دورىلار خەزىنىسى يانبىلوگى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

قانداق قىلغاندا دورىنى بىخەتەر ئىشلەتكىلى بولىدۇ؟

قانداق قىلغاندا دورىنى بىخەتەر ئىشلەتكىلى بولىدۇ؟

ۋاقتى: 2016-08-19 ئاۋاتلىقى: 805 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئاۋۋال بىمارنىڭ قانداق كېسەلگە گىرىپتار بولغانلىقىنى جەزىملەشتۈرۈش، ئاندىن كېسەللىك ئالامىتىگە قاراپ دورا بېرىش، ھەرگىزمۇ بىمارمۇ ئۆزىدىكى سېزىمى ياكى مەلۇم بىر كېسەللىك ئالامىتىگىلا قاراپ خالىغانچە دورا ئشلەتمەسلىك كېرەك. مەسىلەن: قىزىش، باش ئاغرىش نۇرغۇن كېسەللىكلەردە كۆرۆلىدىغان بىر خىل ئالامەت شۇڭا، بىر قىسىم ئاغرىق توختاتقۇچى ۋە قىزىتما قايتۇرغۇچى دورىلارنى قالايمىقان ئىشلىشكە بولمايدۇ. ئۇندىن باشقا، قورساق ئاغرىشمۇ بىر قىسىم كېسەللىكلەرگە ئورتاق بولغان كېسەللىك ئالامىتىدۇر. ئەگەر كېسەللىك سەۋەبىنى ئېنىقلىماي تۇرۇپ قالايمىقان ئاغرىق توختىتىش دورىلىرىنى ئشلەتكەندە، بىر قىسىم جددىي قورساق ئاغرىقى كېسەللىكلىرىنىڭ كېسەللىك ئالامەتلىرى يوشۇرۇنۇپ قېلىپ،  كېسەللىككە ۋاختىدا دىئاگنوز قويۇش پۇرسىتى ئۆتۆپ كېتىپ، يامان ئاقىۋەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.  ئۇنىڭدىن باشقا، دورىنىڭ خاراكتېرى، ئالاھدىلىكى، ئۇنى ئشلىىتىش ماس كېلىدىغان كېسەللىكلەر ۋە ئۇنىڭ ناچار تەسىرى قاتارلىقلارنى چۈشىنىش لازىم. دورا ئشلەتكەندە داۋالاش ئۈنۈمى يۇقىرى، زەھەرچانلىقى ئاز دورىنى تاللاش كېرەك. مەسىلەن: ئاغرىق توختاتقۇچى دورىلارنىڭ نۇرغۇن تۈرلىرى بولۇپ، ئادەتتىكى زۇكام، باش ئاغرىقى، بوغۇم ئاغرىقى، نېرۋا ئاغرىش ۋە ئاياللاردىكى ھەيز ئاغىرىتىپ كېلىشكە پاراسېتامول  (对乙酰氨基酚)، ئاتسېتامىنوفېن(扑热息痛)، فېنبىد(分泌得)، سارىدون(散利痛)، ئاسپىرىن(阿司匹林)، قاتارلىق دورىلارنىڭ ئىچدىن خالىغان بىرى تاللاپ ئىشلىتىلسە بولىدۇ. ئاشقازان-ئۈچەي تارتىشىپ قېلىش ۋە ئاشقازان-ئون ئىككى بارماق ئۈچەي تارتىشىپ قېلىش ۋە ئاشقازان-ئون ئىككى بارماق ئۈچەي يارىسى كەلتۈرۈپ چىقارغان قورساق ئاغرىقىغا بېللادوننا(颠茄)، ئاتىروپىن(阿托品)، قاتارلىق دورىلارنىڭ خالىغان بىرى تاللاپ ئىشلىتىلسە بولىدۇ. ئەمما ئالدىنقى تۈردىكى دورىلار قورساق ئاغرىقىغا ئشلىتىلسە، دورىنىڭ ئۈنۈمى بولمايلا قالماي، يەنە زىيانلىق. ئەكسىچە، كىيىنكى ئېيتىلغان دورىلارنى باش ئاغرىش،  بوغۇم ئاغرىش، ھەيز ئاغرىتىپ كېلىشكە ئىشلەتسە ئۈنۈمى بولمايدۇ. ئۇنڭدىن باشقا، بەزىلەر باھاسى قىممەت دورا ياخشى بولىدۇ، دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئۇنداق ئەمەس.  چۈنكى دورىنىڭ باھاسى دورىنىڭ كېلىش مەنبەسى، تەننەرخى، ئىشلەپچىقىرىلىش مىقدارى ۋە دورا ئىشلەپ چىقارغان زاۋۇت(كارخانا) تەرپىدىن بەلگىلىنىدۇ. شۇڭا، بىرلىشىپ مەبلەغ چىقىرىلغان دورىلار دۆلتىمىزنىڭ دورىلىرىدىن قىممەت بولىدۇ. دىمەك،  ئىمپورت قلىنغان دورىلار تېىخمۇ قىممەت بولىدۇ؛  قىممەت دورىلارنىڭ ھەممىسنىڭ ياخشى بولۇپ كېتشى ناتايىن.

بايانات

دورىلار يانبىلوگىغا يوللانغان بارلىق مەزمۇنلار ئەڭ ئىشەنچلىك دەپ قارالغان ماتېرىياللاردىن تەرجىمە قىلىش ۋە رەتلەش ئاساسىدا ۋۇجۇدقا كەلگەن، پەقەت پايدىلىنىش ئۇچۇرى قىلىشقا بولىدۇ، ئەمما ئەڭ ئاخىرقى ھۆكۈم نەتىجىسى قىلىشقا بولمايدۇ! كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىش كۆرۈشىڭىز كېرەك! دورىلار ئۈندىدار سۇپىسىغا ئەگىشىۋېلىشنى ئونۇتماڭ، ئىزدەش نامى: dorilar

لوقمان ھەكىم مەھسۇلاتلىرىغا ئېھتىياجلىق بولسىڭىز تاۋباۋ تورىغا lokmanhakim دەپ ئىزدەپ سېتىۋالسىڭىز ياكى شىركەت تور تېخنىكا بۆلۈمىنىڭ قىزىق لېنىيە تېلېفونلىرىغا تېلېفون قىلىپ سېتىۋالسىڭىز بولىدۇ.

قىزىق لېنىيە تېلېفون نومۇرلىرى: 6045310-0991، 6757855-0991 ياكى 6709060-0991 قاتارلىقلار!!!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى