دىلسادا يانبىلوگى

123
دىلسادا گۈدۈكى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز دوستلار، دىللارغا ھوزۇر بەخش ئەتكۈچى يېقىشلىق مەزمۇنلارنى دىلسادادىن ئىزدەڭ! بۇلۇت بولۇپ تاغلار ئاشايلى، خۇددى يامغۇر بولۇپ ياشايلى. قۇشلار بىزگە ئېيتسۇن تەشەككۈر، چۆللەردىمۇ بوستان ياسايلى. ئېتىزلاردا قونالمىساقمۇ، كۈزدە خامان سورالمىساقمۇ. ياخشىلاردىن بولالمىساقمۇ، ياخشىلارغا تۇمار ئاسايلى.
تەۋسىيە يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

ئۈرۈمچى ----خەلقئارا چوڭ بازىر

ئۈرۈمچى ----خەلقئارا چوڭ بازىر

ۋاقتى: 2015-09-02 ئاۋاتلىقى: 837 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

 

 

ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى دۆڭكۆۋرۈك سودا چەمبىرىگە جايلاشقان شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازىرى 2003- يىلى 6- ئاينىڭ 26- كۈنى سېلىنغان بولۇپ، ئومۇمىي قۇرۇلۇش كۆلىمى 100 مىڭ كۋادىرات مېتىر كېلىدۇ. بۇ يەردە 10 مىڭ دۇكان بار بولۇپ، نۆۋەتتە دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ سودا بازىرى ھىساپلىنىدۇ.

 

 


شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازىرىنىڭ لايىھىلىگۈچىسى-- ئاپتونوم رايونىمىزدىكى داڭلىق ئارخىتىكتور، شىنجاڭ بىناكارلىق لايىھىلەش تەتقىقات يۇرتىنىڭ پەخرىي باشلىقى، جۇڭگو قۇرۇلۇش پەنلەر ئاكادىمىيەسىنىڭ ئاكادىمىكى ۋاڭ شياۋدۇڭ بولۇپ، شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازىرىنى لايىھىلەشتىن ئىلگىرى، ئۇ 5 يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ، نەچچە 10 دۆلەتكە بېرىپ، دۇنيادىكى بىر قىسىم داڭلىق ئىسلام بىناكارلىق قۇرۇلۇشلىرىنى تەتقىق قىلىش ئاساسىدا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئىسلام بىناكارلىق قۇرۇلۇشلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە بىرلەشتۈرۈپ تۇرۇپ، روشەن ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازىرىنى لايىھىلەپ چىقتى.


شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازىرىنىڭ ئىچىدە،  زىياپەت زالى، يىمەك- ئىچمەك مەيدانى، شادلىق مەيدانى شۇنىڭدەك 80 مېتىر ئىگىزلىكتىكى ساياھەت مۇنارى ۋە مەسجىد بار بولۇپ، ئۆزىگە خاس   ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە. 10 مىڭ دۇكاندا تىجارەت قىلىۋاتقان سودىگەرلەر دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن بولسىمۇ، %70ى يەنىلا شىنجاڭلىقلار بولۇپ، ئۇلار ساتىدىغان تاۋارلار قول ھۈنەر بويۇملىرى، قاشتېشى بويۇملىرى، ئۈنچە- مەرۋايىتتىن تارتىپ، قۇرۇق يەل- يىمىش، مىۋە- چىۋە، كىيىم- كېچەك قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ سودىگەرلەرنىڭ ئىچىدىكى بىر قىسىملىرى ئىشتىن قالغانلار بولۇپ، شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازىرى ئۇلارنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەتتى. شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازىرىدا يەنە كەررىفور قاتارلىق خەلقئاراغا داڭلىق زەنجىرسىمان دۇكانلار بار بولۇپ، شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازىرىنى دۆڭكۆۋرۈكنىڭ تارىخىي ئۆزگىرىشىنىڭ ئەڭ ياخشى چۈشەندۈرمىسى دىيىشكە بولىدۇ.

 

 


شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازىرى يەنە دۆلەت ئىچى- سىرتىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى ئۆزگىچە ساياھەت تەسىراتىغا ئىگە قىلدى. ساياھەتچىلىكنىڭ بېسىق مەزگىلىدە، ھەر كۈنى بۇ يەرگە كېلىدىغان ساياھەت ئۆمەكلىرىنىڭ سانى 50تىن كۆپرەككە، ساياھەتچى سانى 10 مىڭ ئادەم قېتىمدىن كۆپرەككە يېتىدۇ. كەچتە، ساياھەتچىلەر بۇ يەردە يەنە چوڭ تىپتىكى ناخشا- ئۇسسۇل كېچىلىكى «يىپەك يولىدىكى مىڭ يىللىق تەسىرات»تىن ھوزۇر ئالالايدۇ. كېچىلىكنىڭ ئاخىرىدا، ساياھەتچىلەر سەھنىگە چىقىپ، ئارتىسلار بىلەن بىرلىكتە ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناپ، شادلىققا چۆمەلەيدۇ.
ھازىر، شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازىرى-- ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ سودا ۋە ساياھەت ئىشلىرىنىڭ گۈللەنگەنلىكىنىڭ ئىسپاتى بولۇپلا قالماي، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى بەلگە خاراكتىرلىك مەنزىرە بولۇپ قالدى. 

 

 

 

 

بايانات

بۇلۇت بولۇپ تاغلار ئاشايلى، خۇددى يامغۇر بولۇپ ياشايلى. قۇشلار بىزگە ئېيتسۇن تەشەككۈر، چۆللەردىمۇ بوستان ياسايلى. ئېتىزلاردا قونالمىساقمۇ، كۈزدە خامان سورالمىساقمۇ. ياخشىلاردىن بولالمىساقمۇ، ياخشىلارغا تۇمار ئاسايلى.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى