دىلسادا يانبىلوگى

123
دىلسادا گۈدۈكى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز دوستلار، دىللارغا ھوزۇر بەخش ئەتكۈچى يېقىشلىق مەزمۇنلارنى دىلسادادىن ئىزدەڭ! بۇلۇت بولۇپ تاغلار ئاشايلى، خۇددى يامغۇر بولۇپ ياشايلى. قۇشلار بىزگە ئېيتسۇن تەشەككۈر، چۆللەردىمۇ بوستان ياسايلى. ئېتىزلاردا قونالمىساقمۇ، كۈزدە خامان سورالمىساقمۇ. ياخشىلاردىن بولالمىساقمۇ، ياخشىلارغا تۇمار ئاسايلى.
تەۋسىيە يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

ۋاقىتلىق ئىشلەپ تۇرغاننىڭ زىيىنى يوق

ۋاقىتلىق ئىشلەپ تۇرغاننىڭ زىيىنى يوق

ۋاقتى: 2015-12-30 ئاۋاتلىقى: 763 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش


بىزدە «ئەلگە كىرسەڭ ئېلىڭچە، سۇغا كىرسەڭ بېلىڭچە» دەيدىغان ھېكمەت بار. لېكىن بەزى ياشلىرىمىزدىكى «يوتقانغا بېقىپ پۇت سۇنماسلىق» ئىدىيەسى ئادەمنى ئويغا سالىدۇ. ھەر قانداق ئادەمنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك خىزمەت، كەسىپ، تۇرمۇشقا ئېرىشكۈسى بار، ئەپسۇسكى، ئەمەلىيەت ئادەمنىڭ ئارزۇسىغا باقمايدۇ، شۇنداق ئىكەن بىز ئۆزىمىزنىڭ ئارزۇسى ھەر قانچە ئۇلۇغۋار بولسىمۇ، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن كەلمىسە ياكى شارائىت بولمىسا ۋاقتىنچە زامانغا بېقىپ تۇرغان تۈزۈك. ئارزۇيىمىزنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان پۇرسەت ۋە شارائىت پىشىپ يېتىلگەندە ئارزۇيىمىز ئۈچۈن كۈرەش قىلساقمۇ كېچىكمەيمىز.

ھازىر يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە، ئەسقاتىدىغان كەسىپلەرنى پۈتكۈزۈپ ئىش كۈتۈۋاتقان، خادىم قوبۇل قىلىش ئىمتىھانلىرىغا قاتنىشىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىۋاتقان ئىستۇدېنتلىرىمىز ئاز ئەمەس. بىراق ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ كەلگەن ياشلىرىمىزدىن خادىم قوبۇل قىلىش ئىمتىھانلىرىدىن ئۆتۈپ رەسمىي ئورۇنلىشىشقىچە بولغان ئارىلىقتا ئاتا-ئانىسىنىڭ ئىقتىسادى يۈكىنى يېنىكلىتىشنى ئويلاپ ۋاقىتلىق بولسىمۇ ئىشلىگەچ تۇرىدىغانلار ساناقلىقلا. بەزى ياشلىرىمىز ئۆيدە بىكار ئولتۇرۇپ، زېرىكىشلىك ئىچىدە ئاتا-ئانىلىرىدىن پۇل ئېلىپ خەجلەشكە رازىكى، ئاتا-ئانىلار مىڭبىر جاپادا تېپىپ بەرگەن خىزمەت ئورۇنلىرىنى ياراتماي، ئىش ھەققىنى تۆۋەن كۆرۈپ ئىشلەشنى خالىمايدۇ. يېقىندا، مۇنداق بىر ئىشنى ئاڭلىدىم، ئاكتىيورلۇق كەسپىنى پۈتكۈزۈپ، ئۈرۈمچىدە ئاۋاز تەھرىرلىكىنى ئۆگىنىپ كەلگەن بىرەيلەن ئىدارىمىزگە ئىش ئىزدەپ كەپتۇ، ئىدارە رەھبىرىمىز ئۇنىڭغا تەكلىپ بىلەن ئىشلىتىپ تۇرىدىغانلىقىنى، ئايلىق ئىش ھەققىنىڭ 1200 يۈەن بولىدىغانلىقىنى، مۇۋاپىق كۆرسە ئىشلەپ تۇرسا بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. بىر كۈنى ئىستانسىمىز قورۇسىدا ئۇ يىگىت بىلەن كۆرۈشۈپ قالدىم، مەن ئۇنىڭدىن ئىشلىگىلى كەلدىڭىزمۇ دەپ سورىسام ئۇ: «ئىش ھەققى تۆۋەنكەن، ئىشلىمەيمىكىن»، دېدى. ئۇنىڭ بۇ گېپىدىن بىر قىسمىلا بولۇپ قالدىم، ئۇنىڭ دېگىنىغۇ خاتا ئەمەس، گەرچە ئىش ھەققى تۆۋەنرەك بولسىمۇ، ئۇ ئاتا-ئانىسىنىڭ قېشىدا تۇرۇپ خىزمەت قىلالايدۇ، يەنە بىر جەھەتتىن بەلگىلىك ئىقتىسادى كىرىمگىمۇ ئېرىشىپ ئۆزىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىپ، ئاتا-ئانىسىنىڭ يۈكىنى يەڭگىللىتىدۇ، شۇنداقلا ئۆزىمۇ پۇل تېپىشنىڭ ئۇنچىۋالا ئاسان ئەمەسلىكىنى ھېس قىلىدۇ-دە، ئاتا-ئانىسىغا ئىقتىسادى جەھەتتىن ئارتۇق تەلەپ قويمايدۇ. ھازىرقى دەۋىر بىكارچى، ئاقنانچىلارغا ئەمەس، بەلكى ھەقىقىي ماھارەت ئىگىلىرىگە، كەسىپتە ئىقتىدارى بارلارغا موھتاج؛ سىزنىڭ ھەر قانچە قابىلىيىتىڭىز بولسىمۇ، قابىلىيىتىڭىزنى جارى قىلدۇرۇش پۇرسىتى ۋە سەھنە بولمىسا سىز بەرىبىر كۆزلىگەن نىشانىڭىزغا يېتەلمەيسىز.

شۇڭا ياش دوستلىرىمىزنىڭ سەمىدە بولسۇنكى، ھەممە ئىش سىز ۋە مەن ئويلىغاندەك بولىۋەرمەيدۇ. كۆڭۈلدىكىدەك ئىش ھەققىگە ئېرىشەلمىسىڭىز، ۋاقىتلىق بولسىمۇ ئىشلەپ تۇرغىنىڭىزنىڭ زىيىنى يوق. بۇمۇ بۇنىڭدىن كېيىنكى ھايات يولىڭىزنىڭ ياخشى باشلىنىشى، مۇۋەپپەققىيەت دەرۋازىڭىزنىڭ كەڭ ئېچىلىشىدىكى ھەل قىلغۇچ قەدەم بولۇشى مۇمكىن.

Tags:
بايانات

بۇلۇت بولۇپ تاغلار ئاشايلى، خۇددى يامغۇر بولۇپ ياشايلى. قۇشلار بىزگە ئېيتسۇن تەشەككۈر، چۆللەردىمۇ بوستان ياسايلى. ئېتىزلاردا قونالمىساقمۇ، كۈزدە خامان سورالمىساقمۇ. ياخشىلاردىن بولالمىساقمۇ، ياخشىلارغا تۇمار ئاسايلى.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى