ئابلىمىت مەخسۇتۇپ
Ⅰ باب 1932 – يىلىنىڭ ئاخىرى تۇرپاندا بولغان قوزغىلاڭ
1 . قوزغىلاڭ ھارپىسىدىكى ۋەزىيەت
1932 – يىلى يازنىڭ ئاخىرى ، شىنجاڭنىڭ شۇ چاغدىكى ھۆكۈمرانى جىن شۇرېننىڭ ئەسكەرلىرى ئۈرۈمچى ۋە باشقا شەھەرلەردىن تۇرپان ئارقىلىق قۇمۇلغا ئۆتۈشۈپ تۇراتتى . كۈز ئايلىرى كېلىشى بىلەن ئەسكەرلەرنىڭ بۇنداق ئۆتۈشۈشى تېخىمۇ كۆپەيدى . ئۇلار يېزا ( ئاستانە كۆزدە تۇتۇلىدۇ ) بازىرىغا قاراپ ھارۋىلىق ، ئېشەكلىك ۋە پىيادە يۈرۈشەتتى . خۇددى ئۇرۇشتا يېڭىلىپ قاچقان ئەسكەرلەردەك چۇقان – سۈرەن سېلىشىپ ، پاراكەندە ۋە چېچىلاڭغۇ ھالدا توپا توزۇتۇپ كېلىشەتتى . ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئاتنىڭ قانچىلىك يۈك ئارتالىشى بىلەن ھېسابلاشماي ، بىر – بىرىنى دەسسەپ ھارۋىلارغا ئۆزىنى ئاتاتتى . ئاتلار ئۇلارنى تارتالمىسا ، « ئېشەككە كۈچۈڭ يەتمىسە ئۇر توقۇمنى » دېگەندەك ، ھارۋىنىڭ يېنىدا پىيادە كېتىۋاتقان ھارۋىكەشنى تىللايتتى ۋە ئۇراتتى . يەنە بەزىلىرى بىر ئىشەككە ئىككى – ئۈچتىن بولۇپ مىنىۋالاتتى . يېزىنىڭ تار كوچىلىرىدا ئۆزلىرىگە ئۇدۇل كەلگەن دېھقانلارنىڭ ھارۋىلىرىغا خالىغانچە چىقىۋېلىش ، ئېشەكلىرىگە زورلۇق بىلەن مىنىۋېلىش بۇ ئەسكەرلەرنىڭ ئادىتىگە ئايلانغان بولۇپ ، دېھقانلار ئۇلارنىڭ زوراۋانلىقىغا ھەرگىز قارشى چىقالمايتتى . شۇڭا بىچارە دېھقانلار « يېزا بازىرىغا بارغاندا ھارۋا – ئېشەكلىرىمىزنى قايتۇرۇپ بېرەر » دېگەن ئۈمىد بىلەن ئەسكەرلەرگە ئەگىشىپ ماڭاتتى .
ئەسكەرلەر يېزا بازىرىغا يېتىپ بارغاندىن كېيىن ، ئالدىن تەييارلاپ قويۇلغان سارايلارغا كىرىپ ھارۋا – ئىشەكلەردىن چۈشىشەتتى - دە ، پەيجاڭلار ئۆز ئەسكەرلىرىنى يوقلىما قىلىپ ليەنجاڭلارغا ، ليەنجاڭلار قول ئاستىدىكىلىرىنى يوقلىما قىلىپ يىڭجاڭلىرىغا دوكلات قىلاتتى ، ئاندىن ئەسكەرلەرنى دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرەتتى . ئەسكەرلەر قوللىرىدىكى بەش ئاتار ، توققۇز ئاتار ، بىر ئاتار مىلتىقلىرىنى بىر – بىرىگە كىرىشتۈرۈپ ، ساراينىڭ ئوتتۇرىسىغا قويۇشاتتى . بۇ قوراللارنى مۇھاپىزەت قىلىدىغان نۆۋەتچىلەر بېكىتىلگەندىن كېيىن ، ئەسكەرلەر ھويلىنىڭ ئوتتۇرىسىدا زوڭ ئولتۇرۇپ تاماق يىيىشەتتى . بۇلارنىڭ تولىسى يۈز – قوللىرىنى يۇيۇشقا ، ھەتتا ئۈستىبېشىدىكى توپىلارنى قېقىشقىمۇ ھورۇنلۇق قىلىشىپ ، گۆردىن چىققان ئەرۋاھلاردەك ئولتۇرىشاتتى . ئۇلار تاماقلىرىنى ئالمان – تالمان يېيىشىپ بولغاندىن كېيىن ھويلىنىڭ ھەريەر – ھەريەرلىرىگە تاۋكا قۇرۇشۇپ قىمار ئوينىشاتتى . بەزى ئەسكەر باشلىقلىرى كۆزلىرىنى ئېچىشقىمۇ مادارى يەتمەي ، ئالدىراپ – تېنەپ بۇلۇڭ – پۇشقاقلاردا يانپاشلىنىپ يېتىپ ئەپيۈن چېكەتتى . قىمار ئويناشقا پۇلى يوقلىرى تام تۈۋىدە ئولتۇرۇپ پىت باقاتتى .
يېزىنىڭ تۆت ئەتراپىدىن كېلىپ ئەسكەرلەرنىڭ بۇ ھالىتىنى كۆرگەن دېھقانلار ئۇلارنى زاڭلىق قىلىشىپ : « مۇشۇ جىڭگوكچى ئەپيۈنكەش چېرىكلەر تاغلىق باتۇرلارغا تەڭ كېلەلەرمۇ ؟ » دېيىشەتتى ؛ بەزىلىرى : « بۇلار قۇمۇلغا بېرىپلا ھارام گۆش بولىدۇ » دەپ ، قۇمۇلدىكى قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن خەلققە خەيرخاھلىق قىلاتتى . يەنە بەزىلەر : « بۇ ئۆلەرمەن ئەبگاھلارنى مۇشۇ يەردىلا جايلىۋەتمەيمىزمۇ ؟ » دېسە ؛ بەزىلەر : « جىم تۇرۇڭلار ، ئاڭلاپ قالمىسۇن . بۇ چېرىكلەر ئىچىدە سېپى ئۆزىدىن بولغانلىرى باردەك تۇرىدۇ ، بېشىمىزغا بالا تېپىۋالمايلى . قۇمۇلدىن نېمە گەپ كېلىدۇ ، شۇنىڭغا قاراپ بىر ئىش قىلمايمىزمۇ » دېيىشەتتى .
جىن شۇرېن ئەسكەرلىرىنىڭ پات – پات قۇمۇل تەرەپكە ئۆتۈپ تۇرۇشى بىلەن ، خەلق ئارىسىدىمۇ تۈرلۈك يېڭى خەۋەرلەر تارقىلىشقا باشلىدى : « قۇمۇلغا بارغان چېرىكلەرنى خوجىنىيازھاجىنىڭ ئادەملىرى بىرنىمۇ قويماي قىرىپ تاشلاپتۇ ، تاغلىق باتۇرلارنىڭ ئوقى تۈگىمەيدىكەن ، ئۇلار قارىغاي ياغىچىدىن ئوق ياسايدىكەن ، خوجىنىياز ھاجى ئۆزىمۇ مەرگەن ئىكەن ، ئاتقان ئوقى بىكار كەتمەيدىكەن » .
خەلق ئارىسىدا ، ئىلگىرىدىن ئېيتىلىپ كېلىۋاتقان :
« ئاھ ئۇرارمەن ، ئاھ ئۇرارمەن ، ئاھلىرىم تۇتقاي سېنى ،
كۆز يېشىم دەريا بولۇپ بېلىقلىرىم يۇتقاي سېنى . »
دېگەن ناخشىنىڭ ئورنىغا مەزمۇنى يېڭى تۈس ئالغان :
« تاغلىق دېگەن بىر باتۇر ، تاغنىڭ كامىرىدا ياتۇر
دۈشمەنلەرنى كۆرگەندە ، ئوننى قاتلاپ بىر ئاتۇر . »
دېگەن ناخشا ئېيتىلىشقا باشلىدى . شۇنىڭدەك ھەممە يەردە يەنە :
ئاچىل – ئاچىل ، گۈل ئاچىل – ئاچىل ،
ئاچىلمىساڭ گۈل قايدا – ئاچىل .
ئاچىلاغاندا بىر گەپ بار – ئاچىل ،
ئاچىلىپ سەن ھەريانغا - ساچىل .
دېگەن ناخشىلار ياڭراشقا باشلىدى .
دېمەك ، قۇمۇلدىكى خەلق قوزغىلىڭىنىڭ ئىلھامى بىلەن تۇرپان دېھقانلىرى جۈملىدىن ئاستانە دېھقانلىرى ئارىسىدىمۇ قوزغىلىش كەيپىياتى كۆتۈرۈلدى . بىزمۇ شۇ قاتاردا جىددىي تەييارلىنىپ تۇردۇق .
جىن شۇرېن ھۆكۈمىتى شەرقىي شىنجاڭدىكى خەلقنىڭ كەيپىياتىنى بىلگەندىن كېيىن پات – پات كوچىلارغا ئېلان چىقىرىدىغان بولۇپ قالدى . ئېلاننىڭ مەزمۇنى مۇنداق ئىدى :
« پۇقرالارغا مەلۇم بولغايكى ، يېقىندىن بۇيان قۇمۇلدا بەزىلەر تاغقا چىقىۋېلىپ ، ئەل – يۇرتنى قالايمىقان قىلىپ ، پۇقرالارنىڭ مال – مۈلكىنى بۇلاپ – تالىماقتا . بۇ نادانلار گۇناھىغا توۋا قىلىپ ، ھۆكۈمەتكە ئەل بولسىلا ، ئۆتكەن ئىشلار سۈرۈشتە قىلىنمايدۇ . پۇقرالار ھەر تۈرلۈك ياۋا گەپلەرگە قۇلاق سالماي ، خاتىرجەم بولۇپ ، پۇقرادارچىلىقىڭلارنى قىلىڭلار ، ئەگەر كىمكى قۇمۇل ۋەقەسىنى تىلغا ئېلىپ پۇقرالار ئارىسىدا ئىغۋا تارقاتسا ، ئاچىل دېگەن ناخشىنى ئېيتىپ پۇقرالارنى يامان يولغا باشلىسا ، قاتتىق جازاغا تارتىلىدۇ . ۋاقىپ بولغايسىزلەر دەپ ، مۇشۇ يارلىق چىقىرىلدى . »
ھۆكۈمەت ئادەملىرى مۇشۇنداق ئېلانلارنى چاپلاپ كېتىشىگە ، بىزمۇ دەرھال بۇ ئېلانلارنى سويۇپ تاشلاپ ، ھۆكۈمەتنى تىللايتتۇق . ئۇ چاغلاردا يېزىلاردا ساقچى ئىدارىسىنىڭ شۆبىلىرى يوق ئىدى . بىر يۇرتنى بىر دورغا ( بەگ ) باشقۇراتتى . بىراق ، دورغىغا ئاڭلاتماي ، ھۆكۈمەتكە قارشى ھەرخىل سۆزلەرنى قىلىشاتتۇق . قۇمۇلدا خەلق قوزغىلىڭى باشلانغاندىن كېيىن ، ھۆكۈمەتنىڭ خەلق ئۈستىدىكى ئالۋاڭ – ياساقلىرى يېڭىدىن كۆپەيگىلى تۇردى . قۇمۇلدىكى ھۆكۈمەت ئەسكەرلىرىگە تەمىنات توشۇش سېلىقى خەلق ئۈستىگە چۈشتى . كىمىكى قىيىنچىلىقنى ئېيتسا ، ئۇنى « بۇيرۇقتىن باش تارتتىڭ » دەپ قامچا ئاستىغا ئالاتتى ۋە قامايتتى . لېكىن بۇنىڭلىق بىلەن جىن شۇرېن ھۆكۈمىتى خەلقنى قورقىتالمىدى ، بەلكى خەلقنىڭ نارازىلىقىنى كۈچەيتىۋەتتى . كېچە قانچە قاراڭغۇ بولسا ، يۇلتۇز شۇنچە يورۇق كۆرۈنگەندەك ، مۇستەبىت ھۆكۈمەتنىڭ زۇلىمى ئاشقانسېرى ، خەلقنىڭ سىياسىي زۇلۇم ، ئىقتىسادىي ئېزىلىش ۋە مىللىي خورلۇقتىن قۇتۇلۇش تەلىپى ئۆسۈپ باردى . ئۇلارنىڭ سەۋرى قاچىسى تولۇپ ، بەزىلىرى غەزەپ بىلەن : « بىز چەنتۇلار قاچانغىچە بوزەك بولىۋېرىمىز » دەپ ۋاقىراشسا ، بەزىلىرى « بىز چەنتۇ ئەمەس ! ئۇيغۇر ، ئۇيۇشساق بوزەك بولمايمىز » دەپ ۋاقىرىشاتتى .
2 . قوزغىلاڭ تەييارلىقى ۋە قوزغىلاڭ
قۇمۇل خەلقىنىڭ قوزغىلاڭ قىلىشىدىن ئىلھاملانغان تۇرپان خەلقى : قۇمۇللۇقلار كەلگىچە جىم يېتىۋېرىمىزمۇ ؟ ئۇلار يېقىن ئارىدا تۇرپانغا چىقىپ قالسا ، ئۇلارغا قانداق يۈز كېلەلەيمىز ، « يېتىپ قالغىچە ئېتىپ قال » دېگەن گەپ بار ، بىز ۋاقىتنى غەنىمەت بىلىپ ، ئۇلار باشلىغان ئىشقا مۆرە قويايلى ، دېيىشىپ قوزغىلاڭ قىلىشقا تەييارلىق كۆردۇق . ئاستانە يېزىسىدا نەمتۇل مىلتىقچى ( مىلتىق ياسايدىغان ئۇستا ) ، ئەمەت تۆمۈرچى ، مۇيىن ئۇستا ، ئابدۇكېرىم ئۇستا ئىسىملىك قورال – سايمان ياساش ئۇستىلىرى بار ئدى . بەزى دېھقانلار ئۇلارغا مىلتىق بۇيرۇتتى . قولىمىز قىسقىلار ئورغاقلارنى تۈزلەپ قىلىچ قىلىپ ياسىۋالدۇق . بۇ ئۇستىلارنىڭ دۇكانلىرى ئاددى بولسىمۇ ، ئۇزۇن يىللىق تەجرىبىلىرى بولغاچقا ، ئۇلار قارا مىلتىق ياساشتىن بىر ئاتار ، بەش ئاتار مىلتىقلىرىنى ياساشقا تەرەققىي قىلغان . بولۇپمۇ ئەمەت تۆمۈرچىنىڭ قىرغۇچ ئىستانوكى بولۇپ ، 1946 – يىلى ئۇنىڭ بالىلىرى ئاپتومات ياساش دەرىجىسىگە يەتكەن . ئاستانە خەلقىنىڭ مۇستەبىت جىنشۇرېن ھۆكۈمىتىگە قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈش تەلىپى تېز ۋاقىت ئىچىدىلا يۇقۇرى پەللىگە چىقتى . شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى خەلققە ئوخشاش ، تۇرپان خەلقىمۇ ئۆتمۈشتىن تارتىپ ئەكسىيەتچى ھاكىمىيەتكە قارشى توختىماي قوزغىلاڭ قىلىپ تۇرغاندى .
1932 – يىلى 12 – ئاينىڭ 27 – كۈنى ، بىردىنلا « قۇمۇلدىن خوجانىياز ھاجى پىچانغا چىقىپتۇ ، پىچاننى ئېلىپ بوپتۇ . ئەمدى تۇرپانغا كېلىدىكەن » دېگەن خەۋەر تارقىلىپ كەتتى . ئاستانىدا بىز توپ – توپ بولۇشۇپ غۇلغۇلىغا چۈشتۈق ؛ ھېچنېمىدىن تەپتارتمايلا ، ئاشكارا ھالدا جىن شۇرېن ھۆكۈتىگە قارشى گەپلەرنى قىلىپ ، يەڭلىرىمىزنى شىمايلاپ ، قولىمىزغا ئورغاق – كالتەكلەرنى ئېلىپ ، ئۆز كۈچىمىزنى نامايەن قىلىشقا باشلىدۇق . ۋەزىيەت بارغانسېرى جىددىلەشتى . ھەرقايسى مەھەللىلەردە توپلانغان كىشىلەردىن بىرقانچىسى ئوتتۇرىغا چىقىپ ، مەيدىسىگە ئۇرۇپ ، قورقماسلىق ، باتۇر بولۇش ، ئۆلسە شېھىت ، قالسا غازى بولىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاممىغا چۈشەنچە بېرىپ ، پىدائىي بولۇشنى تەشۋىق قىلدى . ھەممەيلەن خوجانىياز ھاجىنىڭ يېتىپ كېلىشىنى تۆت كۆزىمىز بىلەن كۈتۈپ ، پىچان تەرەپكەن قاراپ تۇردۇق .
دەل شۇ چاغدا ، ئاستانە ۋە قاراغوجا خەلقىنىڭ ھەرىكىتىدىن خەۋەر تاپقان تۇرپان بازىرىدىكى مافۇمىڭ لۇيجاڭ ۋە شىن فامىلىلىك يىڭجاڭ تۇرپان ناھىيىسىدىن ھەمدۇللا ئەلەمنى ئاستانە خەلقىغە ھۆكۈمەتنى ھىمايە قىلىش ، « قۇمۇللۇق ئوغرىلار » نىڭ گېپىگە قۇلاق سالماسلىق توغرىسىدا نەسىھەت قىلىشقا ئەۋەتتى . لۈيجاڭ مافۇمىڭ تۇنگان بولۇپ ، ئەسلىدە چۆچەكتە تۇراتتى . شەرقىي شىنجاڭ ۋەزىيىتىدە تەۋرىنىش بولۇپ قالغاچقا ، جىن شۇرېن ئۇنى تۇرپانغا يۆتكەپ كەلگەن . ھەمدۇللا ئەلەم ئاستانىغا كېلىپ ، توختى ھاجىنىڭ ئۆيىگە چۈشتى ۋە مەھمۇت مۇھىتى قاتارلىق يۇرت مۆتىۋەرلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ ، ئۇلارغا : « سىلەر قوزغىلىدىغان بولساڭلار ، بىز تەييار » دەپ مەدەت بېرىپ قويۇپ كەتتى . مەھمۇت مۇھىتى خوجانىياز ھاجىنىڭ قۇمۇلدىن پىچانغا كەلگەن – كەلمىگەنلىكىنى ۋە پىچاندا نىمە ئىشلار بولۇۋاتقانلىقىنى بىلىپ كېلىش ئۈچۈن ئىمىن باي ( ئىمىن كالا ) ، نىياز شەرىپى ، ھەمدۇللا ۋاجىدىلار بىلەن بىللە پىچانغا يۈرۇۈپ كەتتى . ھەمدۇللا ئەلەم ناھىيىگە قايتىپ كەتكەن كۈنى ھېچقانداق خەۋەر تارقالمايلا كۈن كەچ بولدى . ئەتىسى ( جۈمە كۈنى ) ئورنىمىزدىن تۇرساق ، ئاستانە يېزىسىدىكى ئۈچ ئائىلىلىك خەنزۇ ئىشىك – دېرىزىلىرىنى تاقاپ ، يېرىم كېچىدە ناھىيىگە قېچىپ كېتىپتۇ ، دېگەن خەۋەرنى ئاڭلىدۇق ( ئۇلار سېرىق ئىشتان ، قارا پۇزۇل جاڭ – جاڭ دەپ ئاتالغان گۆرۈكەشلەر ئىدى ) . ئۇلار ئۇيغۇرچە تىلنى ئوبدان بىلگەچكە ، خەلقنىڭ كەيپىياتىغا قاراپ دەرھال ناھىيىگە قېچىپ كەتكەن ۋە ناھىيىگە بېرىپلا « ئاستانە خەلقى قوزغىلاڭ كۆتۈردى » دەپ مەلۇم قىلغان . شۇنىڭدىن كېيىنلا مافۇمىڭ ( « ما داگازا » دەپ ئاتىلاتتى ) ئاستانە خەلقىنى باستۇرۇشقا ئاتلىق بىر ليەن ئەسكەر ئەۋەتتى . بىز ئاتلىق ئەسكەرلەرنىڭ كېلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپلا ، قولىمىزغا تاياق – توقماق ۋە ئورغاقلارنى ، شۇنىڭدەك ساناقلىقلا بىرقانچە تال مىلتىقنى ئېلىپ ، ئۇرۇشقا تەييارلىنىپ تۇردۇق .
مافۇمىڭنىڭ ئەسكەرلىرى ئاستانىغا قاراپ يولغا چىقىشتىن بىرنەچچە كۈن ئىلگىرى ، تۇرپان ناھىيىلىك ھۆكۈمەت پىچان ناھىيىسىدىكى خەلقنىڭ جىن شۇرېن ھاكىمىيىتىگە قارشى قوزغالغانلىقىنى ئاڭلاپ ، ئاستانە ، قاراغوجا ، سىڭگىم ، مۇرتۇق ، ياڭخې ( ياڭخې ئۇ چاغدا تۇرپان ناھىيىسىگە قارايتتى ) دېھقانلىرىغا مىڭ دادەن قوناق ئالۋىڭى سېلىنغانلىقى ، ئەگەر كىمىكى پەرمانغا خىلاپلىق قىلىپ ، بۇ ئالۋاڭنى تۆلىمىسە قامىلىدىغانلىقى توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرگەندى . بۇ بۇيرۇق شۇ پەيتتە ئوت ئۈستىگە ياغ چېچىش رولىنى ئوينىغان . بىز بىرنەچچە يۈز ئادەم قارا پۇزۇل گۆرۈكەشلەرنىڭ ئادەمسىز قۇرۇق ھويلىسىغا بېسىپ كىرىپ ، ئۇلارنىڭ داڭزىلىرى ( ھېساب دەپتەرلىرى ) نى كۆيدۈرۈپ ، باشقا نەرسىلەرنى خالىغانچە بۇلاپ كەتكەندۇق . شۇ يەردىن بۇلاپ كەتكەن ئاتلارنى ھەركىم ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىپ ، ئۇرۇشقا تەييارلاندى .
بىز جۈمە نامىزىدىن چىقىپ ، تۇرپان بازىرى تەرەپتىن توپا – چاڭ توزۇتۇپ كېلىۋاتقان ئەسكەرلەرنى كۆردۇق . شۇئان توپ ئىچىدىن چۇقان كۆتۈرۈلدى : « يا ئۆلۈم – يا كۆرۈم ، تەييار بولۇڭلار . ئاۋۋال ئۇلار ئوق چىقارسۇن ، مەھەللە ئىچىگە كىرسۇن . بىز ئاندىن ئۇلارنى جايلايمىز » . بىز ئۆزئارا خەۋەر قىلىشىپ ، يىراق – يېقىندىكىلەرنىڭ ھەمىسى يېزا بازىرىغا توپلاندۇق . مىلتىقى بار ھېۋىۋۇل ، ئابدۇكېرىم ، نىيازقارى ئۈچ مەرگەن ئەششا ( ئەششا – قەدىمقى قوچۇ شەھىرىنىڭ قالدۇقى بولۇپ ، ئاستانە ۋە قاراغوجىنىڭ مەھەللىۋى تىلدا ئاتىلىشى . بەزى يازما يادىكارلىقلاردا بۇ يەر « ئىدىقۇت شەھىرى » ياكى « دەقيانۇس شەھىرى » دەپ ئاتىلىدۇ ) سېپىلىنىڭ ئۈستىگە ئورۇنلاشتۇرۇلدى ؛ قالغانلىرىمىز تاياق – توقماقلىرىمىزنى ئېلىپ كوچىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى ئۆيلەرنىڭ ئىشىك ئارقىسىغا مۆكۈنۈپ تۇردۇق . ئەسكەرلەر ئاستانە بىلەن قاراغوجا ئوتتۇرىسىدىكى چوڭ يول بىلەن ئاستانىگە شىمال تەرەپتىن مېڭىپ ئەششاغا كەلگەندە ، سېپىل ئۈستىدىكى مەرگەنلىرىمىز ئوق چىقىرىشقا باشلىدى . ئوق ئاۋازىنى ئاڭلىغان ئاستانە خەلقى تەرەپ – تەرەپتىن چۇقان كۆتۈرۈپ ، تاياق – توقماقلىرىمىز بىلەن ئەسكەرلەرگە ھۇجۇم قىلدۇق . سېپىل ئۈستىدىكى ئۈچ مەرگەن ئەسكەرلەردىن يەتتىنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەندە ، ئەسكەرلەر ئۆزىنى قويىدىغان يەر تاپالماي قالدى . گاڭگىراپ قالغان ئەسكەرلەر ئاتنىڭ ئۈستىدە يېتىۋېلىپ ، ئارقىسىغا قاراشقىمۇ جۈرئەت قىلالماي ، ئاسمانغا ئوق ئېتىپ شەرق تەرەپكە قېچىشقا باشلىدى . بۇ چاغدا ئۇلارنىڭ ئالدىدىن قاراغوجا خەلقى چىقىپ توستى . ئىككى يېزا خەلقىنىڭ قورشاۋىدا قالغان ئەسكەرلەر قاراغوجا يېزىسىنىڭ قەشقەرلىكلەر مەھەللىسىدىكى ئېتىزلىقنىڭ قىرىدا مۇداپىئەلىنىشكە باشلىدى . نەتىجىدە ، ئەسكەرلەرنىڭ بىر قىسمى شۇ يەردە جېنىدىن ئايرىلدى ، سايغا قوغلاپ چىقىرىلغان ئاز قىسمى ناھىيىگە قېچىپ كەتتى ، ئاستانە يېزىسىنىڭ بورىچىلار مەھەللىسىدىكى سايدا يوقاتتۇق . ئۇلارنىڭ مىلتىقلىرى ، ئۈچ ھارۋىدىكى ئوق – دورىلىرى ۋە خەلقنى جازالاش ئۈچۈن ئېلىپ كەلگەن جادۇ كويزىلىرى خەلقنىڭ قولىغا چۈشتى . مەنمۇ شۇ كۈندىن باشلاپ بىر ئات ۋە بەش ئاتار مىلتىققا ئىگە بولدۇم .
( داۋامى بار )
مەنبە : شىنجاڭ تارىخ ماتىرىياللىرى 38 – سان .
شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1993 – يىلى 12 – ئاي 1 – نەشرى
مەنبە؛
http://pantekin.com