دىلسادا يانبىلوگى

123
دىلسادا گۈدۈكى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز دوستلار، دىللارغا ھوزۇر بەخش ئەتكۈچى يېقىشلىق مەزمۇنلارنى دىلسادادىن ئىزدەڭ! بۇلۇت بولۇپ تاغلار ئاشايلى، خۇددى يامغۇر بولۇپ ياشايلى. قۇشلار بىزگە ئېيتسۇن تەشەككۈر، چۆللەردىمۇ بوستان ياسايلى. ئېتىزلاردا قونالمىساقمۇ، كۈزدە خامان سورالمىساقمۇ. ياخشىلاردىن بولالمىساقمۇ، ياخشىلارغا تۇمار ئاسايلى.
تەۋسىيە يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

يېڭى پېتى ئىستېمال قىلىشقا بولمايدىغان يىمەكلىكلەر ھەققىدە ساۋات

يېڭى پېتى ئىستېمال قىلىشقا بولمايدىغان يىمەكلىكلەر ھەققىدە ساۋات

ۋاقتى: 2015-09-01 ئاۋاتلىقى: 548 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

يېڭى پېتى ئىستېمال قىلىشقا بولمايدىغان يىمەكلىكلەر ھەققىدە ساۋات 


   ئادەتتە يىمەكلىكلەر قانچە يېڭى پېتى ئىستىمال قىلىنسا ئوزۇقلۇق قىممىتى شۇنچە يۇقۇرى بولىدۇ. بىراق بۇ پىرىنسىپ بارلىق يىمەكلىكلەرگە ماس كېلىۋەرمەيدۇ. مۇتەخەسسىسلەر تۆۋەندىكى بىرقانچە خىل يىمەكلىكنى يېڭى پېتى ئىستېمال قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك دەپ كۆرسەتتى.
   يېڭى سۇت: يېڭى سېغىلغان كالا سۈتىدە برۇتسېللا تاياقچە باكتېرىيەسى، سىل تاياقچە باكتېرىيەسى قاتارلىقلار بار بولۇپ ئۇلار ئادەم  ۋە ھايۋانلاردا ئورتاق يۇقۇملۇق كېسەللىكنى پەيدا قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ، سۇتنىڭ سېغىلىش موھىت تازىلىقى، يېڭى سۈت قاچىلايدىغان قاچىلارنىڭ دېزىنفىكسىيەلىنىشى، سۈت ساغقۇچىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى قاتارلىقلارغىمۇ كاپالەتلىك قىلىش قىيىن. شۇڭا قانۇنلۇق زاۋۇتلار ئىشلەپچىقارغان مۇنتىزىم تاللا بازارلىرىدا سېتىلغان كالا سۈتلىرىنى ئىستىمال قىلساق بىرقەدەر بىخەتەر بولىدۇ.
   يېڭى چاي: بۇ يىغىۋېلىنغىنىغا بىر ئاي بولمىغان قارا چاينى كۆرسىتىدۇ. يېڭى يىغىۋېلىپلا دەملەنگەن چاي تەركىۋىدە، بىرقەدەر كۈچلۈك بولغان تاننىك كىسلاتاسى، بىيولوگىيەلىك ئىشقار قاتارلىقلار بار بولۇپ، كۆپ ئىستىمال قىلىنسا نېرۋا سېستىمىسىنى كۈچلۈك غىدىقلاپ، قان سۇيۇقلۇغىنىڭ ئايلىنىشىنى تېزلىتىش، يۈرەك رېتىمسىز سېلىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا قېنىق دەملەشتىن ۋە كۆپ ئىستىمال قىلىشتىن ساقلىنىشىمىز، ئەڭ ياخشىسى دەملەپ بولغاندىن كېيىن ئازراق ۋاقىت ساقلاپ، تەركىبىدىكى پونىفېنول تۈرىدىكى ماددىلارنى ئوكسىدلاندۇرۇپ ئاندىن ئىچىشى كېرەك.
    يېڭى چېچەكسەي: تەركىبىدە كولچىتسىن بار بولۇپ، ئاشقازان، ئۈچەي يوللىرىغا قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، زەھەرلىك ماددىغا ئۆزگىرىپ يىمەكلىكتىن زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇنى ئىستېمال قىلىشتىن ئىلگىرى ھوردا پىشۇرۇش، ئاپتاپقا سېلىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق تەركىبىدىكى كولچىتسىننى چىقىرىۋەتسەك بىخەتەر بولىدۇ. كولچىتسىن سۇنى ئاسان سۈمۈرىدۇ. شۇڭا يېڭى چېچەكسەينى ئستېمال قىلىشقا توغرا كەلگەندە ئاۋال قىزدۇرۇش، سۇدا قاينىتىش ياكى قايناقسۇغا چىلاش ئارقىلىق سۇسۇزلەندۇرۇش كېرەك.
   يېڭى قېرىن قۇلاق: تەركىبىدە"پوفىرىن"دەپ ئاتىلىدىغان خىمىيەلىك ماددا بار. ئۇنىڭ قېرىن قۇلاققا بولغان سېزىمى كۈچلۈك بولۇپ، قېرىن قۇلاقنى يېڭى پېتى ئىستېمال قىلغاندا، قۇياش نۇرىنىڭ تەسىرىدە ئۆسۈملۈك كۈن نۇرى خارەكتىرلىك تېرە ياللۇغى پەيدا قىلىپ، تېرە قىچىشىش، قىزىرىپ ئىششىش، قىچىشىپ ئاغرىش قاتارلىقلار كېلىپ چىقىدۇ، قۇرۇتۇلغان قېرىن قۇلاقنىڭ تەركىبىدىكى پوفرىن ئاپتاپقا قاقلىنىش جەريانىدا پارچىلىنىپ كەتكەن بولىدۇ. يېڭى قېرىن قۇلاقنى ئىستېمال قىلىشتىن ئاۋال سۇغا چىلاپ قويسا تەركىبىدىكى زەھەرلىك ماددا ئېرىپ چىقىپ كېتىدۇ. بۇ ئۇسۇلنى قوللانغاندا قېرىن قۇلاق چىلىغان سۇنى بىرقانچە قېتىم ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش كېرەك.
   يېڭى چىلانغان كۆكتات: تەركىبىدە بەلگىلىك مىقداردا ناترىي نىترات بار بولۇپ، تۇزغا چىلىنىش جەريانىدا نىتراتلارغا ئۆزگىرىپ، قويۇقلۇغى يۇقىرىلىغاندىن كېيىن، نىتىراتلار تەدرىجىي باكتىرىيەنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ ياكى پارچىلىنىپ كېتىدۇ. نىتراتلار راكنى پەيدا قىلىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە بولۇپ، ئادەتتە چىلانغان كۆكتات تەركىبىدىكى نىتراتلار ئەڭ كۆپ بولغاندا كۆكتات چىلىنىپ 2-3 كۈندىن كېيىن 10 نەچچە كۈن ئارلىقىدا پەيدا بولىدۇ. شۇڭا چىلىغان كۆكتاتنى ئەڭ ياخشىسى 20 كۈندىن كېيىن ئىستېمال قىلساق ياخشى بولىدۇ.


بايانات

بۇلۇت بولۇپ تاغلار ئاشايلى، خۇددى يامغۇر بولۇپ ياشايلى. قۇشلار بىزگە ئېيتسۇن تەشەككۈر، چۆللەردىمۇ بوستان ياسايلى. ئېتىزلاردا قونالمىساقمۇ، كۈزدە خامان سورالمىساقمۇ. ياخشىلاردىن بولالمىساقمۇ، ياخشىلارغا تۇمار ئاسايلى.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى