ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1177 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئاخىرقى بىكەت
ئنسان ھەرگىزكىچىككىنەمۇۋاپىقىيىتى ئۈچۈن مەغرۇر ..
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 679
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 39
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە39دانە
تۆھپىسى: 19
پۇلى: 77 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 38
ياخشى باھا: 77
توردا: 9(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-06-13
ئاخىرقى: 2011-12-28
0- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-08-01 13:39

ئاخىرقى بىكەت

ئەگىرى توقاي ھارىۋا يولىدا بىر ماشىنا توپا توزىتىپ كەلمەكتە، شوپۇرنىڭ چىرايىدا نېمىدىندۇر بىزارلىق چىقىپ تۇراتتى. كۆزلىرىدىن بىر خىل ئەندىشە نۇر چاچاتتى. نىمىشقىدۇر ئارقا سىنئەينىكىگە پات-پات كۆز تاشلاپ، كەينىدىكى مويىسپىتقا قاراپ قوياتتى. پوزۇر كېيىنكگەن بۇ مويىسپىتنىڭ چىرايى سەل-پەل تاتىرىپ قالغان بولسىمۇ، بىراق خىل غۇۋا تەبەسسۇم بىلەن ئالدىغا قاراپ ئولتۇراتتى.
يىراقتىن مەھەللىنىڭ قارىسى كۆرۈنىشى بىلەن ئەسلىدىنلا دۈپۈلدەپ كېتىپ بارغان بوۋاينىڭ يۈرىكى تېخىمۇ تىپچەكلەپ كەتتى. ئۇلار مەھەللىنىڭ باش تەرىپىگە كەلدى. ياپيىشىل دەرەخلەر بىلەن قورشالغان بۇ مەھەللىنىڭ نامى «بۇلاقلىق» ئىدى.
ماشىنا يول بويىدا توختىدى. شوپۇر يۈگۈرۈپ بېرىپ ئارقا ئىشىكنى ئاچتى ۋە مويىسپىتنى يۆلەپ چۈشۈردى. مويىسپىت ماشىنىدىن چۈشۈپ يول بويىدىكى تاختىسى چۈشۈپ كەتكەن، دات باسقان يول بەلگىسى تۈۋرۈكىگە قاراپ ئىلگىرلىدى. ئۇ بۇ تۈۋرۈكنى تۈتۈپ چوڭقۇر خىياللار پاتتى.
بۇندىن 30 يىل بۇرۇن ئۇ دەل مۇشۇ يەردىن چىقىپ كەتكەن، ئۇنىڭ ئىسمى راخمان، ئۇ كىچىكىدىنلا يېتىم قېلىپ، تاغىسى ئۇنى بېقىۋالغان، لېكىن ئۇنىڭ تاغىسىنىڭ ئايالى ئۇنى يەكلىگەچكە بالىلىرىمۇ راخماننى چەتكە قاققان. ياۋاش تاغىسى ئايالىنىڭ رايىغا باققان. شۇنىڭ بىلەن راخمان سۆزلەپ تۈگەتكۈسىز ئېغىر خورلۇق ۋە غورگۈلچىلىك ئىچىدە بۇ ئۆيدە ئۈچ يىلنى ئۆتكۈزدى. كۈنلەر شۇ پېتىچە بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى ئۆتتى. راخمان 15 ياشقا كىرگەن ۋاقتىدا بىرىنچى قېتىم بۇ نەس باسقان يەردىن قاچماقچى بولغان، لېكىن تاغىسى ئۇنى تۇتۇۋالغان ھەم قاتتىق دۇمبالىغان، شۇندىن كېيىن راخماننىڭ كۈنلىرى تېخىمۇ ئېغىر خورلۇق ئىچىدە ئۆتتى. تاغىسىنىڭ ئايالىنىڭ بىشەملىكى تېخىمۇ ئېشىپ راخماننى تېخىمۇ ئۆچ كۆرۈپ، كۈندە دېگۈدەك تىللاپ، دۆشكەللەپ، يۈزىدىن-يۈزىگە «ھاراملىق، سوك» دەپ تىللاشقا باشلىدى. راخمان بۇلارغىمۇ چىدىغان. شۇنىڭدىن بىر يىلدىن كېيىن، يەنە راخمان 16 ياشقا كىرگەن يىلى تاغىسىنىڭ ئايالى راخماننى يەنە دەشكەللەپ قاتتىق ئۇرغان. كىچىككىنە ئىش ئۈچۈن ئۇنى ئۆيدىن قوغلاپ چىقارغان. راخمانغا بۇ ئىشلار بەك ئېغىر كەلگەن. دىمىسىمۇ ئاتا-ئانا مېھرىدىن ئايرىلىپ يۈرىكى قاتتىق ئازار يىگەن بىر غېرىب يىتىمنىڭ مۇشۇنداق تىل-ھاقارەت ئىچىدە ياشىمىقىمۇ قىيىن-دە. شۇنىڭ بىلەن ئۇ بۇ يۇرتتىن ۋاز كېچىپ چىقىپ كەتكەن. ئۇ دەل مۇشۇ ئېغىزغا كېلىپ ئارقىغا كۆكۈرۈپ تۇرغان دەرەخلەر ئارىسىدىكى ئانا يۇرتىغا قارىغان. كۆزى يول بويىدىكى يول تاختىسىغا چۈشۈپ، تاختىدىكى بىر تۈپ دەرەخ يېنىدىكى ئۆي ئۇنىڭ غەزىپىنى تېخىمۇ قوزغاتقان. شۇنىڭ بىلەن يوغان بىر تاشنى ئېلىپ تاختىغا ئاتقان. تاشنىڭ زەربىسىدە تاختا مايماق بولۇپ قالغان. مانا دەل شۇ ئىشتىن 30 يىلدىن كېيىن راخمان شۇ يەردە بەڭباشلىقىدا تاشلاپ چىقىپ كەتكەن ئانا يۇرتىدا تۇرۇپتۇ. ئۇنىڭ يۈرىكى ھاياجاندىن سوقاتتى. ئۇنىڭ يۈرىكى ھېچقاچان بۇنداق سوقۇپ باقمىغان، باي بولۇپ سودىدا ئۇتۇق قازانغاندىمۇ، ئۆزى چۈشىدىمۇ كۆرۈپ باقمىغان چەت دۆلەتلەردە شانۇ-شاۋكەتكە ئېرىشكەندىمۇ، ئەقەللىسى بىر ھەپتە بۇرۇن دوختۇرنىڭ «راك كېسىلىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچى، ياخشى دەم ئېلىڭ، كۆپ ۋاقتىڭىز قالمىدى» دېگەن دىئاگنوزلىرىنى ئاڭلىغاندىمۇ ئۇنىڭ يۈرىكى بۇنداق كۈچلۈك سوقۇپ باقمىغان.
ئەمما شۇ گەپنى ئاڭلىغاندىن تارتىپ تەيياللىق قىلىپ، ئانا يۇرتىغا سەپەرگە ئاتلانغان. ئۇ شۇنى كۆردىكى كونا بەلگە تاختىسىنىڭ ئالدىغا يېڭى بىر بەلگە تاختىسى ئورنىتىلغان. بەلگە تاختىسىنىڭ تۈۋرۈكى يېنىدا ھېلىقى بەلگە چۈشۈرۈلگەن تاختاي تاشلىنىپ تۇراتتى. ئۇ يول بويىدىكى قاتار تېرەكلەرنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئاران تەسلىكتە ئېڭىشىپ تاختىنى قولىغا ئالدىدى-دە ئېسىل كاستومىنىڭ يېڭى بىلەن بۇ تاختىدىكى توپىنى سۈرتتى. ئۇ ئوغلىغا تانا يىپ ئەكىلىشكە بۇيرۇدى. ئوغلى يىپنى ئېلىپ كېلىپ دادىسىغا بەردى. راخمان تانا بىلەن كونا يول بەلگىسىنى تۈۋرۈككە باغلاپ توختىتىپ قويۇپ بىر ھازا قاراپ تۇردى ئاندىن ماشىنىغا چىقتى. ماشىنا ھەيدەۋاتقان ئوغلى دادىسىدىن سورىدى:
-دادا، ئەبجىقى چىقىپ كەتكەن ئۇ تاختىغا نىمانچە قىلىسىز، ئۆزىڭىزنى چارچىتىپ بۇ چۆلگە چىقىمەن دەپ تۇرۇۋالدىڭىز؟!
-سەن چۈشەنمەيسەن بالام، ئانا يۇرتىڭدىن ئايرىلىپ سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن ۋاقتىڭدا ئانا يۇرتۇڭنىڭ بىر ئوچۇم تۇپرىقىمۇ تۇتىيا بولۇپ تۇيۇلىدۇ بالام....
شۇ گەپلەرنى قىلىپ راخمان قاتتىق قېقىلىپ كەتتى. ماشىنا توختاپ راخمان ماشىنىدىن چۈشتى، چىرايىدا بۇرۇنقى ئارىسالدىلىقى يوقالغان، بىر خىل تەبەسسۇم قاپلاپ تۇراتتى. ئۇ مېڭىپ ھەرقېتىم تاغىسىنىڭ ئايالىدىن ئازار يىگەندە دەردىنى تۆكۈپ بېرىدىغان قېرى جىگدىنىڭ يېنىغا كەلدى. بۇ جىگدە شۇنچىلىك قېرىپ كەتكەنكى قوۋزاقلىرىمۇ چۈشۈپ كەتكەن، يوغىناپ ئادەمنىڭ غولىچى يەتمەيتتى. شۇنداقلىقىغا قارىماي تا ھازىرغىچە مېۋە بېرىپ كېلىۋاتاتتى. راخمان قېرى جىگدىنى قۇچاقلىدى. كۆزلىرىدىن ھاياجان ياشلىرى سىرغىدى. ئۇ شۇ جىگدە تۈۋىدىن بىر ئوچۇم توپىنى ئېلىپ پۇرىدى، شۇ دەقىقە ئىچىدە ئۇ تېخىمۇ ھاياجانلانغان ئىدى، پىچىرلاپ تۇرۇپ «ئاھ ئانا يۇرت، مەن قايتىپ كەلدىم، سېنى تاشلاپ چىقىپ كەتكەن بەڭباش ئوغلۇڭ قايتىپ كەلدى....»
ئۇ يىقىلدى، تۇيۇقسىزلا يىقىلدى، كۆزلىرى ئاستا-ئاستا يۇمۇلدى، قولىدا چىڭ سىقىمدىۋالغان توپا بارماقلىرى ئارسىدىن ئاستا سىرغىپ چۈشتى. لېكىن راخماننىڭ چىرايىدا يەنىلا تەبەسسۇم جىلۋىنىلىپ تۇراتتى. ئەلۋەتتە ھەرقانداق بىر مۇساپىر ئۈچۈن ئۆز ئانا يۇرتىنىڭ بېقىپ چوڭ قىلغان ماكاننىڭ بىر ئوچۇم تۇپرىقىنى ھىدىلاش نېمىدىگەن خۇشاللىنارلىق-ھە!
ئۇ كۆز يۇمدى، ئېڭىكى چۈشتى، ئانا يۇرتقا زار بولغان بىر مۇساپىر ئۆزى ئارزۇلىغان يۇرتىنىڭ تۇپرىقىدا بۇ دۇنيا بىلەن مەڭگۈلۈك خۇشلاشتى. شۇ ئانا ماكاننىڭ كەڭرى زېمىنىدا بىر يېڭى قەبرە كۆپەيدى. ئانا ماكان مېھرى ئىسسىق ئانا يۇرت ئۇنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ھايات مەنزىلى بولۇپ قالدى.
2010-يىلى 12-ئاينىڭ 24-كۈنى بورتالادا يېزىلدى.
باللىرىم بارلىغىم سىلەر ئۈچۈن !
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 674
ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە674دانە
تۆھپىسى: 95
پۇلى: 866 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 197
ياخشى باھا: 866
توردا: 98(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-02-17
ئاخىرقى: 2012-03-12
1- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-08-02 00:41

قەلەم قۇۋۋىتىڭىزگە بەركەت تېلەيمەن
99
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 678
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 51
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە51دانە
تۆھپىسى: 16
پۇلى: 83 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 33
ياخشى باھا: 83
توردا: 15(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-06-13
ئاخىرقى: 2012-02-26
2- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-08-02 10:13

تىمىنى ياخشى يىزىپسىز  ، كىچىك  تۇرۇپ يىتىم بۇلاپكىلىشتىن  ئۇلۇغ ئاللاھ   ساقلىسۇن، يىتىملىقنىڭ  دەردى بەك يامان  
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 39
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 69
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە69دانە
تۆھپىسى: 17
پۇلى: 114 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 29
ياخشى باھا: 99
توردا: 6(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-02-21
ئاخىرقى: 2011-12-18
3- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-08-02 11:20

مىكرو ھېكايە ياخشى چىقىپتۇ .