دىلسادا يانبىلوگى

123
دىلسادا گۈدۈكى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز دوستلار، دىللارغا ھوزۇر بەخش ئەتكۈچى يېقىشلىق مەزمۇنلارنى دىلسادادىن ئىزدەڭ! بۇلۇت بولۇپ تاغلار ئاشايلى، خۇددى يامغۇر بولۇپ ياشايلى. قۇشلار بىزگە ئېيتسۇن تەشەككۈر، چۆللەردىمۇ بوستان ياسايلى. ئېتىزلاردا قونالمىساقمۇ، كۈزدە خامان سورالمىساقمۇ. ياخشىلاردىن بولالمىساقمۇ، ياخشىلارغا تۇمار ئاسايلى.
تەۋسىيە يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

تۇرمۇش يېڭىلىققا مۇھتاج

تۇرمۇش يېڭىلىققا مۇھتاج

ۋاقتى: 2015-11-18 ئاۋاتلىقى: 959 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

تۇرمۇش يېڭىلىققا مۇھتاج



قەدىرلىك دوستلار، زېرىكىش- تۇرمۇشتىكى ئەڭ خەتەرلىك دۈشمەن. بەخىتلىك ئۆتۈشنى نىيەت قىلغان ئەر-ئاياللار ئالدى بىلەن ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇشى كېرەك. ناۋادا زېرىكىشلىك ھېس قىلغان ھامان، ئۇنىڭغا ئېتىبار بىلەن قاراپ، تېزدىن ئۇنىڭ شىپالىق دورىسىنى تېپىش لازىم. 
ئەر-ئاياللىق تۇرمۇشنىڭ مەزمۇنى ئۈزلۈكسىز يېڭىلىنىپ تۇرۇشقا، يېڭىدىن يېڭى لەززەت قوشۇلۇپ تۇرۇشقا مۇھتاج. بۇ جەھەتلەردە، ئەرلەرگە قويۇلىدىغان تەلەپ تېخىمۇ كۆپ بولىدۇ، ھالبۇكى ئاياللارنىڭ ھەمىشە ئۆيدىن ئايرىلغۇسى كەلمەيدۇ، بولۇپمۇ بالىلىق بولغاندىن كېيىن تېخىمۇ شۇنداق بولىدۇ، چۈنكى ئاياللارنىڭ ھېسىياتى نازۇكلىشىپ كېتىدۇ. شۇڭلاشقا، ئەر بولغۇچى ناھايىتى چوڭ مەسئۇلىيەتنى  ئۆز ئۈستىگە ئېلىشى ،يەنە كېلىپ ئائىلىنى ۋە خوتۇن، بالىلىرىنى بەخىتلىك قىلىش ئۈچۈن  تېخىمۇ زور بەدەل تۆلىشى كېرەك. يەنە ئائىلىۋى تۇرمۇشنى قاندۇرۇشتا قايسى نۇقتىنى چىڭ تۇتۇش كېرەكلىكىنى، قايسى جەھەتتە بەكرەك كۆڭۆل بۆلگەندە ئائىلىدىكى مۇھەببەت ئۇچقۇنىنى تېخىمۇ نۇرلاندۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى ئويلاپ تۇرۇش كېرەك. شۇنى بىلىش كېرەككى، مانا بۇ تۇرمۇشنىڭ گۈزەل ھەم بەخىتلىك بولۇشىدىكى مۇھىم ھالقا. ئەمەلىيەتتە، ماددىي نەرسە بەخىتنى  ئىپادىلەشنڭ بىردىنبىر شەكلى بولالمايدۇ. بىراق مەنىۋى نەرسىنىڭ قىممىتى، يەنى، ئەرلەر ئاياللارنىڭ قەلبىدە ئويغاتقان مېھرىبانلىق، ئىناقلىق، سۆيگۈ كۈچىلا بىباھادۇر. دەل مۇشۇ بەختىيارلىققا تولغان ھېسىياتلا، قارشى تەرەپنىڭ بەخىتلىك كەچۈرمىشلىرىنى ئەسلىگە كەلتۇرۇشكە تۈرتكە بولالايدۇ. ئۇنىڭ قەلبىدە تۇرمۇشقا قارىتا ئۈمىد بۇژغۇنلىرىنى چاچېرتالايدۇ، پەقەت بۇ خىل ھېسىياتقا كەلگەندىلا، ئۇلار ئالەمنىڭ ئەڭ يىراق چىتىدە، قاتمۇقات تاغ، دەريالار بىلەن بىر -بىرىدىن ئايرىلىپ تۇرغاندىمۇ، قەلبىدە بىر-بىرىنى چۈشىنىپ، مەڭگۈ ئورتاقلىشىپ ئۆتەلەيدۇ. كۈندىلىك تۇرمۇشتا كۆڭۈلدىكىدەك تاللانغان بىر دەستە گۈل، كىشىنى ھەقىقىي قايىل قىلالايدىغان بىر نەچچە جۈملە سۆز كىشىلەرگە تۇرمۇشتىكى ئەڭ شېرىن مىنۇتلارنى ئەسلىتىدۇ. بۇنداق چاغلاردا سىزنىڭ ئارتۇقچىلىقىڭىز بىردىنلا پۈتۈن ئۆينى قاپلاپ كېتىدۇكى، ئەمما كەمچىلىكىڭىز ئۆزىنى سىغدۇرالىغىدەك جاي تاپالماي قالىدۇ. دېمەك تۇرمۇش يېڭىلىققا موھتاج. 

Tags: تۇرمۇش 
بايانات

بۇلۇت بولۇپ تاغلار ئاشايلى، خۇددى يامغۇر بولۇپ ياشايلى. قۇشلار بىزگە ئېيتسۇن تەشەككۈر، چۆللەردىمۇ بوستان ياسايلى. ئېتىزلاردا قونالمىساقمۇ، كۈزدە خامان سورالمىساقمۇ. ياخشىلاردىن بولالمىساقمۇ، ياخشىلارغا تۇمار ئاسايلى.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى