ئىككىنچى قېتىملىق
بوزقىر بالىلار مۇكاپاتلىق ئەسەر قوبۇل قىلىش پائالىيىتى
http://www.bozqir.cn مۇنبىرىمىز ئەستايىدىل لاھىيلەش، ئۇزۇن مۇددەتلىك پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلىش، ئانا تىلدا ئەسەر ئىجات قىلىدىغان سۆيۈملۈك پەرزەنتلىرىمىزنىڭ يېزىقچىلىق قابىلىيىتى، نۇتۇق ئىقدىدارى، ئۆزىگە ئىشىنىش تۇيغۇسىنى يەنىمۇ يۇقۇرى كۆتۈرۈشتەك ئىجابىي ئۈمۈتتە مۇنبىرىمىزدە <<ئىككىنچى قېتىملىق بوزقىر بالىلار مۇكاپاتلىق ئەسەرلىرى قوبۇل قىلىش پائالىيىتى>> نى يولغا قويۇشنى قارار قىلدۇق. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بارلىق ئوبىكتىپ، سوبىكتىپ ئالاقە ۋاستىلىرى ئارقىلىق بوزقىر بالىلار مۇكاپاتلىق پائالىيىتىنىڭ مەزمۇنىنى سۆيۈملۈك بالىلىرىمىزغا يەتكۈزۈشگە ھەم ئۇلارنىڭ بۇ پائالىيەتكە قىزغىن ئىشتىراك قىلىشىنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىللە ھەر قايسى باشلانغۇچ، تولۇقسىز، ئوتتۇرا مەكتەپلەردىكى ئەدەبىيات كۇرژىكلەرگە مەسئۇل ئۇقۇتقۇچى-ئۇستاز، مەكتەپ رەھبەرلىرىنىڭ ئۆز تەۋەلىك دائىرىسىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ پائالىيەتكە قاتنىشىش ئاكتىپچانلىقىنى بىز بىلەن ماس قەدەمدە قوزغاپ بېرىشىنى ۋە http://www.bozqir.cnمۇنبىرىنىڭ بوزقىر بالىلار مۇكاپاتلىق ئەسەر قوبۇل قىلىش پائالىيىتىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈشىنى ئۈمۈت قىلىمىز. بىز شۇنى ئىشەنچ بىلەن ئېيتالايمىزكى، ھەممىدىن ياخشىسىنى بىز تاللاپ بولالمايمىز، ھەممىدىن ياخشىسى بىزنى تاللىسۇن!
1.ئىككىنچى قېتىملىق بوزقىر بالىلار مۇكاپاتلىق ئەسەرلىرى قوبۇل قىلىش ۋاقتى:
ئىككىنچى قېتىملىق بوزقىر بالىلار مۇكاپاتلىق ئەسەرلىرى قوبۇل قىلىش پائالىيىتى مۇنبىرىمىز يولغا قويغان ئىككىنچى قېتىملىق پائالىيەت بولۇپ، بۇ قېتىملىق پائالىيەتنىڭ ۋاقتى 7-ئاينىڭ25-كۈنىدىن10-ئاينىڭ30-كۈنىگىچە داۋاملىشىدۇ. 11-ئاينىڭ1-كۈنىدىن باشلاپ 2-قېتىملىق ئەسەر قوبۇل قىلىش پائالىيىتى ئاخىرلىشىپ مۇكاپاتلىق سەھىپىگە يوللانغان ئەسەرلەرنى باھالاش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلىدۇ. 11-ئاينىڭ8-كۈنى يەنى مۇخبىرلار بايرىمى كۈنى مۇكاپاتلانغان ئەسەرلەرنىڭ تىزىملىكى مۇنبەردە ئېلان قىلىنىدۇ.
2.بوزقىر بالىلار مۇكاپاتلىق ئەسەرلىرى پائالىيىتىگە قاتناشتۇرىلىدىغان ئەسەرلەرنىڭ ژانىرلىرى:
بوزقىر بالىلار مۇكاپاتلىق ئەسەرلىرى پائالىيىتىگە قاتناشتۇرىلىدىغان ئەسەرلەر ئانا تىلدا يېزىلغان بولۇشى، بالىلار ئۆزلىرى ئىجات قىلغان بولۇشى ھەم مەلۇم سۈپەت ئۆتكىلىدىن ئۆتكەن بولۇشى كېرەك. ئەسەر ژانىرلىرى بالىلار شېئىرلىرى، بالىلار ھېكايىلىرى، بالىلار چۆچەكلىرى، بالىلار مەسەللىرى، نەسرلەر، مەلۇم يېڭى قاراشنى ئوتتۇرىغا قويغان ھەر خىل ماقالىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئېلىش بىلەن بىرگە، بالىلارنىڭ قىممەت قارىشىنى ئەكس ئەتتۈرەلىگەن كۈندىلىك خاتىرە ئەسەرلىرىمۇ قوبۇل قىلىش دائىرىسىگە كىرگۈزىلىدۇ.
3.بوزقىر بالىلار مۇكاپاتلىق ئەسەرلەر پائالىيىتىنىڭ مۇكاپات دەرىجىسى ۋە مۇكاپات سوممىسى:
1. باشلانغۇچ مەكتەپ مۇسابىقە گۇرۇپپىسى
ئىككىنچى قېتىملىق بوزقىر بالىلار مۇكاپاتلىق ئەسەرلەر پائالىيىتىنىڭ مۇكاپات دەرجىسى 1-دەرىجە، 2-دەرىجە، 3-دەرىجە ۋە مۇنەۋەر ئەسەر دەرىجىلىرى بويىچە ئايرىلىدۇ.
1-دەرىجىلىك مۇكاپاتلىق ئەسەر 1 پارچە بولۇپ، مۇكاپات سوممىسى 300يۈئەن نەق پۇل.
2-دەرىجىلىك مۇكاپاتلىق ئەسەر 2 پارچە بولۇپ، مۇكاپات سوممىسى 200يۈئەن نەق پۇل.
3-دەرىجىلىك مۇكاپاتلىق ئەسەر 3 پارچە بولۇپ، مۇكاپات سوممىسى 150يۈئەن نەق پۇل.
مۈنەۋەر ئەسەر 5 پارچە بولۇپ، مۇكاپات سوممىسى 100يۈئەن نەق پۇل.
مۇنبىرىمىز مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئەسەر ئاپتورلىرىنىڭ مۇكاپات سوممىسىنى يەتكۈزۈپ بېرىشكە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ.
2. تولۇقسىز، تولۇق ئورتا مۇسابىقە گۇرۇپپىسى
ئىككىنچى قېتىملىق بوزقىر بالىلار مۇكاپاتلىق ئەسەرلەر پائالىيىتىنىڭ مۇكاپات دەرجىسى 1-دەرىجە، 2-دەرىجە، 3-دەرىجە ۋە مۇنەۋەر ئەسەر دەرىجىلىرى بويىچە ئايرىلىدۇ.
1-دەرىجىلىك مۇكاپاتلىق ئەسەر 1 پارچە بولۇپ، مۇكاپات سوممىسى 300يۈئەن نەق پۇل.
2-دەرىجىلىك مۇكاپاتلىق ئەسەر 2 پارچە بولۇپ، مۇكاپات سوممىسى 200يۈئەن نەق پۇل.
3-دەرىجىلىك مۇكاپاتلىق ئەسەر 3 پارچە بولۇپ، مۇكاپات سوممىسى 150يۈئەن نەق پۇل.
مۈنەۋەر ئەسەر 5 پارچە بولۇپ، مۇكاپات سوممىسى 100يۈئەن نەق پۇل.
مۇنبىرىمىز مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئەسەر ئاپتورلىرىنىڭ مۇكاپات سوممىسىنى يەتكۈزۈپ بېرىشكە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ.
4.بوزقىر بالىلار مۇكاپاتلىق ئەسەرلەر پائالىيىتىنىڭ تەلىپى:
ئەسەرلەرنى باھالاشنىڭ ئادىل بولۇشى ئۈچۈن بالىلار ئەسەر يوللىغاندا ئەسەرگە ئاپتورنىڭ ھەقىقىي ئىسىم فامىلىسىنى يېزىشنى تەشەبۇس قىلمايمىز، بەلكى مۇنبەر قائىدىسى بويىچە مەۋھۇم تور نامى ئارقىلىق ئەسەر يوللىشىنى تەلەپ قىلىمىز. پەقەت مەكتەپ، سىنىپ ئادېرىسىنى تولۇق ۋە ئەينەن يېزىشىنى سورايمىز. يېتەكچى ئوقۇتقۇچى-ئۇستازلارنىڭ ۋە ئاتا-ئانا، ئاكا-ئاچىلارنىڭ بالىلارغا مۇشۇ جەھەتتە كۆپىرەك ياردەمدە بولۇشىنى ئۈمۈت قىلىمىز. ئاپتور ئادېرىسى ئېنىق بولمىغان ئەسەرلەر بىردەك مۇكاپاتلىق پائالىيەتكە قاتناشتۇرۇلمايدۇ.
5.بوزقىر بالىلار مۇكاپاتلىق ئەسەرلىرى پائالىيەت دائىرىسى:
بوزقىر بالىلار مۇكاپاتلىق ئەسەرلەر پائالىيىتىگە مەلۇم سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن بورتالا رايۇنى تەۋەسىدە ئانا تىلدا ئەسەر ئىجات قىلىدىغان پەرزەنتلىرىمىز ئىشتىراك قىلسا بولىدۇ.
6.بوزقىر بالىلار مۇكاپاتلىق ئەسەرلەر سالۇنى ھەققىدە:
بوزقىر بالىلار مۇكاپاتلىق ئەسەرلەر پائالىيىتىگە تەۋىسىيە قىلىنىدىغان بارلىق ئەسەرلەر مۇنبىرىمىزنىڭ << مۇكاپاتلىق ئەسەرلەر>> دېگەن خاس سەھىپىگە يوللىنىشى كېرەك.
7.بوزقىر بالىلار مۇكاپاتلىق ئەسەرلەر پائالىيىتىنىڭ ئالاھىدە ئەسكەرتنامىسى:
يوللانغان ئەسەرلەردە چوقۇم ئىملا ئالاھىدە توغرا بولۇشى، جۈملە تۈزۈلىشى راۋان بولۇشى، تىنىش بەلگىلەر توغرا ئىشتىلگەن بولۇشى كېرەك.
ئالاھىدە ئۇقتۇرۇش قىلىندى
2011-يىلى 7-ئاينىڭ 24-كۈنى
[ ھونتەرىپىدىن2011-07-27 19:46قايتا تەھرىرلەندى ]