دىلسادا يانبىلوگى

123
دىلسادا گۈدۈكى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز دوستلار، دىللارغا ھوزۇر بەخش ئەتكۈچى يېقىشلىق مەزمۇنلارنى دىلسادادىن ئىزدەڭ! بۇلۇت بولۇپ تاغلار ئاشايلى، خۇددى يامغۇر بولۇپ ياشايلى. قۇشلار بىزگە ئېيتسۇن تەشەككۈر، چۆللەردىمۇ بوستان ياسايلى. ئېتىزلاردا قونالمىساقمۇ، كۈزدە خامان سورالمىساقمۇ. ياخشىلاردىن بولالمىساقمۇ، ياخشىلارغا تۇمار ئاسايلى.
تەۋسىيە يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

«كەلگۈسىدە پۇل تاپقىلى بولىدىغان يەتتە خىل سودا پۇرسىتى »

«كەلگۈسىدە پۇل تاپقىلى بولىدىغان يەتتە خىل سودا پۇرسىتى »

ۋاقتى: 2015-08-27 ئاۋاتلىقى: 1061 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش


«كەلگۈسىدە  پۇل تاپقىلى بولىدىغان يەتتە خىل سودا پۇرسىتى »




 @دۆلىتىمىزنىڭ   ياشانغانلار  مەھسۇلاتلىرى   ۋە  مۇلازىمەت   بازىرىنىڭ   ئېھتىياجى 600 مىليارد يۈەندىن ئاشىدۇ. ئەمما نۆۋەتتە ياشانغانلار ئۈچۈن تەمىنلىنىۋاتقان مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەتنىڭ قىممىتى 100 مىليارد يۈەنگىمۇ يەتمەيدۇ. تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياج ئوتتۇرىسىدا غايەت زور سودا پۇرسىتى  شەكىللەنگەن. دۆلىتىمىزنىڭ ياشانغانلار بۇيۇملىرى ۋە مۇلازىمەت كەسپى ياشانغاندا كۈتۈنۈش ئاپپاراتلىرى، داۋالاش ۋە ساقلىقنى ساقلاش مەھسۇلاتلىرى، ساياھەت، ئۆي - زېمىن قاتارلىق ساھەلەرگە چېتىلىدۇ، بۇ ساھەلەرنىڭ كۆپ قىسمى ھازىرمۇ ئېچىشنى كۈتۈپ تۇرماقتا.
    @ 
    ئىنتېرنېت ئۆزگىرىش ئىنتايىن تېز بولۇۋاتقان كەسىپ، بۇ كەسىپنىڭ ئىچىدىكى نۇرغۇن تارماق كەسىپنىڭ قىزغىنلىق دەرىجىسى ھەمىشە مۇشۇ تارماق كەسىپلەرنىڭ مونوپوللۇق ئورنى، تەرەققىيات سۈرئىتى ۋە مۇشۇنىڭغا ئالاقىدار كارخانىلارنىڭ سانى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. تېخنىكلارغا بولغان تەلىپىدىن قارىغاندا، بۇرۇنقى C تىلى قاتارلىق كونا تېخنىكىلاردىن باشقا يەنە PM ,JAVA ,PHP ۋە IOS ,Android تىللىرىدىكى سۇپىلارنى ئېچىش، چوڭ سانلىق مەلۇمات، بۇلۇت ھېسابلاش، كۆچمە ئىنتېرنېت قاتارلىق تېخنىكا ساھەلىرىدە نۇرغۇن يۇقىرى مائاشلىق خىزمەت ئورنى مەۋجۇت.
    بۇنىڭدىن سىرت ئىنتېرنېت كارخانىلىرى، بولۇپمۇ ئوتتۇرا، كىچىك ئېلېكتىرونلۇق سودا كارخانىلىرىنىڭ تور بازار ماركېتىڭى كەسپىي خادىملىرى ۋە ئېلېكتىرونلۇق سودا كەسپىي ئىختىساسلىقلىرىغا بولغان ئېھتىياجى ئىنتايىن زور بولۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ شەرقىي قىسىم دېڭىز بويىدا بۇ كەسىپ بىلەن  شۇغۇللىنىدىغانلارنىڭ   كىرىم   سەۋىيەسى   ئىنتايىن  يۇقىرى.
    @مائارىپ   ۋە   تەربىيەلەش   كەسپى
    جۇڭگودا ئەمگەك يېشىدىكى نوپۇس كۆپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ تېخنىكا جەھەتتىن تەربىيەلىنىش ئېھتىياجىمۇ ئىنتايىن چوڭ. مۇناسىۋەتلىك ئىستاتىستىكىلاردىن  مەلۇم  بولۇشىچە، بۇ  كەسىپنىڭ  بازار  كۆلىمى  تىرىليون  يۈەنگە  يېقىنلىشىدىكەن.
    @يېزا   ئىگىلىكى
    ئىگىلىك تىكلەش نۇقتىسىدىن قارىغاندا، دۆلىتىمىز يېزىلىرىنى بىر ۋاراق ئاق قەغەز دېيىشكە بولىدۇ، يېڭى يېزا قۇرۇلۇشى، شەھەر ئەتراپى يېزىلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىشى-- دېھقانلارنىڭ ئېھتىياجى ۋە يېزا - بازارلارنىڭ جانلىنىشىغا سەۋەب بولدى ۋە غايەت زور سودا پۇرسىتىنى شەكىللەندۈردى. جايلارمۇ قوللاش ۋە يۆلەش سىياسەتلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ يېزا ئىگىلىكىنى ئىگىلىك تىكلەشتىكى جەلپ قىلىش كۈچى زور، پايدىسى يۇقىرى كەسىپكە ئايلاندۇردى.
    @ساياھەتچىلىك
    سانلىق مەلۇماتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، يېقىنقى ئۈچ يىلدىن بۇيان جۇڭگونىڭ توردىكى ساياھەت كەسپىنىڭ ئېشىش نىسبىتى %30تىن ئاشقان. كەلگۈسى تەرەققىيات يۈزلىنىشىدىن قارىغاندا، جۇڭگونىڭ توردىكى ساياھەت كەسپى ئىزچىل ئېشىش ھالىتىنى ساقلايدىكەن، خەلقئاراغا داڭلىق مەسلىھەتچىلىك شىركىتى ئېرسېرىچ شىركىتىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، 2017 - يىلىغا بارغاندا توردىكى ساياھەت كەسپىنىڭ سودىلىشىش ئومۇمىي سوممىسى 465 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، يىللىق ئېشىش نىسبىتى %20تىن يۇقىرى بولىدىكەن.
    @مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىش كەسپى
    جۇڭگونىڭ نۇرغۇن جايلىرى كۆرگەزمە مەدەنىيەت ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ئوبيېكتىپ شارائىتلىرىنى ھازىرلىغان بولسىمۇ، ئەمما ماكرو جەھەتتىكى پىلان كەمچىل. ھازىرقى ئۇچۇرلاشقان جەمئىيەتنىڭ تاراتقۇلىرى يېڭى مەدەنىيەت كەسپىنىڭ تېزلىكتە زورىيىشىغا ياردەم بېرىدۇ، ھەتتا ناھايىتى تېزلا خەلقئارالىق  تەسىر  كۈچى  پەيدا  قىلالايدۇ.
    يېڭىچە مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرى دېگىنىمىز، ھەرگىزمۇ ھازىر بار بولغان مەھسۇلات بولماستىن، بەلكى ئىجادىيلىققا ئىگە يېڭىچە مەھسۇلاتلارنى كۆرسىتىدۇ. ئۇنىڭدىكى  سودا  پۇرسىتى  تور  ئىقتىسادى  بىلەن تور مەدەنىيىتىنىڭ بىرىكىشىدىن ئىبارەت بولۇپ، زامانىۋى تور ئىقتىسادى ۋە تور مەدەنىيىتىنىڭ چوڭ ئالاھىدىلىكلىرىدىن بىرى، يېڭىچە مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرىدىن بىرى بولغان تور ئويۇنلىرى ھازىرقى دەۋردىكى تور ئىقتىسادىنىڭ چوڭ تۈۋرۈك كەسپى ھېسابلىنىدۇ.
   @ بىيو تېببىي دورا تېخنىكىسى
    بىيو تېببىي دورا دۆلەتنىڭ يېڭىدىن گۈللەندۈرىدىغان ئىستراتېگىيەلىك كەسىپ، بۇنىڭدىكى دورا ياساش تېخنىكىسى كەلگۈسىدىكى يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ئاساسىي كۈچى، شۇنداقلا كارخانىنىڭ يادرولۇق رىقابەت كۈچى بولۇپ قالىدۇ. بۇ كەسىپتىكى تەتقىق قىلىپ ئاچقۇچىلار كەلگۈسىدە يۇقىرى كىرىملىك كىشىلەرگە ئايلىنىپ، دورىگەرلىك كارخانىلىرىنىڭ ئەتىۋارلىشىغا سازاۋەر بولىدۇ.
    كەسپىي زاتلارنىڭ تەھلىل قىلىشىچە، كەلگۈسى ئون - يىگىرمە يىلدا دۆلىتىمىزنىڭ بىيو تېببىي دورا تەتقىق قىلىپ ئېچىش كەسپى ئىزچىل ئېشىش ھالىتىنى ساقلايدىكەن. بىيو تېببىي دورا ساھەسىدە ئامېرىكىنىڭ مونوپوللۇق ئورنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۆزگەرمەيدۇ، چۈنكى نۇرغۇن پاتېنتلىق تېخنىكىلارنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئىگىلەپ بولۇش مۇمكىن ئەمەس. بۇ يەردىكى سودا پۇرسىتى قەيەردە؟ شاڭخەينى مىسال قىلىدىغان بولساق، نۆۋەتتە شاڭخەي خەلقئارا بىيو تېببىي دورىلارنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش كەسپى، 2017 - يىلىغا بارغاندا شاڭخەينىڭ تەتقىق قىلىپ ئېچىشنى ھۆددىگە بېرىش قىممىتىنى 30 مىليارد يۈەنگە يەتكۈزۈش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىدۇ. بۇ، بۇنىڭدىن كېيىن دۆلەت ئىچىدە تېببىي دورا تەتقىق قىلىپ ئاچقۇچىلار، بولۇپمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك تېببىي دورا تەتقىقاتچىلىرىغا بولغان ئېھتىياجنىڭ ئىزچىل ئېشىپ بارىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
****************



بايانات

بۇلۇت بولۇپ تاغلار ئاشايلى، خۇددى يامغۇر بولۇپ ياشايلى. قۇشلار بىزگە ئېيتسۇن تەشەككۈر، چۆللەردىمۇ بوستان ياسايلى. ئېتىزلاردا قونالمىساقمۇ، كۈزدە خامان سورالمىساقمۇ. ياخشىلاردىن بولالمىساقمۇ، ياخشىلارغا تۇمار ئاسايلى.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى