دىلسادا يانبىلوگى

123
دىلسادا گۈدۈكى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز دوستلار، دىللارغا ھوزۇر بەخش ئەتكۈچى يېقىشلىق مەزمۇنلارنى دىلسادادىن ئىزدەڭ! بۇلۇت بولۇپ تاغلار ئاشايلى، خۇددى يامغۇر بولۇپ ياشايلى. قۇشلار بىزگە ئېيتسۇن تەشەككۈر، چۆللەردىمۇ بوستان ياسايلى. ئېتىزلاردا قونالمىساقمۇ، كۈزدە خامان سورالمىساقمۇ. ياخشىلاردىن بولالمىساقمۇ، ياخشىلارغا تۇمار ئاسايلى.
تەۋسىيە يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﮬﺎﻳﺎﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﻪڭ زور ﺧﯘﺷﺎﻟﻠﯩﻖ زادى ﻧﯧﻤﻪ؟

ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﮬﺎﻳﺎﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﻪڭ زور ﺧﯘﺷﺎﻟﻠﯩﻖ زادى ﻧﯧﻤﻪ؟

ۋاقتى: 2015-12-08 ئاۋاتلىقى: 204 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﮬﺎﻳﺎﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﻪڭ زور ﺧﯘﺷﺎﻟﻠﯩﻖ زادى ﻧﯧﻤﻪ؟


قەدىرلىك دوستلار، ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﮬﺎﻳﺎﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﻪڭ ﭼﻮڭ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎن ۋە ﺋﻪڭ ﻗﻮرﻗﯘﻧﭽﻠﯘق ﺋﯩﺶ ﺋﯚز ﺧﯘﺷﺎﻟﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻳﻮﻗﯩﺘﯩﭗ ﻗﻮﻳﯘﺷﺘﯘر. ﺋﺎدەم ﺋﯜﭼﯜن ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﻰ ﮬﺎﻳﺎت، ﺋﻪڭ ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﻰ ﺧﯘﺷﺎﻟﻠﯩقتۇر.

ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﮬﺎﻳﺎﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﻪڭ زور ﺧﯘﺷﺎﻟﻠﯩﻖ زادى ﻧﯧﻤﻪ؟ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﺋﺎددﯨﻲ: ﺋﯘ دەل ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪت ۋە ﻧﻪﭘﺮەت. ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪت-ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﯩﻤﯩﺰ، ﭘﻪرزەﻧﺘﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ، ﻣﻪﯕﮕﯜﻟﯜك ﮬﻪﻣﺮاﮬﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ، ﻗﺎن- ﻗﯧﺮﯨﻨﺪاش ﺗﯘﻏﻘﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ، دوﺳﺖ-ﺑﯘرادەرﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰ، دۇﻧﻴﺎدﯨﻜﻰ ﭘﯜﺗﻜﯜل ﺷﻪﻳﺌﻰ، ۋە ﮬﺎﻳﺎﺗﻘﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎن ھۆرمەتتۇر. ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪت-ﺋﺎدەﻣﮕﻪ ﭼﯚﻟﻨﻰ ﺑﻮﺳﺘﺎن، ﺗﺎﻏﻨﻰ ﺗﺎﻟﻘﺎن ﻗﯩﻠﻐﯘدەك ﺟﺎﺳﺎرەت ۋە ﺑﺎﺗﯘرﻟﯘق ئاتا قىلىدۇ.

ﺑﯩﺮ ﺋﺎدەﻣﻨﯩﯔ ﻗﻪﻟﺒﻰ ﺗﻪﺑﯩﺌﻪت ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﯩﺘﯩﮕﻪ ﺗﻮﻟﻐﺎﻧﺪا، دۇﻧﻴﺎﻧﻰ ﺋﺎﺟﺎﻳﯩﭗ ﮔﯜزەل، ﺧﯘددى ﻗﻮﻳﻨﻰ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻛﻪڭ ﺟﻪﻧﻨﻪت ﮬﯧﺲ ﻗﯩﻠﯩﺪۇ؛ ﺗﺎﻏلارﻏﺎ ﻗﺎراپ ﺋﯩﺮادﯨﺴﻰ ﻛﯜﭼﯩﻴﯩﺪۇ، ﺷﯩﻠﺪﯨﺮلاپ ﺋﺎﻗﻘﺎن ﺳﯜزۈك ﺳﯘلارﻏﺎ ﻗﺎراپ، ﮬﯧﺴﺴﯩﻴﺎﺗﻰ ﺋﯘرﻏﯘپ ﺗﺎﺷﯩﺪۇ؛ ﻛﯚﭘﻜﯚك ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎق ﺑﯘﻟﯘت ۋە ﭘﺎرلاپ ﺗﯘرﻏﺎن ﻗﯘﻳﺎﺷﻘﺎ ﻗﺎراپ ﻛﯚﯕﻠﻰ ﻳﻮرۇپ، ﺋﻪرﻛﯩﻦ، ﺗﻪﻣﻜﯩﻦ، ﺟﯘﺷﻘﯘن، ﺳﺎﻏلام، ﺑﻪﮬﯘزۇرﻟﯘق ﺗﯘﻳﻐﯘﻏﺎ ﭼﯚﻣﯩﺪۇ؛ ﻗﻪﻟﺒﯩﮕﻪ ﺧﯩﺰﻣﻪت ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﯩﺘﻰ ﺗﻮﻟﻐﺎﻧﺪا ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﺪاﺷﻠﯩﺮى ﺧﯘددى ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺗﯘﻏﻘﺎﻧﻠﯩﺮﯨﺪەك ﺑﯩﻠﯩﻨﯩﭗ، ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﺋﯩﺠﯩﻞ -ﺋﯩﻨﺎق ﺑﻮﻟﻐﺎن ﻗﯩﺰﻏﯩﻦ ﻣﯘﮬﯩﺘﺘﺎ ﺑﺎرﻏﺎﻧﺴﯧﺮى ﺋﯩﭽﻪﻛﯩﺸﯩﭗ ﺟﺎﻧﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪۇ؛ ﺋﻪﺗﺮاﭘﺘﯩﻜﻰ ﮬﻪﻣﻤﻪ ﻧﻪرﺳﻪ ﺷﯘﻧﺪاق ﻳﯧﻘﯩﻤﻠﯩﻖ ﺗﯘﻳﯘﻟﯘپ، ﺋﯚزﯨﻨﻰ ﺋﺎزادە، ﻳﯧﻨﯩﻚ ﮬﯧﺲ ﻗﯩﻠﯩﭗ، راﮬﻪت ﺑﯚﺷﯜﻛﯩﺪە ﻏﻪﻣﺴﯩﺰ ﺋﻪلﻟﻪﻳﻠﯩﻨﯩﺪۇ؛ ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘ ﮬﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﺧﯘﺷﺎﻟﻠﯩﻘﺘﯘر.

ﺋﻮﻣﯘﻣﻪن، ﻛﯩﺸﯩﻠﻪر ﺋﯚزﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﺗﻮﻧﯘﺷﻠﯘق ﺗﯜرﻟﯜك ﺋﯘﺳﯘل-ﭼﺎرە ۋە ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪر ﺋﺎرﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﯚز ﺧﯘﺷﺎﻟﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯩﺰدەﻳﺪۇ. ﻟﯧﻜﯩﻦ داﺋﯩﻢ ﻧﯩﺸﺎن، ﺗﻪدﺑﯩﺮ ۋە ﺋﯘﺳﯘﻟﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﺧﺸﺎش ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ، ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﺗﯘرﻣﯘﺷﺘﺎ ﺑﯩﺮ-ﺑﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻣﻪﯕﮕﯜ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﻤﺎس «ﺋﺎﻛﺎ- ﺋﯘﻛﺎ» ﺧﯘﺷﺎﻟﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪن ﺧﺎﭘﯩﻠﯩﻘﻨﯩﯔ «ﺋﺎﭼﭽﯩﻖ» ﺗﻪﻗﺪﯨﺮ ﻗﯩﺴﻤﻪﺗﻠﯩﺮﯨﺪە ﺗﯜرﻟﯜك روﻟلارﻧﻰ ﺋﺎﻟﯩﺪۇ-دە، ﺧﯘﺷﺎﻟﻠﯩﻖ ۋە ﺑﻪﺧﺘﻨﻰ ﮬﻪرۋاﻗﯩﺖ ﺋﯚز ﻗﻮﻟﯩﺪا ﺗﯘﺗﯘپ ﺗﯘراﻟﻤﺎﻳﺪۇ. ﭼﯜﻧﻜﻰ، ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪت ۋە ﻧﻪﭘﺮەت ﻳﻪﻛﻜﻪ ﻳﺎﻛﻰ ﺗﻪڭ ﻣﻪۋﺟﯘت ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪۇ، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺋﯘلار ﺑﯩﺮ-ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻛﯚرﺳﯩﺘﯩﺪۇ، ﺋﯚز-ﺋﺎرا ﺋﯩﻠﮕﯩﺮى ﺳﯜرﯨﺪۇ، ﺋﯜزﻟﯜﻛﺴﯩﺰ ﺑﯩﺮ-ﺑﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﻮرﻧﯩﻨﻰ ﺋﺎﻟﯩﺪۇ.

ﺑﯩﺰ ﻳﺎﺷﺎۋاﺗﻘﺎن ﺑﯘ ﻣﯘرەﻛﻜﻪپ دۇﻧﻴﺎدا ﺳﯩﺮﺗﻘﻰ ﮔﯜزەﻟﻠﯩﻚ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺋﺎﻣﯩﻞ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﯩﻤﯘ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺳﺎﻏلام، ﺧﯘﺷﺎل ﻗﻪﻟﺐ ۋە ﺟﯘﺷﻘﯘن، ﻛﯚﺗﯜرەﯕﮕﯜ روھ ﺋﻪڭ ﻣﯘﮬﯩﻢ؛ ﺋﺎدەﺗﺘﯩﻜﻰ ﺗﯘرﻣﯘﺷﯩﻤﯩﺰدا ﺑﯩﺰ ﺋﯘﻟﯘﻏﯟار ﺋﯩﺸلارﻧﻰ ﻗﯩلاﻟﻤﯩﺴﺎق ﺋﻪﭘﺴﯘﺳلاﻧﻤﯩﺴﺎﻗﻤﯘ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ. ﻟﯧﻜﯩﻦ، دۇرۇس ﺋﺎدەم ﺑﻮﻟﯘﺷﻨﯩﯔ ﺋﻪﻗﻪﻟﻠﯩﻲ ﺋﯚﻟﭽﯩﻤﯩﺪﯨﻦ ﭼﻪﺗﻨﻪپ ﻛﻪﺗﺴﻪك ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪۇ؛ ﺋﯚز ﮬﺎﻳﺎﺗﯩﻤﯩﺰدﯨﻜﻰ ۋاﻗﯩﺘﻠﯩﻖ ﺋﺎزاب-ﺋﻮﻗﯘﺑﻪت، ﺟﺎﭘﺎ- ﻣﯘﺷﻪﻗﻘﻪت ۋە ﺑﻪﺧﺘﺴﯩﺰﻟﯩﻜﻜﻪ ﭼﯩﯔ ﺋﯧﺴﯩﻠﯩﯟﯦﻠﯩﭗ، ﺋﯚزﯨﻤﯩﺰ ۋە ﺑﺎﺷﻘﯩلار ﺋﯜﭼﯜن، ﺧﯘﺷﺎﻟﻠﯩﻖ ﻳﺎرﯨﺘﯩﺪﯨﻐﺎن ﺟﺎﺳﺎرەت ۋە ﺋﻪﻗﯩﻞ-ﭘﺎراﺳﻪﺗﺘﯩﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﭗ ﻗﯧﻠﯩﺶ ﺋﻪڭ زور ﻣﻪﻏﻠﯘﺑﯩﻴﻪﺗﺘﯘر.

ﺧﯘﺷﺎﻟﻠﯩﻖ-ﭼﺎﯕﻘﯩﻐﺎن روﮬﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﺷﯩﭙﺎﻟﯩﻖ دورا، ﻛﯚﯕﯜل ﻏﻪﺷﻠﯩﻜﻜﻪ ﻣﻪﻟﮭﻪم، ﻣﯩﺴﻜﯩﻦ ﻗﻪﻟﺒﻜﻪ ﺋﺎزادﯨﻠﯩﻚ، ﻏﻪم-ﺋﻪﻧﺪﯨﺸﯩﮕﻪ ﺷﺎدﻟﯩﻖ، زﯨﺪدﯨﻴﻪت ﺋﺎرﯨﺴﯩﻐﺎ ﺋﯩﺠﯩﻞ-ﺋﯩﻨﺎﻗﻠﯩﻖ ﺋﺎﺗﺎ ﻗﯩﻠﯩﺪۇ. ﺷﯘﯕﺎ، ﺑﯩﺰ ﺧﯘﺷﺎﻟﻠﯩﻘﻨﻰ ﻣﻮﮬﺘﺎﺟﻠﯩﻘﻘﺎ ﻗﻮﻳﻤﺎي، ﺋﯚزﯨﻤﯩﺰﮔﻪ ۋە ﺑﺎﺷﻘﯩلارﻏﺎ ﮬﻪدﯨﻴﻪ ﻗﯩلاﻟﯩﺴﺎق، ﺗﯧﯖﯩﺮﻗﺎش ۋە ﻗﺎﻳﻐﯘ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻦ ﻗﻮﺗﯘﻟﯘپ ﭼﯩﻘﺎلاﻳﻤﯩﺰ. ﮬﺎﻳﺎت ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘﻧﺪاق ﺋﺎﭼﭽﯩﻖ-ﭼﯜﭼﯜك ۋە ﺋﻪﮔﺮى-ﺗﻮﻗﺎي ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨلا، ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺧﯘﺷﺎﻟﻠﯩﻖ ﮬﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﻣﻪﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯚز ﺋﻮرﻧﯩﻨﻰ ﺗﺎﭘﺎلاﻳﺪۇ.

بايانات

بۇلۇت بولۇپ تاغلار ئاشايلى، خۇددى يامغۇر بولۇپ ياشايلى. قۇشلار بىزگە ئېيتسۇن تەشەككۈر، چۆللەردىمۇ بوستان ياسايلى. ئېتىزلاردا قونالمىساقمۇ، كۈزدە خامان سورالمىساقمۇ. ياخشىلاردىن بولالمىساقمۇ، ياخشىلارغا تۇمار ئاسايلى.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى