دورىنىڭ يېرىم يىمىرىلىش دەۋرى دېگەن نېمە؟
ۋاقتى: 2016-08-10
ئاۋاتلىقى: 884 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
«دورىنىڭ يېرىم يىمىرىلىش دەۋرى» بولسا، دورا يېرىمىنىڭ بەدەندىن چىقىرىلىپ بولۇشى ئۈچۈن، سەرىپ بولغان ۋاقىتنى كۆرسىتىدۇ. يەنى قاندىكى دورا قويۇقلۇقىنىڭ يېرىمىگە چۈشۈش ئۈچۈن كەتكەن ۋاقىت
t1/2 بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. دورىنىڭ يېرىم يىمىرىلىش دەۋرى بولسا، دورىنىڭ بەدەندىن چىقىرىۋېتىلىش سۈرئىتىنىڭ تېز-ئاستىلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. ئادەتتىكى ئەھۋالدا، ھەر قايىسى دورىلارنىڭ ئۆزىگە ماس مۇقىم يېرىم يىمىرىلىش دەۋرى بولىدۇ. ھەر قايىسى تۈردىكى دورىلارنىڭ يېرىم يىمىرىلىش دەۋرى ئارىسىدىكى پەرقى ئىنتايىن چوڭ بولۇپ، بۇ دورىنىڭ ئۆزىگە باغلىق بولۇپلا قالماي، يەنە ئورگانىزمدىكى ئەزالار(جىگەر، بۆرەك) نىڭ بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىغىمۇ زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. ئادەتتە دورىلارنىڭ نورمال ئادەملەرگە قارىتا يېرىم يىمىرىلىش دەۋرى ئوخشاش بولىدۇ. ئەمما جىگەر،بۆرەك ئىقتىدارى ناچارلارنىڭ يېرىم يىمىرىلىش دەۋرى ئۇزىرىشى مۇمكىن. يېرىم يىمىرىلىش دەۋرى كىلىنكىدە كېسەللەرگە دورا بېرىش ئارقىلىق ۋاقىتنىڭ ئۇزۇن-قىسقىلىقىغا ھۆكۈم قىلىشتىكى ئاساسلىق ئىسپات، بولۇپمۇ جىگەر، بۆرەك ئىقتىدارى ساغلام بولمىغانلارغا نىسبەتەن دورا بېرىش لاھىيسىنى تۈزۈشتە ناھايىتى چوڭ پايدىلنىش قىمممىتىگە ئىگە. يېرىم يىمىرىلىش دەۋرى ئۇزۇن دورىلارنىڭ بەدەندىن چىقىرۋېتىلىشى ئاستا، بەدەندە ساقلىنىش ۋاقتى ئۇزۇن بولىدۇ. شۇڭا، دورىنى ئارىلىق قالدۇرۇپ ئىچىش ۋاقتى ئۇزۇنراق بولىدۇ. ئەكسىچە، يېرىم يىمىرىلىش دەۋرى قىسقا دورىلارنىڭ بەدەندىن چىقىرۋېتىلشى تېز بولغاچقا، دورىنى ئارىلىق قالدۇرۇپ ئىچىش ۋاقتى قىسقىراق بولىدۇ. شۇڭلاشقا، بەزى دورىلار كۈنىگە 3~4 قېتىم (6 ~8 سائەتتە بىر قېتىم)، يەنە بەزى دورىلار كۈنىگە پەقەت بىر قېتىمدىلا ئىچىلىدۇ (24 سائەتتە بىر قىتىم) ، مەسىلەن: ئامپىتسىللىن (氨苄西林) نىڭ يېرىم يىمىرىلىش دەۋرى 8~15 سائەت، شۇڭا كۈنىگە پەقەت 1~2 قېتىملا ئىچىلىدۇ. ئەگەر دورا بېرىش ۋاقتىنى خالىغانچە قىسقارتسا ياكى ئۇزارتسا، دورا ئاكتىپلىقىنىڭ بەدەندە پاسسىپلىشىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؛ شۇڭلاشقا، دورا بىرىش قېتىم سانىنى دورىنىڭ يېرىم يىمىرىلىش دەۋىرىگە ئاساسەن بەلگىلەش، بىخەتەر چارە بولۇپ دورىنىڭ بەدەنگە يىغىلپ قېلىشنى ياكى ئۈنۈمنىڭ ئاجىزلاپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ.