ئۈمىدسىزلەرگە --كەلگۈسى غۇۋا
-
ئۈمىدسىزلەرگە --كەلگۈسى غۇۋا
ۋاقتى: 2015-09-07 ئاۋاتلىقى: 367 قېتىميانفوندا كۆرۈش
قەدىرلىك دوستلار، جالالىدىن رۇمى «ھايات پەقەت ئۈمىد بىلەنلا چىن مەنىگە، چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە بولىدۇ. ئۈمىد يۇلتۇزى پارلاپ تۇرمىغان ھاياتنىڭ ھېچقانداق لەززىتى بولمايدۇ، ياشاشنىڭمۇ ئورنى قالمايدۇ» دەپ تولىمۇ توغرا ئېيتقان. چۆلدە يۈرۈپ تازا چاڭقىغان يولۇچى توساتتىن ئالدىدا بىر كۆلنىڭ تۇرغانلىقىنى كۆرسە قانچە خۇش بولۇپ كېتەر؟ ئەپسۇس، ئۇ كۆل بويىغا بېرىپ قارىغاندا، كۆل سۈيى قۇرتلاپ كەتكەن ياكى تۇزلۇق بولۇپ چىقسا قانچە ئازابلىنار؟ ئىنسان بىر يولۇچى، ئۈمىد ئىنساننىڭ ئالغا ئىلگىرلىشىدىكى نۇرلۇق چىراغ، ئۇ گاھ كۆرۈنۈپ، گاھ كۆرۈنمەي قالىدىغان ئاسماندىكى يۇلتۇزلارغا ئوخشايدۇ. گەرچە ئۇنىڭ يورۇقلۇقى خېلى كۈچلۈك بولغان تەقدىردىمۇ،ئىنسان كۆزى بەزىدە كۆرەلەيدۇ بەزىدە كۆرەلمەيدۇ.
سىز بىر يۇلتۇزنى ئېنىق كۆرەلىگەندىن كېيىن ئۇنىڭمۇ كەينىدە تۇرغان، تېخى ھېچكىمنىڭ كۆزىگە كۆرۈنمىگەن يېڭى بىر يۇلتۇزنى كۆرەلىشىڭىز مۇمكىن. ئاسماندا يۇلتۇز بولمىسا، كېچىنىڭ گۈزەللىكى بولمايدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاشلا، كۆڭۈل ئاسمىنىدا ئۈمىد يۇلتۇزى پارلاپ تۇرمايدىكەن، ھاياتىڭىزنىڭمۇ لەززىتى بولمايدۇ. ئادەم ئۈمىدسىزلەنگەنسېرى كەلگۈسى شۇنچە غۇۋالىشىدۇ.
ھاياتلىقنى سۆيىدىغان، قەدىرلەيدىغان، ياشاش ئىرادىسى كۈچلۈك كىشىلەرگە نىسبەتەن ئۈمىدسىز ھايات ئۆلۈم بىلەن باراۋەر. چەكلىك ھاياتتا ئۈمىدۋارلىق ئادەمگە ئىشەنچ بەخش ئېتىدۇ. ئۇ ئادەمنىڭ روھىنى ئۇرغۇتۇپ، ئۆزى ئويلاپ يەتمىگەن پۇرسەتلەرگە ئېرىشتۇرىدۇ. ئۈمىدسىزلىك ئادەمنى چۈشكۈنلەشتۈرىدۇ. ئۇ ئادەمنىڭ روھىنى چىرىتىپ، مەغلۇبىيەتكە باشلايدۇ. ئۈمىدسىزلىك ئادەمنىڭ تەپەككۈرىنى بوغىدۇ. ئادەمنىڭ نەزەر دائىرىسىنى تارايتىپ، تالانت بىختلىرىنى قۇرۇتىۋىتىدۇ.شۇڭا كۆزۈڭلارنى يوغان ئېچىپ، ھاياتىڭلاردىكى ئۈمىد يۇلتۇزۇڭلارغا قاراڭلار.
Tags: ئۈمىدتەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
مەن نەگە بارماقچى؟ نېمە قىلماقچى؟
2015-09-02 10:02:26758سالماقلىق ئالىي پەزىلەتتۇر
2015-09-02 21:48:15589كىم تاپالايدۇ ؟ تېپىشماق
2015-09-02 10:08:59666سىز كۆزەينىكىڭىزنى قانداق ئاسراشنى بىلەمسىز؟
2015-11-16 22:41:281576ياشايلى باراقسان ئېچىلغان گۈلدەك
2015-09-07 14:32:53401ئورنىنى باسالمايدىغان بىر نەرسە بار
2015-10-19 15:38:28737ھاياتلىق سۈيىنى قەدىرلەڭ
2015-08-27 19:31:09483ئۈرۈمچى ----خەلقئارا چوڭ بازىر
2015-09-02 10:28:43832
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-