دورىلار خەزىنىسى يانبىلوگى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

دورىنىڭ دائىملىق ۋە ئەڭ يۇقىرى چەكتىكى بىخەتەر ئىشلىتىلىش دائىرسى دېگەن نېمە؟

دورىنىڭ دائىملىق ۋە ئەڭ يۇقىرى چەكتىكى بىخەتەر ئىشلىتىلىش دائىرسى دېگەن نېمە؟

ۋاقتى: 2016-08-10 ئاۋاتلىقى: 753 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

«دائىملىق ئىشلىتىلىش مىقدارى» بولسا، كلىنىكىدا دائىم ئىشلىتىلىدىغان يەنى ياخشى داۋالاش ئۈنۈمىگە ئېرىشكىلى بولدىغان بىخەتەر، ئۈنۈملۈك مىقدار دائىرسىنى كۆرسىتىدۇ. بەزى كىتابلاردا  «داۋالاش مىقدارى» دەپ ئېلىنىدۇ. دائىملىق ئىشلىتىلىش مىقدارى  ئادەتتە ئەڭ ئاز ئۈنۈملۈك مىقدارىدىن چوڭ بولىدۇ، ئەمما ئەڭ يۇقىرى چەكتىكى ئىشلىتىش مىقدارىدىن كىچىك بولىدۇ. 
«ئەڭ يۇقىرى چەكتىكى ئىشلىتىش مىقدارى» بولسا، دورا ئارقىلىق داۋالاش دائىرسىدىكى مىقدار چەكلىمسى، يەنى دورىنى بىخەتەر ئشلىتىشتىكى ئەڭ يۇقىرى چەك؛ ئەڭ يۇقىرى چەكتىن ئېشىپ كەتسىمۇ،  زەھەرلەش خەۋپى كۆرۆلۈشى مۇمكىن. بۇ خىلدىكى دورىلار ئاساسلىقى تەسىرى كۈچلۈك زەھەرلەشچانلىقى كۈچلۈك دورىلاردۇر؛ دورىلارنى ئىشلەتكەندە، ئادەتتە ئەڭ يۇقىرى چەكتىكى ئىشلىتىش مىقدارىدىن ئىشىپ كەتمەسلىكى لازىم.
   «ئەڭ ئاز زەھەرلەش مىقدارى» بولسا، زەھەرلىنىش ئالامىتىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئەڭ ئاز مىقدارىنى كۆرسىتىدۇ.
 «بىخەتەر ئىشلىتىش مىقدارى» بولسا، دورىنىڭ بىخەتەلىك دەرىجىسى بولۇپ، ئادەتتە دورا ھاسىل قىلغان داۋالاش ئۈنۈمىنىڭ ئەڭ كىچىك ئۈنۈملۈك مىقدارىدىن ئەڭ ئاز زەھەرلەش مىقدارىغىچە بولغان بۇ بىر بۆلەك ۋاقىت ئارقىلىق ئىپادىلىندۇ، بۇ بۆلەك ۋاقىت قانچە كەڭ بولسا، دورىنىڭ بىخەتەرلىك دائىرىسى شۇنچە چوڭ. ئەكسىچە بولغاندا، شۇنچە كىچىك بولىدۇ. بىراق، دورىنىڭ داۋالاش كۆرسەتكۈچىسى دورىنىڭ داۋالاش كۆرسەتكۈچىسى دورىنىڭ بىخەتەرلىكىنىڭ تېخىمۇ توغرا بولۇشىنى ئەكىس ئەتتۈرىدۇ. داۋالاش كۆرسەتكۈچى بولسا، تەجىرىبە قىلىنغان ھايۋانلارنىڭ يېرىمىنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان مىقدارى (LD50)  نىڭ %50 ئۈنۈملۈك رىئاكسىيەسىنى پەيدا قىلدىغان مىقدار (ED50)   بولغان نىسبىتىنى كۆرسىتىدۇ. داۋالاش كۆرسەتكۈچىسى چوڭ دورىنىڭ داۋالاش كۆرسەتكۈچىسى تۆۋەن بولغان دورىغا نىسبەتەن بىخەتەرلىكى چوڭراق بولىدۇ؛ LD50/ED50  ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ.

بايانات

دورىلار يانبىلوگىغا يوللانغان بارلىق مەزمۇنلار ئەڭ ئىشەنچلىك دەپ قارالغان ماتېرىياللاردىن تەرجىمە قىلىش ۋە رەتلەش ئاساسىدا ۋۇجۇدقا كەلگەن، پەقەت پايدىلىنىش ئۇچۇرى قىلىشقا بولىدۇ، ئەمما ئەڭ ئاخىرقى ھۆكۈم نەتىجىسى قىلىشقا بولمايدۇ! كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىش كۆرۈشىڭىز كېرەك! دورىلار ئۈندىدار سۇپىسىغا ئەگىشىۋېلىشنى ئونۇتماڭ، ئىزدەش نامى: dorilar

لوقمان ھەكىم مەھسۇلاتلىرىغا ئېھتىياجلىق بولسىڭىز تاۋباۋ تورىغا lokmanhakim دەپ ئىزدەپ سېتىۋالسىڭىز ياكى شىركەت تور تېخنىكا بۆلۈمىنىڭ قىزىق لېنىيە تېلېفونلىرىغا تېلېفون قىلىپ سېتىۋالسىڭىز بولىدۇ.

قىزىق لېنىيە تېلېفون نومۇرلىرى: 6045310-0991، 6757855-0991 ياكى 6709060-0991 قاتارلىقلار!!!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى