ئىگىلىك تىكلەشتىن بۇرۇن بازار تەكشۈرۈش كېرەك
يانفوندا كۆرۈش
1. بازار تەكشۈرۈش مەزمۇنى:
بازار تەكشۈرۈش دېگىنىمىزـــ مۇناسىۋەتلىك سانلىق مەلۇمات ۋە ماتېرىياللارنى يىغىپ،ئومۇميۈزلۈك تەھلىل قىلىپ ۋە تەتقىق قىلىپ،مۆلچەر بازار ئەھۋالىغا نىسبەتەن ئىشەنچلىك ئاساس سېلىشنى كۆرسىتىدۇ.
ئىگىلىك تىكلەشتە ئالدى بىلەن مەلۇم بىر ساھەگە بولغان ياخشى كۆرۈش ۋە شۇ ساھەنى چۈشىنىش دەرىجىسىگە ئاساسەن دەسلەپكى قەدەمدە ئىگىلىك تىكلەش تۈرىنى بېكىتىۋالىمىز. يېتەرلىك مەبلەغ بولغان تەقدىردىمۇ سودا سانائەت بېجىنى تىزىملىتىش قاتارلىق رەسمىيەتلەرنى ئۆتەشكە ئالدىرىماي،مەقسەتلىك ،پىلانلىق ھالدا ئەستايىدىللىق بىلەن بازار تەكشۈرۈپ،كارخانىچىلار كونترول قىلالايدىغان،ئۆزگىرىشچان ئامىللارنى تەتقىق قىلىشىمىز كېرەك ۋە كارخانا قۇرۇشقا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللارنى تولۇق خاتىرىلەپ مېڭىشىمىز كېرەك.مەسىلەن:
1.قايسى خىل تۈردىكى خېرىدارلارنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشقا تەييارلىق قىلدۇق؟
تەمىنلىمەكچى بولغان مەھسۇلات ياكى مۇلازىمەتنى تىزىملايمىز ۋە خېرىدارلار ئېھتىياجلىق بولغان مەھسۇلات ياكى مۇلازىمەتنى خاتىرىلەيمىز. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە بەزى مەسىلىلەرنىمۇ ئويلىشىشىمىز كېرەك: خېرىدارلىرىمىز ئەرمۇ،ئايالمۇ ياكى بالىلارمۇ؟ باشقا شىركەتلەرنىڭ بىزنىڭ يوشۇرۇن رىقابەتچىمىز بولۇش ئېھتىماللىقى قانچىلىك؟
2.خېرىدارلار قايسى خىل مەھسۇلات ياكى مۇلازىمەتكە ئېھتىياجلىق؟ خېرىدارلارغا ھەر بىر مەھسۇلاتنىڭ قايسى تەرەپلىرى ئەڭ مۇھىم؟ئۆلچىمىمۇ،رەڭگىمۇ،سۈپىتىمۇ ياكى باھاسىمۇ؟
3.خېرىدارلار ھەر بىر مەھسۇلات ياكى مۇلازىمەت ئۈچۈن قانچىلىك ھەق تۆلەشنى خالايدۇ؟
4.خېرىدارلار قەيەردە؟ئۇلار ئادەتتە قانداق ئورۇنلاردا،قانداق ۋاقىتتا مال سېتىۋالىدۇ؟
5.ئۇلار قانچىلىك ۋاقىتتا بىر قېتىم مال سېتىۋالىدۇ؟ بىر يىلدا،بىر ئايدا ياكى كۈندە سېتىۋالامدۇ؟
6.خېرىدارلارنىڭ مال سېتىۋېلىش شەكلى قانداق؟ سانى قانچىلىك؟
7.خېرىدارلارنىڭ سانى كۆپىيىۋاتامدۇ؟ تۇراقلىق ھالەتنى ساقلاپ قالدىمۇ؟
8.خېرىدارلار نېمە ئۈچۈن ئۆزگىچە بولغان مەھسۇلات ياكى مۇلازىمەتنى سېتىۋالىدۇ؟
9.خېرىدارلار ئالاھىدە مەھسۇلات ياكى مۇلازىمەتنى ئىزدەۋاتامدۇ؟
10.خېرىدارلارنىڭ مال سېتىۋېلىش ئىقتىدارى ۋە قىزغىنلىقى قانچىلىك؟
11.قانداق ئورۇن شىركەتنىڭ تىجارەت قىلىشى ئۈچۈن ئەڭ مۇۋاپىق؟
12.ئەڭ ياخشى بولغان مال بىلەن تەمىنلىگۈچى قەيەردە؟
13.قۇرماقچى بولغان شىركەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ساھەنىڭ رىقابەت ئەھۋالى قانداق؟ قانچىلىك رىقابەتچى بار؟ رىقابەتچى شىركەتلەرنىڭ تىجارەت ئەھۋالى قانداق؟
14.تىجارەتكە قانچىلىك ئايلانما مەبلەغ كېتىدۇ؟
15.سىياسەت بويىچە تىجارەت كىنىشكىسى ( ياكى باشقا تىجارەت ئىجازەتنامىسى) ئېلىشتىن باشقا يەنە ئالدىن ئۆتەيدىغان قانداق رەسمىيەتلەر بار؟
بازار تەكشۈرۈش ۋە تەتقىق قىلىش ئارقىلىق بۇ مەسىلىلەرگە جاۋاب تاپىمىز. ئىشەنچلىك بولغان تەكشۈرۈش،تەتقىق قىلىش، قارار قىلغان سودا تۈرىنى بازار ئېھتىياجىغا تېخىمۇ مۇۋاپىقلاشتۇرىدۇ. ئىش باشلاشتىن بۇرۇنقى تەييارلىق خىزمەت ناھايىتى جاپالىق. بىز چوقۇم ئىگىلىك تىكلەشتىن بۇرۇن ئىدىيەمىزدە تولۇق تەييارلىق قىلىشىمىز كېرەك.
2.بازار تەكشۈرۈش ئۇسۇلى
تەييارلىۋالغان سوئاللار بىز تەكشۈرۈپ،تەتقىق قىلىدىغان بارلىق سوئاللارنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ. بىز بەلكىم تەييارلىۋالغان سوئاللارغا جاۋاب تېپىش جەريانىدا يەنە يېڭى مەسىلىلەرنى بايقىشىمىز مۇمكىن. چۈنكى ئىش باشلاشتىن بۇرۇن ھەممە ئامىللارنى ئەتراپلىق ئويلاپ بولالمايمىز. تۆۋەندە بازار تەكشۈرۈشنىڭ بىر قانچە خىل ئۇسۇلى بىلەن تونۇشۇپ چىقىمىز.
1-ئاممىۋى تارقىتىش ۋاسىتىلىرى تارقاتقان ئۇچۇرلارغا دىققەت قىلىش ۋە شۇغۇللانماقچى بولغان ساھەگە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى خاتىرىلەپ مېڭىش.
2-ئەگەر شۇغۇللانماقچى بولغان ساھەگە نىسبەتەن چۈشىنىش چوڭقۇر بولسا، تەجرىبىسىگە ئاساسەن ئۇچۇرلارنى ئالدىن مۆلچەرلەش.
3-ھۆكۈمەتنىڭ ئالاقىدار ئىستاتىستىكا ماتېرىياللىرىنى تەكشۈرۈش،ئالاقىدار قانۇن-نىزام ۋە سىياسەتلەر توغرىلىق مۇناسىۋەتلىك كىشىلەردىن مەسلىھەت سوراش.
4-شۇ ساھەدە شۇغۇللىنىۋاتقان كىشىلەردىن بازار ئەھۋالى،كۆلىمى،مەھسۇلاتنىڭ بازار باھاسى،خېرىدارلارنىڭ ئېھتىياجى ۋە پىكرى قاتارلىق تەرەپلەردە پىكىر ئېلىش.
توپ تارقىتىش سودىگەرلىرى بىلەن كۆپرەك ئالاقىلىشىش،كارخانا قوللانمىسى،سودا-تىجارەتكە ئائىت ماتېرىياللارنى كۆرۈش.
5-ئۆزى تاللاپ چىققان بىر قانچە تۈردىكى خېرىدارلارنى زىيارەت قىلىش، ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە كۆپرەك خېرىدار بىلەن ئۇچرىشىش،قانچىلىك ئادەمنىڭ بىز ساتماقچى بولغان مەھسۇلاتقا ياكى مۇلازىمەتكە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى ئىگىلەش.
6-قىلماقچى بولغان كەسىپ تۈرىنىڭ نىشانلىغان بازاردىكى ئورنىنى كۆزىتىش (بازار ئېھتىياج ئەھۋالى،قىلماقچى بولغان كەسىپنىڭ ئۆمۈر دەۋرىيلىكىنىڭ قانچىنچى باسقۇچتا تۇرۇۋاتقانلىقى،رىقابەت ئەھۋالى قاتارلىقلار) ئوخشاش كەسىپتىكى باشقا شىركەتلەرنىڭ تىجارەت ئەھۋالىنى كۆزىتىش. بىز ئويلىغان بارلىق مەسىلىلەرگە جاۋاب تېپىشتىن بۇرۇن ھەرگىزمۇ ئالدىراقسانلىق قىلىپ تەكشۈرۈشنى توختىتىپ قويساق بولمايدۇ. تەكشۈرۈش جەريانىدا بايقىغان يېڭى مەسىلىلەرنىمۇ ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىپ مېڭىشىمىز لازىم.
3-تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئانالىز قىلىش ۋە يەكۈن چىقىرىش.
تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئاندىن يەكۈن چىقىرىمىز. لېكىن يەكۈن چىقىرىشتىن بۇرۇن تىجارەت نەتىجىسىنى يۇقىرى مۆلچەرلەشكە بولمايدۇ. تاسادىپىي ئۇچرايدىغان قىيىنچىلىقلارنىمۇ مۆلچەرلەش كېرەك. شۇنداق قىلغاندا ئىگىلىك تىكلەش جەريانىدىكى يولۇققان ئوڭۇشسىزلىقلارنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىپ،توسالغۇلاردىن غەلىبىلىك ئۆتۈپ كەتكىلى بولىدۇ.مەسىلەن:
خېرىدار ئېقىمىنىڭ ئىستاتىستىكا مەلۇماتىنى ھەر كۈنى 100- 150 نەپەر ئەتراپىدا دەپ مۆلچەرلىسەك،بېكىتكەندە 100نەپەر دەپ بېكىتىشىمىز لازىم.ئۇندىن باشقا شىركەتنىڭ ئالاقىدار رەسمىيەتلىرىنىڭ پۈتۈش ۋاقتىنى مۆلچەردىكىدىن ئارتۇق ھېسابلىشىمىز كېرەك.