ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 2016 قېتىم كۆرۈلدى
«12»Pages: 1/2     Go
تېما: سۆلەتلىك كادىر چوكان
arman03
دەرىجە: يېڭى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى

  تىزىم نۇمۇرى: 487

  جىنسى: يوشۇرۇن
ئۇنۋان:يېڭى ?????????4????
ئۆسۈش: 4%
  نادىر تىما: 0

  يوللانما: 4
  تۆھپىسى: 3
  پۇلى: 40 ياۋرۇ
  شۆھرىتى: 22
  ياخشى باھا: 10
 مۇنبەردىكى ۋاقتى: 0سائەت
  ھالىتى:
  تىزىم:2011-05-09
  كىرىشى: 2011-07-08
0- قەۋەت  |يوللانغان ۋاقت: 2011-07-08 10:12

سۆلەتلىك كادىر چوكان














سۆلەتلىك كادىر چوكان
 
يازكەلدى، يەر-جاھان ئىسىپ كەتتى، ئۆيلىرىمىزدىكى ھاۋاتەڭشىگۈچ بىزگە ئارەمبەخىش بولمىسا-زە، مۇشۇ تۇنۇردەك ئىسسىقتا دۇزاق ئازابى تارتىدىغان ئىش ئىدى-دە. بىز سۈرۈن ئۆيلەردە يېنى يېتىپ، تىلىۋىزور كۈرۈپ تۇمۇزنىڭ ئىسسىق كۈنلىرىنى ئۆتكۈزىمىز.

ئەمما يەنە شۇنداق بىرخىل كىشىلەر بار، ئۇلارغا ھاۋاتەڭشىگۈچ بولمىسىمۇ، ئۆينىڭ ئىچى ياكى تىرەكنىڭ سايىسى بولسىمۇ خوش بۇلاتتى. ئەمما ئۇلار تىنجىق ئىسسىقتا ئېتىزدىن چىقماي ئىشلەيدۇ. قۇياشنىڭ كۆيدۈرگۈچ تەپتى ئۇلارغا ئوت چاچىدۇ، پىشانىسىدىن ئاچچىق تەرلىرى قۇرۇمايدۇ... ئۇلار ئۈيىگە كىرىپ كەتسە بولمامدۇ؟

ياق، بولمايدۇ، ئېتىزدىكى ئىشنى كىم قىلىدۇ؟ ئېتىز ئۇلارنىڭ جېنى، ئۇلار ئېتىزغا تايىنىپ تىرىكچىلىك قىلىدۇ، ئېتىزدىن كىرىپ كەتتى دېگەنلىك، جېنىنى قۇزۇققا ئىلىپ قويدى دېگەنىلىك. ئۇلارشۇنداق چىداملىق، توۋا، ئاشۇ تۇنۇردەك ئىسسىق پۈتۈن جانلىقنى نە-نەلەرگە قوغلىۋەتتى، ھەممە جانلىق، ھەتتا كىچىكىنە قۇرۇت-قوڭغۇزمۇ مۇنداق ئىسسىققا چىدىماي ئۇۋىللىرىغا كىرىۋالدى، ئەمما دېھقانلارئۇنداق قىلالمايتى.

سىز يولدىن ئۈتۈپ كىتىۋاتقاچ، قاقىرام ئىسسىقتا ئېتىزدا ئىشلەۋاتقان دېھقاننى كۆرگەندە قانداق ئويلاردا بولغانسىزكىن؟ ئىشقىلىپ مەن ئۇلارغا شۇنداق ھېسداشلىقىم كېلىدۇ. كىمنىڭمۇ مۇنداق تىنجىق ئىسسقتا ئېتىزلىقتا كەتمەن چاپقۇسى بار؟

خوش، سىز ئازراق بولسىمۇ ئاشۇ بىچارىلەرنى چۈشەندىڭىز شۇنداقمۇ؟ بەلكى « ئەمدى ئۇلارنى ياراتقان ئىگىسى شۇ كەتمەنگە باغلاپ قويغانىكەن، بىز قانداق ياردەم قىلالايتۇق...» دەۋاتقانسىز. مېنىڭ بۈگۈن سىزگە دېمەكچى بولغىنىم دەل مۇشۇ مەسىلە.

بىز ئۇلارغا قانداق ياردەم قىلالايتۇق؟

بىزئۇلارغا چوڭ ياردەم قىلالايمىز. قېنى قۇلاق سېلىڭ.

يازكىردى، دېھقانلار نىڭ تازا قۇلى ئۈزۈكچىلىك بۇلىدىغان ۋاقىت كەلدى، ئۇلار ئېتىزلىقتىكى قۇغۇن تاۋۇزلىرىنى سېتىپ ئازراق پۇل قىلىپ، ئۈيىنىڭ ئۇششاق چىقىملىرىنى قامدىماقچى بۇلۇپ، بازارغا كىردى، ئىسسىقتا ئۇلارنىڭ تىللىرى قۇرۇپ كەتتى-يۇ، قۇغۇن-تاۋۇزدىن بىرنى پىچىپ يىيىشكە قىيمىدى، نېمەئۈچۈن دەمسىز، چۈنكى ئاشۇ قۇغۇن-تاۋۇزنى ساتسا، بالىلارنىڭ يازلىق كىيىم غەلۋىىسى، ئېغىلدىكى جانۋارلارنىڭ قۇرسىقى، ئاغرىقچان مەزلۇمىنىڭ دۇرىسى، ئايلاپ گۆشكە تەشنا بۇلۇپ كەتكەن بىچارە بالىلارنىڭ بىرۋاخلىق گۆشلۈك تامىقى... مانا مۇشۇنداق دېھقاننىڭ بېشىدا ئوت كۈيىۋاتقان چىقىملارغا دال بۇلىدۇ ئەمەسمۇ. مەن بازاردا دېھقاندىن بەش موچەن تالىشىپ، بىرقۇغۇننى ئالمايلا كەتكەن بىركاتتا سۆلەتلىك خانىمنى كۆردۈم، ئىچىمدە لەنەت ئۇقۇدۇم. بۇئايال بەلكى ئاشۇ ئىسىل كىيىملىرىنى نەچچە يۈز سوملارغا ئالىدۇ، قاتارچايلارغا نەچچەيۈزسوملاپ خەجلەيدۇ، نەچچە يۈزسوملاپ گىرىم بۇيۇمى ئىشلىتىدۇ... دېھقان بىچارىلارگە بەش مۇچەنگە چىدىمىدى. بەش موچەن سىز-بىزگە راست گەپ قىلغاندا ھېچقانچىلىك پۇل ئەمەس، ئەمما دېھقانغا ئۇنداق ئەمەس، ئۇنىڭ ئۈستىگە دېھقانلار ئاشۇنداق تۇمۇز ئىسسىقتا ئاچچىق تەرئاققۇزۇپ ئىشلەپچىقارغان قۇغۇن-تاۋۇزلىرىنى ھېلىمۇ يوقنىڭ ئورنىدا سېتىۋاتىدۇغۇ؟ بىرقۇغۇن بىرنەچچە سوم، بىرتاۋۇز ھەتتا تاللىۋېلىشىڭ بىرسوم دەپ ۋارقىراپ ساتقاننى كۆردۈم، ھەريۇغان تاۋۇزلارنىڭ بىرسى بىرسوم داۋاتىمەنغۇ. بىچارىلارئامالسىزلىقتىن شۇنداق ساتىدۇ، بىر-ئىككى كېچە تۇرسا بۇزۇلىدۇ، پۇلغا تېخىمۇ يارىمايدۇ. بىچارىلارغا ئەنە شۇنداق تەس. ئەمما بىز ئەنە شۇنداق بەش موچەنگە چىدىمايمىز.

مەن ئويلاپ قالدىم. ئەگەر ھەممىمىز ھېلىقى ئايالدەك شۇنداق بۇلۇپ كەتسەك، دېھقانلىرىمىز قانداق بۇلۇپ كىتەر؟

بىز شۇ دېھقانلارنىڭ ھەقىقى ئەھۋالىنى زادى قانچىلىك چۈشۈنىمىز؟

ئۇلارغا ياردەم قىلايلى، ئۇلارنىڭ قۇغۇن-تاۋۇزلىرى بىزدەك ئون مىلىيۇن قېرىنداشلىرى تۇرۇقلۇقمۇ سېسىپ كەتمىسۇن. سىز «بىرئادەمنىڭ بىركىشلىك ياردىمى دېگەن قانچىلىك ئىدى؟» دېمەڭ، سىز- بىز ئىتىپاقلىشىپ ياردەم قىلساق ، ئون مىلىيۇن قېرىنداشنىڭ يارىدىمى دېڭىزدىن چۇڭقۇربۇلىدۇ، تاغنى تالقان قىلغۇدەك قۇدىرەتلىك بۇلىدۇ.

يەنەبار. يەنەشۇ كادىر چوكانلارنىڭ گېپى.

 سەي بازىرىدىكى 15-16 ياشلاردىكى بىرسەيچى قىز مېنىڭ دىققىتىمنى تارتىيدۇ، قىز شۇقەدەر سەمىمى ئىدى، قىلچە ھېلى-مىكىرنى بىلمەيتى، سەيگە قويغان باھايىڭىزنى قىلچە يىرالمايتى-دە، خىجىل ئارلاش، ئارسال بۇلۇپ، سىزگە جىڭلاپ بىرىۋىرەتتى. مەن ئويلاپ قالدىم، ئاشۇقىز شۇنداق قىلىپ تىجارەت قىلسا، قانداقمۇ پۇل تېپىپ ، ھېچبولمىسا مۇنۇ يايمىنىڭ ئىجارە ھەققىنىمۇ بىرەلمەس؟ بىركۈنى مەن ئاشۇقىزغا بولغان قىزىقىشىمنى زادى باسالماي قىزدىن سورىدۇم:

--- سىڭلىم،سىز ھامان خېرىدارلاردىن باھاتالاشمايلا سەيلىرىڭىزنى بىرىۋىرىدىكەنسىز، مۇنداق قىلسىڭىز قانداق پۇل تاپىسىز؟

قىز ئاۋۋال مەندىن ھىتىرقىدى، چۈنكى قىزدىن بەلكى ھېچكىم مۇنداق سۇئال سۇرىمىغان بولسا كىرەك. ئاندىن سەي جىڭلىغاچ جاۋاپ بەردى:

--- باھا تالىشىپ قويساملا، خېرىدارلار ماۋۇ ئۇدۇلۇمدىكى سەيچىلەرنىڭ يېنىغا كىتىدىكەن، مەن ئولتۇرۇپ قالىدىكەنمەن.--- دەپ مەيۈسلىنىپ كۈزىگە غىللىدە ياش ئالدى. ھەي بىچارەقىز،دېدىم ئىچىمدە.

قىزنىڭ ئۇدۇلىغا قارىسام، ئۇيەردە خەنزۇسەيچىلەر ئولتۇرۇپتۇ. دېگەندەك بىرنەچچە ئۇيغۇركادىر چوكان شۇيەردە سەي ئالغىلى تۇرۇپتۇ.

قىزغا شۇنداق ئىچىم ئاغرىپ كەتتى. ھەي خەق، سەنلەر زادى نېمە ئويلايدىغانسەن؟ دېدىم ئىچىم ئاچچىق بۇلۇپ. قىزنىڭ سەيلىرىگە قارىدىم، شۇنداق خىل ۋە ياخشى ساقلانغان ئىدى. ئىسىمگە قايسى بىركىتاپتىكى «ۋەتەننى سۈيۈش ئۈچۈن ئۆزمىللىتىنى سۈيۈش كېرەك، مىللىتىنى سۆيمەيدىغانلار قانداقمۇ ۋەتىنىنى سۆيسۇن، چۈنكى ۋەتەن مىللەتتىن تەركىپ تاپىدۇ...» دېگەن قۇرلار كەلدى. ھەقىچان سەي بازىرىدا تۇرۇپ، ئەجەپ مىللەت ، ۋەتەن دەپ قالدى، دېگەنسىز؟

--- بۇكادىرلار نىڭ بەزىللىرى بىز ئۇيغۇر سەيچىلەردىن سەي سېتىۋالىدۇ، بەزىللىرى بىزدىن ئالماي ئۇدۇلدىكىلەردىن ئالىدۇ،--- دېدى قىز خۇددى ئىچىمدىكىنى چۈشەنگەندەك،--- بىز سەيچىلەر خەنزۇتىلىنى پەقەتلا بىلمەيمىز، شۇڭا خەنزۇخېرىدارلار گىپىمىزنى چۈشۈنەلمەسلىك تۈپەيلى ئالدىمىزغا كەلمەيدۇ، ئاۋۇ ئۇيغۇر چوكانلارمۇ بىزدىن نېمەئۈچۈنكى سەي ئالمايدۇ، شۇنداق بولغاندىكىن، بىزنىڭ سەيلىرىمىزنى كىم ئالىدۇ ئاكا؟ شۇڭا بىزمۇ ئامالسىز ئالدىمىزغا كەلگەنلەرنى ھەرگىز كەتكۈزمەسلىك ئۈچۈن، ئۇلار نەچچەپۇل بىرەي دېسە ياق دىيەلمەيمىز. يەنە تېخى مۇشۇ سەيلەر سېتىلماي بىركېچە تۇرۇپ قالسا بىزگە كۆپ زىيان بۇلىدۇ، ئائىلىمىز نامرات بولغاچقا بىر توڭلاتقۇغا چىقىنالمايۋاتىمىز، شۇنى ئېلىۋالساققۇ...

ھەي بىچارىلار، مۇشۇ كىچىكىنە سەي بازىرىدىمۇ كارامەت ئىشلاربار ئىكەن ئەمەسمۇ؟

--- سىزگە بىرنەچچە يىل بولدىغۇ دەيمەن؟--- دېدىم قىزغا ئىچىم ئاغرىپ. چۈنكى مەن خىزمەتكە ئارىلاپ مۇشۇيەردىن ئۈتەتتىم ۋە مۇشۇ قىزكۈزۈمگە چېلىقاتتى. قىزدىنمۇ يەنە بىرنەچچە قېتىم سەيمۇ ئالغانىدىم.

--- بەش يىل بولدى ئاكا،--- دېدى قىز يەنە كۈزىگە ياش ئېلىپ،--- ئەسلىدەمۇشۇئۇرۇن ئاپامنىڭ ئورنى ئىدى، بەش يىل ئىلگىرى ئاپامنىڭ مىڭىسىگە قان چۈشۈپ كىتىپ، پالەچ بۇلۇپ قالدى، مەن بالىنىڭ چۇڭى بولغاندىكىن ،شۇنىڭ بىلەن مەن مەكتەپتىن ئاجىراپ، ئاپامنىڭ ئىشىنى قىلىۋاتىمەن. دەسلەپ، ئاپام يىقىلىپ قالغاندا ئېشىپ قالغان سەيلەرنى بىر-ئىككى كۈندىلا سېتىۋىتىپلا بۇ ئۇرۇننى ئۆتكۈزۈپ بىرەرمىز دېگەن، كىيىن سەيلەرنىڭ ئايىغى پەقەت ئۈزەلمەي، تاشلىۋىتىشكە قىيماي، مۇشۇ ئىش بىلەن بۇلۇپ قالدىم.

يۈرۈكۈم تېخىمۇ ئېچىشىلىپ كەتتى. ھەي ئىسىت، بەش يىل بۇرۇن دېمەكچىلىك قىزنىڭ تېخى ئون بىر- ئون ئىككى ياش چاغلىرىدىكى ئىش ئىكەن. ئۇدۇلدىكى سۆلەتلىك چوكانلارنى سەتلەپ تىللاپ مۇنۇ قىزنىڭ ئالدىغا سۆرەپ ئەكەلگۈدەك بولدۇم، ئەتىراپتىكىلەرگە ئۈنلۈك ۋارقىراپ، ماناماۋۇ ئىشلارنى چۈشەندۈرگۈم كەلدى. ھەي خالايىق، بىز نېمىشقا مۇشۇنداق قېرىنداشلىرىمىزغا ئىتىبارىمىزنى قاراتمايمىز؟ ئۇلارنى ئازراق بولسىمۇ چۈشۈنۈشكە ئىنتىلمەيمىز؟ باشقا مىللەتتىكلەر بۇلار بىلەن تىل جەھەتتە ئۇقۇشماسلىق تۈپەيلى بۇلاردىن سەي ئالمىسۇن، بىز ئىسىل كادىر بولغاندىكىن بۇلارنى ياراتماي بۇلاردىن سەي ئالمايلى، ئۇنداقتا بۇلارنىڭ سەيلىرىنى كىم ئالىدۇ؟ بۇلار قانداق تىرىكچىلىك قىلىدۇ؟ مۇنۇ كىچىك قىزنىڭ ئانىسى پالەچ بۇلۇپ يېتىپ قاپتۇ، بۇلار قانداق ياشايدۇ؟ ئانىسىنى داۋالىتىشتىن تېخىمۇ ئېغىز ئاچقىلى بولماس.

شۇكۈنىلا ئۆيگەكىرىپ، ئايالىمنى باشلاپ ئېچىقىپ، ھېلىقى قىزنى كۆرسۈتۈپ تۇرۇپ، ئەتىراپتىكىلەر ئاڭلىغۇدەك قىلىپ ۋارقىرىدىم:

--- بۈگۈندىن باشلاپ سەن مانامۇشۇقىزدىن سەي ئالىسەن، باشقىلارنى باشقۇرۇشقا ھۇقۇقۇم يەتمەيدۇ، ئەمما ساڭا يىتىدۇ، ئەگەرسەنمۇ يەنە باشقا بىريەرلەردىن سەي ئالدىم دەپ كىرسەك كومشىىرىڭنى يارىمەن خۇتۇن. قاراپ باقە، مۇنۇ قىزنىڭ ئاپىسى پالەچ بۇلۇپ قاپتۇ، ئائىلىسى مۇشۇ قىزنىڭ سەيلىرىگە قاراشلىق ئىكەن، ھەممىڭ ئۇدۇلدىكىلەردىن سەي ئالساڭ، ماۋۇلار قانداق قىلىدۇ؟...

ئاشۇقىز كاللامغا بەك كىرۋالدى. شۇڭا كىيىن بۇھەقتە دوسىت-بۇاردەرلەر ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلارغىمۇ شۇمەزمۇندا ئىلتىجا قىلدىم. بەزىلەر چاخچاق قىلىپ:

--- بۇقىز سېنىڭ تۇغقىنىڭمۇ، ئەجەپ قىلىپ كەتتىڭغۇ؟-- دېدى. مەن ۋارقىراپ تۇرۇپ:

--- شۇنداق، بۇقىز مېنىڭ تۇغقىنىم، ئاشۇ يەردە ئولتۇرۇپ سەي سېتىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسى مېنىڭ تۇغقۇنۇم.--- دېدىم.

مەنبە: ئۈزۈم

-سىز كۆرۋاتقان تىما سۆلەتلىك كادىر چوكان,دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز بىر تۆھپە قوشۇلۇپ ،دەرىجىڭىز تېز ئۆسىدۇ
تېما ئادىرسى:
بۇ يازمىنىڭ باھالىنىش ئەھۋالى:
  • پۇلى:+30(ئۈمىديار) ئىسىل يازما
  • ئىمران
    دەرىجە: باشقۇرغۇچى

    ئەزا ئۇچۇرى

      تىزىم نۇمۇرى: 190

      جىنسى: يىگىت
    ئۇنۋان:ياراملىق ?????????329????
    ئۆسۈش: 54.83%
      نادىر تىما: 0

      يوللانما: 329
      تۆھپىسى: 38
      پۇلى: 1041 ياۋرۇ
      شۆھرىتى: 85
      ياخشى باھا: 411
     مۇنبەردىكى ۋاقتى: 99سائەت
      ھالىتى:
      تىزىم:2011-03-13
      كىرىشى: 2011-09-11
    1- قەۋەت  |يوللانغان ۋاقت: 2011-07-09 02:19

    مىنى بەك ھاياجانغا سالدىڭىز.بىر-بىرىمىزنى قوللايلى.مەنمۇ ئايالىمغا جېكىلەپ تۇرىمەن.باھا تالاشما،ئۆزىمىزنىڭكىنى ئاز بولسىمۇ قوللا،باشقا يەرگە كەتمە دەپ.
    ھازىر ئۇمۇ كۆندى.بارا-بارا نىمە دىمەكچى بولغانلىقىمنى چۈشەندى.تېخىمۇ ئىچكىرلەپ كۈزىتىڭ.ئېسىل تېمىلىرىڭىز ئۈزۈلمىسۇن.

    كۆزۇڭنى ئاچ
    مەدىنە
    ئەسلىڭنى ئۇنۇتما
    دەرىجە: ئالىي ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى

      تىزىم نۇمۇرى: 195

      جىنسى: يوشۇرۇن
    ئۇنۋان:دائىملىق ?????????143????
    ئۆسۈش: 47.67%
      نادىر تىما: 1

      يوللانما: 143
      تۆھپىسى: 18
      پۇلى: 209 ياۋرۇ
      شۆھرىتى: 26
      ياخشى باھا: 174
     مۇنبەردىكى ۋاقتى: 41سائەت
      ھالىتى:
      تىزىم:2011-03-14
      كىرىشى: 2011-09-07
    2- قەۋەت  |يوللانغان ۋاقت: 2011-07-09 11:53

    ھىلىمۇ ياخشى بىز تەرەپلەردە ئۇنداق ئەھۋاللار ئانچە ئېغىر ئەمەس،ئۇلۇغ ئاللا ئۇلارغىمۇ  بىر چىقىش يولى ھەم بەخىت سائادەت بىرەر،ئاللا شۇ ئاياللارنىڭمۇ دىلىغا مىھرىبانلىقنى بىرەر،ئۇلارنىڭ ئالدىندىغىنى باشقىلارنىڭ يالغان ھىجىيىپ ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا قۇيرۇق شىپاڭلىتىپ،قىلىپ قويغان بىر ئىككى ئېغىز يۇمشاق گىپى ھەم ياخشى مۇئامىلىسى.«بولمىساڭ ئىللىق چىراي،ئاچمىغىن دۇكان ساراي»دىگەن بىزنىڭ ماقال تەمسلىىرىمىزنى باشقا مىللەتلەر بەك ياخشى ئىشلىتىدۇ ئەمەسمۇ؟

    ئۈمىديار
    ئەرنىڭ غىمى ئەلدە....
    دەرىجە: ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

    ئەزا ئۇچۇرى

      تىزىم نۇمۇرى: 5

      جىنسى: يىگىت
    ئۇنۋان:دوستانە ?????????401????
    ئۆسۈش: 66.83%
      نادىر تىما: 2

      يوللانما: 401
      تۆھپىسى: 72
      پۇلى: 555 ياۋرۇ
      شۆھرىتى: 100
      ياخشى باھا: 536
     مۇنبەردىكى ۋاقتى: 200سائەت
      ھالىتى:
      تىزىم:2011-02-17
      كىرىشى: 2011-09-11
    3- قەۋەت  |يوللانغان ۋاقت: 2011-07-09 20:57

    «ئەلدىن ئەلگە نەپ » دەيدۇ خەلقىمىز. ئەلگە نەپ بەرمىگەن نامەرتلەر مەڭگۇ كۆكلىيەلمەيدۇ. ئىلگىرى مۇنبىرىمىز ئىجتھاتلىق ئالي ئەزاسى ئىمتھان399 ئەپەندىنىڭ مۇشۇ مەزمۇن توغىرسىدىكى بىر تىمىسى مېنى قاتتىق ئويغا سالغان ئىدى. ھەقىقەتەن يايمىچىلارنىڭ ئۈششاق تىجارەتچىلەرنىڭ كۈن ئالمىقى، تىجارەت قىلمىقى بەك تەس. ئەمەلي ھەرىكىتمىز بىلەن ئۇلارنى قوللايلى ئۇلارغىمۇ بىر چىقىش يولى بېرەيلى، قىسقىسى ئۇلار بىلەن بەك چىڭ سودا قىلمايلى .

    مەنمەنچىگە نەسىھەت قىلغان ئادەمنىڭ ئۆزى نەسىھەتكە مۇھتاج.
    ئۇتيۇرەك111
    ★oㄒ♡★
    دەرىجە: يېڭى ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى

      تىزىم نۇمۇرى: 747

      جىنسى: يوشۇرۇن
    ئۇنۋان:رەسمىي ?????????17????
    ئۆسۈش: 17%
      نادىر تىما: 0

      يوللانما: 17
      تۆھپىسى: 3
      پۇلى: 26 ياۋرۇ
      شۆھرىتى: 6
      ياخشى باھا: 26
     مۇنبەردىكى ۋاقتى: 5سائەت
      ھالىتى:
      تىزىم:2011-07-08
      كىرىشى: 2011-07-25
    4- قەۋەت  |يوللانغان ۋاقت: 2011-07-09 23:17

    مۇشۇ نوختىنى شۇ تىجارەتچىلىمۇ بىلسە بۇلاتتى

    يۇرتۇغ
    باللىرىم بارلىغىم سىلەر ئۈچۈن !
    دەرىجە: ئالىي ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى

      تىزىم نۇمۇرى: 10

      جىنسى: يوشۇرۇن
    ئۇنۋان:ياخشى ?????????208????
    ئۆسۈش: 69.33%
      نادىر تىما: 0

      يوللانما: 208
      تۆھپىسى: 35
      پۇلى: 285 ياۋرۇ
      شۆھرىتى: 74
      ياخشى باھا: 285
     مۇنبەردىكى ۋاقتى: 29سائەت
      ھالىتى:
      تىزىم:2011-02-17
      كىرىشى: 2011-09-10
    5- قەۋەت  |يوللانغان ۋاقت: 2011-07-10 01:12

    ماڭا يەھۇدىلارنىڭ ئۆزىنى قوللاش پىسخىكىسى تەسىر قىپتىكەن ھەر ھالدا 90%كېرەكلىك بۇيۇملارنى ئۆز خەلقىمدىن سىتىۋالىمەن .
    بىزنىڭ ھازىر كەمسۇندۇرالمايدىغان سودىمىزدىن مۇشۇ گىلەم قالدىمىكىن دەپ ئويلاپ قالىمەن .

    مەھلىيا
    ساڭا نەپرەتلىنمەن چۇنكى..........
    دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى

      تىزىم نۇمۇرى: 24

      جىنسى: قىز
    ئۇنۋان:دائىملىق ?????????144????
    ئۆسۈش: 48%
      نادىر تىما: 0

      يوللانما: 144
      تۆھپىسى: 7
      پۇلى: 160 ياۋرۇ
      شۆھرىتى: 14
      ياخشى باھا: 160
     مۇنبەردىكى ۋاقتى: 71سائەت
      ھالىتى:
      تىزىم:2011-02-18
      كىرىشى: 2011-09-11
    6- قەۋەت  |يوللانغان ۋاقت: 2011-07-11 10:32

    ئامال بار ئۆزىمىزنىڭكنى ئىشلتەيلى....

    نەشتەر
    دەرىجە: ئالىي ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى

      تىزىم نۇمۇرى: 490

      جىنسى: يىگىت
    ئۇنۋان:رەسمىي ?????????15????
    ئۆسۈش: 15%
      نادىر تىما: 0

      يوللانما: 15
      تۆھپىسى: 2
      پۇلى: 19 ياۋرۇ
      شۆھرىتى: 4
      ياخشى باھا: 19
     مۇنبەردىكى ۋاقتى: 15سائەت
      ھالىتى:
      تىزىم:2011-05-10
      كىرىشى: 2011-08-30
    7- قەۋەت  |يوللانغان ۋاقت: 2011-07-12 19:06

    قۇمبۇلاق
    دەرىجە: باشقۇرغۇچى

    ئەزا ئۇچۇرى

      تىزىم نۇمۇرى: 6

      جىنسى: يىگىت
    ئۇنۋان:دائىملىق ?????????122????
    ئۆسۈش: 40.67%
      نادىر تىما: 0

      يوللانما: 122
      تۆھپىسى: 8
      پۇلى: 150 ياۋرۇ
      شۆھرىتى: 33
      ياخشى باھا: 140
     مۇنبەردىكى ۋاقتى: 35سائەت
      ھالىتى:
      تىزىم:2011-02-17
      كىرىشى: 2011-09-04
    8- قەۋەت  |يوللانغان ۋاقت: 2011-07-14 13:36

    ئۈلۈشكۈن جىڭنىڭ سەي بازىرىنى ئارىلاۋېتىپ  شاپتۇل سېتىپ ئولتۇرغان بىر يىگىتكە كۈزۈم چۈشۈپ شۇ بالىدىن شاپتۇل ئالاي دەپ بېرىپتىمەن ، 3 خىل شاپتۇل بار ئىكەن ، 6 سوملۇق ، 8 سوملۇق ۋە 10 سوملۇق .... مەن باھامۇ تالاشماي 10 سوملۇقىدىن 1 كىلوگرام تارتقۇزۇپتىمەن ، كېيىن پۇل بېرىدىغان چاغدا ، بۇ بالا پۇلنى بىر خەنزۇ يولداشقا بېرىۋاتىدۇ ، كېيىن بىلسەم ، بۇ بالا مۇشۇ يولداشقا ياللىنىپ ئىشلەيدىكەن ، ئاۋۇ سەي ساتىدىغان يولداش بولسا ، بىزنى ئۇلاردىن سەي ۋە مېۋە سېتىۋالمايدۇ دەپ مەخسۇس شۇ بالىنى ياللىغان ئىكەن ، باشقىلارنىڭ سودا ئېڭى بەكلا كۈچىيىپ كېتىپ بېرىۋېتىپتۇ جۇما تورداشلار ، بىز تېخى يۈرۈيمىز مانا يۇقارقى كادىر چوكاندەك ، يەھۇدىيلارنىڭ سودا ئېڭى ھەقىقەتەن ئادەمنى قايىل قىلىدىغۇ .......

    جېلىل
    ئانا تىلىم بايلىقىم!
    دەرىجە: يېڭى ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى

      تىزىم نۇمۇرى: 729

      جىنسى: يىگىت
    ئۇنۋان:رەسمىي ?????????46????
    ئۆسۈش: 46%
      نادىر تىما: 0

      يوللانما: 46
      تۆھپىسى: 6
      پۇلى: 62 ياۋرۇ
      شۆھرىتى: 13
      ياخشى باھا: 62
     مۇنبەردىكى ۋاقتى: 15سائەت
      ھالىتى:
      تىزىم:2011-07-02
      كىرىشى: 2011-09-11
    9- قەۋەت  |يوللانغان ۋاقت: 2011-07-14 19:38

    مەن قايسىدۇر بىر چاغدا شىنجاڭ ياشلىرى ژورنىلىدىن مۇنداق بىر ھېكايەتنى ئاڭلىغان.
    بىر يەھۇدىي خۇجايىننىڭ ئۈيىگە لازىملىق نەرسىلەرنى(سەي-كۆكتات، ئۇن، ياغ... دېگەندەك) سېتىۋېلىشقا مەسئۇل باشقا مىللەتتىن بولغان بىر غۇجىدارى بولۇپ، يەھۇدىي خۇجايىن بۇ غۇجىدارغا ئۆيگە كېرەكلىك ھەممە نەرسە تېپىلىدىغان بىر دۇككاننى كۆرسىتىپ ھەممە نەرسىنى مۇشۇ دۇككاندىن سېتىۋېلىشنى تاپىلاپتۇ، بىر مەزگىلگىچە غۇجىدار داۋاملىق مۇشۇ دۇككاندىن نەرسە-كىرەك سېتىۋالغاندىن كىيىن باشقا دۇككانلاردا مەن ئالغان نەرسىلارنى قانداقراق ساتىدىغاندۇ دەپ باشقا بىر دۇككاندىن باھاسىنى سۇرىغاندا بۇ دۇككاندىكى ماللارنىڭ باھاسى ھېلىقى دۇككاندىكى ماللارنىڭ باھاسىدىن خېلىلا تۈۋەن بولۇپ چىقىپتۇ، شۇنىڭ بىلەن غۇجىدار ھېلىقى دۇككاندىن مال ئېلىشنى توختىتىپ، بۇ دۇككان خۇجايىنى بىلەن تېخىمۇ تۈۋەنرەك باھادا دىيىشىپ مۇشۇ دۇككاندىن نەرسە-كىرەك سېتىۋېلىشقا باشلاپتۇ، بۇ ۋاقىتتا يەھۇدىي خۇجايىن باشقا شەھەرگە تىجارەت ئىشى بىلەن كەتكەن بولۇپ، بىر ئايلاردىن كىيىن خۇجايىن كەلگەندە، غۇجىدار بۇ بىر ئايدىن بىرى باشقا بىر دۇككاندىن نەرسە سېتىۋېلىپ ئىقدىساد قىلغان پۇللارنى خۇجايىننىڭ ئالدىغا قۇيۇپ، بارلىق ئىشلارنى بىر-بىر سۆزلەپ بىرىپتۇ ۋە خۇجايىن ئەمدى مىنى مۇكاپاتلايدىغان بولدى دەپ خۇشاللىقتا تۇرسا، خۇجايىن غۇجىدارغا ئىقدىساد قىلغان پۇللارنى ئېلىپ ئۈزى بىلەن بىللە مېڭىشنى بۇيرۇپ، ئۇدۇل ئەسلىدىكى دۇككانغا بېرىپ،  ئىقدىساد قىلغان پۇللارنى دۇككان خۇجايىنىغا بىرىشنى ۋە بۇندىن كىيىن يەنىلا مۇشۇ دۇككاندىن بىر نەرسە سېتىۋېلىشىنى ئەگەر ئۇنداق قىلمايدىكەن ئىش ئورنىدىن ئايرىلىپ قالىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ، بۇنىڭدىن ھەيران قالغان غۇجىدار خۇجايىننىڭ دۇككان ئىگىسى بىلەن تۇققاندارچىلىقى بار ئوخشايدۇ دەپ قاراپ خۇجايىندىن: بۇ سىزنىڭ تۇغقىنىڭىز ئوخشايدۇ-ھە؟ دەپ سورىغان ئىكەن، خۇجايىن نىمە دەپ جاۋاپ بىرىپتۇ دېمەمسىز : شۇنداق بىز يەھۇدىيلارنىڭ ھەممىسىنىڭ تۇغقاندارچىلىقى بار، بىزدە مۇنداق بىر قائىدە بار، بىر نەرسە سېتىۋالماقچى بولساق ئاۋۋال ئۆز مىللىتىمىزدىكىلەرنىڭ دۇككىنىدىن ئىزدەيمىز ئەگەر بار بولسا باشقا دۇككاندىكىدىن قىممەت بولسىمۇ شۇنى سېتىۋالىمىز، ئۇلاردىن باھا تالىشىپمۇ كەتمەيمىز، يەھۇدىيلارنىڭ دۇككىنىدا بىز سېتىۋېلىشقا تىگىشلىك نەرسىلەر بولمىغان ئەھۋال ئاستىدىلا ئاندىن باشقا دۇككاندىن سېتىۋالىمىز - دېگۈدەك.
         يەنە ئەتراپىمىزغا قاراپ باقايلى، قايسى خەنزۇ يولداش ئۇيغۇرلارنىڭ دۇككىنىدىن نەرسە سېتىۋالىدۇ، قايسى ھۆكىمەت ئورگانلىرىنىڭ ئۇيغۇر خۇجايىنلارنىڭ دۇككىنىدا ئاچقان ھېسابى بار؟
         قالغىنىنى قىرىنداشلىرىمىزنىڭ مۇنازىرىسىگە قويدۇم، قېرىنداشلارنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ بەرگەي!!!