مۇكەممەللىك ھەققىدە
-
مۇكەممەللىك ھەققىدە
ۋاقتى: 2015-08-29 ئاۋاتلىقى: 735 قېتىميانفوندا كۆرۈش
مۇكەممەللىك ھەققىدە
بۇرۇن بىر قىسىمى كېسىۋېتىلگەن چەمبەر ئۆزىنىڭ مۇكەممەل ھالىتىنى قايتۇرۇپ كېلىش ئۈچۈن ھەممىلا جايدىن ئۆزىنىڭ پارچىسىنى ئىزدەپتۇ. ئۇ پۈتۈن بولمىغاچقا ناھايىتى ئاستا دومىلايدىكەن. بۇنىڭ بىلەن ئۇ يول بويى چىرايلىق گۈللەردىن ھوزۇرلىنىپتۇ. قۇرتلار بىلەن پاراڭلىشىپتۇ. قۇياشنىڭ ئىللقلىقىنى تولۇق ھس قىپتۇ. ئۇ نۇرغۇنلىغان ئوخشاش بولمىغان پارچىلارنى تېپىپتۇ. ئەمما ھىچقايسىسى ماس كەلمەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ داۋاملىق ئىزدەپتۇ.نۇرغۇن سەپەرلەردىن كېيىن ئۇ ئاخىرى ئارزۇسىغا يېتىپتۇ. لېكىن كەم-كۈتىسىز مۇكەممەل ھالەتكە كەلگەندە بولسا ناھايىتى تېز دومىلايدىغان بولۇپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ بارا بارا ئەتراپتىكى چىرايلىق گۈللەرنى تاماشا قىلالمايدىغان، قۇرۇت قوڭغۇزلار بىلەن پاراڭلىشالمايدىغان بولۇپ قاپتۇ . بۇنى ھىس قىلىپ يەتكەندە بولسا ئۇ مىڭ بىر مۇشەققەتتە تاپقان پارچىسىدىن ۋاز كېچىش قارارىغا كەپتۇ.
شۇنداق، بىز ھەممىمىز مۇكەممەل بولۇشنى ئىزدەيمىز، لېكىن دۇنيادا مۇكەممەل ئادەم بولمايدۇ. ئەگەر بار دىيىلسە ئۇ ھالدا راست گەپنى ئېيتقاندا بۇ تولىمۇ بىچارە ئادەمدۇر. چۈنكى ئۇ مەڭگۈ بىر نەرسىگە ئىنتىلىشنىڭ مەلۇم نەرسىنى ئارزۇ قىلىشنىڭ تەمىنى ھىس قىلالمايدۇ. ئارزۇ قىلغان نەرسىلەرنىڭ ئېلىپ كەلگەن خۇشاللىقىنىمۇ ھىس قىلالمايدۇ. شۇڭا كەمتۈكلۈكمۇ مەلۇم مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا بىر خىل گۈزەللىكتۇر. ئىنسان ئەنە شۇنداق ياشايدۇ.
تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
ۋەتەن------شېئىر
2015-09-03 20:54:32593شۇنداق بىر ھېكايە
2015-08-30 15:29:07701ئىككى چىلەك
2015-09-16 14:57:52724ئۇيغۇرلاردا ئەخلاق تەربىيەسى
2015-11-02 21:52:211418سالماقلىق ئالىي پەزىلەتتۇر
2015-09-02 21:48:15583ئۈمىدسىزلەرگە --كەلگۈسى غۇۋا
2015-09-07 14:59:51362دوستۇم، مىنى كەچۈرگىن
2015-09-01 13:13:10445دوستى بولۇش
2015-09-07 15:16:00532
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-