يۇرتتۇغ بىر كۈن تالادا ،
شۇنداق ئىشنى كۆرۈپتۇ.
تېما قىمماق كۆڭلىدە،
ئۆڭى ئۆچۈپ مىڭىپتۇ.
توۋا دەپتۇ چىشلەپتۇ <ياقا>
نەسىھەت قىلىپ ئىشلەپتۇ.
تەبلىغ راۋا بولمىغاچ ،
چىشىدا لىۋىنى چىشلەپتۇ.
يۇرتتۇغ ئويلاپ پەرزەنتنى،
دىلى مەستخۇش بولۇپتۇ.
ئاغرىپ قالسا ئۇ مەزلۇم ،
ئېرى جاندىن تۇيۇپتۇ.
خۇدا بەرگەن كىسەل دەپ ،
شۇنداق پۈتكەن بىزگە دەپ.
تاشلاپ قويۇپ بالا –ۋاقا،
نەپسى تاق-تاق ئاشپاقا.
بايان قىلاي دوسلۇرۇم ،
بۇنداق ئىللەت بولمىسۇن.
خۇتۇن ۋاقا زار يېغلاپ ،
يۈركى زەرداپ تولمىسۇن.
ئۇلۇغ كىتاب قۇرئاندا!
ھەدىس شەرىف ماكاندا !
ئاجىزلارنى ئاسىرا دەپ،
بۇيرۇق باتتى ئىماندا.
ئۇزاق زامان ئىلگىرى،
گۇل كۈرۈنگەن كۆزۈڭگە.
ۋىسالىغا يەتمىگەچ،
ئوخشىمايتىڭ ئۆزۈڭگە.
بالا تۇغۇپ مۇكچىيىپ ،
كۆزەڭگە سىغماس بولدىمۇ؟
كۈل –كىچەكتە يۇرسە ئۇ
پاسكىنا مەينەت دىدىڭمۇ؟
كىر قىتىڭنى يۇيۇپ ئۇ ،
سوغۇق مىجاز قاپلىدى.
شۇندىمۇ ئۇ چاندۇرماي،
ھاجىتىڭنى قامدىدى.
بۇلبۇل كەبى سايرايتتى،
باشقىلارمۇ قارايتتى.
ساڭلا بەرگەچ كۆڭۈل ئۇ ،
ئۆي ئۈچۈنلا ئاۋۇيتتى.
ياتسا بۈگۈن ھالسىز ئۇ ،
ئاياللار كىسىلى .
بەش ئاي ئاران چىدىدىڭ،
ئەرلەر پىسىسى.
سەنمۇ ئەركەك بولدىڭمۇ،
ئاغرىق خوتۇندىن تويدىڭمۇ؟
بىچارىلەرنى يىتىم قىپ،
قىز-چوكانغا ئۇچتۇڭمۇ؟
ئاغزىڭدىن چۈشمەس ،
قۇرئانى كەرىم!
ھەدىس سۆزلىسەڭ !
ئېرىيدۇ جىنىم.
كىتاب نېم دېگەن ،
تاشلا دېگەنمۇ؟
سەبرە قىل دىسە،
قىلالىدىڭمۇ؟
بۇنداق ئىشلارنى تولا كۆرگەچ ھەم ئاڭلىغاچ بۇگۈن چىدىماي تېما قىلىپ چىقاردىم ، قارسىڭىز رەسۇلۇللانىڭ سۈننىتى دەپ سۈننىتى تولۇق ئەمما نېمىشقا ئەشۇ مەزلۇملارغا بولغان ئىمانى تولۇق ئەمەس ؟! ئۇۋۋال قىلمايلى قىرىنداشلار بۇ جاھاننىڭ سورىقى بار ، ئۇلۇغ دەستۇرلارنى قالايمىقان ئىشلەتمەيلى .