دىلسادا يانبىلوگى

123
دىلسادا گۈدۈكى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز دوستلار، دىللارغا ھوزۇر بەخش ئەتكۈچى يېقىشلىق مەزمۇنلارنى دىلسادادىن ئىزدەڭ! بۇلۇت بولۇپ تاغلار ئاشايلى، خۇددى يامغۇر بولۇپ ياشايلى. قۇشلار بىزگە ئېيتسۇن تەشەككۈر، چۆللەردىمۇ بوستان ياسايلى. ئېتىزلاردا قونالمىساقمۇ، كۈزدە خامان سورالمىساقمۇ. ياخشىلاردىن بولالمىساقمۇ، ياخشىلارغا تۇمار ئاسايلى.
تەۋسىيە يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

بۈگۈنكى ئۇچۇرلار 2015.9.7

بۈگۈنكى ئۇچۇرلار 2015.9.7

ۋاقتى: 2015-09-07 ئاۋاتلىقى: 720 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

@ A پاي چېكىنى بازارغا سالغان شىركەتلەرنىڭ 2015- يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىكى ئەھۋالىدىن بېرىلگەن دوكلاتتىن ئايان بولۇشىچە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە پېيى بازارغا سېلىنغان 43 شىركەت ئىچىدە 60 پىرسەنتتىن كۆپرەكى پايدا ئالغان. ئۇنىڭ ئىچىدە پايدىسى 100 مىليون يۈەندىن ئاشقان شىركەتتىن 11 ئى بار ئىكەن. شېڭۋەن خۇڭيۈەن، جىنفېڭ پەن- تېخنىكىسى، ئالاھىدە ترانسفورماتور سانائىتى، بوخەي ئىجارىچىلىكى، گۇاڭخۈي ئېنېرگىيەسى شىنجاڭدىكى پېيى بازارغا سېلىنغان شىركەتلەر ئىچىدە پايدا ئالغانلار رەت تەرتىپىدە ئالدىنقى بەشىنچىلىكنى ئىگىلىگەن.

@ قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى، دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسىنىڭ ھاۋالىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى دۆلىتىمىزگە ۋاكالىتەن 34 كىشىلىك ۋەكىللەر ئۆمىكى تەشكىللەپ، 15- نۆۋەتلىك ئىسسىقكۆل خەلقئارا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتناشتى. بۇ نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مۇشۇ ئاينىڭ 4- باشلانغان بولۇپ، مۇشۇ ئاينىڭ 12- كۈنىگىچە قىرغىزىستاننىڭ جوپاناتا شەھىرىدىكى ئىسسىقكۆلدە ئۆتكۈزۈلىدۇ. جۇڭگو، رۇسىيە، قازاقىستان، قىرغىزىستان قاتارلىق 9 دۆلەت، 4 رايون ۋەكىللەر ئۆمىكى 16 تۈردىكى مۇسابىقە تۈرىگە قاتنىشىدۇ.

@ بۇ ئايدىن باشلاپ، شىنجاڭدىكى ھەر قايسى قىزىل ساياھەت ئورۇنلىرى ئاممىغا ھەقسىز ئېچىۋېتىلدى ھەمدە چۈشەندۈرۈش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىن ئەتىلدى. نۆۋەتتە، شىنجاڭدا ھازىر قىزىل ساياھەت مەنزىرە نوقتىلىرى 70 كە يېقىنلاشقان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە 8- ئارمىيەنىڭ شىنجاڭدىكى ئىش بىجىرىش ئورنى خاتىرە سارىيى، ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقى، شىخەنزە شەھىرى ھەربىي بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش مۇزىيى قاتارلىقلار مەملىكەت بويىچە 100 قىزىل ساياھەت ئورۇنلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن.

@ مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى خەلقئارا قانىلىنىڭ 100 قىسىملىق «يۇرتنى سېغىنىش» ناملىق چوڭ تىپتىكى ھۆججەتلىك فىلىمىنى سۈرەتكە ئېلىش گۇرۇپپىسى يېقىندا خېجىڭ ناھىيەسىنىڭ بايىنبولاق يايلىقىدا سۈرەتكە ئېلىش خىزمىتىنى باشلىدى. بۇ ھۆججەتلىك فىلىم بۇ يىل ئىچىدە مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەلقئارا قانىلى بىلەن ھۆججەتلىك فىلىم قانىلىدا كۆرسىتىلىدۇ. 

@ شىنجاڭ يېمەكلىك- دورا نازارەتچىلىكى ئىدارىسى 2015- يىللىق دۆلەت يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش بويىچە ئارىلاپ تەكشۈرۈشنىڭ 3- سان ئۇچۇرىنى ئېلان قىلدى. بۇنىڭدا، 18 تۈركۈم، قېتىم لاياقەتسىز يېمەكلىك، ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى ئاشكارىلاندى.

@ 12- نۆۋەتلىك «دۆلەت قاشتېشى لۇڭقىسى» شىنجاڭ خوتەن قاشتېشى ئويما مەھسۇلاتلىرىنى كۆرگەزمە قىلىش، باھالاش پائالىيىتى بۈگۈن (9.7) دىن مۇشۇ ئاينىڭ 12- كۈنىگىچە ئۆتكۈزۈلىدۇ. بۇ قېتىمقى كۆرگەزمە قىلىش، باھالاش پائالىيىتى مەملىكەت بويىچە بىردىن- بىر خوتەن قاشتېشى ئويما ئەسەرلىرىنى باھالاش، مۇكاپاتلاش پائالىيىتى بولۇپ، 500 دىن كۆپرەك خوتەن قاشتېشى ئويما ئەسىرى باھالاشقا قاتناشتۇرۇلىدۇ.

@ ئاپتونوم رايونلۇق ياشانغانلار ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى جەمئىيىتى، ئاپتونوم رايونلۇق ياشانغانلار ئىلمىي جەمئىيىتى، شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى قاتارلىق ئورۇنلار ئۇيۇشتۇرغان «قۇملۇق لۇڭقىسى» نى تالىشىش «يېڭى شىنجاڭغا مەدھىيە» چوڭ تىپتىكى خور ئېيتىش مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى تۈنۈگۈن (9.6) چۈشتىن بۇرۇن ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى. كەسكىن مۇسابىقىلىشىش ئارقىلىق، شىنجاڭ كۈچلۈك ئاۋاز خور ئۆمىكى چىمپيۇنلۇقنى قولغا كەلتۈردى.

@ ئۈرۈمچى شەھىرى پات ئارىدا 3 گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ، تۈركىيە، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، ياپونىيە، كورىيە، سىنگاپور، مالايسىيا قاتارلىق يىپەك يولى بويىدىكى دۆلەتلەرگە چىقىپ، ساياھەتچىلىك، سودىگەر چاقىرىش بويىچە تونۇشتۇرۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرىدۇ.

@ ئاپتونوم رايونىمىز 10 مىليون يۈەنلىك پەن- تېخنىكا خېيىم- خەتىرى سېلىنمىسى مەخسۇس تۈر مەبلىغى ئاجرىتىپ، پاي ھوقۇقىغا مەبلەغ سېلىش شەكلىدە 16 پەن- تېخنىكا تىپىدىكى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىنى قوللىدى ھەمدە كارخانىلار ۋە جەمئىيەتنىڭ 300 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىشىغا تۈرتكە بولدى.

@ بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە پاتېنىتقا ئىلتىماس قىلىش سانى سىجىل تېز ئېشىپ، بۇلتۇرنىڭ شۇ مەزگىلىدىكىدىن 49.46 پىرسەنت كۆپەيدى.

@ تۇنجى نۆۋەتلىك داشى مول ھوسۇل بايرىمى مۇشۇ ئاينىڭ 9- كۈنى لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ داشى كەنتىدە باشلىنىدۇ.

@ ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ خېبېي يولىنى شەرققە ئۇزارتىشتىكى قەۋەت يول پۈتۈن لىنىيە بويىچە تۇتاشتۇرۇلدى. يەر ئۈستى يولىدا مۇشۇ ئاينىڭ 10- كۈنى قاتناش باشلاش، قەۋەت يولدا مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرىدا قاتناش باشلاش مۆلچەرلەندى.

@ شىنجاڭ ھەربىي رايونىدىكى تۈنجى تۈركۈمدە قىسىمدىن چېكىنگەن ئەسكەرلەر يېقىندا شىنجاڭدىن ئايرىلىپ يۇرتىغا قايتتى.

@ مۇشۇ ئاينىڭ 11- كۈنىدىن باشلاپ، ئۈرۈمچى شەھىرى خۇمدانلىق يولۇچىلار بېكىتى، شىمالىي شەھەر ئەتراپى يولۇچىلار بېكىتى، ھەربىي تەمىنات يولۇچىلار بېكىتى، جەنۇبىي شەھەر ئەتراپى يولۇچىلار بېكىتىدە ئۈندىدار ئارقىلىق ئۇزۇن يوللۇق ئاپتوبۇسلارنىڭ بېلىتىنى سېتىۋالغىلى بولىدۇ. 

Tags:
بايانات

بۇلۇت بولۇپ تاغلار ئاشايلى، خۇددى يامغۇر بولۇپ ياشايلى. قۇشلار بىزگە ئېيتسۇن تەشەككۈر، چۆللەردىمۇ بوستان ياسايلى. ئېتىزلاردا قونالمىساقمۇ، كۈزدە خامان سورالمىساقمۇ. ياخشىلاردىن بولالمىساقمۇ، ياخشىلارغا تۇمار ئاسايلى.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى