ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1639 قېتىم كۆرۈلدى
«12»Pages: 1/2     Go
تېما: ئاياللار ئەر دەپ يىغلايدۇ
دوستلىشىش
قۇمبۇلاق
دەرىجە: باشقۇرغۇچى
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 123
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە123دانە
تۆھپىسى: 8
پۇلى: 150 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 33
ياخشى باھا: 140
توردا: 35(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-02-17
ئاخىرقى: 2011-10-05
0- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-03-03 13:30

ئاياللار ئەر دەپ يىغلايدۇ


-قويۇڭە، ئۇنداق مازنى ، قاچان قارىسام ھاراق-پىۋىنى ئۆلگۈدەك ئىچپ ، خوقىراپ ئۇخلاپلا يۈرگەن. ۋىييەي، دىگۈدەك يېرى يوق ، ئۆتۈپ كەتكەن لاتا...ھەي ئىست ، بۈگۈنكى زاماننىڭ ئەرلىرىگە نىمە بولدىكىنتاڭ.... 
بۇگەپلەر كوچىدا مۇڭدىشىپ كىتىۋاتقان ئككى ئايالنىڭ ئەرلەر ئۈستىدە قىلىۋاتقان شىكايەتلىرى ئىدى. شۇ تاپتا يۈزۈم گۈپپىدە ئوت ئېلىپ كەتتى. بىرئەر بۇلۇش سۈپىتىم بىلەن دىيىلىۋاتقان گەپلەردىن نۇمۇس كۈچىدە بۇغۇلغان ئىدىم. تۇرۇپ ئويلانماقتىمەن:ئەرلىرىمىزگە زادى نىمە بولدى؟ قېنى ، قىز- ئاياللارنىڭ قەلىپ تارىنى چىكىپ ، ئۇلارنى ھەۋەسلەندۈرۈپ سۆيدۈرگەن شاش ئەركەكلىرىمىز؟ قېنى، ئەركەك روھ ۋە جاسارەت مۇجەسسەم ئەر ھىماتچىلىقى؟... قىز -ئاياللىرىمىزدا ئاجايىپ تاتلىق تۇيغۇ ، پەخرىي ھېسىياتقا ئۇرالغان جىلۋىلىك بېقىشلارنى ئويغۇتىدىغان ، ئۇلارنڭ ئېغىزىدىن چۈشمەي تەرىپلىنىدىغان چىن ئەركەكلىك زادى نەگە كەتتى؟ ئەجەبا، بۇ بېرىپ ئاخىر<<ماز>>،<<لاتا>> دىگەندەك كۆتۈرۈپ قوپقۇسىز نۇمۇسلۇق لەقەملەرگە ئۆزگۈرۈپ كەتتىمۇ؟
ياق! ياق!! بۇ ھاقارەتلىك نام رىئاللىقىمىزدىكى ئەركەكلىكى خوراپ كەتكەن زەيىپانە ئەرلەرگىلا خاس بۇلۇشى كىرەك، ئەلۋەتتە. ئەمما ئەركەكلىكنىڭ چىن مەنىسىگە تېخىمۇ ئىچكىرلەپ كىرىدىغان بولساق ، زامانىمىزدىكى ئەرلىرىدىكى ئىچىملىك - چىكىملىككە بولغان زىيادە ئامىراقلىق، چاپچىپ تۇرغان قىرانلىق يىگىت يېشىدىلا ئەرلىك خۇرۇچلىرىدىكى ئېغىر يىگىلەش، ئۆزىنى بىر سانايدىغان نى-نى بېجىرىم ئەرلەرنىڭ خاراكتىر جەھەتتە بارغانچە ئەۋرىشىملىشىپ كىتىشى ۋە ئىچىملىك - چىكىملىك ، <<رەڭلىك >>سورۇن ئېزىقتۇرۇشلىرى ئالدىدا سالاغا بوش كېپقىلىپ ، ھىچقانچە تارتىشماستىنلا سەپكە قېتىلىپ كىتىشى، قىسقىسى، <<ئۆرۈك ئۆرۈكنى كۆرۈپ ئالا بوپكىتىش>>تەك ئومۇمىيەتلىك ھاللار ، بۇ ھاقارەتلىك تەرىپلەشنىڭ ھىچ بولمىغاندا پۈتكۈل ئەرلەرگە بېرىلگەن جىددى ئاگاھلاندۇرۇش سىگىنالى ئىكەنلىكىدە گەپ يوق. چۈنكى بۇرۇنلاردە ئەرلەر ئاياللارغا بۇزۇلغان بولسا ، بۈگۈنكى كۈندە ئەرلەرگە<<بۇزۇلماقتا>> . بىر قىسىم روھىتى ۋە جىسمانىيتى كىسەل ئەرلەر ساغلام ئەرلەرگە تەسر كۆرسىتىپ، ئوخشىمىغان رەۋىشتە<<ئاسسىمىلياتسىيىلىشىش>> نى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ئەرلەرنىڭ ئەرلىك جاسارىتى ئاجىزلىشىپ، ساغلام ئەرلەرنى پەرق ئەتمەك ھەقىقەتەن تەس بولدى. ئومۇمەن، ئەركەكلىك ئوخشىمىغان دەرجىدە يىگىلەشكە قاراپ يۈزلىنىپ ئەرلەرنىڭ ھالاكىتى تىزلەشتى. قىز-ئاياللار ئەركەكلىكنى كۆپ ئىزدەپ كۆردى، ھاردى، تىرىكتى ، ئەرلەردىن ھىچ سادا كەلمىدى. ئۇلار بۇنىڭدىن قاتتىق چۈچۈشكە ، ئېچىنىشقا باشلىدى. ئاقىۋەت بۇ خىل ئەركەكلىك <<قەھەتچىلىك>>ى ئاستىدا ئەرلىرىدىن كۆڭلى سۇ ئىچمىگەن بەزى ئاياللار شۇنچىلىك قۇتىراپ ئەسەبىيلىشىپ كەتتىكى ، ھەتتا ئاشنىسىنى ئۆز ئېرىگە يۇشۇرۇن ۋە ئاشكارا بىلىندۈرۈشتىن ، ئىرى بىلەن <<رەڭلىك>> سورۇندا ئۇچىرشىپ قېلىشتىنمۇ قىلچە ھېيىقمىدى. ئازغۇن ئەرلەر بۇزۇقچىلىق ، جىنسى ئقتىدارىنى كۈچەيتىش دورىللىرىغا ، شۇنڭغا بېقىپ بەزى ئاياللا ئىچىملىك ، چىكىملىك ، كەيىپ - ساپاغا خۇمار بوپكەتتى. بىر پۈتۈن ئائىلە ئىللىقلىقى بارا-بارا يىمىرلىپ ، ئائىلە پۇتقا سېلىنغان كىشەن ياكى ۋەيلۇن دوراخقا ئوخشاپ قالدى. نارەسىدە-سەبىيلەر بۇ خىل بۇس-بوغۇناقلىقتا تۇنجۇقۇپ جان تالاشتى. ئشقىلىپ ، ئەر-ئاياللىق تەڭپۇڭلىقى ئېغىر دەرىجىدە بۇزۇلۇپ ، ئائىلە ئېكولوگىيسىدە ئالىيېشىل <<قىيامەت>> ۋە كارامەتلەر يۈز بىرىشكە باشلىدى. ئۇنداقتا ، بۇنداق يىرگىنىچلىك ، ئاچچىق قىسمەتلەرنىڭ باش جاۋاپكارى كىم؟
شۇبىھسىزكى، بارغانچە كۆپ ئەرنىڭ ئېتىقاد، ۋىجدان، غورور، خاراكتىر جەھەتتە ئاينىپ كىتىپ ئەركەكلىكتىن ياتلىشىشى-تۈرلۈك تۈمەن كىرزىس - پاجىئەنى تۇغدۇردى ۋە چىكىگە يەتكۈزدى؛ ئائىلە پەختىيارلىقى ۋە چىن مېھىر - مۇھەببەت خۇنۇكلىشىپ ، زۋاللىققا يۈز تۇتۇپ ، گۇمىراھلىقنىڭ قارا گىردابىغا ئىتتىرىلدى. بۇزۇلغان ئەرلەرنىڭ بۇنداق ئېغىر كرىزىسى ۋە ئۇ ئېلىپ كەلگەن تۈرلۇك ئالامەت ھەمدە ئۇلاردىكى جاۋبكارلىققا نىسبەتەن قىز ئاياللار ئۈزلۈكسىز چۇقان كۆتۈرگىلى تۇردى.
-ئەركەكلەر، قېنى سىلەر؟ ئەركەكلەر، قېنى سىلەر؟! ۋۇجۇدى غەزەپكە تولغان ئاياللار ئەرلەرگە كەسىكىن خىتاپ قىلغاندى. بۇنىڭدىن بىر قىسىم ئەرلەر شۇنداق چۆچۈدىكى ، خۇددى بېشىدىن بىر چىلەك سۇ قۇيغاندەك ئەندىكىپ شۈركىنىپ كەتتى. ھەر ھالدا ئۇلارنىڭ يۈزى نۇمۇستىن قىزاردى ۋە ئۆزىگە قايتىشقا باشلىدى. بىراق پىتىر قۇلاقلىرىنى يۇپۇرىۋېلىپ قىلغۇلۇقنى قىلىۋەرگىنى يەنە شۇ لالما قېتىش ئەرلەر بولدى. ئۇلار كۆزى كور، قۇلىقى گاس بۇلۇۋالغانىدى. ئۇلاردىكى مەجرۇھلۇق روھى مەجرۇھلۇق، بۇرۇت-ساقال ئۇلاردىكى ئەرلىك بەلگىسى بۇلۇپ ئىپادىلەندى ۋە:
نازۇك باشقا كۈن چۈشتى ،  ئېلىپ قاچار ئەر بارمۇ؟...
دىگەندەك قىز- ئاياللارنىڭ بۇنداق پاكلىق ئىلتىجالىرىغا قارىتا ، شۇ ئەرلەر:
قۇرۇق ئابرۇي، غورۇر ئۈچۈن جان پىدا قىلغان ئەر بارمۇ؟... 
دىگەن ھەزىل جاۋابنى بىرپ تۇلىمۇ چۈپىرەندىلىشىپ كەتتى. قىز-ئاياللار ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا خورلۇققا ئۇچىراۋاتسىمۇ، ئاياغ-ئاستى قىلىنىۋاتسىمۇ كۆرمەسكە سېلىپ يۈرىۋەردى. ھەتتا قىز - ئاياللارنڭ پاھىشە بوپكىتىشىگىمۇ قىلچىلىك پەرۋا قىلمىدى. ئاخىر ئاياللار ئۇلارنڭ ئەر ئىكەنلىكىدىن گۇمانلاندى. ئۇلارنڭ ھەقىقەتەن<<ناجىنىس>>لىشىپ كەتكىننى ھىس قىلدى ۋە ئۆزى ئىزدىگەن ئەركەكلىكىنى ئۆز ۋۇجۇدىغا <<كۆچۈرۈش>>كە باشلاپ ، يېرىم يالىڭاچلاندى، ئايرىمخانا، بەزمىخانا، رېستۇران، قاتار چاي، رەڭلىك ئولتۇرۇشلارغا ئۆزىنى ئاتتى. قانغىچە ئىچتى، چەكتى ، ئەسەبىيلەرچە توۋلىدى، ئوينىدى. ئشقىلىپ <<پۇخا>>دىن چىقتى. قىسقىسى، ئاياللار ئەرلەردىن <<قىساس>> ئالدى . ھىلىمۇ كۆپ شۈكىرى، ئىنسابى بار قىز - ئاياللىرىمىز ئەرلەردىن ئۇنداق تەتۈر ھىساپ ئالمىدى. ئۇلار ئۆزلىرى زارىقىپ كۈتۈۋاتقان چىن ئەركەكلىكنىڭ خىيالى چۈشكە ئايلىنىشقا باشلىغانلىقىنى كۆڭلى تۇيۇپ تۇرغان بولسىمۇ، پاك ئىپپەت، گۈزەل ئەخلاقنى ئىشىرەتنىڭ قارا تۇمانلىرىدا بۇلغاشنى ئۆزىگە راۋا كۆرمىدى. بۇنىڭ بىلەن ئۇلارنڭ پاك ئوبىرازى روھىيەت قەسىدىسىدە بارغانسىرى بۈيۈكلىشىپ باردى. لىكىن ، پەقەت ئۇلارنى بىرلا نەرسە مەھكەم تۇتۇپ تۇردى . ئەگەر بۇنى ئاشۇ<<نوچى>> ئەرلەر چۈشەنسە ئىدى، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ نىمىنى يۇقىتىپ ، نىمىگە ئىرىشىدىغانلىقىنى غۇۋا بولسىمۇ ھېس قىلىپ ، ئاز- تۇلا سەگىگەن بۇلاتتى. بۇ ھەقتە تۈۋەندىكى ھىكايەتنى ، ئۇ ئىپادىلەيدىغان مەنە زۆرۈرىيتىنى چىقىش قىلىپ كۆرۈش تولىمۇ ئىبرەتلىكتۇر.
بىر كىچىسى خەلىپە ئۆمەر پۇقرالارنىڭ ھال ئەھۋالىنى بىلىپ بېقىش يۈزىسىدىن ئەل ئارلاشقا چىققاندا، بىر ئايالنىڭ ئۆز ئۆيىدە مۇنداق قوشاق ئوقۇۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ قالغان:  
ئەجەپ تاڭ ئاتمىدى، كېچە ئۇزىراپ ،
ئويناشقا چۈپتىم يوق قىينىدى پىراق. 
قەسەمكى ، خۇدادىن قورقمىسام شۇئان، .
كېتەتتى ئاستىمدا كارۋات غىچىرلاپ.
خەلىپە ئەھۋالنى سۈرۈشتە قىلىش ئارقىلىق بۇ مەزلۇمنىڭ ئېرىنىڭ جەڭگە كىتىپ ئۆدىن ئايرىلغىلى تۆت يىلدىن ئاشقان بولسىمۇ، ئۆزىنى پاك ساقلاپ كەلگەنلىكىنى بىلىپتۇ ۋە ئۇنىڭدىن تۇلىمۇ خۇرسەن بوپتۇ ھەمدە بۇنىڭدىن كىيىن ئەرلەرنىڭ ئۈچ ئايدىن ئارتۇق ئۆيدىن ، ئايالىدىن ئايرىلماسلىقى توغىرسىدا پەرمەن چۈشۈرۈپتۇ. ئويلىنىپ كۆرەيلى ، ھىكايەتتىكى بۇ ئايالنىڭ قۇتىراپ كەتكەن نەپىسىنى تىزگىنلەپ تۇرغىنى نىمە؟ ئەگەر بۇ خىل سىرلىق كۈچ بولمىغىنىدا ئىدى ، شۇ دەۋىر قانداق ھالاكەتكە يۈز تۇتار ئىدى؟ ئۇنداقتا ئەرلىرىمىز تەرپىدىن ئاي- يىللاپ تەنھالىق قەسىرگە مەھكۈم قىلىنغان قىز-ئاياللىرىمىزنىڭ ھالى نىچۈك؟ ئۆزىنى مەن بىر ئەر ، دەپ چاغلايدىغانلار بۇنداق يەڭگىلتەكلىكنىڭ ۋەزنى ، ئېغىر خەۋىپىنى ئويلىشى كىرەكمۇ-يوق؟...ھەر نىمە بولسا پەرىشتە سۈپەت قىز-ئاياللىرىمىز ئۆز نەپىسىنى ھىكايەتتىكى ئىپپەتلىك ئايالدەك كونتىرول قىلىپ كەلدى. ھىكايەتتىكى ئايالنىڭ ئىپپەت - نۇمۇسىنى ، نەپىسىنىڭ تىزگىنىنى تۇتۇپ تۇرغۇچى ئۇلۇغ كۈچ _ دەل بۈگۈنكى قىز-ئاياللىرىمىزدىكى ئەڭ ئاخىرقى مۇداپىئە قورغىنىدۇر. ئۇلار مۇشۇ ھىماتچى كۈچ ئاستىدا تۈرلۈك نەپىسى بالالاردىن ، ئېزىتقۇ تۇمانلاردىن ساقلىنىپ كەلدى. ئۇلار گوياكى ئىنتايىن خەتەرلىك پىلسىرات كۆۋرىكى ئۈستىدىن مۇدۈرۈپ دېگۈدەك ئۆتۈپ كەلدى. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا مۇقەددەس رىۋايەتلەردە تىلغا ئېلىنىپ كېلىنىۋاتقان قىيامەت قايىم بىشارەتلىرىنىڭ ئاخىرقى تىزگىنى ئۇلارنڭ قولىغا تۇتقۇزۇلغانىدى. ئەگەر ئۇلار ئۆزىنى شۇنداقلا قوتۇۋىتىدىغان بولسا ، گويا ئەتىلا قىيامەت قايىم بۇلۇش قاش بىلەن كىرپىك ئارلىقىدىكى ئىشتەك بوپقالدى. بۇنى تۇنۇپ چۆچۈپ كەتكەن روھى ئويغاق ، ئىمانى كامىل ئەرلەر قاتتىق سىلكىندى، ئېچىندى. ئۆزىگە ۋە ئەرتراپتىكى ئەرلەرگە قايتىدىن نەزەر تاشلىدى. گۇناھىنى يۇيۇپ ، جىددى ھەم ئېغىر بولغان بۇنداق ھالاكەتتىن ساقلىنىشقا بارلىق ئەرلەرنى دەۋەت قىلىپ كۆردى. بىراق بەزلەشكەن ئەرلەر چىكىملىكنىڭ قاپقارا ئسى ، ھاراق بوتۇلكىلىرى ۋە كەيىپ - ساپا، ئەيىش - ئىشرەتنڭ يۇندى ئازگىلىدا يىرگىنىشلىك قۇسۇقلار ئىچىدە ئەس - ھۇشىنى يۇقىتىپ ئەكىس سادا قايتۇرمىدى. بېشارەتلىك دەۋەت قىلىشلار ، ئۇلارغا نايناق قىزنىڭ ئەركىلەپ ئاتقان مۇشتىچىلىكمۇ تەسىر كۆرسەتەلمىگەنىدى. چىن ئەركەكلىك خىسلەتنىڭ يوقىلىشى ئەۋىج ئېلىپ ، ئاياللارنڭ ئۇزۇنغا سۇزۇلغان غېرىبلىقى يەنىلا داۋاملىشىۋەردى.
-ئەركەكلەر ، قېنى سىلەر؟....  
ئاياللار پۈتۈن كۈچىنى ۋۇجۇدىغا يىغىپ ، يەنە ئىسيان نەسىنى تاتتى. ئۇلارنڭ نەزىرىدە ئەركەكلەر ئاللىبۇرۇنلا ئۆلۈشكە باشلىغانىدى. شۇنداقتىمۇ ئۇلار يەنە قايتا - قايتا توۋلىدى، ئەرلەرنىڭ بۇنىڭغا قەتئى ۋە ئۈزۈل - كىسىل جاۋاپ بىرىشىنى تەلەپ قىلىدى. قىسقىسى، ئەركەكلىكنى چىللىدى. ئۇلار قانائەت ھاسل قىلمىغۇچە توختىمايدىغاندەك قىلاتتى.  
ئەركەكلىك بىزنى چاقىرماقتا پەقەت چىن ئىتىقاد ، غۇرور، ۋىجدان ئۇچۈن جان ئايىماسلىقتەك باھادىرلىق ، چىن ئەركەككە خاس مىجەز خاراكتى، ئادىمىي ئەخلاق ۋە ئىنسانى مىھىر - مۇھەببەتتە ئۆز مەنىسىنى تاپىدىغان ئەركەك روھ يارتىشىلا قىز-ئاياللارنى مەڭگۈ قانائەتلەندۈرەلەيدىغان ، ئۆزىمىزگە يۈ كىلەلەيدىغان چىن ئەركەكلىكنى قايتۇرۇپ بىرەلەيدۇ. شۇنداقلا بىزنى مۇدىھش-شۇم ھالاكەتتىن قۇتۇلدۇرۇپ قالالايدۇ. ئۇنداقتا بىر يەنە نىمىگە قاراپ تۇرىمىز؟ نىمىنى كۈتۈۋاتىمىز؟...ئەجەبا، ئەركەكلىكنى تەرىك ئىتىش بەدىلىگە ئېرىشكەن گۇمىراھلىقىمىز ۋە پەس ۋۇجۇدىمىز سەۋەبى بىخلىنىپ، شاخلاپ چىققان تۈرلۈك - تۈمەن بۇزۇقچىلىق - رەسۋالىقىمىزنىڭ قىز-ئاياللارنىڭ ۋۇجۇدىغا<<كۆچۈپ>>، ئۇلارنىڭ بارغانسىرى يالىڭاچلىنىشى، ئىچىملىك -چىكىملىك ۋە ئاپئاشكارا بۇزۇقچىلىقلاردىن قىلچىمۇ تەپ تارتماسلىقىدەك رەسۋاچىلىقلار بىزگە يەتمەمدۇ؟ بىزدە ۋىجدان ، نۇمس، ئازاپ تۇيغۇسى ئويغانمىدۇمۇ؟...پاسىق روھىمىزغا ئىنساپ ۋە ھىدايەت تىلەپ ، خىلمۇخىل ئېزىقتۇرۇشلارنى رەت قىلىپ ، ئۆز پاكلىقى ۋە ئاياللىق پەزىلىتىنى پاختىنىڭ ئارىسدا چوغ              ساقلىغاندەك ساقلاپ كىلىۋاتقان قەيسەر قىز- ئاياللىرىمىزنىڭ دىيانىتى، ئىنساپى بىزنى قىلچىمۇ سۆيۈندۈرمىدىمۇ؟ ياكى ئۆزىمىز بىلىپ - بىلمەي ئاياللارغا تۇتقۇزۇپ قويغان ھالاكەتلىك    تەقدىرنىڭ تىزگىنىنى تىزدىن ئىلىكىمىزگە ئالماي، يۈز بىرەي دەپلا قالغان <<توپان بالاسى>>قەدىمىنىڭ تېخىمۇ تىزلىشىشىنى كۈتۈۋاتىمىزمۇ؟ۋە ياكى ھەقىقەتەن بىزدە چىن          ئەركەكلىك قالمىدىمۇ؟... 
ياق!ياق!! ئەركەكلىك بىزدە تۈگەپ كەتكىنى يوق! ئىمان-ئىتىقادىلىق ، روھى ئويغاق ئەرلەردە يانار تاغ ئاستىدىكى ماگمىدەك تېخى ھايات.
بولدى بەس ، ئەمدى يىتەر! تېزدىن ئەركەكلىكنى تېپىۋالايلى، ئۇنىڭغا قايتايلى روھىمىزدىكى مەينەتچىلىكلەرنى ئېرىغداپ، ئائىلىنى ، جۈمىلىدىن مىللەتنى بەختىيار قىلىدىغان چىن ئەركەكلىكنى نامايان قىلايلى. ئەنە شۇنىڭدا غاپىل روھ پاكلىنىپ ، ئاچچىق قىسمەتتىن تاتلىق مېۋە ۋايىغا يىتىپ ، ئەركەكلىك ئۆز ھەغداسىنى تاپسۇن. ئېسىمىزدە بولسۇنكى، قىز-ئاياللىرىمىزنىڭ ئېغىر ئۇھسىنىش ، ئۇلۇغ كىچىك تىنىشلىرى، ھەسىرەتلىك قان ياشلىرى ۋە <<ئەركەكلەر، قېنى سىلەر؟>>دىگەن ئىسيانكارانە نىدالىرى كۈتكەن ۋە ئۆز ئەمەلىيتىمىزدىن تەلەپ قىلغان جاۋاپ ، پەقەت چىن ئەركەكلىك ئارقىلىقلا ئۇلارنى قايىل قىلارلىق ۋە رازى قىلالايدىغان جاۋاپ:ئەركەكلەر مانا ئالدىڭىزدا
 
مەنبە: شىنجاڭ مەدەنىيىتى ژورنىلى
دوستلىشىش
ئەلتېكىن
ھەممىگە توۋا ...
دەرىجە: ئالاھىدە باشقۇرغۇچى
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 49
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 363
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە363دانە
تۆھپىسى: 54
پۇلى: 472 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 101
ياخشى باھا: 467
توردا: 128(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-02-25
ئاخىرقى: 2012-03-11
1- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-03-03 14:43

يېتەر ، ئەمدى يىتەر!
تېزدىن ئەركەكلىكنى تېپىۋالايلى، ئۇنىڭغا قايتايلى روھىمىزدىكى مەينەتچىلىكلەرنى ئېرىغداپ، ئائىلىنى ، جۈمىلىدىن مىللەتنى بەختىيار قىلىدىغان چىن ئەركەكلىكنى نامايان قىلايلى.
قوشقارنىڭ كەينىگە يانغىنى قورققىنى ئەمەس._ ئەلتېكىن

بارلىق مۇناسىۋەتلەر ماددىنى چۆرىدەپ قۇرۇلغان ئىكەن...
بالام مەندىن قېرى، مەن غەمدىن نېرى.
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 9
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 60
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە60دانە
تۆھپىسى: 3
پۇلى: 73 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 6
ياخشى باھا: 68
توردا: 9(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-02-17
ئاخىرقى: 2011-10-13
2- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-03-03 18:46

ئەجەپ كۈلكىلىك تېمىكەن....ھەقىقى ئەرلەرنى كۆرگەن ئاياللار يوقمىدۇ؟...كۆرگەندە كۆزىنى يۇمىۋالغاندىمۇ؟
دوستلىشىش
ئەزىمەتخان
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 73
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 30
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە30دانە
تۆھپىسى: 16
پۇلى: 62 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 41
ياخشى باھا: 62
توردا: 6(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-03-01
ئاخىرقى: 2011-04-03
3- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-03-03 21:13

ئاز  بىر  قىسىم زەپانە ئەرلەرنى ئومۇمىلىققا كۆتۈرۈپ پېقىردەك زەكە مىجەز ئەرلەنىڭ غۇرۇرىغا تەگمەڭلار ،بولدى بەس....................
دوستلىشىش
قۇمبۇلاق
دەرىجە: باشقۇرغۇچى
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 123
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە123دانە
تۆھپىسى: 8
پۇلى: 150 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 33
ياخشى باھا: 140
توردا: 35(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-02-17
ئاخىرقى: 2011-10-05
4- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-03-05 00:13

بوزقىردىن باشقا يەردىكى ئەرلەرنىڭ نۇرغۇنى يۇقارقى تېمىدا ئېيتىلغانغا ئوخشاش ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ ۋەھشىي ، بۇ رېئاللىققا تەن بەرمىسەك بولمايدۇ يىگىتلەر ، ھېسىياتقا تايىنىپ ئىنكاس يازمايلى بۇرادەرلەر !
دوستلىشىش
ئىمتىھان399
بوزقىر ئەركىسى
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 16
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 3
ئومۇمىي يازما: 181
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە181دانە
تۆھپىسى: 61
پۇلى: 348 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 92
ياخشى باھا: 288
توردا: 23(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-02-17
ئاخىرقى: 2012-02-01
5- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-03-05 11:37

نىمە دىيىشىمنى بىلمىدىم.
   كىتاپ ۋە   تور دۇنياسىدا ئوقۇۋاتقان نۇرغۇنلىغان ھىكايە، پوۋېست، ئوچېرىكلار، ۋەقەلەردىن ئەھۋالنىڭ قانداقلىقىنى بىلىش تەس ئەمەس،  جەنۇپتىكى بىر ناھىيىگە دوستۇمنى يوقلاپ بارسام، رامىزان ئېيى ئىدى، كۈندۈزى چاي قىلدۇق، باغ سەيلىسىگە چىقىمىز دىگەننى ئاڭلاپ، ياقامنى تۇتۇپ قالغىلى تاس تاماس قالغان ئىدىم.
      ئەر زادى قانداق بولغاندا ھەقىقى ئەر بولىدۇ ؟
     ھەقىقى ئەردە زادى قانداق خىسلەت ۋە خارەكتىر بۇلۇشى كېرەك ؟
     مىنىڭچە، يەنىلا ئائىلىسىگە، پەرزەنتلىرىگە كۈيۈنگەن، ئۇلارنى ئاچ-زار قويمىغان، ئايالى ۋە ئاتا-ئانىسىنى ئۇرۇپ قاقشاتمىغان، ئائىسىلىگە مەسئۇليەتچان بولغان، قىسقىسى ئېتىقادلىق ئەر بۇلۇش، ، خۇمسى مىجەز ئەمەس ئەر بۇلۇش، قىز-ئاياللارغا زىيانكەشلىك قىلمايدىغان ئەر بۇلۇش، باشقىلارغا ئورا كولىمايدىغان ئەر بۇلۇش دىگەن ئوقۇملار، ھەر بىر  ئەركىشىنىڭ كۈندىلىك ئوي پىكىرنىڭ ئىچىدە بولغاندا،  ئەيش-ئىشرەت،  زەھەرلىك چىكىملىك، ئارتۇق ئىچىملىك، چىكىملىكتىن يىراق بولغاندا، ئەرلەر ئەردەك بولامدىكىن دەيمەن.    
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 57
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 19
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە19دانە
تۆھپىسى: 5
پۇلى: 29 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 11
ياخشى باھا: 29
توردا: 4(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-02-27
ئاخىرقى: 2011-04-06
6- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-03-06 00:06

ئەسىلدىغۇ  ئائىلىىگە .جەمىيەتكە، مىللەتكە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋو ۋە ۋىجدان غورورى بولسا ئەر كىشى دىيلەتتى ................................
بىر خۇتۇننىڭ ھوددىسىدىن  چىقالمىسا نىمە دىگۈلىك...................................
دوستلىشىش
نەۋرىزە
تۆھپىكار باغۋەن
دەرىجە: مۆھتىرەم
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 37
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 62
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە62دانە
تۆھپىسى: 12
پۇلى: 136 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 24
ياخشى باھا: 86
توردا: 21(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-02-20
ئاخىرقى: 2012-02-06
7- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-03-06 14:53

يېزىلغىنى ئەلۋەتتە رىياللىقتىن چەتنىگەن ئەمەس، نۇرغۇن ئەرلىرىمىز ئۆز مەسئولىيىتىنى ئاتا قىلىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، بىراق يەنە بىر قىسىم، قۇرۇق سۆلەت گەدەنكەش ئەرلىرىمىز، مىللىتنى، ئائىلىنى، بالا- چاقىسىنى، جەمەئەتىنى كۆتۈرۈپ قوپقىسىز ئارا- نومۇسلارغا قويىۋاتىدۇ، قانچىلىغان ئاياللار يىغلاۋاتىدۇ، قانچىلىغان سەبىيلەر يىتىم بولىۋاتىدۇ، بۇ خىل ئەھۋاللارنى ئەتراپىمىزدىنلا كۆرۈشىمىز ئانچە قىيىن ئەمەس. مېنىڭچە بۇ چاق-چاق قىلىدىغان تېما ئەمەس، بەلكىي ئۆزىنى ئەركەك دەپ چاغلىغان ھەر بىر ئەرنىڭ ئۆزىنى ئۆلچەپ بېقىشىدىكى ئۆلچەملىك تارازا......
دوستلىشىش
ئاگرانوم
خىيال ماڭا ھەمرادۇر.
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 651
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 50
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە50دانە
تۆھپىسى: 10
پۇلى: 70 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 23
ياخشى باھا: 70
توردا: 7(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-06-05
ئاخىرقى: 2011-07-05
8- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-06-05 16:54

ھازىرقى جەمىيىتىمىزدە ئائىلىنىڭ ھۆدىسىدىن چىقالمايدىغان ئەرلەر كۆپ ساننى ئىگەن؛ەمدىكىن دەپ قالىمەن مەنمۇ.  
ھېسياتنىڭ قۇلى،مەغلۇبنىڭ ئۇلى!
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 546
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 643
ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە643دانە
تۆھپىسى: 60
پۇلى: 813 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 121
ياخشى باھا: 763
توردا: 114(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-05-19
ئاخىرقى: 2012-03-09
9- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-06-07 15:35

ئەرنى ئەر قىلغانمۇ خوتون،يەرقىلغانمۇ خوتۇن،دەپتىكەن......