بىر ئايال بىر ئۆمۈر ئۆزىنىڭ ھۆرمىتىگە، ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن ئەرگە بېقىنىپ، باشقۇرۇلۇپ ياشاشقا رازىكى، ئەمما ئەرلىك جاسارىتى كامچىل، ئىككى ئېغىز چىرايلىق گەپ بىلەن كۆڭلىنى ئالالمايدىغان، ھالقىلىق پەيتلەردە ئايالىغا ئىگە بولالمايدىغان، ھاياتنى سۆيمەيدىغان، تۇرمۇشنى قەدىرلەشنى بىلمەيدىغان، ۋاقىتنىڭ قەدىرىگە يەتمەيدىغان گەدەنكەش قۇرۇق سۆلەت ئەرلەرنىڭ ئۆزىگە يول باشلاپ مېڭىشىنى ھەرگىزمۇ خالىمايدۇ. چۈنكى كېرەكسىز پاراۋۇز پويېزنى سۆرىيەلمەيدۇ.
مۇشۇ يەرلىرى نەقلا مىنىڭ خارەكتىرىمگە ماس كىلىدىغان يىرى ئىكەن،ھەقىقى ئايال قەلبىدىن ئىلىپ ئىيتىلغان بەك بەك پاساھەتلىك چىققان سۆزلەر ئىكەن.تىما ئىگىسىگە كۆپ تەشەككۈرلەر بولسۇن.«ئەرلىرى زەئىپلەشكەن مىللەتنىڭ ئاياللىرى بۇزۇلىدۇ»دىگەن ھىكىمەتلىك سۆزنىڭ ئىنتايىن چۈشنۈشلۈك ئۇسۇلدا ئەرلىرىمىزگە بىرىلگەن سىگىنالى بوپتۇ.تىما ئىگىسىگە ئاللاھدىن ئەجىر بىرىشنى تىلەيمەن.