تېمىنى بۇنداق قويسام ھەيران قالغانسىز ھە قاچان...
باشقىچە ھەيران قالارلىق مول مەزمۇنلارمۇ يوق ،لىكىن ئۆكۈنگىدەك ،نېمە دىگۈلۈك دەپ ئۇھسىندىغان ،ئۆزۈم يوللۇققان بىر ئىشنى كۆپچىلىككە دىگىم كەلدى!!
نەچچە كۈن ئاۋال ئېدارىنىڭ ئورۇنلاشتۇرشى بىلەن غۇلجا شەھرىگە 4كۈنلۈك ساياھەتكە باردۇق،ساياھەت كۈن تەرتىپى بۇيچە ئاللاھنىڭ خالىشى بىلەن شۇ كۈن كەچ نىلقا ناھيسىگە يىتىپ باردۇق ،ياتاققا ئورۇنلىشىۋالغاندىن كېيىن ،خىزمەتتاشلار بىلەن بۇ ناھىينىڭ بازارلىرىنى چۆگلىدۇق، مېنىڭ شۇنداق بىر ئادىتىم بار ،باشقا شەھەر لەرگە بارسام توختىماي ۋېۋىسكا ئوقۇپ ماڭمەن،شۇ ئادىتىم بويچە مېڭىپ ،تۇسساتتتىن بىر دۇككانغا كۆزۈم چۈشتى قارسام ئىچىدە 23ياشلار ئەتىراپدىكى بىر نەچچە خەنزۇ ياش ،بىر نىمىلەرنى دەپ ۋاقىرشىپ ئۇيۇن ئويناپ ئۇتتۇرغانلار پېۋە ئىچىپ ئولتۇرشۇپتۇ،ئالدىدىن ئۆتۈپ تۇساتتىن بۇ دۇككاننىڭ ۋىۋىسكىسىغا قاردىم دە ھەيران قالدىم....نېمىگە ھەيران قالغانلىقىمنى بىلمەكچى بولساڭلار بۇ رەسىمدىكى ۋېۋىسكىغا سىنچىلاپ قاراپ بىقىڭلار ،بىزنىڭ ئانا تىلىمىزدا يوغان قىلىپ نېمە دەپ يېزىپتۇ ...
قوشۇمچە: دۆلىتىمىز بازار باشقۇرۇش تارماقلىرى، مىللەت دىن ئىشلىرى ئىدارىلىرى مۇشۇنىڭدەك ساختا ۋېۋىسكا ئېسىش، ئۆلچەمسىز ۋېۋىسكا ئىشلەش قاتارلىق قىلمىشلارنى زور كۈچ بىلەن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، ئاپتونومىيە ھوقۇقىنى، مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ-ئادەت تىل يېزىقىنى كاپالەتكە ۋە ھۆرمەتكە ئېرىشتۈرۈپ كېلىۋاتىدۇ. شۇنداقتىمۇ بىر قىسىم دۇكان-سارايلارنىڭ ھەر خىل تەشۋىقاتلىرىدا، ماركىلىرىدا، ۋېۋىسكىلىرىدا مەسلىلەر ساقلانماقتا. ئىشىنىمىزكى مۇناسىۋەتلىك تارماقلار بۇنداق قانۇنسىز قىلمىشلارغا قارىتا تېگىشلىك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، بازار تەرتىپى، جەمئىيەت ئىناقلىقى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۈچۈن ھەسسە قوشىدۇ. بىز ھەر قايسىمىزمۇ مەسلىلەرنى بايقىغان ھامان مۇناسىۋەتلىك تارماقلارغا پاش قىلىپ، ئۇلارنىڭ خىزمىتىگە ماسلىشىشىمىز لازىم.[ ئەلتېكىنتەرىپىدىن2011-08-04 23:15قايتا تەھرىرلەندى ]