دىلسادا يانبىلوگى

123
دىلسادا گۈدۈكى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز دوستلار، دىللارغا ھوزۇر بەخش ئەتكۈچى يېقىشلىق مەزمۇنلارنى دىلسادادىن ئىزدەڭ! بۇلۇت بولۇپ تاغلار ئاشايلى، خۇددى يامغۇر بولۇپ ياشايلى. قۇشلار بىزگە ئېيتسۇن تەشەككۈر، چۆللەردىمۇ بوستان ياسايلى. ئېتىزلاردا قونالمىساقمۇ، كۈزدە خامان سورالمىساقمۇ. ياخشىلاردىن بولالمىساقمۇ، ياخشىلارغا تۇمار ئاسايلى.
تەۋسىيە يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

بەخت ھەققىدە

بەخت ھەققىدە

ۋاقتى: 2015-11-12 ئاۋاتلىقى: 991 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

 



 سىز بەختلىكمۇ؟   قەدىرلىك دوستلار، بۇ سۇئالغا ئوخشىمىغان كىشىلەر، ئوخشىمىغان جاۋابلارنى بېرىشى مۇمكىن. ھەر قانداق بىر ئادەم ئۆزىدىكى بەخت ۋە خۇشاللىق تۇيغۇسىنى بەلكىم تېز ھېس قىلىپ يېتەلىشى ناتايىن. بۇ دەل شۇ كىشىنىڭ ئۆزىگە قانداق باھا بېرىشى ۋە ئۆزىنى قانچىلىك دەرىجىدە چۈشىنىشىگە باغلىق نازۇك ھېسسىياتتۇر. سىز ئۆزىڭىزنى، تۇرمۇشىڭىزنى، شۇنداقلا ھاياتىڭىزنى قىزغىن سۆيسىڭىزلا ئاندىن ئۆز قىممىتىڭىزنى تاپالايسىز ھەم ئۆزىڭىزگە مەنسۇپ بولغان بەختلىك دۇنيانى مۇكەممەل قۇرۇپ چىقىش شەرىپىگە ئېرىشەلەيسىز. ھايات ئۆزىنى سۆيگەنلەرنى، ئۆزىنى قەدىرلىگەنلەرنى، چۈشەنگەنلەرنى، ئۆزىنى ھەقىقىي تونۇغانلارنى ئىللىق قوينىغا ئېلىپ، كىشىگە ئۈمىد قىلغان نەرسىسىنى ئاتا قىلىدۇ. ئوخشىمىغان ئادەملەرنىڭ ياشاش ئادىتىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. ئادەملەرنىڭ ياشاش مۇھىتى  مۇرەككەپ ھەم خىلمۇ-خىل بولىدۇ. سىز ياشاش جەريانىدا ئويلىمىغان يەردىن نۇرغۇن تەقدىر-قىسمەتلەرگە دۇچار بولۇشىڭىز مۇمكىن. تەقدىر سىزگە قانداق مۇئامىلە قىلىدۇ؟ سىزگە قانداق سەرگۈزەشتىلەرنى ئاتا قىلىدۇ؟ سىز بۇ دۇنيادا مەڭگۈ كۈلۈپ، خۇشال-خورام ياشامسىز ياكى بىر ئۆمۈر ياش تۆكۈپ، ھەسرەت-نادامەت چېكىپ ئۆتۈپ كېتەمسىز؟ بۇنى سىزمۇ ھەم باشقىلارمۇ ئالدىن بىلەلمەيدۇ.

    بىزدە مۇنداق بىر گەپ بار: ‹‹يەر شارىدا ئەسلىدىنلا يول يوق ئىدى، ئەمما ئىنسانلار پەيدا بولۇپ، ئادەملەر بىر قەدەم، بىر قەدەمدىن مېڭىپ، ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد مېڭىش ئارقىلىق يول ھاسىل بولغان››. شۇنداق، سىزنىڭ قايسى يولدا، قانداق مېڭىشىڭىز، ئۆز خاھىشىڭىزغا باغلىق ئىش. باشقىلار ھەرگىزمۇ سىزگە قانداق مېڭىش يولىڭىزنى كۆرسىتىپ بېرەلمەيدۇ.
    دوستۇم، سىز ھېس قىلىپ يەتتىڭىزمىكىن، بەزى ئادەملەر پەقەت ھەممە ئادەم شۇ بىر يولدىلا مېڭىش كېرەكتەك، توپلىشىپ شۇ بىر يولدىلا مېڭىۋالىدۇ. ئۆزىنىڭ شەرت-شارائىتىغا باقماستىن، باشقىلار بىلەن يول تالىشىدۇ. ئەمما، نەتىجە ئوخشاش چىقمىسا يەنىلا باشقىلاردىن ئاغرىنىدۇ. بىزدە يەنە: ‹‹تەدبىرىڭ قانداق بولسا، تەقدىرىڭ شۇنداق بولىدۇ›› دېگەن ھېكمەتلىك سۆزمۇ بار. بىز ياشاۋاتقان بۇ دۇنيانىڭ ھايات سەھنىسى ئاجايىپ سىرلىق. ئۇ گاھىدا يوقىلاڭ ئىشلار سەۋەبىدىن سىزنى ئورنىڭىزدىن  دەست تۇرالماس قىلىۋەتسە، سىز يەنە ئازراق ئارتۇقچىلىقىڭىزنى جارى قىلدۇرۇپلا كىچىككىنە بىر ئىش قىلىپ قويسىڭىز، سىزنى كۆك قەھرىدە بىمالال ئۇچۇش شەرىپىگە ئېرىشتۈرىدۇ.
    سىز بەلكىم ئۆزىڭىزنى كونتىرول قىلالماسلىق سەۋەبىدىن نۇرغۇن ئاچچىق قىسمەتلەرگە دۇچار بولۇشىڭىز مۇمكىن.  مەيلى سىزنىڭ ئۆتمۈشىڭىز قانداق بولسۇن، ئۇ ھايات مۇساپىڭىزدە سىزگە چوڭقۇر مەدەت ۋە ئىلھام بەخش ئەتكەندىن باشقا يەنە، سىزگە ئۆزىنىڭ ئىبرەتلىك دەقىقىلىرى ئارقىلىق سىزنىڭ كەلگۈسىدىكى غەلىبىڭىزگە ئاساس سېلىپ قېلىشى مۇمكىن. بىر ئادەمنىڭ ئۆز خاتالىقىغا پۇشايمان قىلىشى  ياخشى ئىش. ئەمما، ھەمىشە ئاھ ئۇرۇپ، ئۆزىنىڭ كەلگۈسىگە نەزەر سالماسلىق شۇ ئادەمنىڭ ھايات يىلتىزىغا چۈشكەن ۋاقىتسىز ئۈششۈك.
    مەيلى سىز باي ياكى نامرات بولۇڭ، سىزدە ئۈمىدلا بولىدىكەن، ئاشۇ ئاددىي تۇرمۇشىڭىز ئىچىدىنمۇ بەختنىڭ، خۇشاللىقنىڭ مەنىسىنى چوڭقۇر ھېس قىلىپ يېتەلەيسىز. چۈنكى سىز ئۆزىڭىزنى باشقىلار بىلەن سېلىشتۇرۇپ، ئۆزىڭىزنىڭ بەختسىزلىكىدىن ئاغرىنىشنىڭ ئورنىغا، ‹‹مەن بەختلىك، چۈنكى مېنىڭ تېنىم سالامەت، تۇرمۇشۇم خاتىرجەم، ئاددىي بولسىمۇ تىنچ ماكانىم بار...›› دېگەندەك ئۆزىڭىزدە بار بولغان تۇرمۇش ئەۋزەللىكى، ھايات خۇشاللىقلىرىنى بايقاپ، ئۆزىڭىزنى ئېتىراپ قىلالىسڭىزلا سىز مەڭگۈ بەختلىك بولۇپ، يەنىلا خۇشال-خورام ياشاش شەرىپىگە ئېرىشەلەيسىز.
    دۇنيادا ھېچقاچان بەختنىڭ مۇكەممەل، تەپسىلى مىزان-ئۆلچەملىرى بولغان ئەمەس. ئۇ پەقەت بىر ئادەمنىڭ بەختكە بولغان ھېس-تۇيغۇسى ۋە چۈشەنچىسى ئارقىلىقىلا ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدۇ.
    سىز بىر ئوڭۇشسىزلىقنى ئۆزىڭىزگە بېرىلگەن بىر قېتىملىق تەجرىبە-ساۋاق، ئۆگىنىش مەزگىلى، كېيىنكى قەدەم ئۈچۈن ئېچىلغان ياخشى پۇرسەت يولى، باي بولۇشنىڭ تەجرىبە ماتېرىيالى دەپ قارسىڭىزلا، سىزدىكى ساغلام تەن، ساپ ئەقىل سىزنىڭ ھەقىقىي بايلىقىڭىز ۋە بەختكە ئېرىشىش دەسمايىڭىز بولالايدۇ. سىز ئېرىشكەن مەنىۋى بايلىق ماددىي بايلىقتىن كۆپ بولغاندىلا، ئاندىن سىز ھەقىقىي بايلىققا ئېرىشكەن بولىسىز.  سىز ھەر ۋاقىت شۇنى ئۇنتۇماڭكى، سىزنىڭ بەختىڭىز، خۇشاللىقىڭىز ھەر ۋاقىت ئۆزىڭىز بىلەن بىللە. روھىي ساغلاملىق، تەن ساقلىق ئۆزىڭىزدىكى ئارتۇقچىلىقنى بايقاش سىزدىكى ئەڭ زور خۇشاللىق ھەم چەكسىز بەختتۇر.

Tags: بەخت 
بايانات

بۇلۇت بولۇپ تاغلار ئاشايلى، خۇددى يامغۇر بولۇپ ياشايلى. قۇشلار بىزگە ئېيتسۇن تەشەككۈر، چۆللەردىمۇ بوستان ياسايلى. ئېتىزلاردا قونالمىساقمۇ، كۈزدە خامان سورالمىساقمۇ. ياخشىلاردىن بولالمىساقمۇ، ياخشىلارغا تۇمار ئاسايلى.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى