ئەنئەنىۋى ھارۋىنىڭ تۈزۈلۈشى ۋە ئۇنىڭ رولى
توختى داۋۇت
(خەلق ئىشلىرى نازارىتىدىن)
ھارۋا ئۇزۇن تارىخقا ئىگە قاتناش قورالى. شىنجاڭنىڭ زېمىنى كەڭ، يۇرت-يۇرتلارنىڭ ئارىلىقى ئۇزۇن بولغاچقا، ھارۋا ئەينى ۋاقىتتا مەيلى تۈرلۈك ئەشيالارنى يۆتكەشتە بولسۇن، مەيلى كىشىلەرنىڭ ئۆزئارا تۇغقان يوقلاش ئىشلىرىدا بولسۇن ناھايىتى مۇھىم رول ئويناپ كەلگەن. ئەنئەنىۋى ھارۋا تۈزۈلۈشى جەھەتتە تۆۋەندىكى سۈرەتتە كۆرسىتىلگەندەك ياغاچتىن ياسىلىدىغان، چاق، ئوق ۋە شوتىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ بۆلەكتىن تەركىب تاپقان، ئات-ئۇلاغقا سۆرىتىلىدىغان بىر خىل ئەنئەنىۋى قاتناش قورالى ۋە ئىشلەپچىقىرىش قورالى. ئۇ ئۇزۇن يىللىق تارىخقا ئىگە.ماتېرىياللاردا خاتىرىلىنىشىچە، مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 3-ئەسىردە ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن ناھايىتى زور قوشۇن بىلەن شەرققە يۈرۈش قىلىش ئۇرۇشىدا ئىستىلا قىلغان ئەللەردىن قولغا چۈشۈرگەن ئولجىلارنى ئۆز دۆلىتى ماكېدونىيىگە ئېلىپ كېتىشتە بېشى قاتقان. بۇ چاغدا مۇلازىملار ئىچىدىن ئابرۇيلۇق بىر مۇنەججىم كىشى شاھقا مەسلىھەت بېرىپ، ياغاچتىن مۇشۇنداق بىر نەرسىنى ياسايلى، جانسىزلارنى ئۇنىڭ ئۈستىگە باسايلى، جانلىقلارغا ئۇنى سۆرىتىپ ئېلىپ كېتەيلى دەپ مەسلىھەت بەرگەن. ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن بۇ كىشىنىڭ مەسلىھەتىنى مۇۋاپىق كۆرۈپ، ھارۋا ياساشقا پەرمان قىلغان①. «ئوغۇزنامە» داستانىدا ھارۋا توغرىسىدا مۇنداق رىۋايەت بار: «ئوغۇز خاقان كۆك تۈكلۈك، كۆك يايلىق ئەركەك بۆرىنىڭ يول باشلىشى بىلەن جۇرجىت خاقانىغا قارشى ئۇرۇش قىلدى، جەڭ ناھايىتى دەھشەتلىك بولدى، ئۇرۇشتا جۇرجىت خاقانىنى يەڭدى، ئۇنى ئۆلتۈرۈپ بېشىنى كەستى، جۇرجىتنىڭ خەلقىنى ئۆزىگە قاراتتى. ئۇرۇشتىن كېيىن ئولجا ئېلىنغان بايلىقلارنى ئېلىپ كېتىشكە ئات-ئۇلاغ، ئۇي-قېچىرلار ئازلىق قىلدى. ئوغۇزخاقاننىڭ قوشۇنىدا ياشانغان بىر چېۋەر كىشى بار بولۇپ، ئۇنىڭ ئىسمى بارماقلىق يوسۇن بىللىگ ئىدى. بۇ كىشى بىر ئېگىز ھارۋا ياسىدى. ھارۋا ئۈستىگە ئولجىلارنى باستى، ئۇنىڭ ئالدىغا جانلىق ئولجىلارنى قاتتى ۋە سۆرىتىپ ئېلىپ ماڭدى. ھارۋا ماڭغاندا قانغا-قانغا دەپ ئاۋاز چىقاردى. ئوغۇز خاقان كۈلدى ۋە ھارۋا ياسىغان كىشىگە قاراپ ئۇنىڭغا قانغا دەپ ئات قويدى»②. ئۇنىڭدىن باشقا تۇرپان، كۇچا، باي قاتارلىق جايلاردا ئات قوشۇلغان ھارۋىنىڭ قىياپىتى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن قىياتاش رەسىملىرى بار. ھارۋا بېشى ئادەتتە بىر قەدەر قاتتىق دەپ قارالغان ھەم ياخشى قۇرۇتۇلغان توغراق، ئاكاتسىيە، قارىياغاچ، سۆگەت، ئۈجمە ۋە جىگدە ياغاچلىرىدىن ياسىلىدۇ. ئالدى بىلەن ھارۋىنىڭ ئىشلىتىلىشىگە قاراپ چوڭ-كىچىكلىكى ۋە ئۇزۇن-قىسقىلىقى ئوخشاش بولمىغان ھارۋا بېشى ياساپ چىقىلىدۇ. ھارۋا بېشىنىڭ ئىچكى قىسمى مۇۋاپىق چوڭقۇرلۇقتا ئويۇلۇپ، ئويۇلغان باشنىڭ ئىككى يان تەرىپىگە كەڭلىكى بەش سانتىمېتىردىن 10 سانتىمېتىرغىچە، قېلىنلىقى ئىككى سانتىمېتىر ئەتراپىدا چەمبەر شەكىللىك چويۇن قازان ئورنىتىلىدۇ. باشنىڭ مەركىزىي قىسمىدىن ئايلاندۇرۇپ چوڭقۇرلۇقى تۆت سانتىمېتىردىن ئالتە سانتىمېتىرغىچە، كەڭلىكى ئىككى سانتىمېتىردىن تۆت سانتىمېتىرغىچە، ئۇزۇنلۇقى ئالتە سانتىمېتىردىن 10 سانتىمېتىرغىچە تۆشۈك تېشىلىپ، بۇ جايغا 80 سانتىمېتىردىن بىر مېتىرغىچە ئۇزۇنلۇقتا چاسىلانغان 18 تال شادا قېقىلىدۇ. ھۆل سۆگەت بادرىسىنى قوقاس ئوتقا كۆمۈپ ئېگىپ يېرىم چەمبەر شەكلىگە كەلتۈرۈپ ياسالغان ئىككى تال تۇغام ھارۋا بېشىدىكى 18 تال شادىغا ئۇدۇل قىلىپ قېقىلىپ بىرپۈتۈن چەمبەر شەكلىگە كەلتۈرۈلۈپ، ھارۋا چاقى ياسىلىدۇ. ئىككى تۇغامنىڭ ئۆزئارا تۇتاشقان قىسمىنى ئوخشاش ئۇزۇنلۇقتىكى ئىككى تال شادا، چۈلۈك ئىككى تەرىپىدىن مەھكەم قىسىپ تۇرىدۇ، بۇ ئادەتتە قىسماق دەپ ئاتىلىدۇ. قىسماق يەنە ھارۋا چاقىنىڭ كالاڭ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ھەر بىر ھارۋا بېشىنىڭ يېرىلىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، باشنىڭ ئىككى تەرىپى تۆمۈر چەمبەر بىلەن چەمبەرلىنىدۇ. ھارۋا ئوقى ئادەتتە ياخشى قۇرۇتۇلغان سۆگەت ياغىچىدىن مۇۋاپىق چوڭلۇقتا تەخمىنەن ئىككى يېرىم مېتىر ئۇزۇنلۇقتا ياسىلىدۇ. ئوقنىڭ ئىككى ئۇچى ھارۋا بېشىنىڭ ئۇزۇن-قىسقىلىقى ۋە چوڭ-كىچىكلىكىگە مۇۋاپىقلاشتۇرۇپ كىچىكلىتىلگەندىن كېيىن، ئىچ-تاش قازىنىغا ئۇدۇل قىلىپ ئۇزۇنلۇقى بەش سانتىمېتىردىن 10 سانتىمېتىرغىچە، كەڭلىكى ۋە چوڭقۇرلۇقى ئىككى سانتىمېتىر ئەتراپىدا ئويۇپ چىقىلىدۇ، ئويۇپ چىقىلغان بۇ جايغا ئوخشاش ئۇزۇنلۇق ۋە كەڭلىكتە ھەر بىر ئوق بېشىنىڭ ئىچكى-تاشقى قىسمىغا بەش تالدىن ئالتە تالغىچە چويۇن زىخچە ئورنىتىلىدۇ، بۇ ھازىرقى زامان ئاپتوموبىللىرىنىڭ چاقىدىكى شارىكنىڭ رولىنى ئويناپ، بىرىنچىدىن، ھارۋا بېشى بىلەن ئوقنىڭ ئۆزئارا سۈركىلىپ زەخىملىنىشى ۋە ھارۋا ئوقىنىڭ ئاسان سۇنۇپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالسا، ئىككىنچىدىن، چاقنىڭ تېز ئايلىنىشىغا ياردەم بېرىپ، ئات-ئۇلاغلارنىڭ كۈچىنىڭ خوراپ كەتمەسلىكىگە ياردىمى بولىدۇ. ھارۋا شوتىسى ئادەتتە ياخشى قۇرۇتۇلغان سۆگەت ياغىچىدىن ئىككى يېرىم مېتىردىن ئۈچ مېتىرغىچە ئۇزۇنلۇقتا، بىر يېرىم مېتىر كەڭلىكتە ياسىلىدۇ. ئۇ جىڭتو، ياۋەن، چوقا، لەڭگاڭزا، چېتىق، ئاستى تاختاي، بالداق، چوتكا، جاۋەن قۇلاق، قۇشقۇن قۇلاق ۋە سۇڭ (تىرەك) قاتارلىق بۆلەكلەردىن تەركىب تاپىدۇ، ھەر قايسى بۆلەكلەرنىڭ رولى ئوخشاش بولمايدۇ. شوتىنىڭ ئاستىنىڭ ھەر بىر تەرىپىگە ئىككى تالدىن 40 سانتىمېتىر ئۇزۇنلۇقتا ئورنىتىلغان تۆت تال ياغاچ چوتكا ئوقنىڭ ئىككى تەرىپىدىن مەھكەم قىسىپ چاق ئارقىلىق ئوقنى، ئوق ئارقىلىق شوتىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ، مۇكەممەل ھارۋىنى شەكىللەندۈرىدۇ. شوتىنىڭ ئالدى تەرىپىگە ئورنىتىلغان جاۋەن قۇلاق ئات-ئۇلاغ بىلەن ھارۋىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش رولىنى ئوينىسا، قۇشقۇن قۇلاق ئات-ئۇلاغنىڭ سۆڭگىچىدىكى قۇشقۇن ئارقىلىق ھارۋا داۋاندىن چۈشكەندە ھارۋىنى تورمۇزلاش رولىنى ئوينايدۇ. شوتىنىڭ ئىككى تەرىپىگە ئورنىتىلغان 40 سانتىمېتىر ئېگىزلىكتىكى لەڭگاڭزا يۈك ۋە ئادەملەرنىڭ ھارۋىدىن چۈشۈپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالسا، شوتىنىڭ ياۋەن قىسمىنىڭ يېنىغا ئورنىتىلغان بىر مېتىر ئېگىزلىكتىكى چوقا ھارۋا داۋانغا چىققاندا ۋە چۈشكەندە ئادەم ۋە يۈكلەرنىڭ سىيرىلىپ چۈشۈپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، ئۇنىڭغا يەنە قامچا ۋە نان-توقاچ خالتىلىرىنى ئېسىپ قويۇشقا بولىدۇ. ھارۋىنىڭ ئاستىغا ئورنىتىلغان ئۈچ بۇلۇڭ شەكىللىك سۇڭ (تىرەك) ھارۋا مەنزىلگە يېتىپ بارغاندا ئات-ئۇلاغنى ھارۋىدىن چىقارغاندىن كېيىن ھارۋىنى تىرەپ قويۇشقا ئىشلىتىلىدۇ. ھارۋىدا يەنە يۇپۇڭ قاپاق دەپ ئاتىلىدىغان ماي قاپىقى بولۇپ، قاپاقتىكى ماي ئوقنىڭ باش قىسمىدىكى قازاننى مايلاشقا ئىشلىتىلىدۇ، بۇنداق قىلغاندا ھارۋا چاقى غىچىلدىمايدۇ ھەمدە تېز ۋە سىلىق ئايلىنىدۇ. ھارۋىدا يەنە پاختا يىپ ياكى يۇڭدىن توقۇلغان ئۈچ مېتىر ئۇزۇنلۇقتا، ئىككى مېتىر كەڭلىكتە ئوقۇرپالاز بولىدۇ. بۇ سەپەر جەريانىدا ھارۋا مەنزىلگە يېتىپ بارغاندىن كېيىن ئىككى ھارۋىنىڭ ئوتتۇرىسىغا تارتىپ، ئات-ئۇلاغلارغا ئوت-سامان، بوغۇز بېرىشكە ئىشلىتىلىدۇ. بۇ ماقالىدە تونۇشتۇرۇلغان ئەنئەنىۋى ياغاچ ھارۋىنى سۆرەيدىغان ئۇلاغنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن، ئات ھارۋىسى، كالا ھارۋىسى، ئېشەك ھارۋىسى قاتارلىقلارغا ئايرىشقا بولىدۇ. ئىشلىتىلىش رولىغا ئاساسەن يەنە كۆتەك ھارۋا، يارىيار ھارۋا، كىچىك ھارۋا، چىگىن ھارۋا، موللاقچى ھارۋا قاتارلىقلارغا ئايرىشقا بولىدۇ. 1. كۆتەك ھارۋا بۇ ھارۋا يىراققا سەپەر قىلغاندا ئىشلىتىلىدۇ، ئۇنىڭغا ئۈچتىن بەشكىچە ئات قوشۇلىدۇ. بۇ خىل ھارۋىنىڭ چاقىنىڭ تۇغام يەنى تاپان قىسمىغا كەڭلىكى 15 سانتىمېتىر، قېلىنلىقى ئىككى سانتىمېتىر ئەتراپىدىكى يالپاق تۆمۈر ۋە قالپاقلىق تۆمۈر مىخ قېقىلىدۇ. شۇنداق قىلغاندا ھارۋا شېغىل-تاشلىق ناچار يوللاردا ماڭغان تەقدىردىمۇ چاقى ئاسانلىقچە ئۇپراپ كەتمەيدۇ. شوتىغا قوشۇلغان ئىچ ئاتنىڭ يۈگەن، بوغا (جىڭبو)، دۈمبىلىك (ئېگەر) قاتارلىق جابدۇقلىرى قىزىل ۋە يېشىل رەڭدە بويالغان يۇڭ پۆپۈكلەر ئارقىلىق چىرايلىق بېزىلىدۇ. بۇنداق ھارۋىلارغا يېرىم توننا يۈك بېسىشقا ياكى يولۇچى توشۇشقا بولىدۇ. 2. يارىيار ھارۋا بۇ ھارۋىغا يالغۇز ئات قوشۇلىدۇ، ئاتنىڭ يۈگەن، بوغا، دۈمبىلىك قاتارلىق جابدۇقلىرى چىرايلىق قىلىپ بېزىلىدۇ. بۇ ئوتتۇراھال ھارۋا بولۇپ، بۇ خىل ھارۋىغا 200 ~ 300 كىلوگرام يۈك بېسىشقا ياكى يولۇچى توشۇشقا بولىدۇ. 3. كىچىك ھارۋا بۇ خىل ھارۋىغا ئېشەك ياكى ئۆكۈز قوشۇلىدۇ، ھارۋىغا قوشۇلغان ئۆكۈزنىڭ بوينىغا قاتتىقراق دەرەخ يىلتىزى ياكى ئەگرى شاختىن > شەكلىدە ياسالغان لەڭگۈك سېلىنىدۇ. بۇ خىل ھارۋىغا 200 كىلوگرام يۈك بېسىشقا ۋە ئېتىز–ئېرىق، ئۆي ئىشلىرىغا ئىشلىتىشكە بولىدۇ. ئىلگىرى بەزى جايلاردىكى كىشىلەر سەپەرگە چىققاندا كىچىك ھارۋىنىڭ ئىككى يان تەرىپى ۋە ئۈستى تەرىپىگە ياغاچتىن جازا ئورنىتىپ ئۈستىنى كىگىز ياكى پالاس بىلەن يېپىپ مەپە ئورنىدا ئىشلەتكەن، بۇنداق بولغاندا ھەم كۈچلۈك قۇياش نۇرىدىن ساقلانغىلى ھەم بوران–چاپقۇن ۋە قار-يامغۇرلاردىن ساقلانغىلى بولىدۇ. 4. چىگىن بۇنىڭ شەكلى ھارۋا شوتىسى ياكى چانىغا ئوخشاپ كېتىدۇ، ياسىلىشى ئاددىي، چاقسىز، كالىغا سۆرىتىلىدۇ، ئىشلىتىشكە قۇلايلىق، ئۇنى ياساشقا كۆپ ماتېرىيال كەتمەيدۇ، ئېدىرلىق، توقايلىق ۋە چاتقاللىقلاردا، ئەگرى-بۈگرى چىغىر يوللاردا ئوتۇن-سامان، شاخ-شۇمبا توشۇشقا ئىشلىتىشكە باب كېلىدۇ. چىگىننى كۆپىنچە ھارۋا ياساشقا ياكى سېتىۋېلىشقا قۇربى يەتمەيدىغان نامرات دېھقانلار ئىشلىتىدۇ. 5. موللاقچى ھارۋا بۇ ھارۋىنىڭ تۈزۈلۈشى ئاددىي، چاقى ۋە ئوقى ئادەتتىكى يارىيار ھارۋىلارنىڭكى بىلەن ئوخشاش، ئوخشىمايدىغان يېرى شوتىسىنىڭ ئۈستىگە تاختايدىن ئۇزۇنلۇقى بىر مېتىر 20 سانتىمېتىر، ئېگىزلىكى 80 سانتىمېتىر ئەتراپىدا ئۈستى ۋە كەينى تەرىپى ئوچۇق ساندۇق ياسالغان. موللاقچى ھارۋا ئېتىزغا توپا، قىغ توشۇشقا ۋە يەر تۈزلەشكە ئىشلىتىلىدۇ. ساندۇققا توپا ياكى قىغ ئۇسسۇلغاندىن كېيىن ئېتىزغا ئاپىرىپ ساندۇقنىڭ ئىلغۇچىنى بوشىتىپ باش تەرىپىنى ئازراق كۆتۈرسىلا توپا ئۆزلۈكىدىن تۆكۈلىدۇ. بۇ جەھەتتە موللاقچى ھارۋىنىڭ رولى ئەخلەت توشۇيدىغان موللاقچى ئاپتوموبىلنىڭ رولىغا ئوخشاپ كېتىدۇ. ئەجدادلىرىمىز سەپەرگە، كىراغا ياكى يۈك توشۇشقا ئىشلىتىلىدىغان چوڭ ۋە ئوتتۇراھال ھارۋىلارنىڭ ئىككى يان ۋە ئۈستى تەرەپلىرىگە ياغاچتىن جازا ئورنىتىپ، بورا ياكى كىگىز-پالاس بىلەن يېپىپ، سوغۇقتىن، ئاپتاپتىن، قار-يامغۇردىن ۋە بوران-چاپقۇندىن ساقلىنىش جەھەتتە ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللانغان. يەنە ھارۋىغا قوشۇلغان ئات-ئۇلاغلارنىڭ تۈرىگە قاراپ، ھارۋا جابدۇقلىرىنى ۋە ئات-ئۇلاغلارنى جابدۇشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن. مەسىلەن: ئات-ئېشەكلەرنىڭ بوينىغا سېلىش ئۈچۈن جاۋەننىڭ ئالدىغا ئىچى يۇمشاق، تېشى قاتتىق قىلىپ ياسالغان جىڭبو(بويۇنچاق) ئىشلەتكەن؛ ھارۋىغا قوشۇلغان كالىنىڭ بوينىغا سېلىش ئۈچۈن دەرەخ يىلتىزى ياكى دەرەخنىڭ ئەگرى شېخىدىن ياسالغان «>» شەكىللىك لەڭگۈك ئىشلەتكەن؛ شوتىغا قوشۇلغان ئىچ ئاتنىڭ يۈگەن، جىڭبو، ئېگەر ۋە لەنداۋ قاتارلىق جابدۇقلىرىنى ھەرخىل رەڭلەردە بويالغان يۇڭ پۆپۈكلەر بىلەن چىرايلىق قىلىپ بېزىگەن؛ ئىچ ئاتنىڭ قۇلاق تۈۋىگە كىچىكرەك ياڭاقچىلىك كېلىدىغان، ئىچىگە قوناقچىلىك تۆمۈر شارىك سېلىنغان، قېلىنراق سېرىق مىستىن ياسالغان بىر جۈپ چۇلدۇرۇڭ ئاۋازلىق قوڭغۇراق ئاسقان؛ ئاتنىڭ كاناي قىسمىغا نېپىزرەك تۆمۈردىن ئاستى ئوچۇق قىلىپ ياسالغان، زەنجىر ئارقىلىق تۆمۈر تىل بېكىتىلگەن، غاز تۇخۇمى چوڭلۇقتا بىر دانە كىلدىرىڭ ئاۋازلىق قوڭغۇراق ئاسقان؛ ئاتنىڭ سۆڭگىچىگە يەنى لەندانىڭ ئىككى يان تەرىپىگە ئالمىچىلىك كېلىدىغان، ئىچىگە دادۇرچىلىك تۆمۈر شارىك سېلىنغان، قېلىنراق سېرىق مىستىن ياسالغان غورۇ-غورۇڭ ئاۋازلىق قوڭغۇراق(گودوڭ) ئاسقان (قوڭغۇراقنىڭ ئاۋازى قوڭغۇراق ئاستىدىكى يېرىقچىدىن چىقىدۇ)؛ ئۇنىڭدىن باشقا ئۇزۇن سەپەرگە قاتنايدىغان چوڭ ھارۋا شوتىسىنىڭ ئاستىغا يالپاق تۆمۈردىن ئاستى ئوچۇق قىلىپ ياسالغان، زەنجىر ئارقىلىق تۆمۈردىن تىل بېكىتىلگەن، كىچىكرەك چېلەكچىلىك كېلىدىغان بوم ئاۋازلىق بىر دانە قوڭغۇراق ئاسقان(بۇ قوڭغۇراقنىڭ ئاۋازى تۆگە كارۋانلىرىنىڭ قوڭغۇرىقىنىڭ ئاۋازىغا ئوخشاپ كېتىدۇ). ھارۋا جابدۇقلىرىغا ئېسىلغان بۇ قوڭغۇراقلارنىڭ ئاۋازى ئاتنىڭ قەدەم رېتىمىگە ماسلىشىپ مۇڭلۇق ھەم يېقىملىق ئاۋاز چىقىرىدۇ. بۇلار ھارۋا كارۋانلىرىنىڭ جەزبىدارلىقىنى ئاشۇرۇش بىلەن بىرگە، سەپەرداشلارغا ئېستېتىك زوق بېغىشلاپ، ئۇلارنىڭ سەپەر جەريانىدىكى زېرىكىشلىك يول ئازابىنى ئازراق بولسىمۇ يېنىكلىتىشتە ئۆزىنىڭ تېگىشلىك رولىنى نامايان قىلغان. ئازادلىقتىن ئىلگىرى چوڭ ۋە ئوتتۇراھال ھارۋىلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئەمەلدارلار ۋە باي-تۆرىلەرنىڭ قولىدا بولۇپ، ئۇلار ھارۋىلىرىنى مەدىكار ھارۋىكەشلەرگە ھەيدىتىپ كىراكەشلىك قىلغان. ئازادلىقتىن كېيىن يېزا ئىگىلىكىنى كوپىراتسىيىلەشتۈرۈش مەزگىلىدە بۇ خىل ھارۋىلار ئومۇميۈزلۈك كوللېكتىپ ئىگىدارلىقىغا ئۆتكۈزۈۋېلىندى. 1960-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا كەلگەندە يېزىلاردا ئۈچتىن بەشكىچە ئات قوشۇلىدىغان تۆمۈر ئوقلۇق، تۆمۈر قاسقانلىق، رېزىنكە چاقلىق پىگلو ھارۋىلار ئىشلىتىلدى. ھازىر يېزىلاردا ئاپتوموبىل ۋە تراكتور سېتىۋېلىشقا قۇربى يەتمەيدىغان دېھقانلار يەنىلا تۆمۈر ئوقلۇق، تۆمۈر قاسقانلىق، رېزىنكە چاقلىق، يالغۇز ئات ياكى يالغۇز ئېشەك قوشۇلىدىغان كىچىك ھارۋىلارنى ئىشلىتىپ كەلمەكتە.
پايدىلانغان ماتېرىياللار: «ئوغۇزنامە» مىللەتلەر نەشرىياتى، 1980-يىلى11–ئاي، بېيجىڭ1-نەشرى، 55~56– بەتلەر.
مەنبە: شىنجاڭ تەزكىرىچىلىكى 2007 - يىللىق 4 - سان