىگەندەك  قوپال سۆزلەرنى ئىشلىتىپ ،قاپىيەگە ھاقارەت قىلىدىغان ھەم ئۇنى   مەنسىتمەيدىغان خاھىشلار  مەۋجۇت .بۇ شېئىرنىڭ تاشقى رىتىمىنىڭ مۇھىم رولىنى چۈشەنمىگەنلىك .تاشقى رىتىمۇ شېئىردىكى گۈزەللىك . شۇڭا گېگىل :‹‹ شەكىل ماھىيەتنىڭ ئۆزىنى ئاشكارلىشى ››⑺ دەپ شەكىلگە يوقۇرى باھا بېرىدۇ .ناۋادا بىر دەريانىڭ قىرغىقى بولمىسا ئۇنىڭ سۈيى يامراپ كېتىپ دولقۇنلىرىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ . ،شۇنداقلا دەريانى پۈتۈنلەي قاش – قىر بىلەن توسۇپ قويساق ئۇنىڭ سۈيى توختامسۇغا ئايلىنىپ قالىدۇ –دە، ئۇ يىراقتىكى يېشىل دېڭىزغا يىتىپ بارالمايدۇ . شېئىردىكى ئىچكى رېتىم بىلەن تاشقى رىتىمنىڭ مۇناسىۋىتى دەريانىڭ قىرغىقى بىلەن دەريانىڭ سۈيىگە ئوخشايدۇ . بىزنىڭ كىلاسسىك شائىرمىز ئەلشىر ناۋائى ئۆلمەس شېئىرللىرىنى قاپىيەگە قاتتىق ئەمەل قىلىش ئاساسىدا يېزىپ چىققان . مودېرنىزىم ئەدەبىياتىنىڭ باشلامچىسى دەپ قارلىپ كېلىۋاتقان بودېلىرمۇ پۈتكۈل شېئىرلىرىنى قاپىيەگە ئەمەل قىلىش ئاساسىدا يېزىپ چىققان .ئۇنىڭ دۇنياۋى شائىر بولىشىغا قاپىيە توسقۇنلۇق قىلمىغان ئەكسىچە ئۇنىڭ شېئىرلىرىنىڭ سېھىرنى ئاشۇرغان . شۇڭا بىز قاپىيەدىن ئاغرىنماي ، شېئىردىكى ئىچكى رىتىم بىلەن تاشقى رىتىمنىڭ مۇناسىۋىتىنى چۈشەنمەيدىغان ھەتتا ئۇلارنى ئايرىۋىتىدىغان بىرقىسىم دىتسىز شائىرلاردىن ئاغىرنساق بولىدۇ .
يەنە بىر قىسىم شائىرلار نوقۇل ئىچكى رىتىمغا كۆڭۈل بۆلۈپ ،ھېسياتىنى شېئىردا  مەيلىگە قويۇۋىتىپ  شېئىرنى كېلەڭسىز سۆز دۆۋۈسىگە ئايلاندۇرۇپ قويۇپ ، كىتاپخانلارنىڭ شېئىردىن ھوزۇر ئېلىشىغا تەسىر  يەتكۈزمەكتە . بىز يوقارقىلاردەك نوخسانى تۆگۈتۈشتە پەرھات ئىلياسنىڭ ئوتتۇرغا قويغان رىتىم ھەققىدىكى قاراشلىرىنى ئىجادىيەت يولىمىزغا ئەينەك قىلساق بولىدۇ .
3ـ شېئىردىكى ئازاپ قارىشى .
‹‹تىراگېدىيە  ئىنسانىيەت بەددىي ھاياتىنىڭ بىر تەركىۋى ، تارىخ ھىلىمۇ كۈرەش ئىچىدە راۋاجلانماقتا.››⑧(ئابدۇشۇكۇر مۇھەممەت ئىمىن ) دىمەك ، ئازاپ خۇشاللىققا ئوخشاش ھاياتلىقتا بار نەرسە . ئۇنى ئىتراپ قىلايلى ياكى قىلمايلى ئۇ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋىرىدۇ . بىز ئازاپلىق تۇيغۇ ،كەچمىشلەرنى ياكى ھادىسلەرنى يامانلىققا، قورقۇنۇشلۇق ئىشلارغا باغلاپ سەلبىلىك نۇقتىسىدىن چۈشەنسەك خاتالاشقان بولىمىز. ئەمەلىيەتتە :‹‹ قۇرقۇنۇشلۇق نەرسىلەرگە بولغان سۆيگۈ كۈچ- قۇۋەتنىڭ سىموۋۇلى.››⑨ (نېتشى) ئۇنىڭغا يۈزلۈنۈش ئۈچۈن چىدام، جاسارەت كېرەك.
بىز كۆپلىگەن ئەسەرلىرىمىزدە كەمكۇتسىز، ھەممىگە قابىل جەڭگىۋىرانە تىپلارنى يارىتىپ ئۇلارغا ئىلاھىلىق تامغىسىنى ئۇردۇق. بىزنىڭ رېئالىزىمنى ئاساسى تۇتقا قىلىپ يازغان كىتاپلىرىمىزدىكى شەخىسلەر راستىنلا رېئاللىقتىمۇ خۇددى بىز تەسۋىرلىگەندەك ھەممىگە قابىلمۇ؟! بىز سەللا غەمكىنلىك ئىپادىلەنگەن ئەسەرلەرنى رەت قىلىپ ھەتتا ئۇنداق ئەسەرلەرگە ئىنسان تەبئىتىگە زىت قاراشلارغا تولغان مىڭىمىزنى ئىشقا سېلىپ ‹‹ يىغا-زار›› ئەدەبىياتى دېگەن كۈلكۈلىك ناملارنى بەردۇق. ناۋادا ئەدەبىياتتا بىز دېگەندەك‹‹ يىغا-زار›› ئەدەبىياتى ياكى ئېقىمى مەۋجۇت بولسا، ئۇنداقتا چوقۇم ئۇنىڭغا قارىشى ھالدا ‹‹ كۈلكە-شاتلىق›› ئەدەبىياتى بولۇشى شەرت. بۇنداق بولمايدىكەن بۇخىل قارىشىمىز رېئالىزىمنىڭ روھىيغا ھەتتا ماركىزىملىق دېئالىكتىكىنىڭ قانۇنىيىتىگە زىت بولۇپ قالىدۇ.
پەرھات ئىلياس ئۆزىنىڭ ئۆتكۈر كۈزۈتۈش نەزىرى بىلەن شېئىردىكى جەڭگىۋارلىق ئۈستىدە توختۇلۇپ مۇنداق دەيدۇ:‹‹ بىز ئادەتتە شېئىرنىڭ جەڭگىۋەرلىقىنى تەكىتلەيمىز، لېكىن جەڭگىۋارلىق دېگەن ئۇقۇمنى توغرا چۈشۈنۈش كېرەك چۈنكى، جەڭگىۋارلىق كىشلەر قەلبىنىڭ يۇشرۇن قاتلاملىرىدىن ئېتلىپ چىققانلىقى ئۈچۈن ئەلۋەتتە ئۇنىڭ بىخ ئۇرۇش، ئۆسۈش ۋە بالاغەتكە يېتىش باسقۇچلىرى بولىدۇ. بۇ باسقۇچلارنىڭ ھەر بىر قەدەملىرىگە كىشلەر روھىي دۇنياسىنىڭ مۇرەككەپلىكى يوشۇرۇنغان. بىز ئادەتتە بۇ مۇرەككەپلىكنى ئادىلاشتۇرۇپ ئازاب ۋە خوشاللىقتىن ئىبارەت ئىككى كاتوگورىيىگە بۆلۈمىز. ئىككى تەرەپ بىرلىك ئۈستىگە قۇرۇلغان قارمۇ-قارىشلىق . قارمۇ- قارىشلىق ئۈستىگە قۇرۇلغان بىرلىك.››⑩
يۇقۇرقىلاردىن شۇنى بىلگىلى بولۇدىكى، جەڭگىۋارلىق ئىنسان روھىينىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدىن ئېتىلىپ چىقىدىغان ھەم ئۆزىگە مۇرەككەپلىكنى يوشۇرغان روھىي ئىپادە بولغان ئىككەن، ئۇ خوشاللىقنى، ئازاپنى ئۆزىگە مۇقەسسەم قىلغان بولىدۇ. بۇ ئىككى خىل ھالەت يەنى خوشاللىق ۋە ئازاپ ئۇنىڭدا تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. گاھىدا بىرى ئۈستۈنلىككە ئېرىشسە، گاھىدا يەنى بىرى ئۈستۈنلۈككە ئېرىشىدۇ. ئۇلار ئۈزۈلمەي بىر بىرىگە ئايلىنىپ تۇرىدۇ.
پەرھات ئىلياس شېئىرىدىكى جەڭگىۋارلىقنىڭ ماھىيىتى ھەققىدىكى قاراشلىرى ئارقىلىق بىزگە، روھىي ھادىسلارنىڭ جەۋھىرى بولغان شېئىرنىڭ ، روھىيمىزنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدىكى خۇشالىق ۋە ئازاپ پەيدا قىلغان مۈرەككەپ سۈركۈلۈش ، پارتىلاش ، بىرىكىشكە كەڭ زېمىن بېرىپ ھەم ئۇنى ئىپادىلىگەن چاغدىلا روھىيمىزنىڭ ئەڭ ئىسل كۈيلەرنى ياڭرىتالايدىغانلىقى ،ئەڭ ئىسل ھاياتلىق ھەقىقەتلىرى ۋە جەڭگىۋارلىقنىڭ شېئىردا ئۆزى ئىپادىسىنى تاپىدىغانلىقىدىن ئىپارەت ھەقىقەتنى بىلدۈرىدۇ ..
ئۇ ئازاپنىڭ ئېستېتىك قىممىتى توغرىسىدا :‹‹ ئەدەبىي ئەسەرلەردىكى ئازابلىق كۆرنۈشلەرگە ھامان يۈكسەك ئالىقانابلىق يوشۇرۇنغان بولىدۇ.››⑾ دېيىش ئارقىلىق ئازاپنىڭمۇ ئالىجانابىلىق ۋە ياخشىلىققا ئوخشاش گۈزەللىكنىڭ بىر تەركىۋى ئىكنلىكىنى دەلىللەش بىلەن بىللە شېئىرىيتىمىزدە غەمكىنلىكنىڭ بولۇشىنىڭ يەنى ئۇنىڭغا ئورۇن بېرىلىشنىڭ شېئىرىيىتىمىزنى بىر پۈتۈنلۈككە ئىگە قىلىدىغانلىقىدىن ئىبارەت مۇھىم رولىنى تەكىتلەيدۇ ھەم ئۇ بىزنى بۇ ئارقىلىق ئازابنى سەلبىلىك دەپ قارايدىغان كونا قاراشتىن قۇتۇلۇپ، شېئىرى ئىجادىيىتىدە ئازابتىن خوشاللىق ۋە گۈزەللىك تاپالايدىغان قۇدرەتكە ئىگە ئەسەرلەرنى كۆپلەپ ئىجاد ئېتىشكە ئۈندەيدۇ. بۇ خىل ئىلغار قاراش شېئىرىيىتىمىزنى شەكىلۋەزلىقتىن ۋە شۇئارۋازلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ ئۇنىڭغا مەنا ئىھتىماللىقىنىڭ چەكسىز دالاسىنى ئېچىپ بېرىدۇ.
بىز پەرھات ئىلياسنىڭ ئازاپنىڭ ئىتېتېكا قىممىتى توغرىسىدىكى قاراشلىرىنى ئۆلچەم قىلىپ تۇرۇپ، باشقا ئەللەر ئەدەبىياتىغا قارايدىغان بولساق، كۆپلىگەن سەنئەتكارلارنىڭ ئازابلىق كۆرنۈشلەر، غەمكىنلىككە تولغان ھېسيات توقۇنۇشلارنى ئەسەرلىرىدە ئىپادىلەش ئارقىلىق ئاجايىپ سەنئەت يۈكسەكلىكىنى ياراتقانلىقىنى كۆرۈپ يېتىمىز. مەسلەن:
‹‹ چوپان ناخشىسى
رائۇل زۇرىتا(چىلى)
ئەركىن نۇر تەرجىمىسى
بىر پارچە جەزىرىدۇر ۋەتىنىم چىلى
كۆچكەن تۈزلەڭلىك،قۇرغان دەريا
قاغجىراق تاشتىنمۇ بەتەر
كوچىلاردا ماڭغىنى
ئادەم ئەمەس، ئىبلىستۇر بىلسەڭ
مىغىلداپ يۈرۈشكەن گويا.
قولۇرۇڭنى سۇنساڭ ئېھ، ماڭا
تاشلار كۆرۈپ قالسا ئەگەردە
ئېرىپ كېتەر تامام شۇ ئەسنا.››⑿
يىتىلگەن شائىرىمىز ۋە غوللۇق ئەدەبى تەرجىمانىمىز ئەركىن نۇر يۇقۇرى سەۋيىدە تەرجىمە قىلىپ بىزگە سۇنغان بۇ شېئىرىدا ئازابلا بار خوشاللىق يوق. شائىر شېئىرىدا چوپاننىڭ ھېسياتى بىلەن تەبئەتتىكى ئۆزگۈرۈشلەرنى زىچ بىرلەشتۈرۈپ ۋەتىنى چىلىنىڭ شۇنداقلا ئۇ يەردە ياشاۋاتقان كىشلەرنىڭ قىسمىتىگە ئېچىنىپ چەكسىز قايغۇلۇق ئويلارغا پاتىدۇ .شېئىردىكى ئازاپ ئىچىگە يوشۇرۇنغان ۋەتىنىگە  بولغان شائىرنىڭ چەكسىز مۇھەببىتى يەنى شائىرنىڭ ۋەتىنىگە بولغان قىزغىن ھېسياتىنىڭ شېئىردىكى غەمكىنلىكە تولغان تۇيغۇ ئىچىدىكى تۇتۇق مەنالاردا  شېئىرنى تېخمۇ جەڭگىۋارانە روھقا ئىگە قىلغان .بۇنىڭدىن باشقا بىز كىلاسسىك ئەسەرلىرىمىزگە قارايدىغان بولساققمۇ ،ئازاپ ۋە غەمكىنلىكىنى ئىپادىلەش ئارقىلىق زور ئېستېتىك قىممەت ياراتقان نۇرغۇنلىغان ئەسەرلەرنى يولۇقتۇرىمىز .مەسىلەن ، ‹‹ بۇلبۇل گويا ›› داستانىنى ئېلىپ ئېيتساق ، داستاندىكى كەنجى شاھسادە بارسا كەلمەس يولنى تاللاپ ،سانىسىزلىغان ئازاپقا دۇچار بولۇپ  ئاخىرى مۇرادىغا يېتىدۇ  يەنى خۇشاللىقا ئېرىشىدۇ .ناۋادا داستاندا كەنجى شاھسادىنىڭ ئەگىرى ـ توقايلىققا تولغان ھەسىرەتلىك كەچمىشلىرى بولىمغان بولسا ، بۇ داستان بىزنى قىلچىمۇ ئۆزىگە جەلىپ قىلالمىغان بۇلاتتى يەنى داستانلىق قىممىتىنى يوقۇتاتتى .شۇڭىلاشقا پەرھات ئىلياسنىڭ شېئىردىكى ئازاپ ھەققىدىكى ئېستېتىك قارشلىرى بىزنىڭ ئويلۇنۇشىمىزغا ئەرزىيىدىغان تەخىرسىز تېمىلارنىڭ بىر بولۇپ قالماي ئۇ ، بىزنىڭ ئېچىشىمىزنى كۈتۈپ تۇرغان ھازىرقى شېئىريىتىمىزدىكى بىپايان بوشلۇق .

4-ئىدىراك بىلەن ھېسياتنىڭ مۇناسىۋىتى ھەقىدىكى قاراشلىرى .
     سەنئەت دۇنياسىدا ئىدىراك بىلەن ھېسياتنىڭ قايسىسىنىڭ بىرلەمچى ئىككەنلىك ، قايسىسىنىڭ ئەدەبىي ئەجادىيەت پالىيىتىدە ئاساسلىق ئورۇندا تۇرىدىغانلىقى ھەقىدىكى مەسىىلىلەر ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان تالاش ـ تارتىشلار ، مۇنازىرلەر قەدىمدىن تارتىپ ھازىرقىچە داۋام قىلىپ كەلمەكتە . يۇنان ئەپسانىلىردىكى .ئەقىلنىڭ سىموۋلى بولغان قۇياش ئىلاھىي بىلەن ھېسياتنىڭ سىموۋۇلى بولغان شاراپ ئىلاھىي  ئوتتۇرسىدىكى كۈرۈش قايسى دەرجىگە بېرىپ يېتىشتىن قەتتىي نەزەر ،بىزنىڭ ئۇزاق تارىخققا ئىگە بولغان سەنئەت ئەنئەنىمىز ئىدراك بىلەن ھېسياتنى ئايرىپ تاشلىمىغان . ئۇ ئىككىسىنىڭ بىرلىكى ۋە تەڭپۇڭلىق ساقلانغان .
بىز پەرھات ئىلاسنىڭ شېئىردىكى ئىدراك بىلەن ھېسياتنىڭ مۇناسىۋىتى ھەققىدە ئوتتۇرغا قويغان قارشلىرىنى تەپسىلى مۇلاھىزە قىلغان ۋاقتىمىزدا ، ئۇنىڭ نوقۇل ئىدىراكى ھۆكۈملەرنى قاپىيەلەشتۇرۇپ شېئىر يېزىشنى تەكىتلەيدىغان شېئىريەت قارشلىرىدىن ھەم نوقۇل ھېس ـ تۇيۇغنى ئاساس قىلىپ ‹‹ساپ شېئىر ،‹‹ ساپ تۇيغۇ ›› قوغلۇشۇپ ، شېئىردىن ئىدىراكنى قوغلاپ چىقىرىشنى تەكتلەيدىغان شېئىريەت قاراشلىرىغا ئوخشىمايدىغانلىقىنى كۆرىۋالىمىز ،يەنى تۈپتۈن پەرىقىلىنىدىغنالىقىنى كۆرىۋالىمىز. ئۇنى بىز ئۇنىڭ تۈۋەندىكى بايانلىردىن بىلەلەيمىز :
‹‹ ئەلشىر نەۋائىنىڭ شېئىرللىرىنى ئوقۇپ كۆرىدىغان بولساق ، تىل جەھتتىكى چېقىلىش ، ھېسيات ـ تۇيغۇلىرىنىڭ قاتلاملاشتۇرلىشى جەھەتتە ھەتتا ھازىرقى بەزى دۇنياۋىي شائىرلارنىڭكىدىنمۇ ئۈستۈن تورىدىغانلىقىنى كۆرىۋالالايمىز .ئۇنىڭدىن باشقا ‹‹ ئوغۇزنامە ›› بىلەن قەدىمقى شېئىرلىلىرىمىز تەڭرىگە يەنى روھىيىت يۈكسەكلىكىگە يېقىن .ئۇلاردا ، مەلۇم بىر ئىدىۋى مەزمۇنغا يېتىش مەقسىتىدە ھېسىلىق چۈشەپ قويۇلمىغان . كۈچلۇك ئەقىل- پاراسەتمۇ بار ، قايناق ھېسياتمۇ بار . ئەقىل ـ پاراسەت ئىنسانىيەتنىڭ ئەسلى تەبىيىتىنى ،تۇيغۇنىڭ قاراڭغۇلىقىنى يورۇتىشقا سەرىپ قىلىنغان .شۇڭا بىزدە ئەمىلىي ئاساس ،يەنى بىرخىل مەڭگۈلۈك شېئىريەت ئەنئەنىسى بار .››⒀

پەرھات ئىلياسنىڭ دەۋاتقان ‹‹ مەڭگۈلۈك شېئىريەت ئەنئەنىسى ››، ئەجداتلىرىمىزنىڭ سەنئەت ئەنئەنىسىدە بولغان ئىدىراك بىلەن ھېس ـ تۇيغۇنى بىرلەشتۈرگەن خاسلىقىنىڭ ئۆزىدۇر . بۇ خاسلىقنى بىز ئەجداتلىرىمىز ئەقىل ـ پارسىتى بىلەن ھېس تۇيغۇلىرىنى يۇغۇرۇپ ئىجات قىلغان ‹‹ ئوغۇزنامە ›› داستانىدىكى ئوغۇزخاننىڭ خاراكتىرىدىن ئېنىق بىلەلەيمىز  .ئوغۇزخاندا  قاراڭغۇ ئورمانلارغا كىرىپ يىرتقۇشلارنى ئوۋلىيالايدىغان تەۋەكۇلچىلىق  ۋە قارملىق روھىيمۇ بار ، ‹‹دەرق قىزى ›› ... قاتارلىقلارغا بولغان چەكسىز سۆيگۈ ـ مۇھەببەت يەنى قايناق ھېسياتمۇ بار شۇنداقلا ھاكىمىيەت تۇتالايدىغان ، ئۇرۇش قىلالايدىغان ھەتتا دۇنيانى بويسۇندۇرئالايدىغان ئەقىل ـ پاراسەتمۇ بار
.
يۇقارقىلاردىن كۆرىۋىلىشقا بولىدىكى ، پەرھات ئىلياس ئەجداتلىرىمىزنىڭ ئىدىراك بىلەن ئەقىلگە تەڭ ئىتبار بېرىدىغان سەنئەت روھىينى ئۆزىنىڭ شېئىريەت ئېستېتىكا ئاساسى قىلىپ ، ئۆزىنى ئىلغار نەزىريەلەر بىلەن قۇراللاندۇرۇپ ،ئەجداتلىرىمىزنىڭ سەنئەتتىكى بۇخىل ئۆزلۈك روھىينى راۋاجلاندۇرغان  ...

5-، شېئىرنىڭ تىلى ھەقىدىكى قاراشلىرى .
ئالدىنقى ئەسىردى غەرپ سەنئەت دۇنياسىغا قارايدىغان بولساق ، تىلشۇناسلىقنىڭ ئەڭ قىزىغان تەتقىقات تېمىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالغانلىقىنى بايقايمىز . بۇ توغرىسسىدا يېزىلغان كىتاپلارنىڭ كۆپلىكى ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدۇ . بۇ پەيىتتە غەرپ ئىستېتىكىچىلىرى ۋە پەيلاسوپلىرى تىل ھەققىدە نۇرغۇنلىغان يېڭى قارشلارنى ئوتتۇرغا قويدى مەسىلەن ، ‹‹ بارلىق مەۋجۇدات تىل ئىچىدىلا مەۋجۇتلىققا ۋە بىرلىككە ئىگە بولالايدۇ .››(ھايدىگېر ) ، بىز تىلغا ئەمەس تىل بىزگە سۆزلەيدۇ .››(ھايدىگېر ) ، ‹‹ شېئىرنىڭ پائالىيەت دائىرسى تىل ، شۇڭا ئۇنىڭ ماھىيىتىنى تىلنىڭ ماھىيىتى ئارقىلىق چۈشەندۈرۈش كېرەك .›› ( ھايدىگېر ) ، بىزنىڭ تارىخىمىزنى شەكىلەندۈرىدىغان كۈچ دەل تىل .›› ( مىشىل فوك ) ، ‹‹چۈشۈنۈش تىل ئىچىدە .›› ( جاتمۇر) ، ‹‹ تەنقىت دىققەت كۈچىنى تىل بىلەن تىل ئوتتۇرسىدىكى ھەركەتكە قارىتىشى كېرەك .››( رونسۇم) ...ۋاكازالار . يۇقارقى قارشلاردىن غەرپلىكلەرنىڭ تىل ھەققىدە نەقەدەر كەڭ ئىزدەنگەنلىكىنى بىلىۋىلىش قىيىن ئەمەس .

تىلنىڭ شېئىردىكىتەڭداشسىز رولىنى ئاللا بۇرۇن چۈشۈنۈپ بولغان پەرھات ئىلياس ،  جاپالىق ئىزلىنىش ئارقىلىق شېئىرنىڭ تىلى ھەققىدە ئۆزگىچە ئېستېتىك قاراشلارنى ئوتتۇرغا قويىدۇ . ئۇنىڭ بۇ ھەققىدىكى قارشلىرىنى ئۈچ جەھەتتىن چۈشەندۈرۈشكە بولىدۇ .

⑴شېئىرتىلىنىڭ سوبيېكتىپ  ئىختىيارلىقى .
شائىرىمىز شېئىر تىلى بىلەن قېلىپلاشقان تىلنىڭ تۈپتۈن پەرقىلىنىدىغانلىقىنى . ئۇلارنىڭ پەرقىنىڭ دەل ئىستىمال جەھەتتە كۆرىلىدىغانلىقىنى ،ئۇ بولسىمۇ شېئىرى تىلىنىڭ ئىچكى ئىستىمالغا بەكىرەك ئىتبار بېرىدىغانلىقىنى لېكىن قېلىپلاشقان تىلنىڭ تاشقى ئىستمالغا بەكىرەك ئىتبار بېرىدىغانلىقىنى بىزگە كۆرسۈتۈپ بېرش بىلەن بىللە  ئۇ :‹‹ شېئىر تىلىنىڭ لىركىلىق ھېسياتنى ،يەنى شائىرنىڭ ئىچكى دۇنياسىدىكى مۈرەكەپلىكنى ئىپادىلەشنى ئۆز ۋەزىپىسى قىلىدىغان ، كىشلەرگە ئېستېتىك زوق بېغىشلايدىغان قۇرۇلما .شۇڭا ئۇنىڭدا  سوبېيىكتىپ ئىختىيارلىق كۈچلۈك بولىدۇ .››⒁
بۇنىڭدىن  چىقىپ تۇرۇپتىكى شېئىرى تىلى شائىرنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى ئىپادىلەشنى نىشان قىلىدۇ . چۈنكى تىل ماددى دۇنياغا ئەمەس بەلكى شائىرنىڭ ئۆزىگە تەۋە بولغان روھىيدىن ئۇرقۇپ چىقىدۇ . شۇڭا ئۇنىڭدا لوگىكىلىق قانۇنىيەت بولايدۇ . ئەمىلىيەتتىمۇ سوبيېكتىپ خاھىش قانۇنىيەتكە بوي سۇنمايدۇ ھەتتا ئۇنى ئىتاراپ قىلمايدۇ .


نۇرغۇن كىشىلىرىمىز يېڭى شېئىرلار پەيدا بولغاندا ئۇنى قارشى ئالماسلىق پوزۇتسىيەسىدە بولدى . بۇنىڭ سەۋەبى ،ئۇلارنىڭ شېئىرنىڭ تىلىنىڭ شائىرنىڭ سوبيېكتىپ ئىختىيارلىقىنى ئاساس قىلىدىغانلىقى ،يەنى شائىرنىڭ مۈرەككەپ ئىچكى دۇنياسىنى مەنبە قىلىدىغانلىقىنى تازا بىلىپ كېتەلمىگەنلىكىدىن بولغان . ناۋادا بىز شېئىرنى قاتمال تىل دائىرسىدە چۈشەپ قويساق ،بىز تىلغا ئەركىنىلىك ئاتا قىلىش ئۇياقتا تۇرسۇن  ھەتتا ئۆزىمىزمۇ قاتمال تىلنىڭ مەھپۇسىغا ئايلىنىپ قېلىشىمىز مۆمكۈن .
⑵شېئىرى تىلىنىڭ ئىجادىلىقى ھەققىدىكى قارىشى .
تىلدىكى ئىجادىلىق دىگەن ئاڭلىغان ۋاقتىمىزدا ،كۆپۈنچىمىزنىڭ كاللىسىغا كېلىدىغىنى  تىلنىڭ بوزۇلۇشى. ئەمىلىيەتتە تىلدىكى بوزۇلۇش يېڭى تىل ئىجات قىلماي باشقىلارنىڭ تىلىنى قالايمىقان قوبۇل قىلىۋەرگەنلىكىتىن بولىدۇ . بىز ھازىرقى ئورتاق تىلىمىزغا قارايدىغان بولساق ، يات تىللارنىڭ كۆپلىكىدىن ئەپسۇسلىنىمىز مەسىلەن : ‹‹ ياڭيۇ ، لابا ، چەيدۇ ، جوزا ، پىلاستىنكا دابازا ...›› قاتارلىقلار .
شېئىرى تىلىمىزدا ئۇزاق يىل  تىل  ئىجات قىلىش ئېلىپ بېرىلمىغانىقى ئۈچۈن ،شېئىرى تىلىمىزدا تىل تەكىرارقىقى كۆرۈلدى .ئەمىلەيتتىمۇ بىز ئەلشىر نەۋائى دەۋىردىكى تىل مۇھىيتىنى قويۇپ تۇرۇپ ، شائىرمىز مەشرەپ دەۋىردىكى تىل مۇھيىتى بىلەن ھازىرقى تىل مۇھىيتىمىزنى سېلىشتۇرساق پەرقنىڭ چوڭلىقىنى كۆرۈپ يىتىمىز . ئۇلارنىڭ شېئىرلىرىنى ھەتتا لۈغەت بولمىسا چۈشۈنەلمەيدىغان ھالغا كېلىپ قالدۇ . بۇ پەرقى قانداقتۇ بىزنىڭ تىل ئىجات قىلغانلىقىمىزدىن ئەمەس ئەكسىچە كىلاسسىكلىرىمىزنىڭ باي تىلىنى ساقلىماي ، شېئىرى تىلىمىزغا قېلىپلاشقان ، سىياسى شۇئار تۈسىنى ئالغان ، ئىشلەپ چىقىرىش ، قۇرۇش بىلەن مۇناسۋەتلىك تاشقى ئىستىمال تىلىنى سۆرەپ ئەككىرىپ ، ئىچكى ئىستىمال تىلىنى تەرىك ئەتكەنلىكىمىزدىن بولغان .
پەرھات ئىلياس شېئىرى تىلىنى ئىجات قىلىش ئارقىلىق قاتمالاشقان تىلنىڭ بوينتۇرىقىدىن قۇتۇلۇشنىڭ زۆرۈرلىكىنى ئوتتۇرغا قويۇش بىلەن تەڭ ئۇ: شائىر ياراتقان ئىجادىي تىلنىڭ خەلىق تىلىغا سىڭىپ كىرىشنىڭ ئۆزىمۇ ئامىباپلىق ھېساپلىنىدۇ .>>⒂ دەيدۇ .بۇنىڭدىن چىقىپ تۇرۇپتىكى ، شېئىرى تىلىدىكى ئىجادىلىق خەلىق تىلىنى چەتكە قاقمايدۇ ئەكسچە ئۇنى بېيىتىپ تەرقىيات پۈرسىتىگە ئىگە قىلىدۇ . دىمىسىمۇ بىز بىر سۆز بىرمەنانى بۈلدۈرشى كېرەك دەيدىغان شېئىر ئىجادىيەت قارشى ۋە شېئىريەت تەنقىتچىلىكىنىڭ زېيىنىنى ئاز تارتىمىدۇق . شۇڭا شېئىرى تىلنىڭ ئىجادىلىق  رولىنى  سەل چاغلاشقا بولمايدۇ . شائىر شېئىر يىزشلا ئەمەس ئۇ ھەم ئانا تىلىمىزنى بېيىتشتىن ئىبارەت ئۇلۇغ مەھسۇلىيەتنى زېمىسىگە ئالغان.
⑶شېئىرى تىلىدى مەتىقىسزلىك قارىشى .
بۇ يەردە دىيلىۋاتقان ھالىقىلىق مەسىلە ، شېئىر تىلىنى قانداق قولۇنۇش مەسىلىسى . پەرھات ئىلياس شېئىر تىلىنىڭ ھېسيات مەنتىقىسى ئاساسىدا شەكىللەننگەن تىلنى قولىنىدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ .ھېسيات مەنتىقىسىنى ئاساس قىلىدىغان شېئىرى تىلى تىلدىكى چېقىلىش ،يەنى گىراماتىكىلىق قانۇنىيەتلەرنى بۇزۇپ تاشلىغاندىن كېيىن پەيدا بولىدۇ . ئۇ يارلىشتىن ئاۋال شائىرنىڭ تاشقى ئىستىمال تىلىنى ،يەنى ئومۇمىلاشقان ئادەتتىكى تىل ئىشلىتىش ئادىتىدىن قۇتۇلۇشنى شەرت قىلىدۇ . شۇنداق بولغاندىلا شائىر يېڭى مەنا ۋە يېڭى تىل چوڭقۇرلىقغا چۆكەلەيدۇ . بۇ ئارقىلىق يېڭى بىر ھاياتلىق مەنزىرسىنى يەنى يەنى بىر رېئالىقىنى بىزگە ئايان قىلىپ ، خاسلىقىنى ئىپادىلەلەيدۇ .
پەرھات ئىلياس شېئىردىكى مەنتىقىسزلىكە مۇنداق تەبىر بېرىدۇ :‹‹ ئاتالمىش بۇ ‹‹ مەنتىقىسىزلىك ›› يېڭىچە شېئىرلار بىلەن تەڭ دۇنياغا كەلگەن ئەمەس ، بەلكى ئۇزاق شېئىريەت تارىخى جەريانىدا شەكىللەنگەن بىرخىل ئىستىلىستىك ۋاستە .ئاساسلىق گەپ ، بۇ ۋاستىدىن ئوبدان پايدىلىنىش ـ پايدىلانماسلىقتا . ›› ⒃

  
  مەنتىقىسىزلىك ئستىلىستىك ۋاستە بولغان ئىككەن . ئاۋال ئويلۇشۇدىغىنىمىز ئۇنى قانداق قوللۇنۇش؟ قايسى ئۇسۇلدا قوللانغاندا يېڭى تىل ئىجات بولىدۇ ؟ دىگەن سۇئالارغا جاۋاپ تېپىش بولۇشى كېرەك . بۇنىڭ جاۋابى شائىرلارنىڭ ماھارىتى بىلەن چوڭقۇر تەپەككۇرىدىن ئىبارەت .
بىزنىڭ ئانا تىلىمىز ئىستىلىستىك ۋاستىلارغا شۇنچە باي بولسۇمۇ ئۇنىڭدىن ئىجادىي پايدىلىنىش ، ئۇنى ئېچىش روھىي بىزدە كەم . مەسىلەن  نۇرغۇنلىغان شېئىرلىرىمىز:‹‹ خۇددى ، بەجايكى ، گۇيا ،مىسالى ، دەك ، تەك ...›› دىگەندەك ئېنىق ئوخشۇتۇشنىڭ ئوخشتۇش سۆزلىرىگە تولغان .بۇخىل شېئىرلاردا مەنا ۋە تىل غۇۋالىقى بولمىغاشقا ،يەنى ئىجادى تىللار ئارقىلىق روھنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرغا چۆكۈپ ئۇنى ئىپادىلەپ بېرەلمىگەشكە بىزگە ئالاھىىيدە ئېستېتىك زوق بىرەلمەيدۇ ..بۇ دىگەنلىك يۇقارقى ئوخشۇتۇش سۆزلىرىنى قوللانماڭلار دىگەنلىكى ئەمەس ئەكسىچە ئۇنى جانلىق  قوللۇنۇش ،يەنى ھېسيات مەنتقىسىگە ئاساسەن قوللۇنۇش دىگەنلىك .
بىز پەرھات ئىلياسنىڭ شېئىر تىلىدىكى مەنتىقىسزلىك قارىشىنى ئاساس قىلىپ ھەم ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ كۆپلىگەن يوشۇرۇن ئوخشۇتۇش ۋە سىموۋلغا باي سۆزلەرنى ئىجات قىلىپ ، ئۇنى قوللۇنۇپ ، بۇ ئارقىلىق بۇرۇنقى تىل ئادىتىمىزنى بۇزۇپ تاشلاپ ، شېئىر تىلىنى ئىشلىتىشتە ھېسيات مەنتىقىسىنى مەنبە قىلساق  ئېنىقكى شېئىريىتىمىز تېخىمۇ رەڭدارلىققا ۋە ھاياتى كۈچكە تولىدۇ .

ماقالىنى خۇلاسىلىغاندا پەرھات ئىلياسنىڭ يېڭىچە شېئىرلار ھەققىدىكى ئېستېتىك قاراشلىرى كۆپ قىرلىق ، ئىلمىلىكى يوقۇرى ، ھازىرقى شېئىريىتىمىزنىڭ تەرقىياتىغا پايدىلىق . ئۇ يېڭىچە شېئىريىتىمىز ھەققىدە ئۆزگىچە ئېستېتىك نەزىريەلىرىنى ئوتتۇرغا قويۇش بىلەن بىللە ئۇ يەنى يېڭىچە شېئىريىتمىزنىڭ تەرقىيات مۇساپىسىنى خۇلاسىلاپ ئۇنى نەزىريەۋى ئاساس بىلەن تەمىنلىدى .ئۇنىڭ بۇخىل روھىي بىزنى قايىل قىلماي تۇرالمايدۇ . ماقالىدە ئوتتۇرغا قويغانلىرىم ئۇنىڭ يېڭىچە شېئىرلار توغرسىدىكى ئېستېتك قارشلىردىن ئېلىنغان بىر تامچىدىن ئىبارەت . شۇڭا ئۇنىڭ شېئىريەت ھەقىدىكى ئېستېتىك قاراشلىرىنى ئىلگىرلىگەن ھالدا قېزىشقا توغرا كېلىدۇ .
ئاخىردا مەن پەرھات ئىلياس ئەپەندىنىڭ ئىجادىيىتگە نۇرانە يول ، تېنىگە ساقلىق ، ئائىلىسىگە بەخىت تىلىپ ماقالەمگە خاتىمە بېرىمەن .

پايدىلانمىلار :
① پەرھات ئىلياس :‹‹ غالىپ تەشۋىشلەر ›› ئۇرۇمچى ، 2001ـيىل 8ـبەت
②ھۆرمەتجان ئابدۇرەھامان فىكىرەت :‹‹ تەسەۋۋۇپ پەلسەپىسى ›› ئۈرۈمچى ، 2001ـيىل  151ـبەت
③پەرھات ئىلياس :‹‹ غالىپ تەشۋىشلەر ››  ئۈرۈمچى  ،2001ـيىل 5ـبەت
④پەرھات ئىلياس : ‹‹ غالىپ تەشۋىشلەر ›› ، ئۈرۈمچى ،2001ـيىل  304،305ـ بەتلەر
⑤پەرھات ئىلياس :‹‹ غالىپ تەشۋىشلەر ›› 2001 ـيىل،  5ـبەت
⑥پەرھات ئىلياس :‹‹ غالىپ تەشۋىشلەر ›› 2001ـيىل، 48ـبەت
⑦ئابدۇشۇكۈر مۇھەممەتىمىن :‹‹ئومۇمى ئېستېتىكا ›› ، 1985ـ؛ 61ـبەت
⑧ئابدۇشۇكۈر مۇھەممەتىمىن :‹‹ ئومۇمى ئېستېتىكا ›› 1985ـيىل 218ـبەت
⑨ نىتشىي : ‹‹ مەبۇتلارنىڭ زاۋالى ››            
⑽پەرھات ئىلياس :‹‹ غالىپ تەشۋىشلەر ›› ،  2001ـيىل ، 39ـبەت
⑾پەرھات ئىلياس :‹‹ غالىپ تەشۋىشلەر ›› ، 2001ـيىل 40ـبەت
⑿ئەركىن نۇر :‹‹ تەڭرىتاغ ›› 2006ـيىل  3ـسان ، ‹‹ زۇرىتا شېئىرللىرىدىن ›› 109ـبەت
⒀پەرھات ئىلياس : ‹‹ غالىپ تەشۋىشلەر ›› ،2001ـيىل 26ـ بەت
⒁ پەرھات ئىلياس :‹‹ غالىپ تەشۋىشلەر ›› ،2001ـ يىل ، 7ـبەت
15پەرھارت ئىلياس :‹‹ غالىپ تەشىۋشلەر ›› 2001ـيىل 8ـبەت
⒃پەرھات ئىلياس :‹‹ غالىپ تەشۋىشلەر ›› 2001ـيىل 10ـبەت


مەنبە : ئىلى دەرياسى
ھېسياتنىڭ قۇلى،مەغلۇبنىڭ ئۇلى!
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 546
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 643
ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە643دانە
تۆھپىسى: 60
پۇلى: 813 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 121
ياخشى باھا: 763
توردا: 114(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-05-19
ئاخىرقى: 2012-03-09
3- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-09-22 11:38

-تىنىمسىز ئىزدەنگۈچىلەردىن يۇقارقىدەك ئۈنچىلەر تۆكىلىدۇ... بۇخىل ئۈنچىلەرنىڭ تېگىگە يېتىش ئوقۇرمەننىمۇ تىنىمسىز ئىزدىنىشكە دەۋەت قىلىدۇ...
ھېسياتنىڭ قۇلى،مەغلۇبنىڭ ئۇلى!
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 546
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 643
ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە643دانە
تۆھپىسى: 60
پۇلى: 813 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 121
ياخشى باھا: 763
توردا: 114(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-05-19
ئاخىرقى: 2012-03-09
4- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-09-23 10:37

- پىشقان ئەدەبىي تەرجىمان؛ ئالىپ ئوغۇز  تېخىمۇ تىرىشىڭ بىز سىزدەك ئوغلانلىرىمىزدىن سۆيىنىمىز...!!!