ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1381 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئامېرىكا بىلەن روسىيە نىمە ئۈچۈن ئوتتۇرا ئاسىيانى تالىشىدۇ؟
ئالىم بولغۇچە ئادەم بول!
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 820
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 14
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە14دانە
تۆھپىسى: 1
پۇلى: 16 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 2
ياخشى باھا: 16
توردا: 3(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-08-03
ئاخىرقى: 2012-01-25
0- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-08-06 16:36

ئامېرىكا بىلەن روسىيە نىمە ئۈچۈن ئوتتۇرا ئاسىيانى تالىشىدۇ؟

ئامېرىكا بىلەن روسىيە نىمە ئۈچۈن ئوتتۇرا ئاسىيانى تالىشىدۇ؟

     كۆلەڭگە مۇسابىقىسى (چوڭ رىقابەتمۇ دىيىلىدۇ) يېڭى سىياسى ئاتالغۇ بۇلۇپ، بۈيۈك ئەنگىلىيە ئېمپىرىيەسى بىلەن چارروسىيە پادىشاھلىقىنىڭ ئافغانىستاننى تالىشىش جېڭىنى كۆرسىتىدۇ. كۈچلۈك دۆلەتلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا ئافغانىستاننى تىزگىنلىگەنلىك، ئوتتۇرا ئاسىيانى تالىشىش ئۈچۈن ئاساس ياراتقانلىقتىن دېرەك بىرىدۇ.

     ئەينى يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى ئافغانىستانغا تاجاۋۇز قىلغان، «11- سىنتەبىر» ۋەقەسىدىن كېيىن ئامېرىكا تالىبانغا ھڭجۇم قىلغان، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇلارنىڭ كۆلەڭگە مۇسابقىسى بۇلۇپ ھىساپلىنىدۇ. ئامېرىكا ئافغانىستاندىن قوشۇن چىكىندۈرىمىز دەپ جار سالغان بولسىمۇ، بۇ ئامېرىكىنىڭ «ھۇجۇمغا ئۈتۈش ئۈچۈن چىكىنمەكچى» بولغان ئىس – تۈتەك بومبىسى، ئامېرىكا قولىدىكى بۇ لوق گوشتىن ھەرگىز ئالدىراپ ۋاز كەچمەيدۇ.

     ئون يىللىق ئۇرۇشتا ئامېرىكا تالىبان ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ، بىن لادېننى ئېتىۋىتىپ، غەربكە مايىل ھۆكۈمەت تىكلىدى. ئامېرىكىنىڭ بۇ يەردىكى تىرورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋەزىپىسى ئاساسى جەھەتتىن ئاياغلاشتى. شۇڭا ئامېرىكا كەڭ كۆلەمدىكى ئۇرۇش قىلىش ھالىتىنى ساقلاپ قېلىش تازا مۇۋاپىق بولماي قېلىپ، قۇشۇن چىكىندۈرۈشكە مەجبۇر بولدى. ئوبامانىڭ پىلانى بۇيىچە 2012- يىلى يازغىچە ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ 30 مىڭدىن ئارتۇق ئەسكىرى ئافغانىستاندىن چىكىنىپ چىقىپ، يەنە 70 مىڭ ئەسكىرى ئافغانىستاندا قالىدۇ. بۇ نىمە ئۈچۈن؟ ئامېرىكا ئوتتۇرا ئاسىيا رايۇنىدىن ئالدىراپ ۋاز كەچمەي ئەكىسچە بۇ رايۇنغا ئىستىراتىگىيەلىك سىڭىپ كىرىشنى كۈچەيتىپ، ئون يىلدىن بۇيانقى ئۇرۇشتا ئافغانىستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوتتۇرا ئاسىيا رايۇنىدىكى قىممىتى بار ئۇچۇرلارنى ئىگىلەپ، ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رايۇنىنى تالىشىشى ئۈچۈن شارائىت ھازىرلىدى.

     روسىيە ئامېرىكىنىڭ ھەركىتىگە قارىتا يۈكسەك ھۇشيارلىقنى ساقلاپ كەلدى. روسىيەنىڭ بىر «ئاقىللار ئامبىرى» نىڭ دوكلات قىلىشىچە ئامېرىكا ئارمىيىسى ئافغانىستاندىن ئايرىلىشقا كۆزى قىيمايۋېتىپتۇ. بەش بۇرجەكلىك بىنانىڭ پىلانى بۇيىچە، ئامېرىكا ئارمىيىسى ئافغانىستاندىن قۇشۇن چىكىندۈرگەندىن كىقيىنمۇ ئوتتۇرا ئاسىياغا ئامېرىكا ئارمىيىسى 3- ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ ئۈچ باتاليۇن ئەسكىرىي كۈچى بىلەن تەڭ ئالاھىيدە قىسىمنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سەرخىل قىسىمنى ئورۇنلاشتۇرىدىكەن. ئۇنىڭدىن سىرت ئامېرىكا مەركىزىي قۇماندانلىق شىتابى 2016- يىلغىچە يەنە تۆت مىليارد ئامېرىكا دوللار ئاجرىتىپ، ياۋرو ئاسىيا  ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەتتە نەچچە ئون ھەربىي بازا ۋە ئالدىن ئاگاھلاندۇرۇش رادارى، ھەربىي تىك ئۇچار ئايرۇپىلانئامبىرى، شۇنداقلا كۆپ ئىقتىدارلىق چېگرا مۇداپىيە پونكىتى تەسىس قىلىشنى پىلانلىدى.

     ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ ھەركىتى بۇنىڭ بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ. ئاشكارلىنىشچە ئامېرىكا مەركىزىي قۇماندانلىق شىتابى زەھەر يۆتكىگۈچىلەرگە زەربە بىرىش فوندى دېگەن نام بىلەن 40 مىليۇن ئامېرىكا دوللىرى ئاجرىتىپ، ئافغانىستاننىڭ خوشنىسى قىرغىزىستان ۋە تاجىكىستاندا ھەربىي بازا تەسىس قىلماقچى ھەمدە ئۆزبىكىستان، قازاقىستان، تۈركمەنىستان، قىرغىزىستاندا تىك ئۇچار ئايرۇپىلان بازىسى (ئامبىرى) قاتارلىق ھەربىي ئەسلىھەلەر تەسىس قىلماقچى. بۇنىڭ ئىچىدىكى ئىككى چېگرا مۇداپىيە پونكىتى كىشىنى جەلىپ قىلىدۇ. بىرى تۈركمەنىستاننىڭ شەرقىي جەنۇبىي قىسمىدىكى ئىران چېگراسىغا يېقىن سېراخس چېگرا مۇداپىيە پونكىتى. بۇ پونكىت ئىران چېگراسىغا جايلاشقان بولغاچقا ئىراننى نازارەت قىلغىلى بۇلىدۇ. ئەگەر ئامېرىكا – ئىران ئۇرۇشى پارتىلىسا ئۇنى ئامېرىكىنىڭ ھەربىي بازىسى قىلغىلى بۇلىدۇ؛ يەنە بىرى، قىرغىزىستاننىڭ پەرغانە ئويمانلىقىغا جايلايشقان باتكىن ئوبلاستىغا يېقىن چېگرا مۇداپىيە پونكىتى. پەرغانە ئويمانلىقى ئوتتۇرا ئاسىيا رايۇنىدىكى «ئۈچ خىل كۈچ» غالجىرلاشقان رايۇن. شۇنداقلا ئۆزبىكىستاندىكى بۆلگۈنچى تەشكىلات - «ئسلام ھەركىتى» نىڭ لاگىرى تۇرۇشلۇق جاي. ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ ئىسلام رادىكال كۈچلىرىنىڭ ھەركىتىنى ۋاقتىدا ئىگىلەشكە قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن، ئامېرىكا ئارمىيىسى بۇ يەردە چېگرا پونكىتى تەسىس قىلغان.

     ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ ئافغانىستان ئۇرۇشىدىن كىيىنكى ئىشلارنى پائال ئورۇنلاشتۇرۇشى ئوتتۇرا ئاسىيا ۋەزىيىتىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك بۇلۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيانى ئۆزىنىڭ ئارقا ھويلىسى دەپ بىلىدىغان روسىيە بىلەن مەنپەئەت توقۇنىشى پەيدا قىلدى. روسىيە ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ يېڭى ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى يىتەكچىلىك ئورنىنى كۈچەيتتى، «ئافغانىستانغا قايتىش» روسىيەنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رايۇنىدىكى ئاساسلىق ئىستىراتىگىيەلىك پىلانىغا ئايلاندى.

     2010- يىلى ئاۋغۇست روسىيە، ئافغانىستان، پاكىستان ۋە تاجىكىستاندىن ئىبارەت تۆت دۆلەت رەھبەرلىرى روسىيەنىو سوچى شەھرىدە باشلىقلار يىغىنى ئاچقاندا، روسىيە، ئافغانىستان، پاكىستان ۋە تاجىكىستاندىن ئىبارەت ئۈچ دۆلەت بىلەن بولغان ئېنىرگىيە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. روسىيە زوڭتوڭى مېدۋېدېف بۇ ئۈچ دۆلەت بىلەن سابىق سوۋىت ئىتتىپاقى دەۋرىدىكى ئىقتىسادى تۈرلەرنى گۈللەندۈرۈش تەكلىپىنى نۇقتىلىق ئوتتۇرغا قويدى. روسىيە ئىقتىسادى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ئارقىلىق، روسىيەنىڭ خەۋپسىزلىكى ۋە ئىجتىمائى مۇقۇملىقىدا مۇھىم رول ئوينايدىغان بۇ ئۈچ دۆلەت بىلەن يېڭى ئىستىراتىگىيەلىك ھەمكارلىق ئورناتماقچى.

     ھەممىگە ئايانكى، ئوتتۇرا ئاسىيا رايۇنى ھەربىيلەر تالىشىپ كىلىۋاتقان ئىستىراتىگىيىلىك ئورۇن. ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ ئافغانىستاندىن بىر قىسىم ئەسكىرىنى ۋاقتىنچە چىكىندۈرۈپ چىقىشى يالغان. ئۇلارنىڭ ئىلگىرلەش ئۈچۈن چىكىنمەكچى بولغىنى راست؛ روسىيەنىڭ ئوينىغىنىمۇ دەل «سەن چىكىنسەڭ، مەن ئىلگىرلەيمەن» دېگەن ئويۇن.

     ئافغانىستان ئۇرىشىدىن كىيىنكى دەۋر باشلاندى، ئامېرىكا بىلەن روسىيە ئوتتۇرا ئاسىيادا يېڭى بىر قېتىملىق كۆلەڭگە مۇسابىقىسىنى باشلىدى، بۇ جوڭگۇنىڭ بۇ رايۇندىكى مەنپەئەتىگە چوقۇم تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن جوڭگۇ يۈكسەك ھۇشيارلىقنى ساقلىشى كېرەك.

 

     (شىنخۇا ئاگېنتلىقى)
     مەنبە: http://www.alimbiz.net/?p=994

دەرىجە: باشقۇرغۇچى
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 190
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 472
ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە472دانە
تۆھپىسى: 51
پۇلى: 173703 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 113
ياخشى باھا: 573
توردا: 131(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-03-13
ئاخىرقى: 2012-03-08
1- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-08-06 19:51

سىياسى ئويۇن،سىياسى نەيرەڭلەر ھەقىقەتەن ئادەمنى گاڭگىرىتىپ قويىدۇ.
كۆزۇڭنى ئاچ
باللىرىم بارلىغىم سىلەر ئۈچۈن !
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 671
ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە671دانە
تۆھپىسى: 95
پۇلى: 863 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 197
ياخشى باھا: 863
توردا: 98(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-02-17
ئاخىرقى: 2012-03-11
2- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-08-07 01:26

ئالدىنقى قىتىم ئامىرىكا روسىيەنى پارچىلاش پىلانىدا غەلبە قىلدى ،لېكىن بۇ قىتىمقى ئامىرىكىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادا پۇت تېرەپ تۇرىشىغا روسىيە ھەرگىزمۇ يول قويمايدۇ . شۇڭا جۇڭگۇ بۇ تەرەپلىرىدىن قورقۇپ كەتمەيدۇ .