دورىلار خەزىنىسى يانبىلوگى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

قايسى خىلدىكى غەرب دورىلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ؟

قايسى خىلدىكى غەرب دورىلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ؟

ۋاقتى: 2016-08-15 ئاۋاتلىقى: 988 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئىككى ياكى ئىككى خىلدىن ئارتۇق دورىلارنى ئىشلەتكەندە، ئۇلار ئارىسىدىكى ئۆز ئارا تەسىر تۈپەيلى، دورا ئۈنۈمىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشى ياكى زەھەرلىنىش كېلىپ چىقىدۇ. تۆۋەندە بىرگە ئىچىشكە بولمايدىغان بىر قانچە خىل غەرب دورىلىرىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتىمىز ھەم بىمارلارنىڭ دىققەت قىلىشىنى سورايمىز: ⑴ سۇلفانىلامىد (磺胺) تۈرىدىكى دورىلار بىلەن يېئاسىت (酵母片) : بۇ ئىككى خىل دورىنى بىللە ئىشلەتكەندە باكتېرىيە ئۈچۈن لازىملىق بولغان ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلىگەن بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، سۇلفانىلامىدنىڭ دورىلىق ئۈنۈمىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ ھەم يوقىتىدۇ. بۇنىڭىدىن باشقا، سۇلفانىلامىد تۈرىدىكى دورىلارنى ئۇروتپۇتىن (乌洛托品)، پروكائىن (普鲁卡因) بىلەن بىللە ئىچىشكە بولمايدۇ. 
⑵ رىمىفون، رىفامپىن بىلەن ئۇخلاتقۇچى دورىلار: تۇبېركۇلوزغا قارشى دورا رىمىفون بىلەن رىفامپىن، ئۇخلاتقۇچى دورا خلورال ھىدرات (水合氯醛)، لۇمىنال (鲁米那) قاتارلىقلارنى بىرلەشتۈرۈپ ئىشلەتكەندە، ئېغىر دەرىجىدىكى زەھەرلەش رېئاكسىيسى كېلىپ چىقىدۇ. يەنە دورا مەنبەلىك جىگەر ياللۇغى، ھەتتا جىگەر ھۈجەيرىسىنىڭ نېكروزلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
⑶تېتراتسىكلىن تۈرىدىكى دورىلاردىن: تېرامىتسىن (土霉素)، ئاۋرېئومىتسىن (金霉素)، دوكسىتسىلىن (强力霉素) قاتارلىقلار بار. قان تولۇقلىغۇچى دورىلاردىن: تۆمۈر (Ⅱ) سۇلفات (硫酸亚铁)، تۆمۈر سىترات (枸橼酸铁) ۋە مۇرەككەپ ياسالما لىبولوڭ (复合制剂力勃隆) قاتارلىقلار بار. بۇ ئىككى خىل تۈردىكى دورىلارنى بىرلەشتۈرۈپ ئىشلەتكەندە، ئىككىلىسىنىڭ دورىلىق رولى بىرلا ۋاقىتتا يوقىلىدۇ. 
⑷ ئېرىترومىتسىن(红霉素) بىلەن ۋىتامىن C : ئېرىترومىتسىننىڭ رولى كىسلاتالىق مۇھىتتا كۆرۈنەرلىك ئاجىزلايدۇ. شۇڭا، ئۇنى كىسلاتاغا مايىل ۋىتامىن C بىلەن بىللە ئىشلىتىشكە بولمايدۇ؛ بولمىسا داۋالاش ئۇنۈمىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ. 
⑸سۇلفانىلامىد  تۈرىدىكى دورىلار بىلەن ۋىتامىن C : سۇلفانىلامىد  تۈرىدىكى دورىلاردىن، سۇلفامېتوكسازول (白炎净)، سۇلفادىئازىن (双嘧啶) نى ۋىتامىن C بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئىشلەتكەندە، كىسلاتالىق سۈيدۈكتە ئاسانلا تاشنى ھاسىل قىلىدۇ؛ ئەگەر سىرتقا چىقىرىۋېتىلمىسە بۆرەكنى زەخمىلەندۈرىدۇ. 
⑹ ئېفېدرىن (麻黄素) بىلەن فۇرازولىدون (痢特灵):ئېفېدرىن بولسا، سىمپاتىك نېرۋىنىڭ ۋاسىتىچى دورىسى بولۇپ، مونوئامىن ئوكسىدلىغۇچى ئېنىزىم (单胺氧化酶) غا تايىنىپ مېتابولىزمغا قاتنىشىدۇ. ھالبۇكى، فۇرازولىدون بولسا دەل مونوئامىن ئوكسىدلىغۇچى ئېنىزىمنىڭ تورمۇزلىغۇچىسى، ئىككىسىنى بىرلەشتۈرۈپ ئىشلەتكەندە، ئۇلار بەدەنگە يىغىلىپ قىلىپ، بەدەننىڭ ئۆزى ئاجىرىتىپ چىقارغان نورئادرېنالىن بىلەن بىرلىكتە قان بىسىمىنى زور دەرىجىدە ئۆرلىتىۋېتىدۇ. ھەتتا قان تومۇر تاساددىپىيلىقلىرى ۋە ئۆلۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
⑺ مېتوكلوپرامىد (胃复安)، بىلەن مېبروپىن (胃痛平)،پىروبانتىن (普鲁本辛)،ئاتروپىن (阿托品) : مېتوكلوپرامىد ئاشقازان كاۋاكچىسى قىسمىنىڭ قىسقىرىشىنى كۈچەيتىۋېتىدۇ ھەمدە ئاشقازان سىغىندىلىرىنىڭ ئۈچەيگە مېڭشىنى تېزلىتىدۇ؛ كەينىدىكى ئۈچ خىل دورا بولسا ئاشقازان ۋە ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى ئاستىلىتىدۇ ھەمدە ئاشقازان سىغىندىلىرىنىڭ ئۈچەيگە مېڭشىنى تورمۇزلايدۇ. شۇڭا، يۇقىرىقى ئىككى تۈرلۈك دورىلانىڭ ئۆز ئارا قارشىلىششچانلىقى بولغاچقا، دورىنىڭ ئۈنۈمىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ.
⑻ ئاسپىرىن بىلەن ئىندومېتاتسىن (消炎痛) : گەرچە بۇ ئىككى دورا ئوخشاشلا قىزىتما قايتۇرغۇچى، ئاغرىق توختاتقۇچى ۋە رېماتىزمغا قارشى دورا بولسىمۇ، ئەمما بىرلەشتۈرۈپ ئىشلەتكەندە، دورا ئۈنۈمىنى ئاشۇرغىلى بولمايلا قالماستىن، ئەكسىچە ئاشقازان-ئۈچەيگە بولغان قوشۇمچە تەسىرنى ئېغىرلاشتۇرۇۋىتىدۇ. ئاخىرىدا ئاشقازاننىڭ قانىشى ۋە تېشىلىش پۇرسىتىنى كۆرۈنەرلىك ئاشۇرۇۋېتىدۇ.
⑼ خلورومىتسېتىن (氯霉素) بىلەن سۇلفونىلئۇرېئا (黄脲类) تۈرىدىكى قان شېكىرىنى تۆۋەنلەتكۈچى دورىلار: بۇ ئىككى خىل دورىنى بىرلا ۋاقىتتا ئىچكەندە، سۇلفونىلئۇرېئا تۈرىدىكى قان شېكىرىنى تۆۋەنلەتكۈچى دورىلارنىڭ قاندىكى قويۇقلۇقىنى ئاشۇرۇۋېتىپ، قان شېكىرى تۆۋەنلەشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

بايانات

دورىلار يانبىلوگىغا يوللانغان بارلىق مەزمۇنلار ئەڭ ئىشەنچلىك دەپ قارالغان ماتېرىياللاردىن تەرجىمە قىلىش ۋە رەتلەش ئاساسىدا ۋۇجۇدقا كەلگەن، پەقەت پايدىلىنىش ئۇچۇرى قىلىشقا بولىدۇ، ئەمما ئەڭ ئاخىرقى ھۆكۈم نەتىجىسى قىلىشقا بولمايدۇ! كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىش كۆرۈشىڭىز كېرەك! دورىلار ئۈندىدار سۇپىسىغا ئەگىشىۋېلىشنى ئونۇتماڭ، ئىزدەش نامى: dorilar

لوقمان ھەكىم مەھسۇلاتلىرىغا ئېھتىياجلىق بولسىڭىز تاۋباۋ تورىغا lokmanhakim دەپ ئىزدەپ سېتىۋالسىڭىز ياكى شىركەت تور تېخنىكا بۆلۈمىنىڭ قىزىق لېنىيە تېلېفونلىرىغا تېلېفون قىلىپ سېتىۋالسىڭىز بولىدۇ.

قىزىق لېنىيە تېلېفون نومۇرلىرى: 6045310-0991، 6757855-0991 ياكى 6709060-0991 قاتارلىقلار!!!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى