مەن نەگە بارماقچى؟ نېمە قىلماقچى؟
-
مەن نەگە بارماقچى؟ نېمە قىلماقچى؟
ۋاقتى: 2015-09-02 ئاۋاتلىقى: 778 قېتىميانفوندا كۆرۈش
ھاياتلىق سەپىرىڭىزدە ھەربىر دەۋرنى باشتىن ئۆتكۈزگىنىڭىزدە، ھەربىر بۆلەك يولنى مېڭىپ بولغىنىڭىزدا كەينىڭىزگە بۇرۇلۇپ قاراپ بېقىڭ. كۈن ئولتۇرۇشتىن ئىلگىرى قايتىپ كېلەلەمسىز يوق؟ يا بولمىسا توختاپ تۇرۇپ چوڭقۇر ئويلانغاندىن كېيىن؛«مەن نەگە بارماقچى؟ نىمە قىلماقچى؟» دەپ ئۆزىڭىزگە سۇئال قويۇڭ. بۇنىڭدا ئېھتىمال ئىشلىرىڭىز ئاددىيلىشىپ، نىشانىڭىزدىن يىراقلاپ كەتمەسلىكىڭىز مۇمكىن، شۇنداق قىلالىسىڭىز ھازىرنى قولدىن بېرىپ قويمايسىز، ئۆزىڭىزنىمۇ يۇقىتىپ قويمايسىز.
ئوخشاش بىر دۇنيادا ئوخشىمىغان ئادەملەرنىڭ ئوخشىمىغان ياشاش ئۇسۇلى بولىدۇ. ھەربىرىمىزنىڭ ئېرىشكەن نەرسىمىز ئوخشاش بولمىغىنىدەك يوقاتقان نەرسىلىرىمىزمۇ ئوخشاش بولمايدۇ، قۇياشتىن ئايرىلىپ قالغىنىمىزدا، كېچە ئاسمىنىدىكى سان - ساناقسز يۇلتۇرلارغا ئېرىشىمىز؛ غەمسىز بالىلىق چاغلىرىمىزدىن ئايرىلىپ قالغاندا، رەڭدار ياشلىق باھار دەۋرىگە قەدەم قويىمىز. تۇرمۇشتىكى خۇشاللىق ۋە ئازابلار ھەمىشە بىر- بىرىنى تولۇقلاپ تۇرىدۇ.
ئەمەلىيەتتە، بەخت تولىمۇ ئاددىي بولىدۇ. بەخت كۆپ ھاللاردا مەنىۋى قاتلامغا مەنسۈپ بولۇپ، ئۇنى كىشىلەر ئۆزىگە تايىنىپ ھېس قىلىدۇ. تۇرمۇش ئادىل بولىدۇ، مەيلى سىز جەمئىيەتنىڭ قايسى قاتلىمىدا ياشاڭ، مەيلى سىز باي ياكى كەمبىغەل بولۇڭ، سىز تۇرمۇشقا ئەستايىدىللىق بىلەن مۇئامىلە قىلسىڭىز، سىزگە ياشاش ھوقۇقى بەرگەن بۇ دۇنيادىن شۇنداقلا ئەتراپىڭىزدىكى كىشىلەردىن چىن كۈڭلىڭىزدىن مىننەتدار بولسىڭىز قەلبىڭىزدە ئۈمىد نۇرى بولىدىكەن، ئۇنداقتا، سىز بەخىتلىك ھېسابلىنىسىز.
مۇۋەپپەقىيەتنىڭ مەنبەسى قىلچە بوشاشماي قىلىنغان جاپالىق ئەمگەك، مۇۋەپپەقىيەت خىيالپەرەسلەرگە، مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن بەدەل تۆلەشنى خالىمايدىغان كىشىلەرگە مەڭگۈ مەنسۈپ بولمايدۇ. مۇۋەپپەقىيەت گۈلىنى تىرىشچانلىق سۈيى بىلەن سۇغىرىش كېرەك. شان- شەرەپ، بايلىق مۇۋەپپەقىيەتكە تەڭداش ئەمەس، مۇۋەپپەقىيەت ئۆزىنى بېغىشلاش ۋە نىسبەتەن زور تۆھپە كۆرسىتىشتىن دېرەك بېرىدۇ.Tags:تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
ۋەتەن------شېئىر
2015-09-03 20:54:32667ھەر كىمنىڭ ئۆزىگە باغلىق
2015-08-30 21:42:28627ئىككى چىلەك
2015-09-16 14:57:52752باققاللىق كەسپى
2015-08-27 20:28:37771«ئۆمەر ھەييام ۋە ئۇنىڭ رۇبائىيلىرى ھەققىدە»
2015-08-29 15:21:38766تەبەسسۇم ھەقىقەتەنمۇ ئىنسان ھاياتىنىڭ توزۇماس گۈ
2015-10-17 15:41:13671ئەخلەت بايلىقىدىن قانداق پايدىلىنىمىز
2015-08-27 19:55:25514ئۆزۈڭنى بوش چاغلىما
2015-10-14 14:52:26998
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-