2015-يىلى 8-ئاينىڭ 31-كۈنىدىكى ئۇچۇرلار
-
2015-يىلى 8-ئاينىڭ 31-كۈنىدىكى ئۇچۇرلار
ۋاقتى: 2015-08-31 ئاۋاتلىقى: 476 قېتىميانفوندا كۆرۈش
▲جۇڭگۇنىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 8- ئاينىڭ 29- كۈنى رەئىسنىڭ ئالاھىدە كەچۈرۈم بۇيرۇقىغا ئىمزا قويدى ، 12- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتېيى دائىمى كومېتېتىنىڭ 16- قېتىملىق يىغىنىدا ماقۇللانغان مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتېيى دائىمى كومېتېتىنىڭ بىر قىسىم جازا ئۆتەۋەتقان جىنايەتچىلەرنى ئالاھىدە كەچۈرۈم قىلىش توغرىسىدىكى قارارىغا ئاساسەن ،ھازىر جازا ئۆتەۋاتقان ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش ` ئازاتلىق ئۇرۇشلىرىغا قاتناشقان قاتارلىق 4خىل جىنايەتچى ئالاھىدە كەچۈرۈم قىلىندى . رەئىسنىڭ ئالاھىدە كەچۈرۈم بۇيرۇقىغا ئاساسەن ، 2015- يىلى 1- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن بۇرۇن خەلق سودىنىڭ ھۆكۆمى ئىلان قىلىنىپ جازا ئۆتەۋاتقان ، قويۇپ بىرىلگەندىن كىيىن رىيال جەمئىيەتكە خەتىرى بولمايدىغان 4خىل جىنايەتچى ئالاھىدە كەچۈرۈم قىلىندى .
▲جۇڭگۇ تامۇژنا باش مەھكىمىسى شىنجاڭ ئالاتاۋ چىگىرا ئېغىزىدىن ئاپتوموبىلنى پۈتۈن پېتى ئېمپورت قىلىش تىجارىتىنى يولغا قويۇشنى رەسمى تەستىقلىدى .شۇ كۈنىدىن باشلاپ شىنجاڭلىقلارنىڭ ئالاتاۋ ئېغىزىدىن كىرگۈزۈلگەن ئاپتوموبىللارنى سېتىۋېلىشىدىن ئۆمىت تۇغۇلدى . ئالاتاۋ ئېغىزىدىن ئاپتوموبىل ئېمپورت قىلغاندا ئاپتوموبىلنى ياۋروپادىن كىرگۈزۈشكە 15كۈن ئەتراپىدىلا ۋاقىت كىتىدىكەن ، دېڭىز بويى چىگىرا ئېغىزلىرى ئارقىلىق ئېمپورت قىلغاندىكىدىن 1ئاي ۋاقىت تىجەپ قالغىلى بولىدىكەن . ئېمپورت قىلىنغان ماللار ئونۋېرسال باجدىن خالى رايۇنغا كىرگەندىن كىيىن ، باجدىن خالى رايۇنىدا تەسىس قىلىنغان تارقىتىش نوقتىىسدا چۈشۈرۈش قاچىلاش ۋە چېتىش ئىشلىرىنى ئەركىن ئازادە قىلىپ تامۇژنىدىن ئۆتكۈزۈش ۋاقتىنى زور دەرىجىدە قىسقارتقىلى بولىدىكەن .
▲دۆلەت ئېلىكتىر تورى شىنجاڭ ئېلىكتىر ئېنىرگىيە شىركىتى بۇلتۇر رەسمىي باشلىغان ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 750 كىلوۋولتلۇق ئاساسىي ئېلىكتىر تورى قۇرۇلۇشى بۇ يىلنىڭ ئاخىرلىرى ئاساسىي جەھەتتىن تاماملىنىشى مۇمكىن. نۆۋەتتە، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدىكى 2 ۋىلايەت، بىر ئوبلاستقا توك يەتكۈزۈشتىكى نۇقتىلىق قۇرۇلۇش بولغان ئاقسۇ 750 كىلوۋولتلۇق تىرانسىفورماتور پونكىتى سىناش باسقۇچىغا قەدەم قويدى.
▲ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئىشلەپچىقىرىش- سېتىش- يەتكۈزۈش تور پەن- تېخنىكىسى ئوبوروت سۇپىسى يېقىندا رەسمىي ئىشقا كىرىشتى. بۇ سۇپا-- دۆلەت ئىچىدىكى مىڭلىغان- ئونمىڭلىغان كارخانىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئۇچۇرى ۋە يىپەك يولى بويىدىكى دۆلەتلەرنىڭ سېتىۋېلىش ئۇچۇرلىرىنى بىرىكتۈرگەن بولۇپ، ئالماشتۇرۇش ۋە ئۇدۇللاشتۇرۇش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ. كەلگۈسىدە يەنە مەملىكەت بويىچە تور تېخنىكا تارماق ئاپپاراتىدىن 34 نى قۇرىدۇ.
▲2- نۆۋەتلىك شىنجاڭ تەڭرىتاغ بوغدا كۆلى ئىبادەتخانا سەيلىسى تۈنۆگۈن (8.30) تەڭرىتاغ بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونىدا ئۆتكۈزۈلدى.
▲تۈنۆگۈن (8.30) تۇرپان شەھىرىنىڭ ئېدىقۇت رايونى 2015- يىللىق «سۇچىلىق لوڭقىسى» شىنجاڭ ئالاھىدە بېلىق تۇتۇش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزدى.
▲تۇنجى نۆۋەتلىك يىپەك يولى مورى سەيزىگۇ يېزا ئەدەبىيات- سەنئەت مۇكاپاتىنى تارقىتىش مۇراسىمى مۇشۇ ئاينىڭ 29- كۈنى ئۆتكۈزۈلدى. داڭلىق يازغۇچى جيا پىڭئاۋ ئەپەندى بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشتى.
▲بورانلىق ھاۋارايىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان جەنۇبىي شىنجاڭ تۆمۈر يولىنىڭ تۇرپاندىن ئېۋىرغولغىچە بولغان بۆلىكىدە، تۈنۆگۈن (8.30) چۈشتىن كېيىن، بوران كۈچى 11 بالغا چۈشتى. جەنۇبىي شىنجاڭ تۆمۈر يولىدا قاتناش ئەسلىگە كەلدى.
▲ئۈرۈمچى شەھىرى ئالتاي يولىدىكى يول يۈزى قۇرۇلۇشى بۈگۈن (8.31) چۈشتىن كېيىن پۈتۈپ سىناق تەرىقىسىدە قاتناش باشلىنىدۇ. ئەتە (9.1)دىن باشلاپ، ئالتاي يولىدىن ئۆتىدىغان بىر قىسىم ئاممىۋى ئاپتوبۇس لىنىيەلىرى ئەسلىگە كېلىدۇ.
Tags:تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
ئاياغ ساناش
2015-11-12 21:53:21898ۋەتەن------شېئىر
2015-09-03 20:54:32612بەخت كېلىدۇ -مۆمىنجان ئابلىكىم
2015-12-08 15:31:311359قوي ۋە ئىنساننىڭ ساغلاملىقى
2015-12-30 14:58:231016يولدا كېلىۋاتقاندۇ
2015-10-17 15:34:49647«كەلگۈسىدە پۇل تاپقىلى بولىدىغان يەتتە خىل سودا
2015-08-27 19:47:21860ئېرىشىش ۋە يوقىتىش
2015-12-22 14:37:38791ئىككى چىلەك
2015-09-16 14:57:52730
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-