دىلسادا يانبىلوگى

123
دىلسادا گۈدۈكى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز دوستلار، دىللارغا ھوزۇر بەخش ئەتكۈچى يېقىشلىق مەزمۇنلارنى دىلسادادىن ئىزدەڭ! بۇلۇت بولۇپ تاغلار ئاشايلى، خۇددى يامغۇر بولۇپ ياشايلى. قۇشلار بىزگە ئېيتسۇن تەشەككۈر، چۆللەردىمۇ بوستان ياسايلى. ئېتىزلاردا قونالمىساقمۇ، كۈزدە خامان سورالمىساقمۇ. ياخشىلاردىن بولالمىساقمۇ، ياخشىلارغا تۇمار ئاسايلى.
تەۋسىيە يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

ئەخلەت بايلىقىدىن قانداق پايدىلىنىمىز

ئەخلەت بايلىقىدىن قانداق پايدىلىنىمىز

ۋاقتى: 2015-08-27 ئاۋاتلىقى: 496 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

«  ئەخلەت بايلىقىدىن قانداق پايدىلىنىمىز؟»
دۇ شياڭۋەن 


  @يېقىنقى يىللاردىن بۇيان«  ئەخلەتلەرنىڭ شەھەرنى قورشىۋېلىشى »، « شەھەرلەرنىڭ ئەخلەتكە كۆمۈلۈپ كېتىشى»، «ئەخلەت كۆيدۈرۈش» ھەم ئۇنىڭدىن كېلىپ چىققان بىر قاتار ئاممىۋى ۋەقەلەر جەمئىيەتنىڭ يۈكسەك دىققىتىنى قوزغاۋاتىدۇ. ئېلىمىزدە كىشىلەر ئەخلەتنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش توغرىسىدا غەم يەۋاتقاندا، بەزى دۆلەتلەر ئەخلەتنى بايلىق دەپ قاراپ، ئۇنى گۆھەرگە ئايلاندۇرۇۋاتىدۇ.
   ئىستاتىستىكىلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا ، شىۋېيتسارىيەدە ئەخلەتتىن قايتا پايدىلىنىش، ئۇنى بىيو تېخنىكىلىق بىر تەرەپ قىلىش، كۆيدۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش ۋە كۆمۈپ بىر تەرەپ قىلىشتىن ئىبارەت تۆت خىل شەكىل ئارقىلىق، ئەخلەتتىن %99 قايتىلانما پايدىلىنىش ئىشقا ئاشۇرۇلغان. بايلىققا تۆۋەن تەننەرختە ئېرىشىش ئۈچۈن، شىۋېيتسارىيە يەنە قوشنا دۆلەتلەردىن ئەخلەت سېتىۋالىدىكەن. بۇ، ئەخلەتنى بايلىققا ئايلاندۇرۇپ، ئۇنىڭدىن غايەت زور ئىقتىسادىي ئۈنۈم ياراتقىلى بولىدىغانلىقىنى، ئۇنى ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە ئايلاندۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.
   @ئېلىمىزدە ھەر يىلى پەيدا بولغان زور مىقداردىكى ئەخلەتنىڭ كۆپىنچىسى ئاددىي ئۇسۇلدا كۆيدۈرۈلۈپ ياكى كۆمۈپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. يەرگە كۆمۈلگەن ئەخلەتتىكى ئورگانىك تەركىبلەر پارچىلانغاندا كۆپ مىقداردىكى سۇلفىد ۋە كاربون IV ئوكسىدى، مېتان قاتارلىق پارنىك گازى پەيدا بولىدۇ، ئەمما ئاددىي ئۇسۇلدىكى ئەخلەت كۆيدۈرۈشتە بولسا 5 PM2.، PM10، دىئوكسىد قاتارلىق زىيانلىق ماددىلار پەيدا بولۇپ، مۇھىت بۇلغىنىدۇ، ھەتتا ئىجتىمائىي مەسىلىلەر كېلىپ چىقىدۇ.
   نۆۋەتتە، بۇلغىنىشنى ئازايتىش، پارنىك گازى قويۇپ بېرىشنى تۆۋەنلىتىش، ئېنېرگىيە قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىش ۋە كېلىماتنىڭ ئەسلىگە كېلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش جىددىي ۋەزىپە بولۇپ قالدى. ئەگەر تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق ئەخلەتتىن بايلىق سۈپىتىدە پايدىلانساق، مۇھىتنى بۇلغىمايلا قالماستىن، يەنە تۆۋەن كاربونلۇق ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقارغىلى بولىدۇ، بۇ، پارنىك گازى قويۇپ بېرىشنى ئازايتىشقا پايدىلىق.
   @ھازىر، ئېلىمىز تەبىئىي گازنى كۈچەپ تەرەققىي قىلدۇرۇۋاتىدۇ، 2030 - يىلى تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەش مىقدارى 550 مىليارد كۇب مېتىرغا يەتكۈزۈلىدۇ، ئەمما مۇتەخەسسىسلەر ئېلىمىزنىڭ بىيولوگىيەلىك بايلىق يوشۇرۇن كۈچىنىڭ ئاران 300 مىليارد كۇب مېتىرغا يېتىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىدى. شۇڭا ئەخلەت ئارىسىدىكى بىيولوگىيەلىك ماددىنى گاز ئېنېرگىيەسىگە ئايلاندۇرۇش خىزمىتىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە ئەرزىيدۇ.
   ھازىر ياۋروپادىكى كۆپىنچە دۆلەت ئەخلەتتىن بايلىق سۈپىتىدە پايدىلىنىش نىسبىتىنى % 90 تىن كۆپرەككە يەتكۈزدى، ئاسىيادىكى كورېيە ۋە ياپونىيە بولسا ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئۈنۈمگە تەڭ ئېتىبار بېرىپ، ئومۇميۈزلۈك ئېتىراپ قىلىشقا ئېرىشتى. ئەمما دۆلىتىمىزدە، ئەخلەتتىن ئېنېرگىيە سۈپىتىدە پايدىلىنىش كۆلەملەشكەن ئۈنۈم شەكىللەندۈرەلمىدى، يۇقىرىدىكى دۆلەتلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا يەنە بەلگىلىك پەرق بار.
   @ھازىر دۆلەت ئىچىدىكى ھاسىلىي بايلىقنى يىغىدىغان كارخانا 100 نەچچە مىڭدىن ئاشىدۇ. 2013 - يىلىنى مىسالغا ئالىدىغان بولساق، كېرەكسىز پولات - تۆمۈر، كېرەكسىز سولياۋ، كېرەكسىز رەڭلىك مېتال قاتارلىق يەتتە چوڭ تۈردىكى يىغىۋېلىش مىقدارى 160 مىليون توننىغا يەتكەن، يىغىۋېلىش مىقدارى ۋە يىغىۋېلىش ئومۇمىي قىممىتى 2000 - يىلىدىكىدىن ئۈچ ھەسسە ۋە 12 ھەسسە ئاشقان.
   كېرەكسىز ماددىلارنى تۈرگە ئايرىپ بايلىق سۈپىتىدە پايدىلىنىش سەۋىيەسى ۋە كۆلىمى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ بەلگىسىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ، ئەخلەتنى تۈرگە ئايرىپ بايلىققا ئايلاندۇرۇش ئاشخانا سايمانلىرى، ئېلېكتىرون، بىناكارلىق، سانائەت، دېھقانچىلىق - ئورمانچىلىق ۋە تۇرمۇش قاتارلىق ئالتە چوڭ ساھەدىكى كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىپ، ھالقىما تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولىدۇ. ‹‹13 - بەش يىل›› مەزگىلىدە، كېرەكسىز بۇيۇملارنى بايلىققا ئايلاندۇرۇش كەسپىنى ئىستراتېگىيەلىك گۈللەنمە كەسىپلەر قاتارىغا كىرگۈزۈش دەۋرنىڭ تەقەززاسى.
   @ئېلىمىزنىڭ ھازىرقى ھالىتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىپ، ئاساسلىقى ئۆلچەم بېكىتىش ۋە پۈتكۈل جەريانغا نازارەتچىلىك قىلىپ، كونكرېت تۈرلەرنى بازارغا تاپشۇرۇپ بېرىشى، ياخشى بولغان مەبلەغ سېلىش مۇھىتى بەرپا قىلىش جەھەتتە تىرىشىشى كېرەك. ھازىرقى ئەخلەتتىن بايلىق سۈپىتىدە پايدىلىنىشنىڭ پايدا يارىتىش ئەندىزىسى تېخى ئېنىق ئەمەس، ئىجتىمائىي مەبلەغ سېلىنمىسىنىڭ ئاكتىپلىقىمۇ يۇقىرى ئەمەس، بۇ ھۆكۈمەتنىڭ قوللاش سالمىقىنى تېخىمۇ زورايتىشىغا موھتاج.
ھەر بىر پۇقرا ئەخلەت ۋە ئۇنىڭدىن بايلىق سۈپىتىدە پايدىلىنىش بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، پۇقرالارنىڭ كېرەكسىز بۇيۇملارنى تۈرگە ئايرىپ بىر تەرەپ قىلىش ئېڭىنى قانداق قىلغاندا ئۈنۈملۈك ئۆستۈرگىلى بولىدۇ؟بۇنىڭدا تەشۋىق تەربىيە ئىنتايىن مۇھىم. ئەگەر پۇقرالارنىڭ مۇھىت ئاسراش ئېڭى ئۆسسە، ئەخلەتلەردىن بايلىق سۈپىتىدە پايدىلىنىش زور دولقۇنغا ئايلىنىدۇ. 



بايانات

بۇلۇت بولۇپ تاغلار ئاشايلى، خۇددى يامغۇر بولۇپ ياشايلى. قۇشلار بىزگە ئېيتسۇن تەشەككۈر، چۆللەردىمۇ بوستان ياسايلى. ئېتىزلاردا قونالمىساقمۇ، كۈزدە خامان سورالمىساقمۇ. ياخشىلاردىن بولالمىساقمۇ، ياخشىلارغا تۇمار ئاسايلى.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى