ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 601 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: نورۇز ۋە نورۇز مەدىنىيىتى
مۇزىكا شاھى
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 52
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 89
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە89دانە
تۆھپىسى: 20
پۇلى: 129 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 30
ياخشى باھا: 124
توردا: 20(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-02-26
ئاخىرقى: 2011-12-14
0- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-03-03 14:49

نورۇز ۋە نورۇز مەدىنىيىتى

 نورۇز ئەڭ قەدىمىي ، ئىجتىمائىي مەدەنىيەت ھادىسىسى . نورۇز دۇنيادىكى مىلاد ، قۇربان ھېيت ، چاغان قاتارىدىكى تۆت چوڭ بايرامنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ . ئۇنىڭ ئىران ۋە توران دىيارىدا يېڭى يىل بايرىمى قىلىنىپ ئۆتكۈزۈلۈۋاتقىنىغا 2600 يىلدىن ئاشتى . بۇ بايرامنى ئۆتكۈزىدىغان مىللەتلەرنىڭ نوپۇسى تەخمىنەن 400 مىليون ئەتراپىدا .
نورۇز پەيدا بولغاندىن كېيىن ، نورۇز ئۆتكۈزىدىغان مىللەتلەردە نورۇز مەدەنىيىتى ھادىسىسى پەيدا بولدى . بۇنىڭ بىلەن نورۇز ماددىي مەدەنىيلىك بىلەن مەنىۋى مەدەنىيلىكنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان بايرام پائالىيىتىگە ئايلاندى . نورۇز مەدەنىيەت ھادىسىسىنى مۇنداق ئۈچ  جەھەتتىن چۈشەندۈرۈش مۇمكىن :     
1 . نورۇز يېڭى يىل بايرىمى . چۈنكى نورۇز ھەر يىلى كۈندۈز بىلەن كېچە تەڭلىشىدىغان پەيىتتە كېلىدۇ . يەنى 3
ئاينىڭ 21 كۈنى كېچە سائەت نۆلگە توغرا كېلىدۇ . شۇڭا يېڭى يىلنىڭ باشلانغان كۈنى يىل بېشى قىلىنغان . 21 مارت ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تۈركى تىللىق مىللەتلەردە يېڭى يىلنىڭ باشلانغانغانلىقىدىن ئىبارەت ۋاقىت ئېڭىنى شەكىللەندۈرۈپ ، كىشىلەرنى ۋاقىتنى سۆيۈش ، ۋاقىتنى قەدىرلەش ، ۋاقىتتىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشتەك رىقابەت تۇيغۇسىغا ئىگە قىلغان .
2 . نورۇز تەبىئەت ۋە گۈزەللىك بايرىمى . نورۇز باشلانغان كۈن تەبىئەت جانلانغان ، دەل
دەرەخلەر كۆكىرىشكە باشلاپ ، تاغ ، ئىدىرلىقلارنى يېشىللىق قاپلاشقا باشلىغان ، ئەگىز ئېقىپ ، كىشىگە ھاياتلىق ئۈمىدى بېغىشلىغان مەزگىل ھېسابلىنىدۇ . شۇنداق بولغاچقا ، نورۇز ئۆتكۈزىدىغان  مىللەتلەردە تەبىئەتنى سۆيۈش ، تەبىئەتتىن زوقلىنىش ، تەبىئەتنى گۈزەللەشتۈرۈش ئۈچۈن باغ ئورمان ، گۈل گىياھلىق بەرپا قىلىش ئادىتىنى يېتىلدۈرگەن .
3 .نورۇز
ئەمگەك بايرىمى ، تەنتەربىيە بايرىمى ۋە ئەدەبىيات سەنئەت بايرىمى . ئەتىيازلىق ئىشلەپچىقىرىشنى ئەۋجىگە چىقىرىپ ، يېڭى يىلدا تېخىمۇ مول بايلىق يارىتىش نورۇزنىڭ ماددىي مەدەنىيلىك ئەنئەنىسى . تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈپ ، ئۆزلىرىنىڭ جىسمانىي ساپاسىنى ياخشىلاشقا ئۇل سېلىش ، ئەدەبىيات سەنئەت نومۇرلىرىنى ئىجاد قىلىپ ، نورۇزنى ، كىشىلىك ھاياتنى مەدھىيىلەش ، بۇ ئارقىلىق ئەلگە ئىجادچانلىق ، خۇشاللىق ، مەردانىلىك روھى بېغىشلاش نورۇزنىڭ مەدەنىيەت ئەنئەنىسى . ئۇيغۇرلاردا نورۇز قەدىمىي ھەم كېلەچىكى پارلاق بايرام . بۇ بايرام 2000 نەچچە يىللىق مۇساپىنى بېسىپ زامانىمىزغا يېتىپ كېلىپ ، خەلقىمىزنىڭ مەدەنىيەت ، تەبىئەت بايرىمىغا ، ئەمگەك ، تەنتەربىيە مۇسابىقىسىغا ، سەنئەت كۆرىكىگە ئايلاندى . بۈگۈنكى كۈندە ئۇ تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىدا تېخىمۇ كەڭ سورۇنغا ، مىسلىسىز جەلپ قىلىش كۈچىگە ۋە تېخىمۇ پارلاق ئىستىقبالغا ئىگە بولماقتا . ئۇزاق يىللىق تارىخنىڭ سىناقلىرىدىن ئۆتكەن  بۇ مەدەنىيەت ھادىسىسى كەلگۈسىدە يەنىلا ھاياتىي قۇدرەتكە ئىگە بولىدۇ ، ئۇنىڭ ئەنئەنىلىرى داۋاملىشىدۇ ۋە ئۇنىڭغا نۇرغۇن زامانىۋى مەدەنىيەت ئېڭى ۋە مەدەنىيەت پائالىيەت مەزمۇنلىرى قوشۇلىدۇ .
 
   ئۆزماكاننىڭ خاتىرىسىدىن ئىلىندى.
نەۋرۇز مۇبارەك  (1)
سالىھ رۇزى
ئەي نەۋ باھارنىڭ ئەلچىسى نەۋرۇز نىگارىم مۇبارەك،
كۆكلەم چېچەكلەر جىلۋىسى گۈل-گۈل دىيارىم مۇبارەك.
 
ياپ-يېشىل بوستان چېچىڭدۇر مەپتۇن كۆڭۈل ئىلھامچىسى،
قاينىغاي قۇتلۇق تويۇڭدا مۇقام ناۋارىم مۇبارەك.
 
ئايدۇر يۈزۈڭ،قۇياش كۆزۈڭ،بۇ تويدا تەڭ كۈندۈز كېچە،
تولدۇرۇپ نەۋرۇز جاھانغا كۈلگىن جانانىم مۇبارەك.
 
مەشرەپ،ساما،قىزىپ بەزمە،جاي-جايلاردا چېلىش بەيگە،
قەدىم ئەژدات روھى سىڭگەن ئۇدۇم داۋامىم مۇبارەك.
 
يايرىسۇن دىللار نەۋرۇزدەك مۇبارەك توي جۇلاسىدىن،
ياشنىسۇن قىر،ئېدىر،باغلار قەلبى باھارىم مۇبارەك.

ﻧﻮﺭﯗﺯ ﻛﻪﻟﺪﻯ . (2)
ﻗﯘﻳﺎﺵ ﭘﺎﺭﻻﭖ ﻳﻪﺭ ﺋﻮﻳﻐﺎﻧﺪﻯ ، ﻧﻮﺭﯗﺯ ﻗﯘﭼﺎﻕ ﺋﯧﭽﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪﻯ ،
ﮔﯜﻝ - ﮔﯩﻴﺎﮬﻼﺭ ﺋﯘﺳﺴﯘﻝ ﺋﻮﻳﻨﺎﭖ ، ﺋﻪﺗﯩﺮ- ﺋﻪﻧﺒﻪﺭ ﭼﯧﭽﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪﻯ،
ﻗﺎﺭ - ﻣﯘﺯ ﺋﯧﺮﯨﭗ ﺋﻪﮔﯩﺰ ﺳﯘﻻﺭ ﺩﻩﺭﻳﺎ - ﺩﻩﺭﻳﺎ ﺋﯧﻘﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪﻯ ،
ﺗﺎﻏﺪﺍ ﻛﻪﻛﻠﯩﻚ ، ﺑﺎﻏﺪﺍ ﻛﺎﻛﻜﯘﻙ ﭘﻪﺭ ﻗﺎﻧﺎﺗﯩﻦ ﻗﯧﻘﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪﻯ ،
ﻗﯩﺰ - ﻳﯩﮕﯩﺘﻠﻪﺭ ﺋﯜﻣﯩﺪ - ﺋﯩﺸﻪﻧﭻ ﭼﺎﻗﻤﯩﻘﯩﻨﻰ ﭼﯧﻘﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪﻯ ،
ﺋﻪﮬﻠﻰ ﻧﻮﺭﯗﺯ ﺳﺎﯞﺍﺏ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﻣﻪﺷﺌﯩﻠﯩﻨﻰ ﻳﯧﻘﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪﻯ .
ﮬﯚﺭ - ﻏﯘﻟﻤﺎﻥ ﺋﺎﻱ ﻧﯘﺭﯨﺪﺍ ﮔﯜﻟﺨﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﺋﺎﺗﻼﭖ ﻛﻪﻟﺪﻯ ،
ﻧﺎﻏﺮﺍ - ﺳﯘﻧﺎﻱ ﺋﻪﻝ ﺋﻮﻳﻐﯩﺘﯩﭗ ﻳﻪﺭ ﺟﺎﮬﺎﻧﻨﻰ ﻗﺎﭘﻼﭖ ﻛﻪﻟﺪﻯ ،
ﺑﯘﯞﺍﻱ ، ﻣﻮﻣﺎﻱ ﺩﯗﺋﺎ ﺋﻪﻳﻠﻪﭖ ﺗﯩﻠﻪﻛﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﺎﺗﻼﭖ ﻛﻪﻟﺪﻯ ،
ﺋﺎﺯﺍﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ﻗﻮﻝ ﺗﯘﺗﯩﺸﯩﭗ ﺋﯚﭺ - ﺋﺎﺩﺍﯞﻩﺕ ﺗﺎﺷﻼﭖ ﻛﻪﻟﺪﻯ ،
ﻗﯩﺰ - ﻳﯩﮕﯩﺘﻠﻪﺭ ﺋﯜﻣﯩﺪ- ﺋﯩﺸﻪﻧﭻ ﭼﺎﻗﻤﯩﻘﯩﻨﻰ ﭼﯧﻘﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪﻯ ،
ﺋﻪﮬﻠﻰ ﻧﻮﺭﯗﺯ ﺋﯚﻡ - ﺋﯩﻨﺎﻗﻠﯩﻖ ﻣﻪﺷﺌﯩﻠﯩﻨﻰ ﻳﯧﻘﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪﻯ .
ﭼﻪﯞﻩﻧﺪﺍﺯﻻﺭ ﺋﻮﻏﻼﻕ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ﺗﯘﻟﭙﺎﺭﻻﺭﻧﻰ ﭼﯧﭙﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪﻯ ،
ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻗﻮﺷﻘﺎﺭ ، ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺧﻮﺭﺍﺯ ﻏﻪﺯﻩﭖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯧﻘﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪﻯ ،
ﻣﯜﯕﮕﯜﺯ ، ﺗﺎﭘﺎﻥ ﺳﺎﺩﺍﻟﯩﺮﻯ ﺋﻮﺕ - ﺋﯘﭼﻘﯘﻧﻼﺭ ﭼﯧﭽﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪﻯ ،
ﮔﻮﻳﺎ ﺋﯘﻻﺭ ﻗﻪﮬﺮﯨﻤﺎﻧﻠﯩﻖ ﺩﺍﺳﺘﺎﻧﯩﻨﻰ ﺋﯧﭽﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪﻯ ،
ﻗﯩﺰ- ﻳﯩﮕﯩﺘﻠﻪﺭ ﺋﯜﻣﯩﺪ- ﺋﯩﺸﻪﻧﭻ ﭼﺎﻗﻤﯩﻘﯩﻨﻰ ﭼﯧﻘﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪﻯ ،
ﺋﻪﮬﻠﻰ ﻧﻮﺭﯗﺯ ﺋﯩﺰﮔﯜ، ﯞﯨﺠﺪﺍﻥ ﻣﻪﺳﺌﯩﻠﯩﻨﻰ ﻳﯧﻘﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪﻯ .
ﻳﻪﺗﺘﻪ ﺧﯩﻞ ﺩﺍﻥ ( ﻧﻮﺭﯗﺯ ﺋﯧﺸﻰ ) ﻳﯜﺭﻩﻛﻠﻪﺭﻧﻰ ﭼﻮﻏﻼﭖ ﻛﻪﻟﺪﻯ ،
ﮬﻮﺭﯗﻧﻠﯘﻕ ﮬﻪﻡ ﻳﺎﺭﺍﻣﺴﯩﺰﻟﯩﻖ ﺋﯩﻠﻠﯩﺘﯩﻨﻰ ﺩﺍﻏﻼﭖ ﻛﻪﻟﺪﻯ ،
ﺑﯩﻠﻠﻪ ﻛﯜﻟﯜﭖ ، ﺑﯩﻠﻠﻪ ﻳﯩﻐﻼﭖ ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﯨﻨﻰ ﺑﺎﻏﻼﭖ ﻛﻪﻟﺪﻯ ،
ﺋﯚﺗﻤﯜﺵ - ﺗﺎﺭﯨﺦ ﻗﯩﺴﻤﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﭼﭽﯩﻖ ﺳﺎﯞﺍﻕ ﺟﯘﻏﻼﭖ ﻛﻪﻟﺪﻯ ،
ﻗﯩﺰ - ﻳﯩﮕﯩﺘﻠﻪﺭ ﺋﯜﻣﯩﺪ- ﺋﯩﺸﻪﻧﭻ ﭼﺎﻗﻤﯩﻘﯩﻨﻰ ﭼﯧﻘﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪﻯ ،
ﺋﻪﮬﻠﻰ ﻧﻮﺭﯗﺯ ﻳﯧﯖﻰ ﭘﯩﻜﯩﺮ ﻣﻪﺳﺌﯩﻠﯩﻨﻰ ﻳﯧﻘﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪﻯ .
ﺭﻩﮬﻨﯩﻤﺎﺩﯨﻦ << ﺑﯧﻴﯩﯖﻼﺭ ! >> ﺩﻩﭖ ﺋﻪﺟﻪﭖ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻧﯩﺪﺍ ﻛﻪﻟﺪﻯ ،
ﺭﯨﻘﺎﺑﻪﺗﺘﻪ ﺗﯘﺷﻤﯘﺗﯘﺷﺘﯩﻦ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺧﻪﯞﭘﻠﯩﻚ ﺳﺎﺩﺍ ﻛﻪﻟﺪﻯ ،
ﺋﻪﻝ ﺳﯚﻳﻪﺭﻟﻪﺭ ﻗﻮﯞﻣﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺷﻪﺧﺴﯩﻴﻪﺗﺘﯩﻦ ﺟﯘﺩﺍ ﻛﻪﻟﺪﻯ ،
ﺋﻪﻝ ﺋﺎﺷﯩﻘﻰ ﻗﻪﻟﻪﻣﻜﻪﺷﻠﻪﺭ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺟﺎﻧﻨﻰ ﭘﯩﺪﺍ ﻛﻪﻟﺪﻯ ،
ﻗﯩﺰ - ﻳﯩﮕﯩﺘﻠﻪﺭ ﺋﯜﻣﯩﺪ- ﺋﯩﺸﻪﻧﭻ ﭼﺎﻗﻤﯩﻘﯩﻨﻰ ﭼﯧﻘﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪﻯ ،
ﺋﻪﮬﻠﻰ ﻧﻮﺭﯗﺯ ﻳﯧﯖﻰ ﻗﻪﺩﻩﻡ ﻣﻪﺷﺌﯩﻠﯩﻨﻰ ﻳﯧﻘﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪﻯ .
<< ﮔﯚﮬﻪﺭ ﺯﯦﻤﯩﻦ >> ، << ﺋﻪﻧﺠﯜﺭ >> ، << ﺋﺎﺭﻣﺎﻥ >> ، << ﺋﺎﻣﯩﻨﻪ >> ، << ﮔﯜﻟﺪﯨﻴﺎﺭ >> ﻛﻪﻟﺪﻯ ،
<< ﺋﻪﻟﺸﯩﺮ >> ، << ﺋﯩﺰﭼﯩﻼﺭ >> ، << ﻟﻮﻗﻤﺎﻥ >> ، << ﺋﯩﻠﭽﻰ >> - ﺋﯧﻠﯩﻤﻨﯩﯔ ﺩﯨﻠﺪﺍﺭﻯ ﻛﻪﻟﺪﻯ ،
ﺳﯧﻠﯩﭗ ﺑﻪﻟﻪﻥ ﻣﺎﺩﺩﯨﻲ ﺋﺎﺳﺎﺱ ﺩﯨﻴﺎﺭﯨﻢ ﺗﯚﮬﭙﯩﻜﺎﺭﻯ ﻛﻪﻟﺪﻯ ،
<< ﺋﯩﻠﭽﻰ >> ﯞﻩ << ﺋﺎﺭﻣﺎﻥ >> ﻧﻰ ﻣﺎﺧﺘﺎﭖ ﺟﺎﮬﺎﻥ ﻗﻪﻟﯩﺐ ﺋﯩﺰﮬﺎﺭﻯ ﻛﻪﻟﺪﻯ،
ﻗﯩﺰ - ﻳﯩﮕﯩﺘﻠﻪﺭ ﺋﯜﻣﯩﺪ - ﺋﯩﺸﻪﻧﭻ ﭼﺎﻗﻤﯩﻘﯩﻨﻰ ﭼﯧﻘﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪﻯ ،
ﺋﻪﮬﻠﻰ ﻧﻮﺭﯗﺯ ﻳﯧﯖﻰ ﺑﺎﻳﻠﯩﻖ ﻣﻪﺷﺌﯩﻠﯩﻨﻰ ﻳﯧﻘﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪﻯ .
ﻛﺎﺭﺧﺎﻧﯩﭽﻰ ، ﻣﻪﺭﺩ - ﺳﯧﺨﻴﻼﺭ ﻣﻪﺑﻠﯩﻐﯩﻨﻰ ﺋﺎﺗﺎﭖ ﻛﻪﻟﺪﻯ ،
ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺳﯧﻠﯩﭗ ﻧﺎﺩﺍﻧﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﺋﯧﺘﯩﺰﯨﻨﻰ ﺋﻮﺗﺎﭖ ﻛﻪﻟﺪﻯ ،
ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧﺎ ، ﻛﯚﯞﺭﯛﻙ ﺳﯧﻠﯩﭗ ﻧﺎﻣﺮﺍﺕ ﺷﺎﺧﻨﻰ ﭘﯘﺗﺎﭖ ﻛﻪﻟﺪﻯ ،
<< ﺋﻪﺯﯨﻤﻪﺗﺘﯩﻦ ﺋﯚﮔﻪﻧﮕﯩﻦ ! >> ﺩﻩﭖ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﺧﯩﺘﺎﺏ ﻛﻪﻟﺪﻯ ،
ﻗﯩﺰ - ﻳﯩﮕﯩﺘﻠﻪﺭ ﺋﯜﻣﯩﺪ- ﺋﯩﺸﻪﻧﭻ ﭼﺎﻗﻤﯩﻘﯩﻨﻰ ﭼﯧﻘﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪﻯ،
ﺋﻪﮬﻠﻰ ﻧﻮﺭﯗﺯ ﻳﯧﯖﻰ ﮬﺎﻳﺎﺕ ﻣﻪﺷﺌﯩﻠﯩﻨﻰ ﻳﯧﻘﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪﻯ .
ﺋﯩﺰﺍﮬﺎﺕ : (1) ﺭﻩﮬﻨﯩﻤﺎ - ﻳﯧﺘﻪﻛﭽﻰ   (2) ﻧﯩﺪﺍ _ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﻖ .
<<قۇمۇل ئەدەبىياتى>>ژورنىلىدىن


                                
[ سۇجۇپتەرىپىدىن2011-03-03 14:55قايتا تەھرىرلەندى ]
دوستلىشىش
ئەلتېكىن
ھەممىگە توۋا ...
دەرىجە: ئالاھىدە باشقۇرغۇچى
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 49
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 382
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە382دانە
تۆھپىسى: 56
پۇلى: 498 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 105
ياخشى باھا: 493
توردا: 142(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-02-25
ئاخىرقى: 2012-10-23
1- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-03-03 18:28

ياخشى ۋاقىتتا يوللاپسىز، ھەر يىلى مۇشۇنداق ماتېرىيالغا ئىھتىياج چۈشۈپ تۇرىدۇ.

بىرەر كوبلىت قوشقۇم بار ئىدى. شۇ ئىلھام ...
كېيىنچە يېزىپ باقامەن،
قوشقارنىڭ كەينىگە يانغىنى قورققىنى ئەمەس._ ئەلتېكىن

بارلىق مۇناسىۋەتلەر ماددىنى چۆرىدەپ قۇرۇلغان ئىكەن...