ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 3410 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئامېرىكىلىق بولماق ئاسانمۇ؟
ئىنسانلار ئۇرۇق-تۇغقان، ئۇيغۇرلار  بىر تۇغقان
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 712
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 8
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە8دانە
تۆھپىسى: 14
پۇلى: 36 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 18
ياخشى باھا: 31
توردا: 3(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-06-23
ئاخىرقى: 2011-10-05
0- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-07-05 12:26

ئامېرىكىلىق بولماق ئاسانمۇ؟

ئەسكەرتىش: بۇ يازما bozqir تەرىپىدىن نادىرلاندى(2011-07-05)
gulen  بۇرادەرنىڭ يېڭى يازمىسى ئىكەن، بىرلىكتە ئوقۇيلى. (تېمىلارنىڭ توردىكى مەنبەسى ئەلكۈيى  تورىغا تەۋە دەپ ئەسكەرتىپتۇ، يۆتكەشكە بولمايدۇ دېيىلمىگەچكە، يۆتكەپ ئەكەلدىم. خاتا ئەمەستۇ-ھە؟)
-"ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار" نىڭ داۋامى
ئابدۇۋەلى ئايۇپ
1. ئامېرىكىچە يېڭى ھايات ۋە ئۇيغۇرچە كونا خۇي
ۋەتەندە بىر ئائىلە كىشىلىرى بىلەن بىرلىكتە تېلۋىزور كۆرۈشنىڭ تەسلىكى ئۇيغۇرلارغا سىر ئەمەس. بۇ ھەقتە سەھنىگە چىققان ئابدۇكىرىم ئابلىزنىڭ "بۇزۇق تېلۋىزور" دېگەن ئىتوتى مەسىلىنىڭ قانچىلىك ئېغىرلىقىنى ۋە بۇ ھەقتىكى بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ تۇتۇمى (پوزىتسىيەسىى) نى ئەكىس ئەتتۈرىدۇ. ئامېرىكىغا كېلىپ ئۇزاق ئۆتمەي شەرقى ساھىلدىكى بىر شەھەردە ياشاۋاتقان دوستۇمنىڭ ئۆيىدە مېھمان بولدۇم. كەچتە ئامېرىكىدىكى گرىكلارنىڭ تۇرمۇشى ھەجىۋىلەشتۈرۈلگەن بىر فىلىمنى ساھىپخاننىڭ 9 ياشلاردىكى قىزى بىلەن بىرلىكتە كۆردۇق. فىلىمنىڭ بەزى كۆرۈنۈشلىرىدە چوڭلار تۇرمۇشىغا دائىر مەزمۇنلار بولغاچقا توختىماي ئۆتكۈزىۋېتىشكە توغرا كەلدى. ئۆتكۈزۈپ ئۈلگۈرەلمىگەن يەرلىرىدە ئاپىسى قىزنىڭ كۆزىنى ئېتىۋالاتتى. بەزىدە ئاپىسى كىنوغا بېرىلىپ كېتىپ قىزىنىڭ كۆزىنى ئېتىۋېلىشقا ئۈلگۈرەلمەي قالاتتى. بۇنداق چاغلاردا ئاغىنەم ئايالىغا ئالىيىپ نارازى بولاتتى. بۇنداق ئىش مەن تۇرغان بىر قانچە كۈن ئىچىدە ئۇدا تەكرارلاندى. كۈزىتىشىمچە ھېلىقىدەك كۆرۈنۈشلەردىن قىزنىڭ كۆزىنى توسۇشقا قەشقەرلىك دوستۇم ئۆزىنىڭ ئۈرۈمچىلىك ئايالىدىن بەكرەك كۈچەيتتى. بىر قېتىم قىز دادىسىنىڭ تۇسۇشلىرىدىن نارازى بولۇپ تۇرۇپ كەتتى. ئۆزەمچە بۇنى ئامېرىكىلىق بالا بىلەن قەشقەرلىك دادا ئوتتۇرىسىدىكى ئىددىيە توقۇنىشى دەپ خۇلاسىلىدىم. مەكتەپكە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن بۇ ئىشنى ئامېرىكىلىق دوستلۇرۇمغا دەپ بەردىم. "سېنىڭ ئۇ دوستۇڭ تولۇق ئامېرىكىلىق بولالماپتۇ.  ئامېرىكىدا ئۇنداق فىلىملەرنى ئاتا، بالا بىرلىكتە كۆرۈدىغان ئىش يوق!" دېيىشتى ئۇلار. ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە ئامېرىكىدا ئىشلەنگەن ھەر قانداق فىلىمگە نەچچە ياشتىن يۇقۇرى بالىلارنىڭ كۆرۈشىگە مۇۋاپىق كېلىدىغانلىقى ھەققىدە ئېنىق ئاگاھلاندۇرۇش يېزىلغان بولىدىكەن. چوڭلار بالىلىرى بىلەن كۆرۈدىغان فىلىملەرنى تاللىغاندا ئاگاھلاندۇرۇش بويىچە ئىش كۆرۈشكە بەكمۇ ئەھمىيەت بېرىدىكەن. دوستۇم ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان بىلەن  جۇڭگۇچە تۈزۈلمىدە يېتىلگەن خۇيىنى تاشلىيالماپتۇ.
2. "كەچۈرۈڭ، ئۇ ئامېرىكىلىق ئەمەس!"
تانىيە ئىسىملىك  روسسىيەلىك بىر دوستىمىز بار ئېدى. ئۇنىڭ دادىسى ئەرمەنىيىلىك، ئانىسى روس بولۇپ ئۆزىنى ئەرمەن دەپ قارايتتى. ئۇنىڭ يولدىشى خارۋارد مەكتىپىمىزنىڭ جۇغراپىيە فاكۇلتىتىدا دوتسىنىت بولۇپ ئوتتۇرا ئاسىياغا بەكلا قىزىقاتتى. ئامېرىكىدىكى يىللاردا ئۇلار بىلەن ناھايىتى قويۇق ئارىلاشتۇق. بىر كۈنى تانىيە ئۆيىگە لازىملىقلارنى توردىن زاكاس قىلىپتۇ. نېمە ئۈچۈنكىن لازىمەتلىكلەر ۋاقتىدا كەلمەي كېچىكىپ قاپتۇ. مال يەتكۈزگۈچى يىگىت قايتا-قايتا كەچۈرۈم سوراپ مالنى تاپشۇرۇۋاتقاندا تانىيە يىگىتكە چېچىلىپ كېتىپتۇ. ئۆيدە باشقا ئىشقا مەشغۇل خارۋارد بۇنى ئاڭلاپ يىگىتتىن ئايالى ئۈچۈن كەچۈرۈم سوراپتۇ. ئاندىن ناھايىتى ئەستايىدىللىق بىلەن، " ئايالىم روسسىيەدىن كەلگىلى ئۇزۇن بولمىدى. ئۇ ئامېرىكىلىق ئەمەس، شۇڭا سىزگە دەپ سالغانلىرىنى كۆڭلۈڭىزگە ئالماڭ" دەپتۇ. تانىيە ئېرىدىن نېمىشقا شۇنداق دەيدىغانلىقىنى سورىسا ئۇ "ئامېرىكىلىقلار ئادەتتە بىرسى تۇنجى قېتىم بىر ئىشنى خاتا قىلىپ سالغاندا بۇنچە قاقشاپ، ئەيپلەپ كەتمەيدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە سېنىڭ ئۇنى چېچىلىپ ئەيپلەپ كېتىشىڭنىڭ ھاجىتى يوق. مۇلازىمىتىدىن رازى بولمىغان بولساڭ بېرىشكە تىگىشلىك تاپان ھەققىنى بەرمىسەڭلا، ياكى مۇلازىمەتتىن رازى بولمىغانلىقىڭنى شىركەتنىڭ توردىكى پىكىر ئېلىش سەھىپىسىگە يېزىپلا قويساڭ بولىدۇ. ئامېرىكىلىقلار سەندەك باشقىلارنىڭ خاتالىقىنى ۋارقىراپ، قورقۇتۇپ ئىتىراپ قىلغۇزمايدۇ. پەقەت خاتالىقىنىڭ بەدىلىنى ئۈنسىز ئۆتەشكە مەجبۇر قىلىدۇ." دەپتۇ.
3. "جوڭگۇلۇقنى كىملەر ئېزىدۇ؟"
ئاڭلىشىمچە مەن تۇرغان شەھەردە ئىككى ئۈچ يەردە خەنسۇ ئاشخانىسى بار ئىكەندۇق. رامىزان ۋاقتىدا كۇۋەيتلىك بىر ئەرەب تونۇشۇم شۇ يەردە تاماق يەپ كېلىش تەكلىبىنى بەردى. قۇلاقلىرىمغا ئىشەنمەي قالدىم. قايتىلاپ سورىسام چاقچاق ئەمەس، راست بارغۇسى باركەن. تاشقى دۇنيادا جوڭگۇلۇق دېگەن سۆز خەنسۇ دېگەن مەنىدە بولغاچقا مېنىمۇ شۇنداق ئاشخانىدا تاماق يەيدۇ، دەپ ئويلاپ قاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا خەنسۇ ئاشخانىسىدىكىلەرنىڭ مۇسۇلمان ئەمەسلىكى، ئىشلەتكەن خۇرۇچلىرىنىڭمۇ ھالال ئەمەسلىكى، خوجايىنىنىڭمۇ مۇسۇلمانلىقتىن بىخەۋەرلىكىنى چۈشەندۈردۈم. ئۇ بۇرۇن خەنسۇ تاماقلىرىنى جىق يىگەن بولسا كېرەك، سەل خىجىل بولغاندەك قىلىپ قالدى. ئۇنىڭ دەپ بېرىشچە ئۇ بۇرۇن غەرىبى ساھىلدىكى بىر خەنسۇ ئاشخانىسىدا ئىشلىگەنىكەن. ئۇنىڭ قولىدىكىسى ئامېرىكا پاسپورتى بولغاچقا باشقا خەنسۇ مۇلازىملار ئۇنىڭغا ئالاھىدە مۇئامىلە قىلىدىكەن. خەنسۇ خوجايىنمۇ جوڭگۇلۇق مۇلازىملارغا قىلغان قوپاللىقنى ئۇنىڭغا قىلالمايدىكەن. خوجايىن ئادەتتە خەنسۇ مۇلازىملارنى خالىسا ئىشلىتىدىكەن، خالىمىسا بىر ئىشنى باھانە قىلىپ قوغلىۋېتىدىكەن. ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغىنى خوجايىننىڭ خەنسۇ ئوقۇغۇچى بالىلارنى ئۈچ كۈن سىناققا ئىشلىتىشنى باھانە قىلىپ ھەقسىز ئىشلىتېۋېلىپ تۆتىنچى كۈنى قوغلىۋېتىشى ئىكەن. كۇۋەيتلىك تونۇشۇمنىڭ ئېيتىشىچە: خەنسۇلار قانۇنسىز ئىشلىگەچكە ۋە ئامېرىكا قانۇنلىرىنى بىلمىگەچكە ئاسان بوزەك بولىدىكەن. (ئادەتتە ئىچكىرىدىمۇ ئۇيغۇر خوجايىنلار ئۇيغۇر مۇلازىملارنى بوزەك قىلىدىغان ئىش بار ئېدى. قارىغاندا بۇ بىر دۇنياۋىي ھادىسە ئوخشايدۇ) يەنە بىرى ئامېرىكىدا خوجايىنلارنىڭ ۋە ئىشچىلارنىڭ تاپاۋەتلىرىدىن باج ئېلىنىدىغان بولغاچقا باج ئوغۇرلاش ئۈچۈن خەنسۇ خوجايىن ۋە ئىشچى  قانۇنسىز ئىشلەش ۋە ئىشلىتىش يولىنى تاللايدىكەن. قىزىق يېرى مەن تۇرغان شەھەردىكى بېڭجىڭلىق بىر خەنسۇنىڭ ئامېرىكىدا تۇغۇلغان ئوغلىمۇ ئانىسىنىڭ ئاشخانىسىدا قانۇنسىز ئىشلەيدىكەن، ۋە بايلارنى كۈتۈش نۆۋىتى كېلىپ قالسا باشقا خەنسۇ مۇلازىملارنى ئارام ئېلىشقا بۇيرۇپ قويۇپ ئۆزىلا كۈتكۈچىلىك قىلىدىكەن. ئامېرىكىدا كۈتكۈچىلەر كىرىمىنى ئاساسەن خېرىدارلار بەرگەن تاپان ھەققىدىن تاپىدىغان بولغاچقا ئۇ بايلارنى كۈتۈش نۆۋىتىنى ئادەتتىكى خەنسۇ خىزمەتچىلىرىگە بەرمەيدىكەن. بىر كۈنى بىر يەھۇدى ساۋاقدېشىم بۇ ئىشلارنى جوڭگۇ ئاشخانىلاردا بوزەك بولغان بىر خەنسۇدىن ئاڭلاپ ماڭا بىر مۇنچە قاقشاپ بەردى. ئۇنىڭ ئەڭ ھەيران قالغىنى ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان خەنسۇ خوجايىنلارنىڭ ساختىپەزلىكى ۋە ئامېرىكىدا تۇغۇلغان ھېلىقى بالىنىڭ يولسىزلىقى بولۇپتۇ. "ئامېرىكىدا تۇغۇلمىغان بولسىغۇ ۋەتىنىدە يۇقتۇرغان يامان خۇيىنى داۋام قىلدى دەيلى. ئامېرىكدا ئۆسكەن تۇرۇپ، ئامېرىكا پۇقرالىقىغا ئۆتكەن تۇرۇقلۇق تېخىچە ئامېرىكىلىق بولۇپ بولالمىغىنى كىشىنى بەكمۇ ئېچىندۇرىدۇ." كانزاس شەھرىدە بىر ئامېرىكىلىق تونۇشۇم بىر خەنسۇ بىلەن بىرلىشىپ ئاشخانا ئاچقانىكەن. ئاشخانا كانزاستىكى ئەڭ چوڭ بازارغا ئېچىلغان بولغاچقا دەسلەپتە ناھايىتى يۈرۈشۈپتۇ.  كېيىن ھېلىقى ئامېرىكىلىق تونۇشۇم شىرىكلىكتىن چېكىنىپتۇ. سەۋەبى ئاشخانىدا كالا، توخۇ گۆشلىرىدىن ئېتىلگەن يىمەكلىكلەرنىڭ مۇسۇلمان ۋە يەھۇدى ئامېرىلىقلارغا ھالال دەپ سېتىلىش ساتماسلىق زىددىيىتى بولۇپتۇ. (ئادەتتە ئامېرىكىدا يەھۇدىلار ۋە مۇسۇلمانلار بىر بىرىنىڭ يىمەكلىرىنى يىيەلەيدۇ) ئامېرىكىدا ھالال يىمەكلىك قانۇنى ئاللىقاچان ئومۇملاشقان بولۇپ كالا، توخۇ گۆشى بولسىلا ھالال دەپ سېتىش قانۇنغا خىلاپ ئىكەن.
4. " ئامېركىلىقلارغا ئىشەنمەيمەن!"
ئايالىم دەسلەپ ئىشلىگەن ئاشخانىنىڭ خوجايىىنى مۇھەممەد پەلەستىنلىك ئېدى. ئاشخانىدا بىر ئامېرىكىلىق ۋە ئايالىم ئىككىسى ئىشلەيتتى. ئامېرىكىلىق قىز ئىشلىگىلى خېلى ئۇزاق بولغان بولسىمۇ مۇھەممەد ئاشخانىنىڭ ئاچقۇچىنى ئۇنىڭغا ئەمەس ئايالىمغا تاپشۇردى. ئۇ ئامېرىكىلىقلارغا ئىشەنمەيدىكەن. ماڭا بۇ گەپ تولىمۇ غەلىتە تۇيۇلدى. ئامېرىكا پۇقراسى بولغانغا 20 يىلدىن ئېشىپتۇ. يەنە نېمىشقا ئىشەنمەيدۇ؟ ئەڭ قىزىق يېرى، ئۇ ئۆزى يوق چاغلاردا خىزمەتچىلىرىنىڭ ئوبدان ئىشلىمەسلىكىدىن ئەنسىرەپ ئاشخانىغا كۆزەتكۈ ئورنۇتۇپتۇ. بىر كۈنى ئايالىم تاماقلارنى ئېتىپ بولۇپ بىر مىنۇت سىرىتقا قاراپ تۇرۇپ قالغانىكەن. مۇھەممەد دەرھال تېلىفون قىلىپ يېرىم سائەت تەنقىد قىلىپتۇ. رامىزاندىن بۇرۇن ئايلىق تارقاتقانىكەن. مۇھەممەد ئايلىقنى بېرىۋېتىپ ئايالىمغا پەلەستىن ئۈچۈن يارىدەم قىلىشنى تاپىلاپتۇ. ئايالىم "مەن ئۇيغۇرۇمغا ياردەم قىلىمەن،" دېگەنىكەن. ھەيران قالغانمىش. ئۇنىڭچە دۇنيادا ھىچ بىر مۇسۇلمان مىللىتى پەلەستىنلىكلەردەك زۇلمەتتە ئەمەسىمىش. ھالى زۇلمەتتە بولسا نەچچە ئون مىڭ پەلەستىنلىك ئامېرىكىغا قانداق كەپتۇ؟. ھالى زۇلمەتتە بولسا ئۆزىنىڭ ھۆكۈمىتى، ئارمىيىسى، ساقچىسى بولاتتىمۇ؟ ھالى زۇلمەتتە بولسا پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ ياردىمىنى قوبۇل قىلىپ ئىسرائىلىيەگە قارشى كاتيۇشا بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتەلەيتتىمۇ؟ خالىغانچە نامايىش قىلالايتتىمۇ؟ مۇھەممەد "ئامېرىكىلىقلارغا ئىشەنمەيمەن!" دېگەن بىلەن پەلەستىن چىگرىلىرىدىكى ئىسرائىلىيە ئارمىيىسى چېكىنگەن تەقدىردىمۇ ئامېرىكىدىن كەتمەيدىكەن. چۈنكى ئامېرىكىدا كىشىنىڭ يولى تۇرغانچە ئېچىلارمىش. مەنچە مۇھەممەدتەك مۇساپىرلارنىڭ تۇيغۇلىرى ئاجايىپ مۇرەككەپ، يا ئامېرىكىلىقتەك ئامېرىكىنى چىندىن سۆيەلمەيدۇ، يا پۈتۈنلەي تەرك ئېتەلمەيدۇ.
تۈگەنجە:
مەن ئۇچراتقان يۇقارقى كۆچمەنلەرنىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇپ ئامېرىكىلىقلاردەك بولالمىغىنى ئىنساننىڭ مۇئەييەن مەدەنىيەتتە ئىجتىمائىيلىشىدىغان مۇرەككەپ مەخلۇق ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. ئىنسان قەيەردىكى قايسى مەدەنىيەت موھىتىدا ئىجتىمائىلاشقان بولسا، شۇ خىل مەدەنىيەتكە مەنسۇپ كىشىلەرنىڭ مەدەنىيىتىنى ئۆزى بارغانلىكى يەرگە ئېلىپ بارىدۇ. ئامېرىكىدىكى مۇساپىرلارنىڭ تېنى ئامېرىكىدا بولغان بىلەن ئۇلارنىڭ مىللىي مەدەنىيىتىدە يېتىشكەن روھى ئۆز تۇپراقلىرىدا قېلىپ قالغان بولىدۇ. شۇڭا ئۇلارنىڭ قىلىقى، خۇيلىرى ۋە پاراڭلىرىدا ئەسلى ئۆزى تەۋە مەدەنىيەتنىڭ تامغىلىرى رۇشەن ساقلانغان بولىدۇ. مۇشۇ مەنىدىن ئېيتقاندا ، ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان مۇساپىرلارنىڭ ئامېرىكىلىقتەك بولمىقى ئاسان ئەمەس. ئامېرىكىلىقتەك بولالماسلىقنى ئالى مەلۇمات ۋە ئەۋزەل ئورۇنمۇ تۈگىتەلمىسە كېرەك. بىزنىڭ مەكتەپتىكى ئامېرىكىغا تۈرلۈك سەۋەپلەردىن يەرلەشكەن چەتئەللىك ئوقۇتقۇچىلاردا مۇنداق غەلىتىلىكلەر بار. 1. باراۋەرچىلىكى يېتەرسىز. مەسىلەن،  بىر خەنسۇ مۇئەللىم بار. ئامېرىكىلىق ياكى ياۋرۇپالىق ئوقۇغۇچىلار "ۋاقتىڭ بارمۇ" دەپ بولغىچە ۋاقىت چىقىرىپ ماقالىسىگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ. بىزدەك ئاسىيا ياكى باشقا قىتئەلەردىن كەلگەنلەرنى ئۆزى يېتەكلىمەي يارىدەمچىلىرىغا بۇيرۇپ قويىدۇ. 2. مۇددىئاسىنى يوشۇرىدۇ. بىر ياپۇنلۇق ئوقۇتقۇچۇم بولىدىغان. بۇرۇن بالىلار تىلشۇناسلىقىدىن دەرس بەرگەن ئېدى. ئوقۇشۇم تۈگەشتىن ئاۋۋال شۇ پەندىن ئوقۇش تاماملاش ئىمتىھانى بېرىدىغانلىقىم ئۈچۈن ئەينى چاغدىكى دەرس تەييارلىقىنى بېرىپ تۇرۇشنى ئىلتىماس قىلدىم. دەسلەپتە فاكۇلتىتتىن سوراپ باقاي دېدى. فاكۇلتىت ئىجازەت بېرىپمۇ بولدى. كېيىنكى سائەتتە بېرىدىغان بولدىيۇ، بەرمەي قويدى. يەنە سورۇسام، "ساڭا بەرسەم بولىدۇ، لېكىن پايدىلىنالمايسەن، مۇكەممەل ئەمەس" دەپ تۇرۇۋالدى. مەن نېمىلا بولمىسۇن ئىشلەتمەكچى ئىكەنلىكىمدە چىڭ تۇردۇم. ئۇمۇ "پايدىلىنالمايسەن" دېگەندە چىڭ تۇردى. مەن ئۇنىڭغا شۇنچە قىلىپمۇ "بەرمەيمەن!" دېگەن گەپنى دېگۈزەلمىدىم. بەرمىگىنى، بەرمەيدىغانلىقى راست بولدى، ئەمما "بەرمەيمەن!" دېگەن گەپنى زىنھار دېمىدى. 3. پىرىنسىپسىزلىق قىلىدۇ. ئادەتتە ئامېرىكىلىق پروفېسسورلار چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلار تىل قىينچىلىقى سەۋەبلىك قىينىلىپ قالسا يەرلىك ئوقۇغۇچىلارغا قارىغاندا ئۈچ، تۆت مىنۇت ۋاقىتنى ئارتۇق بېرىدۇ. لېكىن بۇ گەپنى چوقۇم ئىمتىھان باشلىنىشتىن بۇرۇن مۇئەللىمگە دەپ قويۇش كېرەك. ئامېرىكىغا كېيىن يەرلەشكەن ئاسىيالىق ۋە ئافرىقلىق بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلار قىينىلىپ قالغانلارغا نومۇرنى باشقىلارغا قارىغاندا سەل كەڭرى قويۇش بىلەن يوچۇق چىقىرىپ بېرىدۇ. دېمەك، ئامېرىكىلىق بولماق ئاسان، ئامېرىكىلىقتەك بولماق قىيىن. ئامېرىكىدا ياشىماق تەس ئەمەس، لېكىن ھەر بىر ئىشنى ئامېرىكىچە قىلماق مۈشكۈل.
[ گۈللەنتەرىپىدىن2011-07-05 12:40قايتا تەھرىرلەندى ]
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 735
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 11
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە11دانە
تۆھپىسى: 3
پۇلى: 17 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 7
ياخشى باھا: 17
توردا: 1(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-07-05
ئاخىرقى: 2013-04-30
1- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-07-05 13:51

ياخشى تىما
دوستلىشىش
بورتالا
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 23
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 2
ئومۇمىي يازما: 156
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە156دانە
تۆھپىسى: 39
پۇلى: 259 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 59
ياخشى باھا: 229
توردا: 14(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-02-18
ئاخىرقى: 2012-03-28
2- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-07-10 17:09

روناق تاپقان دۆلەتلەر ھەر-بىر كىشىنىڭ تەتقىقات ئۇبيېكتى بولىدىغان گەپكەن
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 982
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 5
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە5دانە
تۆھپىسى: 0
پۇلى: 5 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 0
ياخشى باھا: 5
توردا: 1(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-10-03
ئاخىرقى: 2012-05-27
3- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-10-03 20:05

   راستىنلا،  دۇنيادىكى بىچچارىلەر پەلەستىنلىكلەر ئەمەس، ئۇنداقتا كىم؟  ۋايتاڭ.
دوستلىشىش
كوكتوقاي
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1071
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 46
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە46دانە
تۆھپىسى: 3
پۇلى: 53 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 6
ياخشى باھا: 53
توردا: 14(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-11-28
ئاخىرقى: 2013-05-14
4- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-11-28 16:58

ھالى زۇلمەتتە بولسا ئۆزىنىڭ ھۆكۈمىتى، ئارمىيىسى، ساقچىسى بولاتتىمۇ؟           
ھېسياتنىڭ قۇلى،مەغلۇبنىڭ ئۇلى!
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 546
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 2552
ئۇنۋان:ھۆرمەتلىك ھازىرغىچە2552دانە
تۆھپىسى: 157
پۇلى: 2979 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 315
ياخشى باھا: 2898
توردا: 480(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-05-19
ئاخىرقى: 2013-05-30
5- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-05-23 18:44

پەنلەرنىڭ خۇجىسى ماتىماتىكا،
دۇنيانىڭ خوجىسى  ئامېرىكا.
دېمەككى،ھەممىنىڭ خوجىسى:
ئاللاھىم  خۇدا، خۇدا، خۇدا...!