دورىنىڭ ناچار تەسىرى دېگەن نېمە؟
ۋاقتى: 2016-08-24
ئاۋاتلىقى: 819 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
دورىلار كېسەل داۋالىيالايدۇ، ئەمما ئۇنىڭمۇ بەدەنگە زىيانلىق تەرەپلىرى بار، دورىنىڭ بۇ خىل زىيانلىق تەرىپى «دورىنىڭ ناچار تەسىرى» دەپ ئاتىلىدۇ. دۆلتىمىزنىڭ دورىنىڭ ناچار تەسىرىگە بەرگەن ئېنىقلىمسى مۇنداق: لاياقەتلىك دورىلار نورمال ئىشلىتىش جەريانىدا، دورا ئىشلىتىش مۇددىئاسى بىلەن مۇناسىۋەتسىز بولغان ياكى كۈتۈلمىگەندە كۆرۈلگەن زىيانلىق رېئاكسىيىنى پەيدا قىلىشنى كۆرسىتىدۇ. دورىنىڭ ناچار تەسىرى غەرەزسىز ياكى غەرەزلىك ھالدا دورىنىڭ مىقدارىنى ئاشۇرۇپ ئىشلىتىش بىلەن دورىنى توغرا ئىشلەتمەسلىك سەۋەبىدىن كۆرۈلگەن رېئاكسىينى ئۆز ئىچگە ئالمايدۇ. دورىنىڭ ناچار تەسىرى كۆپ خىل بولىدۇ، بۇ تۆۋەندىكلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: ① قوشۇمچە تەسىرى؛ ② زىيادە سېزىمچانلىق رېئاكسىيسى؛ ③ ئىككىلەمچى رېئاكسىيە؛ ④ زەھەرلەش رېئاكسىيسى؛ ⑤ غەيرىلىكنى، راكنى، گىنلارنىڭ ئۇشتۇمتۇت ئۆزگىرشىنى پەيدا قىلىش.