بۇ شېئىرنىڭ يېزلىشى ئارقا كۆرنىشى ھەققىدە :
مەلۇم بىر كۈنى يۈرتۇمنىڭ ئاۋات كوچلىرىدا كېتىۋىتىپ . بۇرنقى ناھىلىك ھۆكمەتنىڭ ئالدىغا سېلىنغان تەنتەربىيە زالنىڭ ئىشكىگە ئېسلغان ئېلانلارغا كۆزۈم چۈشتى . بۇ يەردە شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى يەرلىردىن كەلتۈرىلگەن ماي بۇياق رەسىملەر كۆرگەزمە قىلىنىۋاتقان ئىكەن .مەن خۇشاللىق ئىلكىدە كۆرگەزمە زالىغا كىرىپ، ئاجايىپ ماھارەتلەر بىلەن سىزلغان ھەرخىل مىللەتلەرنىڭ رەساملىرى سىزغان ئەسەرلەردىن ھوزۇر ئېلىۋاتقاندا .بىر رەسىمگە كۆزۈمگە چۈشتى . بۇ رەسىمدە داپچى بوۋاي تولىمۇ مەسخىرلىك يەنى ھەجىۋى ھالدا سىزلغان ئىككەن .ئۇ بىر ئالۋاستىنى ئەسلىتەتتى . . مەزكۈر رەسىمنى سىزغان رەسامنىڭ ئۆزنىڭ روھىدا ئالۋاستى مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى . ئۇ ئالۋاستىنى ئۇيغۇر بوۋاينىڭ ئوبرازىغا تاڭغانلىقىنى ھېس قىلىپ ئەپسۇسلاندىم _دە . شۇ ۋاققىتىكى تەسىراتلىرىمنى تۈۋەندىكى شېئىر ئارقىلىق خاتىرلىدىم
داپ تۇتىۋالغان ئالۋاستى
ئىككى تال چىشىڭ تىك قىيا ،
قۇلىقىڭ شاختىكى پەيسىز قۇماي ،
كۆزۈڭ قانغا مىلەنگەن ياپراق،
دېپىڭ يېرىلغان قۇرۇق لاي،
ئېسىلغان پىچىقىڭ ئەگىرى پۇتاق .
قايسى قولدۇر ئۇنى سىىزىغان ؟
رەڭلىرى كۈيلەرگە ئاتار سانسىز ئوق
كىرىۋالغانمۇ ئالۋاستى رامكا ئىچىگە
قىلماق بولۇپ ئۆز_ ئۆزىنى مەسىخىرە ؟
داپ ئاۋازى يىراق كۆكتىن كېلىدۇ ئۇچۇپ
داپچى بوۋاي قۇياشتىكى پەرىشتە .