مەسەللەر
-
مەسەللەر
ۋاقتى: 2015-09-01 ئاۋاتلىقى: 488 قېتىميانفوندا كۆرۈش
ئەزىز قېرىنداشلار ، ئاتا- بوۋىلىرىمىز زامان- زامانلاردىن بۇيان مول تۇرمۇش ھەقىقىتى بايان قىلىنغان ئاجايىپ ئىبرەتلىك چۆچەك ۋە مەسەللەرنى بىزگە قالدۇرغان، ئاتا- بوۋىلىرىمىزنىڭ بۇ خىل ئىبرەتلىك چۆچەك- مەسەللىرى تۇرمۇشىمىزدا ئۆرنەك قىلىشىمىزغا، ياش- ئەۋلادلارنى ئەقلى- ئەقلاقى جەھەتلەردىن تەربىيىلىشىمىزدە بەلگىلىك قىممەتلەرگە ئىگە. قېنى ئەمدى دىققىتىڭلار تۆۋەندىكى مەسەللەردە بولسۇن.
«سالامەتلىك بىلەن بايلىق»
بىر كۈنى سالامەتلىك ئۆزىگە بولغان چوڭ ئىشەنچ بىلەن بايلىققا:
- مەن ساڭا ئوخشاش ئازغىنە پۇلغا ئىگە بولغاندا جاھانغا پاتماي كۆرەڭلەيدىغان ئادەمنى زادىلا كۆرمەپتىمەن. راست گەپنى قىلغاندا، سەن قانچىلىك باي بولۇشۇڭدىن قەتىنەزەر، مەن خالىساملا ھەر ۋاقىت سېنى يارىتالايمەن،- دەپتۇ.
بايلىق سېمىز بەدەنلىرىنى مىدىرلىتىپ، سالامەتلىكنىڭ گېپىگە قايىل بولمىغان ھالدا سالامەتلىككە:
- بۇ نىمە دىگىنىڭ، سەن مېنى يارىتالىساڭ مەنمۇ سېنى يارىتالايمەن،- دەپتۇ.
- قولۇڭدىن كەلسە مېنى يارىتىپ باقە قېنى ! ـــ دەپتۇ سالامەتلىك.
بايلىق سىناق قىپتۇ، ئەپسۇس، ئۇ ھەر قانچە تىرىشچانلىق كۆرسۈتۈپمۇ سالامەتلىكنى يارىتالماپتۇ.
دىمەك، بايلىق ئارقىلىق سالامەتلىكنى ياراتقېلى بولمايدۇ، ئەمما سالامەتلىك ئارقىلىق سان ــ ساناقسىز بايلىقنى ياراتقېلى بولۇدۇ.
«يېتەرسىزلىك بىلەن ئارتۇقچىلىق»
بىر كۈنى يېتەرسىزلىك كۆڭلى يېرىم ھالدا ئارتۇقچىلىققا:
- سەن ھەمىشە ماڭا بىرمۇ ئارتۇقچىلىقى يوق دەپ قاراۋەرمە. بىلىشىڭ كېرەككى، ئۆزىنىڭ يېتەرسىزلىكىنى ئېتىراپ قىلىش ئۈچۈن چوقۇم غەيرەتلىك بولۇش كېرەك،- دەپتۇ.
ئارتۇقچىلىق بۇ گەپنى ئاڭلىغاندىن كېيىن بېشىنى لىڭشىتىپ:
- توغرا ئېيتتىڭ، ئۆزىنىڭ يىتەرسىزلىكىنى ئېتىراپ قىلىش ئۈچۈن غەيرەتلىك بولۇش كېرەك. ئەمما، باشقىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى ئېتىراپ قىلىش ئۈچۈنمۇ زور غەيرەت ــ شىجائەت بولۇشى كېرەك،- دەپتۇ.
دىمەك، ئادەم ئۆزىنىڭ يېتەرسىزلىكىنى ئېتىراپ قىلىشقا جۈرئەتلىك بولۇپلا قالماستىن، بەلكى باشقىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى ئېتىراپ قىلىشقىمۇ جۈرئەت قىلىشى كېرەك.
«گۈزەل ئەخلاق بىلەن گۈزەل چىراي»
بىر كۈنى گۈزەل چىراي ئۆزىنىڭ مەپتۇن قىلىدىغان قىياپەتلىرى بىلەن نۇرغۇن چوقۇنغۇچىلارنى ئۆزىگە جەلپ قىلىۋاپتۇ. بۇنىڭ بىلەن گۈزەل چىراي ناھايىتى كۆرەڭلەپ كېتىپتۇ ــ دە، گۈزەل ئەخلاققا:
- كۆردۈڭمۇ، مەن لاتاپىتىمگە تايىنىپ نۇرغۇنلىغان چوقۇنغۇچىلارنى ئۆزۈمگە رام قىلىۋالدىم. سەن قانچىلىك ئادەمنى ئۆزۈڭگە جەلپ قىلالايسەن، سېنىڭ قولۇڭدىن زادى نىمە ئىش كېلىدۇ؟- دەپتۇ.
گۈزەل ئەخلاق تەمكىن ھالدا ئەستايىدىللىق بىلەن گۈزەل چىرايغا:
- مەن گەرچە كىشىلەرنىڭ كۆزىنى ئۆزۈمگە جەلپ قىلالمىساممۇ، لېكىن مەن كىشىلەرنىڭ قەلبىنى تەسىرلەندۈرەلەيمەن، ھاياجانلاندۇرالايمەن،- دەپتۇ.
دىمەك، گۈزەل چىراي بىلەن كىشىلەرنىڭ كۆزىنى جەلپ قىلغىلى بولسىم، لېكىن گۈزەل ئەخلاق بىلەن كىشىلەرنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالغىلى بولۇدۇ.
Tags: مەسەللەرتەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى پاي چېكى ئوينىمىغىنى تۈزۈك
2015-08-27 20:55:19593ئۈرۈمچى ----خەلقئارا چوڭ بازىر
2015-09-02 10:28:43832ئىككى چىلەك
2015-09-16 14:57:52730تەشتەكتىكى گۈل
2015-10-26 13:17:20707مۇلازىمەت ۋە مۇۋەپپەقىيەت
2015-08-27 20:37:371057ھاياتلىق ھارغىنلىق ئەمەس
2015-11-16 15:04:29870تەبەسسۇم ھەقىقەتەنمۇ ئىنسان ھاياتىنىڭ توزۇماس گۈ
2015-10-17 15:41:13646سالماقلىق ئالىي پەزىلەتتۇر
2015-09-02 21:48:15589
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-