دىلسادا يانبىلوگى

123
دىلسادا گۈدۈكى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز دوستلار، دىللارغا ھوزۇر بەخش ئەتكۈچى يېقىشلىق مەزمۇنلارنى دىلسادادىن ئىزدەڭ! بۇلۇت بولۇپ تاغلار ئاشايلى، خۇددى يامغۇر بولۇپ ياشايلى. قۇشلار بىزگە ئېيتسۇن تەشەككۈر، چۆللەردىمۇ بوستان ياسايلى. ئېتىزلاردا قونالمىساقمۇ، كۈزدە خامان سورالمىساقمۇ. ياخشىلاردىن بولالمىساقمۇ، ياخشىلارغا تۇمار ئاسايلى.
تەۋسىيە يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

ئامېرىكىنىڭ زۇڭتۇڭى باراك ئوباما

ئامېرىكىنىڭ زۇڭتۇڭى باراك ئوباما

ۋاقتى: 2015-09-12 ئاۋاتلىقى: 623 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئامېرىكىنىڭ زۇڭتۇڭى باراك ئوباما


@ ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوبامانىڭ تولۇق ئىسمى باراك ھۈسەيىن ئوباما بولۇپ، 1961-يىلى 8-ئاينىڭ 4-كۈنى ئامېرىكا ھاۋاي ئىشتاتىنىڭ خونولۇلۇ شەھىرىدە تۇغۇلغان، دادىسى كېنىيەدىن كەلگەن ئامېرىكىغا ئوقۇشقا كېلىپ، ئامېرىكىدا ئولتۇراقلىشىپ قالغان، ئاپىسى بولسا كېنساس ئىشتاتىدا تۇغۇلغان ئاق تەنلىك ئايال، ئوبامانىڭ ئاتا-ئانىسى ھاۋاي ئۇنۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقاندا تونۇشۇپ توي قىلغان. كېيىن ئوبامانىڭ دادىسى خارۋاردقا ئوقۇشقا كەتكەنلىكتىن، ئوبامانى كىچىكىدىن ئاپىسى يالغۇز باقىدۇ. ئوباما ئىككى ياشتىن ئاشقاندا، ئاتا-ئانىسى ئاجرىشىپ كېتىدۇ. 6 ياشقا كىرگەن يىلى ئوباما ئاپىسى ۋە ئۆگەي دادىسى بىلەن ھىندونېزىيەگە بېرىپ ئولتۇراقلىشىپ قالىدۇ.

@ 4 يىلدىن كېيىن، ئوباما ھاۋايغا قايتىپ كېلىدۇ، ئۇ ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، كالىفورنىيە ئىشتاتىنىڭ مەغرىب ئىنىستىتۇتىدا ئوقۇيدۇ، كېيىن نيۇ يوركتىكى كولۇمبىيە ئۇنۋېرسىتېتىغا ئالمىشىپ، 1983-يىلى ئوقۇش پۈتتۈرىدۇ. 1985-يىلى، ئوباما چېكاگوغا كېلىپ، مەھەللە خىزمىتى ئىشلەيدۇ. 1988-يىلى خارۋارد ئۇنۋېرسىتېتىدا بىلىم ئاشۇرغان مەزگىلىدە، قانۇن ئىنىستىتۇتىنىڭ «خارۋارد قانۇن ئوبزورچىلىقى» ناملىق ژۇرنىلىنىڭ تۇنجى ئافرىلىقلارنىڭ ئەۋلادى بولغان مەسئۇلى بولۇپ قالىدۇ. 1991-يىلى خارۋارد ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ قانۇن كەسپى بويىچە دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەندىن كېيىن، چىكاگوغا قايتىپ كېلىپ، ئادۋوكاتلىق قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە چىكاگو ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ قانۇن ئىنىستىتۇتىدا ئاساسىي قانۇندىن دەرس بېرىدۇ.

@ 1997-يىلى ئوباما سىياسىي سەھنىگە قەدەم قويۇپ، ئىللىنوئىس ئىشتاتىنىڭ كېڭەش پالاتا ئەزاسى بولىدۇ ھەم ئۇدا سايلىنىپ، 8 يىل مۇشۇ ۋەزىپىنى ئۆتەيدۇ. 2000-يىلى ئۇ فېدىراتىپ ئاۋام پالاتا ئەزالىقى سايلىمىغا قاتنىشىپ مەغلۇب بولىدۇ. شۇنداقتىمۇ ئۇ يەنىلا سىياسىي ساھەدە دەسلەپكى ئاساسىنى تىكلىۋالىدۇ ھەم 2004-يىللىق دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك ۋەكىللەر مەجىلىسىدە نۇتۇق سۆزلەيدۇ. شۇ يىلى 11-ئايدا، ئوباما پارلامېنت سايلىمىغا قاتنىشىپ، ئىللىنوئىس ئىشتاتىنىڭ فېدىراتىپ كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئەزالىقىغا سايلىنىدۇ. ئۇ فېدىراتىپ كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئەزاسى بولغان مەزگىلدە، ئادەتتىكى قوراللارنى كونترول قىلىشقا ئالاقىدار قانۇن لايىھەسى تۈزۈشكە قاتنىشىدۇ ھەم ئاممىنىڭ فېدىراتىپ فوندنىڭ ئىشلىتىلىشىگە بولغان ئاممىۋى نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، سوت سىرتىدا ۋائىزلىق قىلىش، سايلامدا ساختىلىق ئىشلىتىش، كىلىمات ئۆزگىرىشى ۋە يادرو تېررورىزمىغا ئالاقىدار بىر قاتار قانۇن لايىھەلىرىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىنى قوللايدۇ. ئوباما يەنە ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، شەرقىي ياۋروپا، ئوتتۇرا شەرق ۋە ئافرىقىدىكى بىر قىسىم دۆلەتلەردە زىيارەتتە بولىدۇ.

@ 2007-يىلى 2-ئايدا، ئوباما زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتناشقانلىقىنى رەسمىي جاكارلايدۇ. ئۇ سايلامدا «ئۆزگىرىش»تىن ئىبارەت بۇ باش تېمىنى چۆرىدەپ، ئىراق ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇش، ئېنىرگىيەدە ئۆزىنى ئۆزى تەمىنلەش، باج كېمەيتىش سىياسىتىنى توختىتىش ۋە داۋالاش سۇغۇرتىسى قاتارلىقلارنى تەكىتلەيدۇ ھەم پارتىيەلەر ئارا ئىتتىپاقلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا، خەلقئارادا ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋىتىنى قايتا تىكلەپ، ئامېرىكىنى رەھبەرلىك ئورنىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ۋەدە بېرىدۇ. 2008-يىلىنىڭ بېشىدا، دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ تەييارلىق سايلىمى باشلانغان دەسلەپكى مەزگىلدە، ئوباما بىر مەھەل سايلام رىقابەتچىسى بولغان نيۇ يورك ئىشتاتىنىڭ فېدىراتىپ كېڭەش پالاتا ئەزاسى ھىلارىنىڭ كەينىدە قالىدۇ، لېكىن 2-ئاينىڭ 5-كۈنىدىن كېيىن، ھىلارىدىن ئېشىپ كېتىپ، تا 6-ئاينىڭ 3-كۈنى تەييارلىق سايلىمى ئاخىرلاشقۇچە ئىزچىل ئۈستۈنلۈكنى ساقلاپ قالىدۇ. 8-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئوباما دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك ۋەكىللەر مەجلىسىدە زۇڭتۇڭ نامزاتى بولۇپ بېكىتىلىدۇ ھەم ئاخىرقى سايلامدا غەلىبە قىلىپ، ئامېرىكا تارىخىدىكى تۇنجى نېگىر زۇڭتۇڭ بولۇپ قالىدۇ. ئوباما 1992-يىلى مىشېل روبىنسون بىلەن توي قىلىپ، ئۇنىڭدىن ئىككى قىز پەرزەنتلىك بولغان.



Tags: ئوباما 
بايانات

بۇلۇت بولۇپ تاغلار ئاشايلى، خۇددى يامغۇر بولۇپ ياشايلى. قۇشلار بىزگە ئېيتسۇن تەشەككۈر، چۆللەردىمۇ بوستان ياسايلى. ئېتىزلاردا قونالمىساقمۇ، كۈزدە خامان سورالمىساقمۇ. ياخشىلاردىن بولالمىساقمۇ، ياخشىلارغا تۇمار ئاسايلى.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى