ئۇيغۇر كومپيۇتېرچىلىقىدىكى دۇنياۋىي بۆسۈش!!! ئىكراندىن سۆز تۇتۇش كومپيۇتېر ئىشلەتكۈچىلەر ئۈچۈن ئانچە يېڭىلىق بولمىسا كېرەك، ئەمما ئەرەبچە، ئوردوچە، ئۇيغۇرچە، پارىسچە قاتارلىق ئوڭ تەرەپتىن يېزىلىدىغان يېزىقلار ئۈچۈن بۇ تېخى يېتىلمىگەن مەنزىل بولۇپ، ئەجداتلىرىمىزنىڭ ئۇزاق يىللىق مەدەنىيەت جۇغلانمىسنىڭ يارقىن نامايەندىسى بولغان ئۇيغۇر تىلىمۇ شۇ يېتلىمىگەن مەنزىللەر ئىچىدىكى بىر مەنزىل ئىدى. بىز بۇ مەنزىلنىڭ سېھرىي كۈچى، ئەجدادلارنىڭ ئۈمىدى، ئەۋلادلارنىڭ ئارزۇ – ئىستەكلىرىنىڭ تۈرتكىسىدە بۇ مەنزىلگە يول ئالدۇق. بۇ مەنزىل شەرەپ تاماسىدا يۈرگەنلە ئۈچۈن كوھىقاپتا، بۇرچ تۇيغۇسىدا ئەل ئۈچۈن پىكىر يۈرگۈزگۈچىلەر ئۈچۈن بوسۇغا ئالدىدىكى مەنزىل ئىكەن. شۈكرىكىم بۇ مەنزىلگە يېتىش شەرىپىگە مۇيەسسەر بولۇپتىمىز، بۇ مەنزىلگە يېتىش بىزگە خاسىيەتلىك قۇت مۆجىزىسى سۈپىتىدە چەكسىز شادلىق بەخش ئېتىپ، ئۇيغۇر خەلقى دۇنيادا تۇنجى بولۇپ ئوڭ تەرەپتىن يېزىلىدىغان يېزىقلارنىڭ ئىكراندىن تۇتۇش مەسىلىسىنى ئۈنۈملۈك تۈردە ھەل قىلدى دەپ جاكارلاشقا تۈرتكە بولدى ئۇيغۇر پروگراممىرلىرى دۇنيادا تۇنجى بولۇپ ئوڭ تەرەپتىن يېزىلىدىغان يېزىقىنىڭ ئىكراندىن تۇتۇش مەسىلىسىنى ئۈنۈملۈك تۈردە ھەل قىلدى. [color=#0000FF
]ئىكراندىن سۆز تۇتۇپ تەرجىمە قىلىش «بىلقۇت خەزىنىسى» نىڭ ئۆزىگە خاس، ئۇخشاش تىپتىكى باشقا يۇمشاق دېتاللارغا سېلىشتۇرغاندا ئىلغار بولغان يەنە بىر ئىقتىدارى. بۇ ئىقتىدار دۆلەت ئىچىدىكى يۇمشاق دىتاللارغا سېلشتۇرغاندا ئىلغار بولۇپلا قالماي بەلكى خەلقئارالىق يۇمشاق دىتاللارغا نىسبەتەنمۇ باشلامچى سەۋىيەگە ئىگە ئالاھىدە تېخنىكىدۇر. چۈنكى «بىلقۇت خەزىنىسى» دە دۇنيا بويىچە تۇنجى بولۇپ ئوڭدىن سولغا يېزىلىدىغان يېزىقلارنىڭ ئىكران يۈزىدىكى سۆزىنى تۇتۇش مەسلىسى ھەقىقىي تۈردە ئۈنۈملىك ھەل قىلىنغان. ئىكران يۈزىدىكى ھەر خىل يېزىقتىكى سۆزلەرنى تۇتۇپ تەرجىمە قىلىش ئېقتىدارىنى مەزكۇر خەزىنىنى ئىشلەش گۇرۇپپىسى مۇستەقىل ھالدا تەتقىق قىلىپ ئەمەلگە ئاشۇرغان! بۇ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كومپيۇتېر ساھەسىدىمۇ خەلقئارا سەۋىيىدىكى تېخنىكىلارنى بەرپا قىلالايدىغانلىقىنىڭ دەلىلى!
نۆۋەتتە ئىكران يۈزىدىن سۆز تۇتۇش ئاساسلىقى كۆزنەكتىن سۆز تۇتۇش، خاتىرە دەپتەرئىچىدىن سۆز تۇتۇش، تور زىيارەت قىلغۇچىتىن سۆز تۇتۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بىز ھازىر بىر قىسىم يۇقىرى چەكلىمىدىكى يۇمشاق دېتاللاردىن سۆز تۇتۇش مەسلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئىزدىنىۋاتىمىز، ئىشىنىمىزكى بۇ ئىقتىدارلارمۇ پات ئارىدا كەڭ ئىشلەتكۈچىلەرگە سوۋغا قىلىنىدۇ. «بىلقۇت خەزىنىسى» دىكى ئىكران يۈزىدىن سۆز تۇتۇشنىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكى شۇكى، ئۇ ئىكراندىن تۇتقان سۆزنىڭ باشقا ئىككى خىل يېزىقتىكى تەرجىمىسىنى تەڭلا كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ.[/color]
شىركىتىمىز «بىلقۇت خەزىنىسى» ھەر ئايدا بىر قېتىم ئەلالاشتۇرىمىز دېگەن ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىپ، 11 – ئاينىڭ 1 – كۈنى «بىلقۇت خەزىنىسى» نىڭ بىر قىسىم ئاجىزلىقلىرى تۈزىتىلگەن ۋە 100 مىڭلىغان نېمە ئۈچۈن قېتىلغان ئاساستا 2 – قېتىملىق ئەلالاشتۇرۇشنى باشلايدۇ، كەڭ ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ۋاقىپ بولۇپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.--------------------------------------------------------------------------------
--------------------------------------------------------------------------------
--------------------------------------------------------------------------------
--------------------------------------------------------------------------------
--------------------------------------------------------------------------------
-------------------------------------------------------------------------------
-----------------------------------------------------------------------------
«بىلقۇت» ئېلېكترون پەن – تېخنىكا تەرەققىيات شىركىتى
0991-2552897
[ بۇ يازما bilqut تەرپىدىن 2007-11-01 00:22 دە قايتا ]