پېرۇ فۇجىمورىنىڭ ۋاقىتلىق تۈرمىدە سوراق قىلىشنى كۈتۈش مۇددىتىنى ئۇزارتتى
پېرۇ دۆلەت ئەمگەك بىلەن تەربىيلەش مائارىپ مەھكىمىسى 18- ئۆكتەبىر قارار ماقۇللاپ ، سابىق زۇڭتۈڭ فۇجىمورىنىڭ بارلىق ئەرزى تۈگىگۈچە ئۇنىڭ ۋاقىتلىق تۈرمىگە قامىلىپ تۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى .
پېرۇ ئەدلىيە دائىرلىرى ئەسلىدە ئۇنى ۋاقىتلىق تۈرمىگە 30 كۈن قاماپ ، كېيىن پايتەخت لىماغا يېقىن كاللۇئۇ شەھىرىدىكى بىر تۈرمىگە يۆتكىمەكچى ، فۇجىمورى شۇ يەردە سوراق قىلىشنى كۈتمەكچى ئىدى .
پېرۇ ئالى سوتى 26- نويابىردىن باشلاپ فۇجىمورىنى ئاشكارا سوراق قىلىشنى پىلانلىدى . فۇجىمورىنىڭ يەتتە ئەرزىنىڭ سوراق قىلىش خىزمىتى توققوز - ئون ئاي داۋام قىلىدىكەن . بۇ مەزگىلدە فۇجىمورى ۋاقىتلىق تۈرمىدە سوراق قىلىشنى كۈتۈپ تۈرىدىكەن .بىنەزەر بۇتتورغا قارىتىلغان پارتلىتىش ھۇجۇمىدا 132 ئادەم ئۆلدى
پاكىستان تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 19- ئۆكتەبىر خەۋەر قىلىشىچە ، شۇ كۈنى سەھەردە كاراچى شەھىرىدە دۆلىتىگە يېڭىلا قايتىپ كەلگەن . سابىق زۇڭلى بىنەزەر بۇتتو ئولتۇرغان ئاپتوموبىل ئەتراپىدا ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ ، 132 ئادام ئۆلگەن . 500 دىن ئاتۇق ئادەم يارىلانغان . بىنەزەر بۇتتوغا زەخمەت يەتمىگەن . پاكىستان زۇڭتۈڭى مۇشەررەف بىلەن زۇڭلىسى ئەزىزى بۇ ۋەقەنى قاتتىق ئەيىبلىدى .
پاكىستان بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە ، بۇنىڭدىن ئىلگىرى بۇتتو خانىم دۆلىتىگە قايتسا ، تېررورچىلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرايدىغانلىقى توغرىسىدا تەھدىت خېتى تاپشۇرۇۋالغان . دائىرلەر بۇتتونىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ، 20 مىڭ خەۋپسىزلىك خادىمى ئورۇنلاشتۇرغان . مەنبە :ئىقتىسادگېزىتى