دىلسادا يانبىلوگى

123
دىلسادا گۈدۈكى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز دوستلار، دىللارغا ھوزۇر بەخش ئەتكۈچى يېقىشلىق مەزمۇنلارنى دىلسادادىن ئىزدەڭ! بۇلۇت بولۇپ تاغلار ئاشايلى، خۇددى يامغۇر بولۇپ ياشايلى. قۇشلار بىزگە ئېيتسۇن تەشەككۈر، چۆللەردىمۇ بوستان ياسايلى. ئېتىزلاردا قونالمىساقمۇ، كۈزدە خامان سورالمىساقمۇ. ياخشىلاردىن بولالمىساقمۇ، ياخشىلارغا تۇمار ئاسايلى.
تەۋسىيە يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

قوي ۋە ئىنساننىڭ ساغلاملىقى

قوي ۋە ئىنساننىڭ ساغلاملىقى

ۋاقتى: 2015-12-30 ئاۋاتلىقى: 981 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

قوي ۋە ئىنساننىڭ ساغلاملىقى


ئادىل ئابدۇراخمان




قوي بىلەن ئىنساننىڭ ساغلاملىقى ناھايىتى زىچ مۇناسىۋەتلىك. قوي گۆشى تەملىك ھەم تەبىئىتى ئىسسىق بولغاچقا، ئۇ بەدەنگە ئىسسىقلىق بېرىدىغان ئېسىل يېمەكلىك، دېسەك بولىدۇ. مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دەيدۇ: ھەر 100 گىرام قوي گۆشىدە 367 كىلو كالورىيە ئىسسىقلىق بولىدۇ، شۇڭا قوي گۆشى ئىنتايىن ياخشى قۇۋۋەت تولۇقلىغۇچى، ئۇ ھارغىنلىق ۋە ماغدۇرسىزلىقنى تۈگىتىدۇ. تۇغۇتتىن كېيىنكى قان يېتىشمەسلىك، بەل تېلىپ ئاغرىش كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولغان ئاياللار خام زەنجىۋىل بىلەن قوي گۆشىنى شورپا قىلىپ ئىچسە، ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ». ئەمەلىيەتتە قوينىڭ ھەممە نېمىسىنى دورىلىق، دېيىشكىمۇ بولىدۇ. قوينىڭ جىگىرى جىگەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ، قېرىنى تالنى ساغلاملاشتۇرىدۇ، بۆرىكى بۆرەكنى كۈچەيتىپ، بەل ئاغرىقى مەنبەلىك ماغدۇرسىزلىق، بۆرەك ئاجىزلىق ۋە كىچىك تەرەت راۋان بولماسلىققا داۋا بولىدۇ. قوينىڭ مېڭىسى نېرۋا ئاجىزلىقىغا، ئۆتى كۆز كېسەللىكلىرىگە شىپا بولىدۇ. قوي گۆشى يەنە بەل-بوغۇملار تېلىپ ئاغرىش، سوغۇقتىن بولغان قورساق ئاغرىش، سانجىق؛ ئاشقازان ئاجىزلىقى مەنبەلىك كۆڭۈل ئېلىشىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ. قوينىڭ قېنى قان توختىتىش، قان تۈكۈرۈش، بۇرۇن قاناش، چوڭ تەرەت قان ئارىلاش كېلىش، ئاياللاردا خۇن كۆپ كېلىش، تۇغۇتتىن كېيىنكى باش قېيىش، جاراھەتلىك قاناش قاتارلىقلارغا شىپا بولىدۇ. قوي جىگىرى قان تولۇقلايدۇ، جىگەرنى كۈچەيتىپ كۆزنى روشەنلەشتۈرىدۇ. كەم قانلىق مەنبەلىك ساغرىش، جىگەر ئاجىزلىشىش مەنبەلىك كۆز قاراڭغۇلىشىش، نامازشام قارىغۇسى دېگەندەك كېسەللىكلەرگە شىپا بولىدۇ. قوينىڭ بۆرىكى قۇلاق پۈتۈپ قېلىش، پات-پات سىيىش، كېچىسى سىيىپ قويۇشغا مەنپەئەت قىلىدۇ؛ ئۆپكىسى ئۆپكىنى كۈچلەندۈرۈش، بەدەندىكى ھۆللۈكىنى تەڭشەش، يۆتەل، سۈيدۈك نورمال بولماسلىق قاتارلىق كېسەللىكلەرگە شىپا بولىدۇ. قوينىڭ ئۇستىخان شورپىسى بۆرەكنى كۈچەيتىدۇ، پەي ۋە ئۇستىخاننى چىڭىتىدۇ، ئاقسىل تولۇقلايدۇ، تەن ئاجىزلاش، بەل ۋە پۇت ماغدۇرسىزلىنىش، پەي ۋە ئۇستىخان سىرقىراپ ئاغرىش، ئۇزاققىچە ئىچى سۈرۈش قاتارلىقلارغا داۋا بولىدۇ. قوينىڭ ئۆتىدە ئىسسىقنى ھەيدەش، كۆزنى روشەنلەشتۈرۈش، زەھەر قايتۇرۇش قاتارلىق روللار بار؛ ئىسسىقى ئېشىش مەنبەلىك كۆز قىزىرىش، كۆزگە ئاق چۈشۈش، ئۆپكە تۇبېركۇليۇزى كېسەللىكى سەۋەبىدىن قان تۈكۈرۈش، گالنىڭ قىزىرىپ ئىشىشى، جىگەر كېسىلى ۋە قەۋزىيەتكىمۇ شىپا بولىدۇ. قوي مېڭىسىنىڭ تېرىنى سىلىقلاش، داغ چۈشۈرۈش، جاراھەت پۈتكۈزۈش رولى بار. قوي يېغى، بولۇپمۇ قۇيرۇق يېغى بەدەننى قۇۋۋەتلەيدۇ، ئاشقازان بىلەن ئۈچەينى سىلىقلايدۇ؛ ماغدۇرسىزلىق، تېرە قۇرغاقلىشىش، ئۇزاققىچە ئىچى سۈرۈش، يارا ۋە تەمرەتكىلەرگە شىپا بولىدۇ. قوينىڭ يىلىكى بەدەننى قۇۋۋەتلەيدۇ، يىلىكنى تولۇقلايدۇ، ئۆپكىنى سىلىقلايدۇ، ئۆپكە ئاجىزلىقى، يۆتەل، يىرىڭلىق ئىششىق، كۆز قىزىرىش، كۆزگە ئاق چۈشۈشلەرگە شىپا بولىدۇ. كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە كاللا-پاقالچاق، ئۆپكە-ھېسىپ يېيىشلىك غىزا. گەرچە قوينىڭ ئىچكى ئەزالىرىنىڭ شىپالىق رولى بولسىمۇ، ئەمما كۆپ يېيىشكە بولمايدۇ. مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دەيدۇ: «قوينىڭ كاللا-پاقالچىقى ۋە ئىچكى ئەزالىرىنىڭ قاننى قويۇلدۇرۇش، قاننىڭ يېپىشقاقلىقىنى ئاشۇرۇش، قان تومۇر قاتۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ. قوينىڭ ئىچكى ئەزالىرىدىكى ياغ، بولۇپمۇ بۆرەك يېغى، ئۈچەي ئەتراپىدىكى چاۋا ياغلارنىڭ ئەكس تەسىرى تېخىمۇ زور». مۇتەخەسسىسلەر مىسال كەلتۈرۈپ مۇنداق دېدى: «قوينىڭ بۆرەك ياكى چاۋا يېغىنى قولغا سۈرسىڭىز شۇ ھامان قاتىدۇ، لېكىن قوينىڭ قۇيرۇق يېغىدا قېتىشىش بۇنداق تېز بولمايدۇ. دېمەك، قوينىڭ ئىچكى ئەزالىرىدىكى ياغمۇ ئادەمنىڭ تومۇرىدىكى قاننىڭ يېپىشقاقلىقىنى ئاشۇرىدۇ ۋە قېتىشىشىنى تېزلىتىدۇ، شۇڭا قوينىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى ئىستېمال قىلىشتا ئېھتىيات قىلىش، بولۇپمۇ ياشانغانلار، قېنى قويۇق، يېپىشقاقلىقى يۇقىرى، قان بېسىمى يۇقىرى كىشىلەر يېمىگىنى تۈزۈك». قوي گۆشىنىڭ تەبىئىتى ئىسسىق بولغاچقا، چىش ئاغرىش، ئېغىزىغا جاراھەت چىقىش، سېرىق بەلغەم تۈكۈرۈشكە ئوخشاش ئىسسىقى ئېشىپ كېتىش ئالامىتى كۆرۈلگەن كىشىلەرنىڭ يېيىشىگە ماس كەلمەيدۇ. جىگەر كېسەللىكى، يۇقىرى قان بېسىم، جىددىي خاراكتېرلىك ئۈچەي ياللۇغى ياكى باشقا يۇقۇچان كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغانلار يېسە تازا بولمايدۇ. قوي گۆشى ھەزىم قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاشقازان دىۋارىنى قوغدايدۇ، ئاشقازان پەردىسىنى تولۇقلايدۇ، قىشتا ئوزۇقلۇق تولۇقلايدىغان ئەڭ ياخشى يېمەكلىك، لېكىن ئۇنى دائىم يېسە ئىسسىقى ئېشىپ كېتىدۇ، شۇڭا قوي گۆشى يېگەندە تەبىئىتى بىر قەدەر سوغۇق كۆكتاتنى قوشۇپ يېگەن ياخشى. مەسىلەن: تەكىيە كاۋا، ئاغىچى، پالەك، يېسسىۋېلەك، كەرەپشە دېگەندەك. بۇ كۆكتاتلارنىڭ زەھەر قايتۇرۇش، ئىسسىقنى ھەيدەش رولى بار. قوي گۆشىگە سامساق يېسە، قوي گۆشىدىكى بەدەندە ساقلىنىش ۋاقتى ناھايىتى قىسقا ۋىتامىن B1 نىڭ كىچىك تەرەت بىلەن بىللە چىقىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. قوي گۆشىگە سامساق يېسە، گۆشتىكى ۋىتامىن B1 سامساقتىكى سامساق ماددىسى بىلەن بىرلىشىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ۋىتامىن B1 نىڭ مىقدارى تۆت ھەسسىسىدىن ئالتە ھەسسىسىگىچە ئاشىدۇ، ھەم ۋىتامىن B1 نىڭ سۇدا ئېرىيدىغان خۇسۇسىيىتى ياغدا ئېرىيدىغان خۇسۇسىيەتكە ئۆزگىرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن B1 نىڭ ئادەم بەدىنىدە ساقلىنىش ۋاقتى ئۇزىرايدۇ. مۇتەخەسسىسلەر يەنە قوي گۆشىگە سامساق قوشۇپ يېسە، قاننىڭ ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ۋىتامىن B1 نىڭ ئاشقازان، ئۈچەي يوللىرىدا سۈمۈرۈلۈش نىسبىتى ۋە بەدەندە پايدىلىنىش نىسبىتىنى ئاشۇرۇپ، ئورگانىزملار ئارام ئالدۇرىدىغانلىقىنى، چوڭ ئۈچەي راكىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. قوي گۆشى يېگەندە دەملەنگەن چاي ئىچمىگەن ياخشى، چۈنكى قوي گۆشىدە ئاقسىل مول، چايدا ئاشلاش كىسلاتاسى خېلى بار، شۇڭا قوي گۆشىنى يەپلا دەرھال چاي ئىچسە، چايدىكى ئاشلاش كىسلاتاسى بىلەن قوي گۆشىدىكى ئاقسىل بىرلىشىپ ئاشلاش كىسلاتاسى ئاقسىلى، دەپ ئاتىلىدىغان ماددىنى شەكىللەندۈرىدۇ. بۇ خىل ماددىنىڭ يىغىش رولى بار بولغاچقا، ئۈچەي ھەرىكىتىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، چوڭ تەرەتنىڭ سۇ تەركىبىنى ئازايتىپ، چوڭ تەرەت راۋان بولماسلىق، ھەتتا قەۋزىيەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، يەنە قوي گۆشى بىلەن قارا ئۆرۈكنى قوشۇپ يېيىشكە بولمايدۇ. قوي گۆشىدىن باشقا، قوي سۈتىمۇ ناھايىتى شىپالىق. قوي سۈتىنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى ناھايىتى يۇقىرى، ئۇنىڭدا ئادەم بەدىنىگە كېرەكلىك ئوزۇقلۇقنىڭ ھەممىسى تېپىلىدۇ. قوي سۈتىدە ئاقسىل، ياغ ۋە مىنېرال ماددىلار كالا سۈتىگە قارىغاندا نەچچە ھەسسە كۆپ. ھەربىر لىتىر قوي سۈتىدىكى كالتسىينىڭ مىقدارى كالا سۈتىدىن 0.55 گىرام يۇقىرى، شۇڭا بالىلار قوي سۈتى ئىچسە، ئۇستىخىنىنىڭ ئۆسۈشىگە پايدىلىق بولىدۇ. قوي سۈتىدە ياغمۇ خېلى بار، ياغ دانچىلىرى كىچىك ھەم تەكشى، ئېرىشى تېز، شۇڭا ئاسان ھەزىم بولىدۇ. قوي سۈتىنىڭ ئاقسىل تەركىبىدىكى ئادەم بەدىنىدە بىر قەدەر تەستە ھەزىم بولىدىغان پىشلاق ئاقسىلىنىڭ مىقدارى كالا سۈتىنىڭكىدىن ئاز. قوي سۈتى سەل-پەل تۇزلۇق، كالا سۈتى سەل-پەل چۈچۈمەل، ئاشقازان كىسلاتاسى كۆپىيىپ كەتكەن ۋە ئاشقازان يارىسى كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئاغرىقلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، قوي سۈتى ئۈنۈملۈك دورا بولالايدۇ. قوي سۈتىدە ئادەم بەدىنىگە كېرەكلىك سەككىز تۈرلۈك ئاممۇنىي كىسلاتا بار، بۇنىڭ ئارىسىدىكى ھەر 100 گىرام ئاقسىلدا ئالتە گىرام فىنىلالانىن، 3.5 گىرام متىئونىن، 5.7 گىرام تىرىئونىن، 9.9 گىرام لىۋتسىن، يەنە سىفالىن، نۇكلېئوتىد قاتارلىق ئادەم بەدىنىگە نىسبەتەن رولى مۇھىم ماددىلار بار. بۇلارنىڭ قوي سۈتىدىكى مىقدارىمۇ بىر قەدەر يۇقىرى، بوۋاقلار ئىچسە زېھنىي كۈچىنىڭ ئېشىشىغا پايدىلىق. بۇنىڭدىن باشقا، مۇتەخەسسىسلەر قوي سۈتىدە ئانتېئوتىكلار بارلىقىنى، دائىم قوي سۈتى ئىچىپ بەرسە، جىگەر كېسىلى ۋە نەپەس يوللىرى كېسەللىكلىرىگە شىپا بولىدىغانلىقىنى بايقىدى. بۆرەك كېسىلى ئاغرىقلىرىنىڭ كۆپىنچىسىدە ئاقسىل سىيىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ، ئادەم بەدىنىدىن ئاقسىل زور مىقداردا چىقىپ كەتسە، ئىممۇنىتېت كۈچى تۆۋەنلەپ، بەدەن ئاجىزلاپ كېتىدۇ. بۆرەك كېسىلى ئاغرىقلىرى چوڭ مولېكۇلالىق ئاقسىلنى كۆپرەك قوبۇل قىلسا، بۆرەكنىڭ يۈكى ئېغىرلىشىپ كېتىدۇ، شۇڭا ئاغرىقنىڭ كالا سۈتى ياكى پۇرچاق سۈتى ئارقىلىق ئاقسىل تولۇقلىشى مۇۋاپىق ئەمەس، لېكىن قوي سۈتىدىكى ئاقسىل مولىكۇلاسى كىچىك، سۈمۈرۈلۈشى ئاسان بولغاچقا، بۆرەكنىڭ يۈكى ئېغىرلىشىپ كەتمەيدۇ، شۇڭا بۆرەك كېسىلى ئاغرىقلىرى قوي سۈتى ئىچىپ بەرسە، بەدەنگە ئاقسىل تولۇقلاپ، سالامەتلىكى ياخشىلىنىدۇ. قوي گۆشى بىلەن قوي سۈتى ساغلاملىققا پايدىلىق بولۇپلا قالماي، قوينىڭ ئۆزىنىڭمۇ داۋالاش ئۈنۈمى بار. گېرمانىيەنىڭ بېرلىن شەھىرىدىكى بىر ياشانغانلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش مەركىزى يېقىندا ياشانغانلارغا ھەمراھ بولۇشى ئۈچۈن بىر توپ تۆگە قوي كىرگۈزگەن، بۇ خىل «تۆگە قوي بىلەن داۋالاش ئۇسۇلى» نىڭ ئۈنۈمى ئىنتايىن ياخشى بولغان. يۇڭلىرى مامۇقتەك يۇمشاق تۆگە قويلار خىزمەتچىلەرنىڭ ياردىمىدە ھەربىر ياشانغان كىشىنىڭ كېسەلخانىسىغا كىرىپ، ئۇلارغا ھەمراھ بولغان. تۆگە قوينىڭ ئوماق چىرايى ئادەمدە ئامراقلىقنى پەيدا قىلىدىغان بولغاچقا، بۇ يەردىكى ياشانغانلار تۆگە قوي بىلەن بىللە بولغاندا ئۆزلىرىنى ئىنتايىن خۇشال ھېس قىلغان. ئىگىلىنىشىچە، بۇ تۆگە قويلار ياشانغانلار بىلەن بىۋاسىتە ئۇچرىشىشتىن بۇرۇن تازىلىق، ۋاكسىنا ئەملەش ۋە ئالاقىدار مەشىق ئۆتكەللەردىن ئۆتكەنىكەن. مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دېيىشتى: «ھايۋان بىلەن داۋالاش ئۇسۇلى ئاغرىقتىكى تەشۋىشلىنىش، چارچاشقا ئوخشاش كېسەللىك ئالامەتلىرىنى تۈگىتىشىگە پايدىلىق، بۇ ئۇسۇل ھالىدىن خەۋەر ئېلىش مەركىزىدە تۇرۇۋاتقان ياشانغانلارغا تېخىمۇ ماس كېلىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تۆگە، قوي بىلەن داۋالاش ئۇسۇلى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى دوختۇرخانا ۋە ياشانغانلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ئورۇنلىرىدا ئومۇملىشىپ قالدى، چۈنكى ھايۋانلار بىلەن داۋالاش ئۇسۇلى ئاغرىقنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىغا ئىنتايىن ئاكتىپ تەسىر كۆرسەتتى».


Tags:
بايانات

بۇلۇت بولۇپ تاغلار ئاشايلى، خۇددى يامغۇر بولۇپ ياشايلى. قۇشلار بىزگە ئېيتسۇن تەشەككۈر، چۆللەردىمۇ بوستان ياسايلى. ئېتىزلاردا قونالمىساقمۇ، كۈزدە خامان سورالمىساقمۇ. ياخشىلاردىن بولالمىساقمۇ، ياخشىلارغا تۇمار ئاسايلى.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى