ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1720 قېتىم كۆرۈلدى
«12»Pages: 1/2     Go
تېما: بىر ئىندىئاننىڭ يۈرەك سۆزى
يىڭىسار
دەرىجە: يېڭى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى

  تىزىم نۇمۇرى: 103

  جىنسى: يوشۇرۇن
ئۇنۋان:رەسمىي ?????????14????
ئۆسۈش: 14%
  نادىر تىما: 0

  يوللانما: 14
  تۆھپىسى: 4
  پۇلى: 42 ياۋرۇ
  شۆھرىتى: 10
  ياخشى باھا: 22
 مۇنبەردىكى ۋاقتى: 17سائەت
  ھالىتى:
  تىزىم:2011-03-04
  كىرىشى: 2011-09-11
0- قەۋەت  |يوللانغان ۋاقت: 2011-07-20 11:50

بىر ئىندىئاننىڭ يۈرەك سۆزى

       بىر ئىندىئاننىڭ يۈرەك سۆزى                                                                   
   مەخمۇتجان سىدىق تەرجىمىسى
                                                             
   تەھرىردىن: 1854-يىلى «ۋاشىنگتون ئالاھىدە رايونى» دىكى ئاق تەنلىكلەرنىڭ  رەھبىرى ئامېرىكىنىڭ غەربىي شىمال قىسمى-تىنچ ئوكيان بويىدىكى كەڭ ئىندىئان زېمىنىنى     سېتىۋېلىشنى ئوتتۇرىغا  قويغان ھەمدە ئىندىئانلار ئۈچۈن، جان ساقلىغۇدەك «پاناھلىق جاي»  بۆلۈپ       بېرىشكە ۋەدە بەرگەن. تۆۋەندىكى بايانلار يەرلىك ئىندىئانلار ئاقساقىلىنىڭ ئۇلارغا   بەرگەن جاۋابى.                                                         
سىلەر قانداق قىلىپ كۆك ئاسمان بىلەن بۇ ئىللىق زېمىننى ئېلىپ-ساتالايسىلەر؟ سىلەرنىڭ بۇ سوداڭلار
    بىزنىڭچە قىلچە ئەقىلگە سىغمايدىغان ئىش!    ناۋادا بۇ زېمىندىكى ساپ ھاۋا، زۇمرەت سۇلارغا ئىگىدارچىلىق قىلمىغان بولساق سىلەر كىمدىن سېتىۋالماقچى ئىدىڭلار! بۇ زېمىندىكى ھەربىر تال ياپراق، ھەربىر سىقىم تۇپراق، ھەربىر تال گىياھ،   قۇرت-قوڭغۇز ۋە ئورمانلار ئۈستىدە لەيلەپ يۈرگەن سۇس تۇمانمۇ بۇ مىللەتنىڭ خاتىرىسى ۋە ۋۇجۇدىدا    پاك ھەم مۇقەددەستۇر. ھەتتا دەرەخلەرنىڭ تومۇرلىرىدا ئېقىۋاتقان سۇيۇقلۇقمۇبىزنىڭ  ئەسلىمىمىز بىلەن  يۇغۇرۇلغان.  ئاق تەنلىكلەر ئۆزىنىڭ كىندىك قېنى تۆكۈلگەن زېمىننى روھى ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلغان ۋاقتىدىلا ئۇنتۇپ كېتىدۇ. بىراق بىز ئۆلۈپ كەتسەكمۇ بۇ گۈزەل زېمىننى ھەرگىز ئۇنتۇمايمىز. چۈنكى ئۇ بىزنىڭ ئانىمىزدۇر.
بىز تۇپراقتىن تۆرەلگەن، ئاخىر تۇپراققا ئايلىنىمىز. شۇڭا بۇ تۇپراقتىكى خۇش پۇراق گۈللەر بىزنىڭ ئاچا-سىڭىللىرىمىز. بۇغا، ئارغىماق، بۈركۈتلەر بىزنىڭ قېرىنداشلىرىمىز. ھەيۋەتلىك چوققىلار، بىپايان ئوتلاقلار، ھايۋانات ۋە ئادەملەرنىڭ ھەممىسى بىر ئۇرۇققا مەنسۇپ. شۇڭا، ۋاشىنگتوننىڭ رەھبىرى بۇ زېمىننى سېتىۋېلىشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقاندا، بۇ بىزگە تولىمۇ غەيرىي تۇيۇلدى. ئۇ يەنە بىزنىڭ خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈرۈشىمىز ئۈچۈن تېخى پاناھلىنىدىغان جاي بۆلۈپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. بۇ گەپچە ئۇ بىزنىڭ دادىمىزغا، بىز ئۇنىڭ باللىرىغا ئايلىنىپ قالىدىغان ئوخشايمىز. شۇڭا، بىز سىلەرنىڭ بۇ زېمىننى سېتىۋېلىش تەلىپىڭلارنى ئوبدان ئويلاشمىساق بولمايدۇ. بۇ ئۇنداق ئوڭاي ئىش ئەمەس.
         
چۈنكى بىز ئۈچۈن بۇ زېمىن بەك مۇقەددەستۇر. دەريا-كۆللەردە مەۋج ئۇرۇۋاتقىنى پەقەت سۇلا ئەمەس بەلكى ئەجدادلىرىمىزنىڭ قېنىدۇر.
     ناۋادا بۇ زېمىننى سىلەرگە بېرىۋەتسەك سىلەر بۇ زېمېننىڭ مۇقەددەسلىكىنى ئېسىڭلاردا چىڭ تۇتۇپلا قالماستىن، بەلكى بالىلىرىڭلارغىمۇ ئېيتىپ قويۇشۇڭلار كېرەك. كۆل يۈزىدە جىمىرلاپ تۇرغان ھەربىر شولىمۇ بىزنىڭ تارىخىمىزنى ۋە كەچۈرمىشلىرىمىزنى سۆزلەپ بېرەلەيدۇ. سۇلارنىڭ ئاستا-ئاستا شىلدىرلىغان ئاۋازى ئەجدادلىرىمىزنىڭ شىۋىرلاشلىرى، سۇ بىزنىڭ ھاياتىمىز، ئۇ بىزنىڭ تەشنالىقىمىزنى قاندۇرىدۇ، بىزنى قولۋاق بىلەن يىراقلارغا ئېلىپ بارىدۇ. بالىلىرىمىزنى تەربىيىلەيدۇ. ناۋادا بىز بۇ زېمىننى سىلەرگە بېرىۋەتسەك تاغ-دەريالارنىڭ بىزنىڭ ھاياتىمىز شۇنداقلا، سىلەرنىڭمۇ نىجاتكارىڭلار ئىكەنلىكىنى ئېسىڭلاردا چىڭ تۇتۇڭلار ۋە كېيىنكىلەرگە بۇنى ئۇقتۇرۇپ قويۇڭلار. شۇڭا، قېرىنداشلارغا قانداق مۇئامىلە قىلساڭلار، بۇ زېمىنغىمۇ      شۇنداق مۇئامىلە قىلىڭلار!  بىز ئاق تەنلىكلەرنىڭ بىزنى چۈشەنمەيدىغانلىقىنى بىلىمىز. سىلەرگە نىسبەتەن، بىر جاي بىلەن يەنە بىر جاينىڭ ھېچقانداق پەرقى يوق. سىلەر ئەجدادلىرىڭلارنىڭ تۇپراق بېشىنى ئۇنتۇپ كەتتىڭلار، ئۇنىڭ بىلەن كارىڭلار بولمىدى. كېيىنكىلەر بۇ زېمىننى خالىغانچە دەپسەندە قىلسا ھېچقانداق ئىپادە بىلدۈرمىدىڭلار، ئالدىنقىلارنىڭ چىرىغىنى ئۆچۈرمەسلىك ۋە ئۇلارغا ۋارىسلىق قىلىش كېرەكلىكىنى ئېسىڭلاردىن چىقىرىپ  قويدۇڭلار. سىلەر بۇ زېمىننى، يەنى بىزنىڭ جىنىمىزنى تاۋار ئورنىدا كۆرۈپ سېتىۋالماقچى بولۇۋاتىسىلەر، سىلەرنىڭ تويماس نەپسىڭلار بۇ زېمىننى بىر قاقاسلىققا ئايلاندۇرۇپ قويدى.    مەن ھېچ بىلەلمىدىم، سىلەرنىڭ شەھىرىڭلار بىزنىڭ كۆزىمىزگە سىغمايدۇ. سىلەرنىڭ شەھىرىڭلاردا خاتىرجەملىكتىن ئېغىز ئېچىش مۇمكىن ئەمەس. باھاردا دەرەخ يوپۇرماقلىرىنىڭ شىلدىرلاشلىرى، قۇرت-قوڭغۇزلارنىڭ يېقىملىق چىرىلداشلىرىنى ئاڭلىغىلى بولمايدۇ. شاۋقۇن-سۈرەن كىشىنى بىزار قىلىدۇ. بۈركۈتنىڭ قاقىلدىشىنى، پاقىنىڭ كېچىدىكى كۇرۇلداشلىرىنى ئاڭلىمىغان تۇرمۇشنى قانداقمۇ تۇرمۇش دېگىلى بولسۇن! مەن، بىر ئىندىئان بولۇش سالاھىيىتىم بىلەن ئەنە شۇنداق ئويلايمەن. ئىندىئانلار يامغۇردىن كېيىنكى ساپ ھاۋادىن نەپەس ئېلىشنى، مەيىن شامالنىڭ سۇ يۈزىنى يېنىك سىيپاپ ئۆتكەندىكى يېقىملىق ئاۋازىنى ھەم شاماللار ئېلىپ كەلگەن دېۋىرقاي يىلىمىنىڭ تاتلىق پۇرىقىنى ياخشى كۆرىدۇ. ساپ ھاۋامۇ بىز ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. چۈنكى بارلىق جانلىقلار ئۇنىڭ بىلەن نەپەسلىنىدۇ. ئادەم، دەل-دەرەخ ۋە ھايۋانات ھەممىسى ئوخشاش. ئەپسۇس، سەكراتقا چۈشكەن كىشى ھەرقانداق پۇراقنى سېزەلمىگىنگە ئوخشاش ئاق تەنلىكلەرمۇ ئۆزى نەپەس ئېلىۋاتقان ھاۋانى پەرق ئېتەلمەيدۇ.  
ناۋادا بىز بۇ جاينى سىلەرگە بېرىۋەتسەك، ئېسىڭلاردا بولسۇنكى، بۇ زېمىن ئەزىزدۇر. بىز نەپەس ئېلىۋاتقان ھاۋا ۋە ئۇ ساقلاۋاتقان ھاياتلىقمۇ ئوخشاشلا ئەزىز. مەيىن شامال ئەجدادلىرىمىزغا تۇنجى ساپ ھاۋانى ئاتا قىلدى ۋە ئەڭ ئاخىرقى نەپىسىنىمۇ قوينىغا ئالدى.
                                
بىز بۇ جاينى سىلەرگە بېرىۋەتسەك، بۇ زېمېنغا ئوبدان قاراڭلار، بۇ يەرنىڭ مۇقەددەسلىكىنى ئېسىڭلاردا چىڭ ساقلاڭلار. بۇ يەر ئاق تەنلىكلەرمۇ خۇش پۇراق گۈللەردىن ھوزۇرلىنالايدىغان جاي بولسۇن.
   
مەن نەزەر دائىرەمنىڭ تارلىقىدىن ئارتۇقچە نەرسىلەرنى چۈشىنىپ كەتمەيمەن.... بىراق، سان-ساناقسىز سۇ كالىلىرىنىڭ دالىدىكى چىرىپ كەتكەن جەسەتلىرىنىڭ ئەسلىدە ئاق تەنلىكلەرنىڭ پويىزدا كېتىۋىتىپ قىلغان ئوۋ خۇمارلىقىنىڭ نەتىجىسى ئىكەنلىكىنى ئېنىق كۆرگەنمەن. لېكىن ئۇلارنىڭ سەپەر ئۈستىدە كېتىۋىتىپلار قىلغان شۇنچىكى ئىشلىرىنىڭمۇ نېمە ئۈچۈن بىزنىڭ ھاياتلىق ئۈچۈن قىلغان كۈرەشلىرىمىزدىن ئۈستۈن تۇرىدىغانلىقىنى ھېچ چۈشەنمەيمەن.
  ھايۋانلار بولمىغان بولسا ئادەملەر قانداق قىلار ئىدى؟ ئەگەر، پۈتكۈل ھايۋانلار ئۆلۈپ تۈگىسە، ئىنسانلارمەنىۋى جەھەتتىكى يىگانىلىق تۇپەيلىدىن تۈگىشىپ كېتەتتى. شۇ سەۋەتىن، مايۋانلارغا كەلگەن ھەرقانداق خەۋىپ ئوخشلار ئنسانلارغىمۇ كىلىدۇ. چۇنكى ئۇلار ئوتىرسىدا زىچ باغلىنىش بار. سىلەر چوقۇم كىيىنكىلەرگە، ئۇلار دەسسەپ تۇرغان بۇ تۇپىراقنڭ ئەجدادلىرىمىزنىڭ جەسەت توپىسى ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ بۇ تۇپىراقنى قەدىرلىشى كېرەكلىكىنى،  بۇ زىمىنغا ئۆزمىلىتىنڭ قىنى سىڭگەچكە مۇشۇنداق گۇلەپ ياشنىغانلىقىنى ئىنىق ئۇقتۇرۇپ قويۇڭلار! بۇ زىمىن ئۆز بالىلىرىغا  ئىللىقلىق يەتكۇزىدىغان مېھرىبان ئانا. ئۇنىڭ بىشىغا كەلگە بارلىق ياخشىلىق-يامانلىقلار ئۇنىڭ قوينىدىكى كىشىلەرگىمۇ كېلەتتى. كىمكى ئانا تۇپراقنى كۆزگە ئىلمايدىكەن، ئاخىرقى ھېسبتا باشقىلارمۇ ئۇنى كۆزگە ئىلمايدۇ. بىز تۇپراقنىڭ ئىنسانلارغا تەۋە ئەمەس، بەلكى ئىنسانلارنىڭ تۇپراققا تەۋە ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلىمىز. ئۇنىڭ بېشىغا كەلگەن ھەرقانداق قىسمەت ئوخشاشلا ئىنسانلارغىمۇ كېلىدۇ. ئىنسان تەبىئەتنىڭ قانۇنيەتلىرىنى ئۆزگەرتىشكە ئامالسىز.  گەرچە ئاق تەنلىكلەر ئۆزىنى ياراتقۇچى ئىگەم بىلەن يېقىنچىلىقى باردەك، دوست-بۇرادەردەك ھېس قىلسىمۇ، ئەمما ئۇلار تەڭرىنىڭ ئورتاق جازاسىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. كېسىپ ئېيتىمەنكى، بىز ئاخىر ئوخشاش نىشان ئۈچۈن كۆرەش قىلغۇچىلار بولۇپ قالىمىز. سىلەر بۇ نوقتىنى چۈشىنىشىڭلار كېرەك. ھامان بىر كۈنى ئاق تەنلىكلەر بىزنىڭ ياراتقۇچىمىزنىڭ ئوخشاشلىقىنى بىلىپ قالىدۇ. سىلەر بەلكىم، بىزنىڭ تۇپرىقىمىزدەك ئىلاھى تۇپراققا ئىگە بولۇشنى ئويلايدىغانسىلەر، بۇ مومكىن ئەمەس، ياراتقۇچى ئىگەم پۈتكۈل ئىنسانيەتكە تەئەللۇق. ئۇنىڭ ئىنسانلارغا بولغان مۇھەببەت-نەپرىتى ئوخشاشتۇر. مەيلى ئاق تەنلىك ياكى باشقا ئېرقتىكىلەر بولسۇن بەرىبىر!            زېمىن ھەممەيلەن ئۈچۈن ئەزىز. ئۇنىڭغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش ياراتقۇچى ئىگەمنى كۆزگە ئىلمىغانلىق. ئاق تەنلىكلەرمۇ ئاخىر يوقۇلىدۇ. ھەتتا ئۇنىڭ ھالاكىتى باشقا قەبىلىلەرگە قارىغاندا تېز بولۇشى مۇمكىن. ئۇلار ياشاش مۇھىتىنى بۇلغىدى، ئاخىر بېرىپ ئۆزىگە ئۆزى گۆر كولىدى.    سۇ كالىلىرى ئېچىنىشلىق ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى. ياۋا ئاتلار كۆندۈرۈلدى، ئورمانلىقنىڭ خىلۋەت جايلىرىمۇ شاۋقۇن-سۈرەن بىلەن قاپلاندى. بۈك-باراقسان ئورمانلارنىڭ ئۈستىگە ئېلېكتىر سىملىرى تارتىلدى. تەقدىرنىڭ بۇ قىسمىتى بىز ئۈچۈن بەرىبىر. چۈنكى بىز بۇنىڭ تېگىگە يىتەلەيمىز. گۈل-گىياھلار نەگە كەتتى؟ يوقالدى. تاغ بۈركۈتلىرىچۇ؟ ئۇلارمۇ يوقالدى. مانا بۇ ھاياتلىقنىڭ ئاخىرلىششى ۋە خارابىلىقنىڭ باشلىنىشىدۇر                                                                                                   
[ ئۈمىديارتەرىپىدىن2011-07-21 12:15قايتا تەھرىرلەندى ]

-سىز كۆرۋاتقان تىما بىر ئىندىئاننىڭ يۈرەك سۆزى,دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز بىر تۆھپە قوشۇلۇپ ،دەرىجىڭىز تېز ئۆسىدۇ
تېما ئادىرسى:
بۇ يازمىنىڭ باھالىنىش ئەھۋالى:
  • پۇلى:+20(ئۈمىديار) ئىسىل يازما
  • ئۈمىديار
    ئەرنىڭ غىمى ئەلدە....
    دەرىجە: ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

    ئەزا ئۇچۇرى

      تىزىم نۇمۇرى: 5

      جىنسى: يىگىت
    ئۇنۋان:دوستانە ?????????401????
    ئۆسۈش: 66.83%
      نادىر تىما: 2

      يوللانما: 401
      تۆھپىسى: 72
      پۇلى: 555 ياۋرۇ
      شۆھرىتى: 100
      ياخشى باھا: 536
     مۇنبەردىكى ۋاقتى: 200سائەت
      ھالىتى:
      تىزىم:2011-02-17
      كىرىشى: 2011-09-11
    1- قەۋەت  |يوللانغان ۋاقت: 2011-07-21 12:29

            ئىندىئانلارنىڭ تەبئەتتىكى گۇل-گىياھ ۋە ھايۋاناتلار بىلەن قېرىنداشلارچە مۇناسىۋەت ئورناتقانلغىعدىن، ئۇلارنىڭ تەبئەتنى قانچىلىك سۆيۈۉۉدىعغانلىقىنى بىلگىلى بۇلىدۇ .
    ‹بىز تۇپراقنىڭ ئىنسانلارغا تەۋە ئەمەس، بەلكى ئىنسانلارنىڭ تۇپراققا تەۋە ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلىمىز.› بۇ سۆزلەردىن، كىم ئۇلارنى روھىيتى قۇرۇق، ئىپتىدائى مىللەت دءىيەلەيدۇ.

    مەنمەنچىگە نەسىھەت قىلغان ئادەمنىڭ ئۆزى نەسىھەتكە مۇھتاج.
    يۇرتۇغ
    باللىرىم بارلىغىم سىلەر ئۈچۈن !
    دەرىجە: ئالىي ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى

      تىزىم نۇمۇرى: 10

      جىنسى: يوشۇرۇن
    ئۇنۋان:ياخشى ?????????208????
    ئۆسۈش: 69.33%
      نادىر تىما: 0

      يوللانما: 208
      تۆھپىسى: 35
      پۇلى: 285 ياۋرۇ
      شۆھرىتى: 74
      ياخشى باھا: 285
     مۇنبەردىكى ۋاقتى: 29سائەت
      ھالىتى:
      تىزىم:2011-02-17
      كىرىشى: 2011-09-10
    2- قەۋەت  |يوللانغان ۋاقت: 2011-07-21 12:52

    تۈرۈك مىللەتلىرىنىڭ ئىڭىغا سىڭگەن تەبىئەت ئىلاھچىلىقىدىكى گۈزەل نەمۇنىلەر ھازىرغا قەدەر ساقلاقلىق ....شۇڭا ئۇلار تەبىئەتنى سۆيىدۇ ، تەبىئەتمۇ ئۇلارغا سېخلىقىنى ئاياپ ئولتۇرمايدۇ .

    سودىگەر
    مەيىن شامال بورانغا ئايلاندى.
    دەرىجە: يېڭى ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى

      تىزىم نۇمۇرى: 516

      جىنسى: يىگىت
    ئۇنۋان:رەسمىي ?????????75????
    ئۆسۈش: 75%
      نادىر تىما: 0

      يوللانما: 75
      تۆھپىسى: 2
      پۇلى: 81 ياۋرۇ
      شۆھرىتى: 4
      ياخشى باھا: 81
     مۇنبەردىكى ۋاقتى: 7سائەت
      ھالىتى:
      تىزىم:2011-05-14
      كىرىشى: 2011-09-11
    3- قەۋەت  |يوللانغان ۋاقت: 2011-07-22 16:07

    سىز ئىندىئانلار بىلەن تۈركلەرنى بىر مىللەت دىمەكچىمۇسىز  ؟

    يۇرتۇغ
    باللىرىم بارلىغىم سىلەر ئۈچۈن !
    دەرىجە: ئالىي ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى

      تىزىم نۇمۇرى: 10

      جىنسى: يوشۇرۇن
    ئۇنۋان:ياخشى ?????????208????
    ئۆسۈش: 69.33%
      نادىر تىما: 0

      يوللانما: 208
      تۆھپىسى: 35
      پۇلى: 285 ياۋرۇ
      شۆھرىتى: 74
      ياخشى باھا: 285
     مۇنبەردىكى ۋاقتى: 29سائەت
      ھالىتى:
      تىزىم:2011-02-17
      كىرىشى: 2011-09-10
    4- قەۋەت  |يوللانغان ۋاقت: 2011-07-22 20:11

    شۇنداق تۈرۈك قان سىستىمىسىدىن

    نەشتەر
    دەرىجە: ئالىي ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى

      تىزىم نۇمۇرى: 490

      جىنسى: يىگىت
    ئۇنۋان:رەسمىي ?????????15????
    ئۆسۈش: 15%
      نادىر تىما: 0

      يوللانما: 15
      تۆھپىسى: 2
      پۇلى: 19 ياۋرۇ
      شۆھرىتى: 4
      ياخشى باھا: 19
     مۇنبەردىكى ۋاقتى: 15سائەت
      ھالىتى:
      تىزىم:2011-05-10
      كىرىشى: 2011-08-30
    5- قەۋەت  |يوللانغان ۋاقت: 2011-07-23 17:59

         ئۇ بىزنىڭ دادىمىزغا، بىز ئۇنىڭ باللىرىغا ئايلىنىپ قالىدىغان ئوخشايمىز

         سىلەرگە نىسبەتەن، بىر جاي بىلەن يەنە بىر جاينىڭ ھېچقانداق پەرقى يوق

         سىلەرنىڭ شەھىرىڭلار بىزنىڭ كۆزىمىزگە سىغمايدۇ. سىلەرنىڭ شەھىرىڭلاردا خاتىرجەملىكتىن ئېغىز ئېچىش مۇمكىن ئەمەس.

    يۇرتۇغ
    باللىرىم بارلىغىم سىلەر ئۈچۈن !
    دەرىجە: ئالىي ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى

      تىزىم نۇمۇرى: 10

      جىنسى: يوشۇرۇن
    ئۇنۋان:ياخشى ?????????208????
    ئۆسۈش: 69.33%
      نادىر تىما: 0

      يوللانما: 208
      تۆھپىسى: 35
      پۇلى: 285 ياۋرۇ
      شۆھرىتى: 74
      ياخشى باھا: 285
     مۇنبەردىكى ۋاقتى: 29سائەت
      ھالىتى:
      تىزىم:2011-02-17
      كىرىشى: 2011-09-10
    6- قەۋەت  |يوللانغان ۋاقت: 2011-07-23 21:52

    نەقىل
    引用第5楼نەشتەر于2011-07-23 17:59发表的 :
         ئۇ بىزنىڭ دادىمىزغا، بىز ئۇنىڭ باللىرىغا ئايلىنىپ قالىدىغان ئوخشايمىز

         سىلەرگە نىسبەتەن، بىر جاي بىلەن يەنە بىر جاينىڭ ھېچقانداق پەرقى يوق

         سىلەرنىڭ شەھىرىڭلار بىزنىڭ كۆزىمىزگە سىغمايدۇ. سىلەرنىڭ شەھىرىڭلاردا خاتىرجەملىكتىن ئېغىز ئېچىش مۇمكىن ئەمەس.

    چۈشىنەلمىدىم؟

    چارۇن
    دەرىجە: يېڭى ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى

      تىزىم نۇمۇرى: 800

      جىنسى: يوشۇرۇن
    ئۇنۋان:يېڭى ?????????1????
    ئۆسۈش: 1%
      نادىر تىما: 0

      يوللانما: 1
      تۆھپىسى: 0
      پۇلى: 1 ياۋرۇ
      شۆھرىتى: 0
      ياخشى باھا: 1
     مۇنبەردىكى ۋاقتى: 0سائەت
      ھالىتى:
      تىزىم:2011-07-25
      كىرىشى: 2011-07-25
    7- قەۋەت  |يوللانغان ۋاقت: 2011-07-25 17:42

    تەرەققى قىلغان دۆلەت ۋە شەھەر ئىنسانلىرىنى بۇ سۆزنى قىلغان ئىندىئاننىڭ ئالدىدا بىر مەدەنىيەتسىز دۆت كالا دىيىشكە بولىدىكەن.

    يىلتىز001
    دەرىجە: يېڭى ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى

      تىزىم نۇمۇرى: 762

      جىنسى: يوشۇرۇن
    ئۇنۋان:يېڭى ?????????3????
    ئۆسۈش: 3%
      نادىر تىما: 0

      يوللانما: 3
      تۆھپىسى: 0
      پۇلى: 3 ياۋرۇ
      شۆھرىتى: 0
      ياخشى باھا: 3
     مۇنبەردىكى ۋاقتى: 1سائەت
      ھالىتى:
      تىزىم:2011-07-12
      كىرىشى: 2011-08-04
    8- قەۋەت  |يوللانغان ۋاقت: 2011-07-28 10:22

    بىر پىكىرنىڭ ئۇزۇن مۇددەت  پۇت تىرەپ تۇرۇشى  ،تەبىيەت ۋە رىيالىققا  شۇنچىلىك يىقىنلاشقانلىغىدا .پەقەت شۇ رەھىمسىز رىياللىىقنى بىشىدىن  ئۇتكۇزگەن  كىشىلا  بۇ پىكىرنى چۇشۇنىشتىن مۇستاسنا ئەمەس.

    شورۇقلۇق
    سەمىمىي ياشا!
    دەرىجە: يېڭى ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى

      تىزىم نۇمۇرى: 823

      جىنسى: يىگىت
    ئۇنۋان:يېڭى ?????????9????
    ئۆسۈش: 9%
      نادىر تىما: 0

      يوللانما: 9
      تۆھپىسى: 0
      پۇلى: 9 ياۋرۇ
      شۆھرىتى: 0
      ياخشى باھا: 9
     مۇنبەردىكى ۋاقتى: 2سائەت
      ھالىتى:
      تىزىم:2011-08-04
      كىرىشى: 2011-09-09
    9- قەۋەت  |يوللانغان ۋاقت: 2011-08-04 12:11

    مەن بۇ ماقالىنى ياقتۇرۇپ قالدىم. يەنە بىر قېتىم ئوقوپ چىقاي.

    بوز قىر