دىلسادا يانبىلوگى

123
دىلسادا گۈدۈكى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز دوستلار، دىللارغا ھوزۇر بەخش ئەتكۈچى يېقىشلىق مەزمۇنلارنى دىلسادادىن ئىزدەڭ! بۇلۇت بولۇپ تاغلار ئاشايلى، خۇددى يامغۇر بولۇپ ياشايلى. قۇشلار بىزگە ئېيتسۇن تەشەككۈر، چۆللەردىمۇ بوستان ياسايلى. ئېتىزلاردا قونالمىساقمۇ، كۈزدە خامان سورالمىساقمۇ. ياخشىلاردىن بولالمىساقمۇ، ياخشىلارغا تۇمار ئاسايلى.
تەۋسىيە يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

بىر قىزنىڭ ئۆمۈرلۈك ۋەدىسى

بىر قىزنىڭ ئۆمۈرلۈك ۋەدىسى

ۋاقتى: 2015-08-30 ئاۋاتلىقى: 1237 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بىر قىزنىڭ ئۆمۈرلۈك ۋەدىسى



 بىر قىز پۇتى تازا ياخشى باسمىغاچقا، ئەتىدىن كەچكىچە ئىشىك ئالدىدا ئولتۇرۇپ، باشقا بالىلارنىڭ ئوينىشىغا قاراپ تۇراتتى. بىر يىلى يازدا قوشنىسنڭ شەھەردىكى تۇققنى بۇ يەرگە ئوينىغىلى كەلدى. ئۇلارنىڭ بۇ قىزدىن بەش ياش چوڭ بىر ئوغلىمۇ كەلگەندى. شەھەرلىك بالا ناھايتى تىزلا ئۇلار بىلەن چىقىشىپ كەتتى ھەمدە يېزا بالىلىرى بىلەن تاغقاچىقىپ سۇغا چۇمۇلدى، تېرىلىرى كۆيۇپ قارداپ كەتتى، ئۇ ناھايتى خۇشاللققا چۇمگەندى. ئۇ يىزا بالىلىرىدەك قوپال گەپ قىلمايتتى. بالىلارنىڭ ئويۇنىغا ئارلاشماي، ئۇلارنىڭ ئويۇنىغا قىزىقسىنىپ قاراپ تۇرىدىغان ھىلىقى قىز بۇ شەھەرلىك بالىنىڭ دىققىتىنى تارتتى. تۇتۇۋالغان يىڭناغۇچنى تۇنجى بولۇپ قىزغا تەڭلىگەن، قىزنى يۇدۇپ دەريا بويىغا ئاپارغان، تۇنجى قىتىم ھىكايە ئىتىپ بەرگەن، پۇتىنىڭ ساقىيدىغانلىغىنى تۇنجى بولۇپ ئىيتقان ئادەم دەل شۇ بالا ئىدى. بۇ بالىنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ قىزنىڭ چىرايىدا ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باقمىغان تەبەسسۇم جىلۋە قىلدى. چۇنكى ئۇنىڭغا بۇنداق سۆزلەرنى قىلغان بۇنداق كۆيۇنگەن تۇنجى ئادەم، شۇنداقلا ئەڭ ئاخىرقى ئادەم ئاشۇ شەھەرلىك بالا ئىدى. يازمۇ تۇگىدى، شەھەرلىك بالىنىڭ ئۆيدىكىلىرى بۇيەردىن كەتمەكچى بولدى. قىز ئۇنى ئۇزاتقىلى بارغاندا، كۆز يىشىنى توختىتالمىدى، ئۇھىلىقى بالىنىڭ قۇلىقىغا پىچىرلاپ تۇرۇپ «پۇتۇم ساقايغاندىن كىيىن، سىزگە ياتلىق بولسام بولامدۇ» دېدى. بالا ماقۇللىقىنى بىلدۇرۇپ بېشىنى لىڭشىتتى. كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە  20 يىل ئۆتۇپ كەتتى. شەھەرلىك بالا بىر سەبى بالىدىن كېلىشكەن يىگىتكە ئايلاندى. ئۇ بىر قەھۋەخانا ئاچتى، توي قىلىشقا پۈتۈشكەن لايىقىمۇ بار بولدى، تۇرمۇشى ناھايىتى خاتىرجەم ئىدى. بىر كۇنى يىگىتكە بىر قىزدىن «پۇتۇم ساقايدى مەن سىزنى ئىزدەپ بۇ شەھەرگە كەلدىم » دەپ تىلىفۇن كەلدى. يىگىت بۇ قىزنى ھىچ ئويلاپ ئىسىگە ئالالمىدى، ئەمما قىزنى قەھۋەخانىغا خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇردى. قىز ناھايتى كەم سۆز ئىدى، يىگىت ئۇنىڭغا ئارتۇقچە كۆڭۆل بۆلۇپ كەتمىدى.  دەل شۇ كۈنلەرنىڭ يىگىتنىڭ لايىقى يىگىتكە ۋاپاسىزلىق قىلدى، يىگىت بۇنى بىلىپ قاتتىق ئاچىقلاندى، پۇتۇن دەردىنى ھاراقتىن ئىلىپ، كۇن بويى مەسىت يۇرۇدىغان بولىۋالدى، مىجەزىمۇ تەرسالىشىپ باشقىلارنىڭ ياخشى كۆڭۆللۇك بىلەن قىلغان نەسىھەتىگە قۇلاق سالمىدى. ئۇزۇن ئۆتمەي قاتتىق ئاغرىپ قالدى، قىز كىچە-كۈندۈز ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالدى، يىگىت قىزنىڭ نىمە ئويلاۋاتقانلىقىنى بىلمەيتتى. شۇنداق قىلىپ يەنە بىر نەچچە يىل ئۆتۇپ كەتتى. يىگىت بىر نەچچە قىز بىلەن ئارىلىشىپ باقتى، ئەمما ھىچقايسىسى كۆڭلىگە ياقمىدى. قىزمۇ تەنھا يۇرىۋەردى. بىر كۇنى يىگىت قىزغا «سىز خىلى كىلىشكەن قىز، قوغلىشىدىغانلار كۆپ بولغاندىكىن ئوقۇرىڭىزنى ئىگىز قىلىۋالماڭ» دېدى. قىز كۇلۇپلا قويدى. يىگىت مەنىسز تۇرمۇشتىن زېرىكىپ چەتئەلگە چىقىپ ئايلىنىپ كەلمەكچى بولدى. پاسپۇرىتنى ئىلىشتىن ئىلگىرى يىگىت قەھۋەخانىنى قىزغا ئۆتكۇزۇپ بەردى، قىز يىگىتنىڭ تاللىشىغا قارشى چىقمىدى ھەمدە قەھۋەخانىنى ۋاكالەتەن باشقۇرۇپ تۇرىدىغان بولدى. 

چەتئەلدىكى جاپالىق كۇنلەر يىگىتنى تېخىمۇ تاۋلىدى، ئۇنىڭ ئىلگىرىكى ھەسرەتلىرى يوقالدى. شۇ چاغدا ئۇ ھەرقانداق ۋاقىتتا ئاشۇ قىزنىڭلا ئۆزىگە ئەڭ ياخشى ھەمراھ بولالايدىغانلىغىنى ھىس قىلدى. ئۇ نەگىلا بارمىسۇن ئۇ قىزنىڭ مېھىربانلىققا تولغان خېتىنى تاپشۇرۋالاتتى. يىگىت قايتىپ كەلگەندىن كىيىن، ھەممە نەرسىنىڭ جايىدا تۇرغانلىقىنى، قەھۋەخانا تىجارىتىنىڭمۇ شۇنداق ياخشى كىتىپ بارغانلىقىنى كۆرۈپ قىزدىن شۇنداق رازى بولدى ۋە ئۇنىڭدىن قاتتىق تەسىرلەندى ئۇ قىزنى ئۈنلۈك توۋلىدى، ئەمما ھىچقانداق جاۋاپ كەلمىدى. قەھۋەخانىنىڭ ۋاقىتلىق باشقۇرغۇچىسى ئۇنىڭغا قىزنىڭ قاتتىق چارچاپ كەتكەنلىكتىن ئېغىر كىسەلگە گىرىپتار بولۇپ، يېرىم يىل ئىلگىرى ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى ئىيتتى. ئەسلىدە قىزنىڭ تاپشۇرۇقى بويىچە،يىگىتكە بىرەيلەن قىز يىزىپ تەييارلاپ قويغان نەچچە يۇز پارچە خەتنى ئەۋەتىپ قەھۋەخانىنى ۋاكالىتەن باشقۇرۇپ تۇرغانىكەن. ئۇ قىزنىڭ قالدۇرۇپ كەتكەن نەرسىلىرىنى يىگىتكە بەردى. قىزنىڭ نەرسىلىرى ئىچىدە يىڭناغۇچنىڭ ئەۋرىشكىسى، يەنە بىر ئۈن لىنتىسىمۇ بار ئىدى . ئۇن لىنتىسىغا قىزنىڭ سەكرات ئالدىدا قىلغان سۆزى ئىلىنغان ئىدى. ئۈن لىنتىسىدىن: «مەن ساقايدىم....سىزگە......ياتلىق ....بولسام.......بولامدۇ؟»دېگەن ئاۋاز ئاڭلاندى . يىگىت بۇنى ئاڭلاپ ئوكسۈپ -ئوكسۈپ يىغلاپ كەتتى. 


بايانات

بۇلۇت بولۇپ تاغلار ئاشايلى، خۇددى يامغۇر بولۇپ ياشايلى. قۇشلار بىزگە ئېيتسۇن تەشەككۈر، چۆللەردىمۇ بوستان ياسايلى. ئېتىزلاردا قونالمىساقمۇ، كۈزدە خامان سورالمىساقمۇ. ياخشىلاردىن بولالمىساقمۇ، ياخشىلارغا تۇمار ئاسايلى.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى