دورىلارنىڭ ئۆز ئارا تەسىرى دېگەن نېمە؟
ۋاقتى: 2016-08-09
ئاۋاتلىقى: 933 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
دورىلارنىڭ ئۆز ئارا تەسىرى دېگىنىمىز، دورا بىلەن دورا ئارسىدىكى ئۆز ئارا تەسىر بولۇپ، بىر خىل دورا ئوخشاش ۋاقىتتا ئىچكەن يەنە بىر خىل دورىنىڭ ئېففېكتىنى ئۆزگەرتىۋېتىدىغانلىقىنىقىنى كۆرسىتىدۇ. دورىلارنىڭ ئۆز ئارا تەسىرى ئىككى خىل بولىدۇ: ① دورا دىنامىكىسىنىڭ سۈمۈرۈلۈشىنى، تارقىلىشىنى ياكى مېتابولىزمنى ئۆزگەرتىۋېتىدۇ، مەسىلەن: كىسلاتاغا قارشى دورا تەركىبىدىكى Ca+2 بولسا تېتراتسىكلىن بىلەن خېلاتلىشىدۇ، بۇ خىل خېلات بەدەنگە سۈمۈرۈلمەي، «تېتراتسىكلىن» نىڭ سۈمۈرۈلىشىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ؛ ② دورا ئۈنۈمى جەھەتتىكى ئۆز ئارا تەسىرى-قوزغاتقۇچى دورا ۋە ئانتاگونىستىك دورىلارنىڭ ئورگانىزمدىكى قوبۇل قىلغۇچى تەنچە قىسمىدىكى ئۆز ئارا تەسىرىنى كۆرسىتىدۇ، مەسىلەن: نۇرغۇنلىغان پۈتۈن بەدەننى ناركوز قىلغۇچى گالوئالكان (卤代烷) لار، كاتېخۇمالىن (儿茶酚胺) نىڭ يۈرەكنى رىتىمسىزلاشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.