دىلسادا يانبىلوگى

123
دىلسادا گۈدۈكى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز دوستلار، دىللارغا ھوزۇر بەخش ئەتكۈچى يېقىشلىق مەزمۇنلارنى دىلسادادىن ئىزدەڭ! بۇلۇت بولۇپ تاغلار ئاشايلى، خۇددى يامغۇر بولۇپ ياشايلى. قۇشلار بىزگە ئېيتسۇن تەشەككۈر، چۆللەردىمۇ بوستان ياسايلى. ئېتىزلاردا قونالمىساقمۇ، كۈزدە خامان سورالمىساقمۇ. ياخشىلاردىن بولالمىساقمۇ، ياخشىلارغا تۇمار ئاسايلى.
تەۋسىيە يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

سالماقلىق ئالىي پەزىلەتتۇر

سالماقلىق ئالىي پەزىلەتتۇر

ۋاقتى: 2015-09-02 ئاۋاتلىقى: 584 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

سالماقلىق ئالىي پەزىلەتتۇر





ئازاب كىشىلەر ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدا يولۇقۇپ تۇرىدىغان ھادىسە. ئۇ كىشىنىڭ ئۆزىگە-ئۆزى خوجا بولۇشىنى چەكلەپ، تۇرمۇشتىكى خۇشاللىقىنى ئازايتىپ، ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدىكى روھىي كەيپىياتىغا پۇتلىكاشاڭ بولىدۇ. شۇڭا روھىي ھالىتى ساغلام كىشى ئازابنىڭ ئىسكەنجىسىدىن قۇتۇلۇپ، جۇشقۇنلۇق ۋە شىجائەت بىلەن جاپالىق ھەم خەتەرلىك ئىشلارغا يۈزلىنىپ، ئۆزىنى ئەڭ ياخشى ھالەتكە كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىدۇ.
بىر دانىشمەن: «كىشىلىك ھاياتتىكى ئەڭ قورقۇنچلۇق نەرسە ئازابتىن قۇتۇلالماي، ئۇنىڭ ئىسكەنجىسىدە ياشاش» دېگەن ئىكەن. سىز بىر نەرسىنى ئازابلىق دەپ قارىسىڭىز، ئۇ سىزگە ھەم ئازابلىق ھەم قورقۇنچلۇق تۇيۇلىدۇ، ئازابلىق ئويلارنى چۆرۈپ تاشلاشقا جۈرئەت قىلسىڭىزلا، ئۇ ئازابلىق ھەم قورقۇنچلۇق تۇيۇلمايدۇ. كىشى ئۆزىدە «مەندە ئازابلانغۇدەك ھېچقانداق ئىش يوق» دەيدىغان روھ ۋە جاسارەتنى ھازىرلىغاندىلا، ئاندىن ھايات يەلكىنىنى ئېگىز چىقىرىپ يىراققا سەپەر قىلالايدۇ.
سىز يولۇققان ئازاب ئۈچۈن قاقشاپ كەتمەڭ. دائىم ئاغرىنىش ئۆزىڭىزنىڭ ئاجىزلىقىنى ئېتىراپ قىلغانغا تەڭ بولۇپ، قولىڭىزدىن كېلىدىغان ئىشنىڭ ئۆزگەرتىش ياكى قۇتۇلۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىش بولماستىن، پەقەت زاماندىن، جەمئىيەتتىن، تۇرمۇشتىن ئاغرىنىش ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت ئاجىزلىقىڭىزنى ئاشكارىلاپ قويىسىز.
ئادەم بىر ئۆمۈر ياشاپمۇ كىشىلىك ھاياتنى چۈشىنىپ كېتەلمەيدۇ. لېكىن، بۇمۇ ياخشى ئىش، بەزىدە كىشىلىك ھاياتنى بەك چۈشىنىپ كەتسە، ئۈمىدسىزلىنىپ ھەتتا ئازابلىنىپ قېلىشى مۇمكىن. ياخشى كىشىلىك ھايات خۇددى ئايدىڭ كېچىگە ئوخشايدۇ، سىز ئۇنىڭ گۈزەللىكىنى ھېس قىلىسىز. لېكىن ئۇنىڭ قانداق گۈزەللىكىنى مەڭگۈ ئېيتىپ بېرەلمەيسىز. بۇنىڭ ئۈچۈن كىشى ئازابلانمايدۇ، بەلكى شادلىنىدۇ. جەمئىيەت تەرەققىي قىلىپ، ئىقتىساد يۈكسەلگەنسېرى ئەتراپتىكىلەر بىلەن ئۆزىنى سېلىشتۇرۇپ، سېلىشتۇرغانسېرى ئائىلىسىدىكى قىيىنچىلىق تۈپەيلىدىن ھاياتلىقتىن نارازى بولۇپ، كۈنلىرىنى ئازاب ئىچىدە ئۆتكۈزۈۋاتقانلارنىڭ كۆپلۈكى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ. بۇنداق ئاغرىنىشلار ياشلىرىمىزدا گەۋدىلىك بولماقتا. ھازىر بەزى ياشلار دادىسىنىڭ ئۇتۇق قازىنالمىغانلىقى، زەردار بولالمىغانلىقى، ئائىلىسىنىڭ كېلىپ چىقىشىنىڭ باي ئەمەسلىكىدىن ئازابلىنىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ياش تۇرۇپلا بۇنداق ئىشلارغا ئازابلىنىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق. كىچىكىدىن تارتىپ جاپا تارتىش كىشىنى قەيسەر، ئىرادىلىك، جاپا-مۇشەققەتكە باش ئەگمەيدىغان قىلىدۇ. ئائىلە كېلىپ چىقىش سەۋەبلىك ئۆزىنى تۆۋەن چاغلاش شۇ كىشىنىڭ پىسخىكىسىدىكى ناچار ئايلىنىش بولۇپ، ئۇ ئۆزىنى ئازابلىق ھېس قىلىپ، قورقۇنچاق كىشىلەر قاتارىدىن ئورۇن ئېلىشقا مەجبۇر بولىدۇ. ئەمما «جاپا تارتماي ھالاۋەت يوق» دېگەن ئۇقۇم ئەڭ ياخشى بولغان كىشىلىك ھايات كارتىنىسىدۇر. گەرچە بىز ئۆزىمىزنىڭ بۇ دۇنياغا ئاپىرىدە بولۇشنى تاللىيالمىساقمۇ، لېكىن بىز ئۆزىمىزنىڭ كەلگۈسى تۇرمۇشىمىزنى تاللىيالايمىز. بىز تىرىشچانلىقىمىز ئارقىلىق تەقدىرىمىزنى ئۆزگەرتەلەيمىز. ھەممە كىشىنىڭ غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئىستىكى ۋە پۇرسىتى بولىدۇ. پەقەت تىرىشچانلىقىمىزغا تايىنىپ ھاياتىي كۈچىمىزنى ئۇرغۇتساقلا، ئاندىن ئۆزىمىزگە تەۋە گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتالايمىز.
تۇرمۇشتا ئازابقا يولۇققان بىر يىگىت ئازابىنى تۈگىتىشنىڭ سىرىنى ئىزدەپ مېڭىپتۇ. بىر كۈنى ئۇ بىر پادىچى بالىنىڭ تاغ باغرىدىكى ئوتلاقتا غەمسىز، ئەركىن-ئازادە ھالدا نەي چېلىپ يۈرگەنلىكىنى كۆرۈپ ئۇنىڭدىن سوراپتۇ:
ـــ سەن شۇنچە خۇشال يۈرۈيسەن، ئەجەبا سېنىڭ بىرەر ئازابىڭ يوقمۇ؟
پادىچى بالا:
ـــ كالىغا مىنىۋېلىپ نەي چالسام بارلىق ئازابلىرىم يوقىلىدۇ، دەپ جاۋاب بېرىپتۇ.
يىگىت بالىنىڭ دېگىنى بويىچە سىناپ بېقىپتۇ. بىراق كۆڭلىدىكى ئازابلىرىنى يەنىلا يوقىتالماپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ پادىچى بالىدىن ئايرىلىپ يەنە داۋاملىق مېڭىشقا مەجبۇر بوپتۇ.
بۇ قېتىم ئۇ بىر دەريا بويىغا كەپتۇ ۋە بىر بوۋاينىڭ دەريا قىرغىقىدا خۇشال ھالدا سۇ يۈزىدىكى بېلىق قارمىقىغا قاراپ ئولتۇرغانلىقىنى كۆرۈپتۇ، ئۇ بوۋاينىڭ ئالدىغا كېلىپ:
سىزنىڭ بۇنداق خاتىرجەم بېلىق تۇتۇپ ئولتۇرغانلىقىڭىزدىن قارىغاندا، كۆڭلىڭىزدە ئازراقمۇ غەم-قايغۇڭىز يوق ئوخشىمامدۇ؟ - دەپ سوراپتۇ.
بوۋاي كۈلۈپ تۇرۇپ:
ـــ تىپتىنچ سۇ يۈزىگە قاراپ بېلىق تۇتۇپ ئولتۇرغىنىمدا بارلىق ئازابلىرىمنى ئۇنتۇيمەن، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ.
شۇنداق قىلىپ ئۇ بوۋايدىن ئايرىلىپ ئازابتىن قۇتۇلۇشنىڭ يولىنى يەنە ئىزدەپ مېڭىپتۇ. كېيىن ئۇ بىر تاغ يولىدا ناخشا ئېيتىپ كېتىۋاتقان، چىرايىدىن خۇشاللىق يېغىپ تۇرىدىغان مويسىپىت بىر كىشىنى ئۇچرىتىپتۇ. يىگىت ئۇ كىشىدىن ئازابتىن قۇتۇلۇشنىڭ سىرىنى سوراپتۇ. مويسىپىت كىشى:
ـــ بىرەرسى سېنى ئازاب زەنجىرى بىلەن باغلاپ قويغانمۇ؟ - دەپ سوراپتۇ.
ـــ ياق؟ - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ يىگىت.
مويسىپىت:
ـــ بىرەرسى سېنى باغلاپ قويمىسا يەنە نېمە ئازابتىن قۇتۇلماقچى؟ -دەپ سوراپتۇ. ھېلىقى يىگىت بۇنى ئاڭلاپ شۇنچە ۋاقىتتىن بۇيان ئۆزى قۇرغان ئازاب-ئەلەم توزىقىغا ئۆزىنى چۈشەپ يۈرگەنلىكىنى بىردىنلا چۈشىنىپ يېتىپتۇ.
ئەمەلىيەتتە كۆپ ھاللاردا قايغۇ-ئازابلارنى ئۆزىمىزگە ئۆزىمىز تاپىمىز. ئازابتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئالدى بىلەن كۆڭۈل ئاۋارىچىلىكلىرىنى تۈگىتىشىمىز، چوقۇم كۆڭلىمىزدىكى قالايمىقان خىياللارنى چۆرۈپ تاشلىشىمىز كېرەك. شۇڭا ئادەم تۇرمۇشتا ئازابلانمايمەن، جاپا تارتمايمەن دەيدىكەن دىققىتىنى، كۈچ-مادارىنى ئۆزى قىلالمايدىغان ئىشلارغا قارىتىۋالماسلىقى، ئۆزى ئىگە بولالمايدىغان ياكى ئىگە بولۇشنى خالىمايدىغان نەرسىلەرنى ئويلىماسلىقى كېرەك، چۈنكى تۇرمۇشتا ئويلىغان، ئىنتىلگەن بىلەنلا پۈتىدىغان ئىشلار بولغان ئەمەس.
كىشىلەر كۆپىنچە ھالدا ئۆلۈمدىنمۇ ئازابلىق ئىشلارنىڭ ھايات تۇرۇپ ئۆز جىسمىدا ھەرىكەتلىنىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلالمايدۇ. ئۇ بولسىمۇ شۇكى: ـــ ھايات تۇرۇپ مەۋجۇتلۇقىنى ئىسپاتلىيالماسلىق، ئىنتىلىپ تۇرۇپ جۈرئەت قىلالماسلىق، نەپرەتلىنىپ تۇرۇپ تارتىشىش، پۇچۇلۇنۇپ تۇرۇپ ھېچ ئىش بولمىغاندەك كۈلۈش، سېغىنىپ تۇرۇپ دېيەلمەسلىك، ئەڭ ئاخىرىدا ھەممىنى شۈكرى بىلەن ئاخىرلاشتۇرۇش. كىشىلىك ھاياتتا نۇرغۇن ئىشلار بولىدۇ، ئىشەنچ قىلغان ئادەملىرىڭىز ئۆزگىرىدۇ،سىزدىن ۋاز كېچىدۇ، سىزنى تاشلايدۇ، شۇ كۈنلەردە ئۆتمەسمىكىن دېگەن كۈنلىرىڭىزمۇ ئۆتىدۇ، ئۇنتالماسمىكىن دېگەن ئازابلىرىڭىزمۇ ئۇنتۇلۇپ كېتىدۇ. بۇ جەرياندا بەزى كىشىلەرگە يەتكىچە ئازارلارنى بەردىڭىز، بەزى كىشىلەردىن يەتكىچە ئازارلارنى يېدىڭىز. شۇنداق بىر كۈنى ئويلاپ قالىسىز، سىزدە باشقىلارنى چۈشەنگۈدەك دىل يوقمۇ ياكى باشقىلاردا سىزنى چۈشەنگۈدەك تىل يوقمۇ؟ ئادەم مۇشۇلارنى ئويلىغانسېرى تۇرمۇشنىڭ تېگىگە يېتەلمەي ئازابلىنىدۇ، ئەمما ئويلاۋەرگەن بىلەن بىر ئىش بولمايدۇ-دە. بەزى كىشىلەر ئازابلىنىپ تۇرۇپ تۇرمۇشنىڭ ئېغىرلىقى، كىشىلەرنىڭ مۇرەككەپلىكىنى چۈشەنگەندەك بولىدۇ. مۇشۇنداق چۈشىنىش ئىچىگە ئەقىل يوشۇرۇنغان بولىدۇ. ئاشۇ ئەقىل كۆزى بىلەن ئۆزىگە كەلگەن ئازابنى چۈشەنگەن ئادەمنى ئۆزى بىر ئىشلارنى چۈشىنىدىغان، بىر تەرەپ قىلالايدىغان ئادەم دەپ ھېسابلاش كېرەك.
مېنىڭچە ئازاب ئىككى خىل بولىدۇ: بىرى، تاسادىپىي باشقا كېلىپ قالغان ئازاب، يەنە بىرى ئادەتكە ئايلىنىپ كەتكەن ئازاب. ئالدىنقىسى كىشىلەرنىڭ ئېسىدىن مەڭگۈ چىقمايدۇ، كېيىنكىسى بولسا ئاسانلا ئېسىدىن كۆتۈرۈلۈپ كېتىدۇ-يۇ، ئەمما ئادەمگە سايىدەكلا ئەگىشىپ يۈرۈيدۇ. مانا مۇشۇنداق ئازاب ھەممىدىن يامان. شۇڭا ئەقىل كۆزى بىلەن ئۆزىنى تۇتۇۋېلىپ شان-شۆھرەت ۋە كۆڭۈلسىزلىكلەر ئالدىدا ئۆزىنى يوقىتىپ قويماي، سالماق بولغاندىلا كەڭ قورساقلىق بىلەن ئالغا باسقىلى، ھاياتتىكى ئازابلارغا مەنسىتمەسلىك بىلەن نەزەر تاشلىغىلى بولىدۇ. ئېسىڭىزدە بولسۇن كىشىلەر پەقەت ئۆزىنىڭ ئىشىغىلا قىزىقىدۇ، ھېچكىم سىزنىڭ ئىشىڭىزغا، ئازاب-ئوقۇبىتىڭىزگە قىزىقمايدۇ، ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش پەقەت ئۆزىڭىزگىلا باغلىق. 


بايانات

بۇلۇت بولۇپ تاغلار ئاشايلى، خۇددى يامغۇر بولۇپ ياشايلى. قۇشلار بىزگە ئېيتسۇن تەشەككۈر، چۆللەردىمۇ بوستان ياسايلى. ئېتىزلاردا قونالمىساقمۇ، كۈزدە خامان سورالمىساقمۇ. ياخشىلاردىن بولالمىساقمۇ، ياخشىلارغا تۇمار ئاسايلى.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى