سادا!
پەرھات قادىر(ياساۋۇل)
كۈنلىرىم شۇنچىلىك مەنىسىزكى ، ئىلگىرلەشتىن سۆز ئېچىشتىن ئەسلا يىراقتا ئىدى. يۇلتۇزلارغا قارايتىم ، يۇلتۇزلار خىيالىمدىكى مەشۇقۇمنىڭ سېھىرلىك شەھلا كۆزلىرىدەك ئۇچقۇنلار چاچرېتىپ خۇمارلىق باقاتتى. تۈن كېچىدە ئون تۆت كۈنلۈك تولۇن ئاي ، پورەكلەپ ئېچىلغان قىزىل گۈلدەك، گۈزەل رۇخسارىڭىزدىن ئۇرغۇپ چىققان،جىلۋىلىك بېقىشىڭىزنى ئەسلىتىپ مىيىغىدا كۈلۈمسىرەپ جىلۋىلىنىپ تۇراتتى. تۈن ئاسمىنى قاپقارا سۇمبۇل چاشلىرىڭىزدەك مېنى ئىختىيارىسىز ئۆزىگە تارتىپ ، ئۆتمۈشىمنىڭ قاباھەتلىك ئەسلىمىسىدىن چىقىپ ئازاپ - ئوقۇبەتلىك قان، ياشلىرىمنىڭ ئاسارەتلىرىنى ئۇنتىشىمنى ، ئۆز - ئۆزىمنى ئاسرېشىم كېرەكلىكىنى، جۇدۇننىڭ ئالدىدىكى قارا بۇلۇتلاردەك تۈرۈلۈپ كېلىشكەن دۈشمەنلىرىمنىڭ ئالدىدا، گېگانېت تاغدەك تىك تۇرۇپ خەلقىمغا سېپىل بولىشىم ، قايتۇرما زەربىگە تەييار تۇرغان بۈركۈتتەك ھەر ۋاقىت ھۇشيار تۇرۇشۇم، زىمىنىسىغا ئېغىر مەجبۇرىيەت ئالغان دەھشەتلىك ئەركەك شىردەك جەڭگە تەييار تۇرىشىم كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىپ دولقۇنلايتى.
كۆكسۈمدىن، ئايىغىمدا دەسسەپ تۇرغان ئەزىز ۋەتىنىمنىڭ ،ھەر بىر تال گۈل -گىياسىدىن ، ھايۋانات ، ھاشاراتلىرىدىن، ئۇچار قاناتلىرىدىن ، دەل - دەرەخ ،ئېرىق ، كۆل، دەريالىرىدىكى دولقۇنلاپ تۇرغان سۇلار ۋە سۇلاردىكى ھەر خىل جانلىقلاردىن، ئەسىرلەر مابەينىدىكى كەچمىشلەرنى پىچىرلاپ سۆزلەۋاتقان شاماللاردىن، بارلىقاتلاردىن بىر ساداا، تەۋھېد ئالىمىگە جاراڭلاپ چىقتى...
ئاللاھ رىزالىغى ئۈچۈن ، مانا بىز تەييار !!!
2011-7-30 ئۈرۈمچى