سەپتىن چۈشۈپ قالماي دېسىڭىز، ئۆگىنىڭ
-
سەپتىن چۈشۈپ قالماي دېسىڭىز، ئۆگىنىڭ
ۋاقتى: 2015-11-12 ئاۋاتلىقى: 808 قېتىمدېقىتىڭلار مۇھەممەدجان مىرسالنىڭ «سەپتىن چۈشۈپ قالماي دېسىڭىز، ئۆگىنىڭ» ناملىق ماقالىسىنى سۇندۇميانفوندا كۆرۈش
ئۆگىنىش تىلغا ئېلىنسىلا، ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىپ، كەسىپتە ئۇتۇق قازانغان بىر دوستۇم يادىمغا كېلىدۇ. ئۇ ئەسلى يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئورمانچىلىق كەسپىدە ئوقۇغان، ئەمما ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن، «ئۆگەنگەن كەسپىمدىن باشقا كەسىپتە ئىشلىسەم قىينىلىپ قالىمەن» دېمەي، تەشەببۇسكارلىق بىلەن خىزمەت ئىزدەپ، يۇقىرى سەۋىيە تەلەپ قىلىدىغان خەۋەرلىشىش شىركىتىگە ۋاقىتلىق ئورۇنلاشقان ئىدى. ئۇ ئىشقا چۈشكەندىن كېيىن، پېشقەدەملەردىن، خىزمەتداشلىرىدىن كەمتەرلىك بىلەن ئۆگەندى، ئىشنىڭ ئېغىرىنى تالىشىپ قىلدى، ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلاردا مۇناسىۋەتلىك كىتابلارنى ئوقۇپ، تورغا چىقىپ ماتېرىيال كۆرۈپ، خەۋەرلىشىش كەسپىگە دائىر بىلىملەرنى قېتىرقىنىپ ئۆگىنىپ، نەزەرىيە ئاساسىنى پۇختىلىدى ھەم ئۆگەنگەنلىرىنى خىزمەتتە دادىل ئىشلەتتى. ئۇ مانا مۇشۇنداق ئۈزلۈكسىز ئۆگىنىش، ئىزدىنىش نەتىجىسىدە ئۇزاققا قالمايلا شىركەتنىڭ رەسمىي خىزمەتچىسى بولدى، يەنە تېخى شىركەتتىكى ئەتىۋارلىق تايانچ خادىمغا ئايلاندى. دېمەك، ئۆگىنىمەن دېگەن ئادەمگە ھەر ۋاقىت پۇرسەت بار، پۇرسەتنى چىڭ تۇتقانغا ئەلۋەتتە نۇسرەت يار بولىدۇ. ئۇلۇغ ئالىم يۈسۈپ خاس ھاجىپ بۈيۈك ئەسىرى «قوتادغۇبىلىك» تە: «كىشى ئۆگىنىش بىلەن ئالىم بولۇر، بىلىم بىلسە بارچە ئىشلار ئوڭلىنۇر» دېگەن. بىلىم ئۈزلۈكسىز يېڭىلىنىۋاتقان، پەن-تېخنىكا ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان، رىقابەت كەسكىنلىشىۋاتقان، كىشىلەرنىڭ ساپاسىغا يۇقىرى تەلەپ قويۇلۇۋاتقان بۈگۈنكى دەۋردە خىزمەتكە ئورۇنلىشىش، خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىش، ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈش، جەمئىيەتتە پۇت تىرەپ تۇرۇش ئۈچۈنمۇ ئۆگەنمەي بولمايدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن، زامانغا لايىق تونۇش يېتىلدۈرۈش، ئېھتىياجغا قاراپ نىشانلىق ئۆگىنىش، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇش تولىمۇ مۇھىم.
ئادەم ئۆمۈر بويى ئۆگىنىشكە موھتاج. چۈنكى بوشاشماي ئۆگىنىپ، ئۈزلۈكسىز تاكامۇللاشقاندىلا، ھايات مەنزىلىنى ئايدىڭلاشتۇرغىلى، ئىرادىسىنى تاۋلىغىلى، نەزەر دائىرىنى كېڭەيتكىلى، دۇرۇس ئادەم بولۇشتىكى ئاساسىي قائىدىلەرنى چۈشىنىۋالغىلى؛ ئۆزىدىكى يېتەرسىزلىكلەرنى تونۇپ، تېز ئىلگىرىلىگىلى، يېڭى تېخنىكا، يېڭى ماھارەت ئىگىلەپ، پايدىلىق پۇرسەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ، كەسىپتە ئۇتۇق قازانغىلى بولىدۇ.
بىزدە: «ئۆز-ئۆزىدىن قانائەتلىنىش ئۆگىنىشنىڭ دۈشمىنى» دېگەن گەپ بار. شۇڭا، ھەقىقىي ئۆگىنىمەن، بىلىم ئىگىلەيمەن دەيدىكەنمىز، ئۆز-ئۆزىدىن قانائەتلىنىشتەك ناچار ئىللەتنى تۈگىتىپ، زېرىكمەي-تېرىكمەي، ھارماي-تالماي ئۆگىنىشىمىز لازىم. بىلىمنىڭ چېكى بولمىغان ئىكەن، ئۆگىنىشنىڭمۇ چېكى بولمايدۇ. بۇرۇن خىزمەت سەۋىيەرىمىزنىڭ يۇقىرى بولغانلىقى داۋاملىق يۇقىرى بولۇۋېرىدىغانلىقىدىن، بۇرۇن بىلىملىك بولغانلىقىمىز يەنىلا بىلىملىك بولۇۋېرىدىغانلىقىمىزدىن دېرەك بەرمەيدۇ. ئەگەر داۋاملىق ئۆگەنمىسەك، بۇرۇن ئۆگەنگەنلىرىمىز يىللارنىڭ ئۆتۈشى، دەۋرنىڭ تەرەققىياتى، پەن-تېخنىكىنىڭ يېڭىلىنىشى بىلەن ئاستا-ئاستا كونىرايدۇ-دە، بىلىپ-بىلمەيلا بىلىمسىزلەر قاتارىغا ئۆتۈپ قالىمىز ھەم رەھىمسىز رىقابەت داۋامىدا مۇقەررەر شاللىنىپ كېتىمىز. دېمەك، خىزمەت سەۋىيەسىنى داۋاملىق ئۆستۈرۈشنى، داۋاملىق بىلىملىكلەر قاتارىدىن ئورۇن ئېلىشنى، دەۋرنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرىشنى ئويلىساق، چوقۇم ئۆگىنىشكە باشتىن-ئاخىر ئىجتىھات قىلىپ، ئېڭىمىزنى يېڭى نەزەرىيە، يېڭى بىلىم بىلەن قوراللاندۇرۇپ، بىلىم سەۋىيىمىزنى ئۆستۈرۈپ، ئۆگىنىشنى كۈندىلىك ئادىتىمىزگە ئايلاندۇرساقلا، زاماننىڭ تەلىپىگە لايىقلىشىپ دادىل ئىلگىرىلىيەلەيمىز. ئېينىشتېين: «ئادەم بىلەن ئادەمنىڭ پەرقى بوش ۋاقىتلارنى چىڭ تۇتۇش-تۇتالماسلىقتا» دېگەنكەن. بۇنىڭدىن ئايانكى، بوش ۋاقىتلارنى چىڭ تۇتۇش-تۇتالماسلىق ھەربىر ئادەمنىڭ ساپاسى، بىلىم سەۋىيەسىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەنلىكىنى بەلگىلەيدىغان مۇھىم ئامىل. خىزمەتنىڭ ئالدىراشلىقى، ۋەزىپىنىڭ ئېغىرلىقىنى باھانە قىلماي، بوش ۋاقىتلاردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، قارتا، شاھمات ئويناشقا، پاراڭغا، بازار ئايلىنىشقا ئاجراتقان ۋاقتىمىزنى كىتاب ئوقۇشقا، كەسىپتە ئىزدىنىشكە ئاجراتساق، يېڭى-يېڭى بىلىملەرنى ئىگىلەپ، بىلىم قۇرۇلمىمىزنى يېڭىلاپ، تەسەۋۋۇرىمىزنى كېڭەيتىپ، كەسىپىي ساپايىمىزنى ئۆستۈرۈپ، كۈنلىرىمىزنى تېخىمۇ مەنىلىك، ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزەلەيمىز.
Tags: ئۆگىنىشتەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
ئۇيغۇرلاردا ئەخلاق تەربىيەسى
2015-11-02 21:52:211450قاشقا سانىساڭ كۆزگە، كىشىگە سانىساڭ ئۆزىگە
2015-11-03 15:18:081064ئاياغ ساناش
2015-11-12 21:53:21904سىز كۆزەينىكىڭىزنى قانداق ئاسراشنى بىلەمسىز؟
2015-11-16 22:41:281585ۋەتەن------شېئىر
2015-09-03 20:54:32615ئەڭ ئاخىرقى بىر كۈن
2015-10-28 15:58:54678پەقەت بىرقېتىم ئۇتۇق قازانسىڭىزمۇ، شۇ كۇپايە
2015-10-20 15:32:041169كىم تاپالايدۇ ؟ تېپىشماق
2015-09-02 10:08:59671
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-